- تىزىملاتقان
- 2012-11-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-24
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 236
- نادىر
- 0
- يازما
- 29
 
- تۆھپە
- 26
- مۇنبەر پۇلى
- 136
- ئىشەنىچ
- 26
| مەن مۇنداق قىزلارنى ئۇچراتتىم. بىرىنجى قىز. باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئىگە لېكىن بەش ۋاخ ناماز، 30پارچە قۇراننى ئۆتكۈزگەن،ھەممىلا يىرىنى ئىسلام قائىدىسى بويىچە چۈمكىگەن ئەدەپ ئەخلاقلىق،ئاق كۆڭۈل لىكىن خىزمىتى يوق قىز. ئىككىنجى قىز. ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە. مەدىنىي، ئىشچان ، تولىمۇ پاكىز، پاكىزلىغىدىن ئۇ تازلىغان يەردىن ئەيمىنمەي ماڭالمايسىز، ئىزىڭىز تەككەن يەرنى ئىككى قىتىم سۇرتۇپ تۇرىدۇ.پاكىزلىق بىلەن يۈرىگىڭىزنى سىقىپ تۇرىدۇ.بالىلار يەسلىسىدە ئىشلەيدۇ. ئۈچىنچى قىز.مەدىنىي، ئالىي تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە.تولىمۇ ھاكاۋۇر، مەنمەنچى،نەزىرى ئۈستۈن. ھېچكىمنى ياقتۇرمايدۇ،ھۆكىمەتتە ئىشلەيدۇ. تۆتىنجى قىز.ئاددى ساددا مۇلايىم ئاق كۆڭۈل ئۆزىنى بىغىشلاش روھىغا ئىگە. تۇرقىدىن كەمتەرلىگى ۋە مەيۇسلىگى چىقىپ تۇرىدۇ. كوپ ئىشلارغا بىپەرۋا. كەم سۆز. خىزمىتى دوختۇرخانىدا. بەشىنجى قىز. ئىلغار مەدىنىيەتنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان ، مەرت سىخى چىرايلىق، ئىشقا خوشى يوق، ئايىغىنى باشقىلار سۇرتۇپ بەرمىسە كىيمەيدىغان ھورۇن،تاماق ئىتىشكە مىھمان كۈتۈشكە خوشى يوق، ئۆيى ماشىنىسى ھوكىمەت ئورگىنىدا خىزمىتى بار. ئالتىنجى قىز. ئەدەپ ئەخلاقلىق شۈكرى قانائەتلىك، گۈزەل ۋە مەدىنىي.خىزمىتى يىراق تاغلىق رايۇندا ئۇقۇتقۇچى. ئۇ قارىمىسا بولمايدىغان كىسەل ئانىسى بار. يەتتىنجى قىز. كىشىگە گۈزەللىك تەربىيىسى بىرەلەيدىغان، لىكىن كۆرگەنلا كىشىدىن قۇسۇر تىپىپ ئەيۋەن قويالايدىغان تىرىشچان ئىشچان مەدىنىي پۇل تىپىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتالايدىغان سودىگەر قىز. سەككىزىنجى قىز.كۆرۇمسىز، كىيىنىشى مەدىنىي، ئاق كۆڭۈل، ۋاپادار ، كۆيۈملۈك،بەش ۋاخ ناماز، شۈكرى قانائەتچان. چىھرىدىن كۈلكە ۋە خۇشاللىق مىھرى مۇھاببىتى يىغىپ تۇرىدىغان دۆلەت مەمۇرى. توققۇزىنجى قىز . چىرايلىق مەدىنىي، ياخشى ئورۇندا خىزمەتتە. ئەركە نايناق، چۈمسە، ئىچى تار ھەسەتخور كۈنلەمچى. باشلىقنىڭ قىزى. ئونىنجى قىز. شۈكرى قانائەتچان،جاپا مۇشىققەتتىن قورقمايدىغان باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۇشكە ئامراق چىقىشقاق ، ئاق كۆڭۈل، خۇشخۇي، بىلىملىك،گۈزەل قىز. خۇسۇسىي كارخانىدا ئىشلەيدۇ. تورداش ئەگەر سىز مۇشۇ قىزلار ئىچىدىن لايىق تاللىماقچى بولسىڭىز قايسى خاراكتىردىكىسىنى تاللايتىڭىز؟نىمە ئۈچۈن؟
|
|