- تىزىملاتقان
- 2012-12-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-4
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 135
- نادىر
- 0
- يازما
- 4

- تۆھپە
- 4
- مۇنبەر پۇلى
- 119
- ئىشەنىچ
- 4
| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۈمەنتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-26 18:52
يۇلتۇزۇم يېنىمدا ئىكەن
(پوۋېست)
ھاجىگۈل ئىسمايىل
مانا يېشىم 40 تىن ئاشقاندا مۇھەببەتنى، ياخشى كۆرۈشنى ئاندىن چۈشەندىم.بەلكىم تۇرمۇشنى ،ئادەملەرنى چۈشەنگەندىن كېيىن مۇھاببەتنى چۈشەنگەندىمەن. ئەينى چاغدا بىر كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن سائەت- سائەتلەپ دوقمۇش بېقىپ بىر ئېغىز سۆزىنى ئاڭلىيالمىساممۇ، سىيماسىنى يىراقتىن كۆرۈپ خۇددى قاملاشمىغان جايلىرىمنى كۆرۈپ قالىدىغاندەك تېنەپ، شۇنچە تەشنالىقنى بېسىپ كۆزۈم كۆرسە يۈرىكىم قېنىپ ئۆز- ئۆزۈمگە تەسەللىي ئېيتىپ، كۆرۈۋالغىنىمغا شۈكرى قىلىپ، مەقسەتسىزلا مەن تەرەپكە قاراپ قويسا ماڭا رازىلىق بېرىۋاتقاندەك خۇشاللىق ھاياجاندا جېنىم تېرەمگە سىغمايۋاتقاندەك ئۆتكەن كۈنلەر... بىر قاراپ قويسىكەن دەپ زارىقىپ تەلمۈرۈپ ئۆتكەن مىنۇتلار... مانا ئەمدى پىكاۋىمدا ئولتۇرىمەن، كۆز ئالدىمدا قىزىل چىراق، موتسىكىلىتنى ئاستا ھەيدەپ قارشى سول تەرىپىمدىن كەلگەن چىرايلىق چوكان پىكاۋىمغا، ئارقىدىن پىكاۋىمنىڭ نومۇر تاختىسىغا قاراپ ئۆتۈپ كەتتى، كۆزۈم ئارقىنى كۆرسىتىش ئەينىكىگە چۈشتى، ئۇ يېنىشلاپ بۇرۇلۇپ قاراپ ئاستا يىراقلاپ كەتتى. ئەگەر يىگىرمە يىل ئىلگىرى ياق ھەتتا بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ئۇ شۇنداق ئىنتىزارلىق بىلەن قارىغان بولسا ئىدى، مەن ھەممە نەرسەمدىن ۋاز كېچىپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغان، پىكاۋىمغا چىقىرىپ يىراق- يىراقلارغا ئېلىپ كەتكەن بولاتتىم. بىراق ھازىر ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرى ماڭا خۇددى شەھەرگە تۇنجى كەلگەن سەھرالىق كىشىنىڭ قىزىقىشىدەك كۈلكىلىك بىلىندى. ئۇنىڭغا قىزىقىش بىلەن قارىغىممۇ كەلمىدى. شۇ تاپتا ئۆيگە قايتىشنى، ھازىر يېنىمدىن ئۆتۈپ كەتكەن چوكاندەك چىرايلىق بولمسىمۇ مېھرى ئىسسىق ئايالىمنىڭ چېھرىدىكى مەمنۇنىيەتنى ھېس قىلغان ھالدا بالىلىرىم بىلەن پومداقلىشىپ ئوينىشىپ ئۆيىمىزدىن چاڭ چىقىرىشنى ئويلاۋاتاتتىم، ئوڭ تەرىپىمدىكى بىر كىشىلىك بوش ئورۇندا بىر سۇلياۋ خالتىدا ئايالىم ئەڭ ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان مۇناقا ئۈزۈم. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ قانداق مېۋىنى، قانداق تاماقلارنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيىتتىم. مۇناقا ئۈزۈم بولسا - مەن ئەڭ ئامراق مېۋە ئىدى. ھېس قىلىشىمچە ئۈزۈمنى ئايالىم مەن سەۋەبلىك ياقتۇرۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئۆيگە كىرىشىمگە ئەمدىلا ئون ياشتىن ئاشقان قىزىم دادلىنىپ ئالدىمغا كەلدى: ــ ئۇكام ئىككىمىزنىڭ داپەنجى (توخۇ قورۇمىسى دېمەكچى) يىگىمىز بار ئىدى، ئاپام ئەسكى ئېتىپ بەرمىدى. ــ داداڭلارنىڭ خوشى يوق، داداڭلار ئۆيگە تاماققا كەلمىگەن كۈنلەردە ئېتىپ بېرەي دەپ تۇرىۋالدى،ـ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ گەپكە ئارىلاشتى ئوغلۇممۇ ئاچىسىنىڭ گېپىنى قۇۋۋەتلەپ،ـ دادا سەن نېمىشقا توخۇ گۆشى يېمەيسەن؟ بېلىق گۆشى شۇنداق تاتلىق تۇرسا بېلىقمۇ يېمەيدىكەنسەن!ـ ھەيران بولدى ئۇ ئاپسىنىڭكىگە ئوخشاش يۇمىلاق كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ ماڭا سوئال نەزىرى بىلەن قاراپ. ــ مەنمۇ بىلمەيمەن، ئەقلىمگە كەلسەم خوشۇم يوق ئىكەن. ــ بۇ ئىككى ئەرزخور نېمە دەپ دادلىنىۋاتىدۇ؟ـ ئايالىم ئاشخانىدىن كۈلۈپ چىقتى،ـ بازاردىم ئېلىپ بېرەي دېسەم ھازىر بازارنىڭ توخۇلىرىغا تازا ئىشەنىچ قىلغىلى بولماس بولۇپ كەتتى، يەرلىك توخۇ ئەكىرىپ ئېتىپ بېرەي دېسەم سىزنى «پوق يېگەن توخۇ» دەپ قازاننى ئۆرۈۋەتمىسۇن دېدىم. ــ دادا سەن دېگىنە ئېتىپ بەرسۇن، ئاپام سەن نېمە دېسەڭ شۇنى ئېتىدىكەن، بىز دېسەك ئېتىپ بەرمەيدىكەن. ــ بۇلارنى قاقشاتماي ئەتە ئېتىپ بېرىڭە، مەن سىرىتتا تاماق يەپ كېرەي. ــ ئۆيگە كەلگەندە پۇرىقى رىئاكسىيە قىلامىكىن سىزگە؟ـ ئايالىم كۆزۈمگە قاراپ سۇسقىنا كۈلگىنىچە قولۇمدىكى ئۈزۈمنى خۇشاللىق بىلەن ئالدى. چېھرىدىن ئۇنىڭ ئامرىقىنى ئېلىپ كىرگىنىمدىن بەكرەك ئۇنى ياد ئەتكىنىمدىن مەمنۇنلىقى چىقىپ تۇراتتى. ــ سىلەر مېنىڭ رايىمغا باققان يەردە مەنمۇ ئاز- تولا ماسلاشمىسام بولماس، بولدى ئېتىپ بېرىۋىرىڭ. ــ ۋوي، ئەتە داپەنجى يەيدىغان بولدۇق!ـ قىزىم بىلەن ئوغلۇم تەڭلا خۇشاللىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئايالىم ئىككىمىز تولۇقسىز ھەم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقداشلار ئىدۇق، ئالىي مەكتەپتە باشقا- باشقا مەكتەپتە باشقا كەسىپتە ئوقۇدۇق. ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ خۇددى مېنىڭ سايەمدەك كەينىمدىنلا يۈرەتتى. بەزىدە ئۇنىڭدىن شۇنداق بىزار بولاتتىم، بىر نەچچە قېتىم ئۇنى قەستەن بوزەك قىلىپ يىغلاتقان چاغلىرىممۇ بولغان ئىدى. شۇنداق چاغلاردا ئۇنى ئەمدى كەينىمگە كىرىۋالمايدۇ دەپ ئويلايىتتىم، ئەكسىچە ئۇ بىر نەچچە كۈن قېيداپ گەپ قىلماي يۈرۈپ بېقىپ يەنە ماڭا ئاستا- ئاستا يېقىنلىشىپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك يېقىنچىلىق قىلىپ يۈرىۋىرەتتى. ئۇ چاغلاردا مەن بەكمۇ كەپسىز ئىدىم. ياز كۈنلىرى سومكامنى سىنىپقا تاشلاپ قويۇپ بىر نەچچە ئوغۇللار بىلەن سۇ ئۈزگىلى قاچسام، قىش كۈنلىرى ئۆزىمىز ياسىۋالغان چانا بىلەن غۇژژەكنى ئېلىپ مۇز تېيلىغىلى چىقىپ كىتەتتىم. بۇنداق چاغلاردا ئۇ سومكامدىن ئۆتۈلگەن دەرسلىكلەرنىڭ ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ كونسىپىكىمنى تولۇقلاپ يېزىپ، ئاخشىمى دەرستىن چۈشىدىغان چاققىچە كېلىپ بولالمىسام سومكامنى كۆتۈرۈپ ئۆيۈمگە قايتىدىغان دوقمۇشتا مېنى ساقلاپ، بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى كۆرسىتىپ قويۇپ كېتەتتى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى مېنى مەكتەپتە مۇئەللىمدىن تەنقىد ئاڭلىغاننىڭ سىرتىدا ئۆيدە دادامنىڭ تەنبىھىگە ئۇچراتماسلىق ئىدى. يېنىمدا ئەنە شۇنداق سادىق كاتىپتىن بىرى بولغاچقا بەزىدە باشقا بالىلاردەك ئويۇندىن كىيىنكى غەم- ئەندىشىدىن خالىي ھالدا ئويۇنۇمنى ئويناپ خاتىرجەم ئۆيگە قايتالايىتتىم. تولۇقسىزنىڭ 3- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. سىنىپىمىزدا گۈلمېھرە دەپ ئىسمىغا ئوخشاشلا ئۆزىمۇ چىرايلىق بىر قىز بار ئىدى. ئۇ ھەم چىرايلىق ھەم دەرستە ياخشى بولغاچقا نۇرغۇن بالىلار بولۇپمۇ ئوغۇللار ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى. نېمىشقىكىن ئۇنىڭغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ قالىدىغان، ئۇنىڭ دەرسلەردىكى سورالغان سوئاللارغا چاقماقتەك جاۋاب بېرىدىغان تېتىك ھالىتىگە قىزىقىش بىلەن نەزەر سالىدىغان بولۇپ قالدىم. «توۋا چىرايلىق ئادەم ئەقىللىق بولامدىغاندۇ؟» دەپ قالاتتىم ئۇنىڭغا قاراپ. ئۇنىڭ سىناقلاردىكى، ئىمتىھاندىكى نەتىجىسىگە، دەرستىكى ئىلگىرلىشىگە قاراپ ئانامنىڭ «ئۆزى سەتنىڭ گېپى سەت، قىلىقىمۇ سەت، ھەتتا چىچقان پوقىمۇ سەت» دېگەن گېپى يادىمغا يېتىپ، چىرايلىق ئادەمنىڭ ھەممە نەرسىسىنىڭ چىرايلىق بولىدىغانلىقىغا ھەتتا ئەقلىنىڭمۇ باشقىلاردىن ئۈستۈن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ قالاتتىم. ئۇنىڭغا ھەۋەسلىنىدىغان بولۇپ قالغاندىن بېرى نېمىشقىكىن دەرسلەردىن قاچماي ئۆزلىكىدىمدىن تىرىشقىم كېلىدىغان، دەرستە ياخشى ئوغۇللاردىن ئېشىپ كېتىشنى ئويلايدىغان، ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ قويغۇم كېلىدىغان بولۇپ قالدىم. پاتىگۇل (ھازىرقى ئايالىم) گەرچە گۈلمېھرەدەك دەرسلەردە ئالاھىدە ياخشى بولمىسىمۇ خېلى ياخشىلار قاتارىدىن سانىلاتتى. ئۇ مەندىكى ئۆزگىرىشتىن، دەرستىن قاچماي تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان بولغانلىقىمدىن بەك خۇرسەن بولۇپ ماڭا تېخىمۇ يېقىنچىلىق قىلىپ، بىلمىگەن يەرلىرىمنى ئۆزلىكىدىن چۈشەندۈرۈپ ماڭا بىلدۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان بولۇپ كەتتى. ۋاقىت بارغانسىرى قىستاپ كېلىۋاتاتتى، ئوتتۇرا تېخنىكومغا ئىمتىھان بېرىپ گۈلمېھرە بىلەن بىللە ئوقۇغۇم، ھېچ بولمىسا بىر مەكتەپ ياكى بىر شەھەردە ئوقۇپ ئۇنى كۆرۈپ تۇرغۇم بار ئىدى. ھەرقانچە تىرىشىساممۇ گەرچە دەرسلەردە ئىلگىرلىگەن، ئىپادەم بۇرۇنقىدىن ياخشى بولغان بىلەن دەسلەپكى چاغلارنى بىھۇدە ئۆتكۈزىۋەتكەن بولغاچقا ئوتتۇرا تېخنىكومغا ئوقۇشقا بارالمىدىم. ئۇ كەتتى. مەن پاتىگۇل بىلەن تولۇق ئوتتۇرىدا يەنە ساۋاقداش بولۇپ ئوقۇۋاتقان بولساممۇ كاللامدا گۈلمېھرە. ئاخىرى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمىدىم. ھەر قېتىم ئۇنى ئويلىغىنىمدا ئىرادەم مۇستەھكەملىنەتتى، «چوقۇم ياخشى ئوقۇپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتىمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا لايىقلىشالايمەن» دېگەن ئىرادىدە ئۆگىنىدىغان بولدۇم، شۇنىڭغا يارىشا كاللاممۇ ئېچىلىپ نەتىجىلىرىم ياخشى بولىۋاتاتتى. ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىشكە ئاز قالغان مەزگىللەردە ساۋاقداشلار ئارىسىدا ئوقۇشقا كەتكەن ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ كىملەردۇر بىراۋلار بىلەن ئارلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا پاراڭلار بولۇپ قالدى. كۆڭلۈمگە جىن كىرىشكە باشلىدى. توغرا ئۇلار دېگەن ئۇزاق قالماي خىزمەتكە چىقىدۇ، دېمەك كەلگۈسىنى ئويلىشىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى دېگەن گەپ. مەن ئالدىراپ قېلىۋاتاتتىم. گۈلمېھرەگە ئۇنى دەپ تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتقانلىقىم، چوقۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقىم، كەلگۈسىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياشىغىم بارلىقىنى بىلدۈرۈپ خەت يازدىم، خېتىم جاۋابسىز قالدى. خېتىم تەگمىگەن بولسا كېرەك دېگەن خىيال بىلەن يەنە بىر قېتىم غەيرەتكە كېلىپ ئالدىنقى قېتىمقىدىنمۇ كېلىشتۈرۈپ ئىرادەمنى بىلدۈرۈپ خەت يازدىم. ئاخىرى ئۇنىڭدىن جاۋاب كەلدى. خەت قىسقىلا يېزىلغان بولۇپ خەتنى قولۇمغا ئالغاندىكى ھېسسىياتىمنى تەسۋىرلەش ھەقىقەتەنمۇ قىيىن ئىدى. «قەيسەر، تېچلىق تۇرىۋاتامسىز؟ خېتىڭىزدىن تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىپ خۇرسەن بولدۇم ھەم مەقسىتىڭىزنى چۈشەندىم. سىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىپىڭىز زېھنېڭىزنى يىغىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش، قالغان گەپلەرنى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە يۈزلەنگەندە دىيىشەرمىز.» خەتنىڭ ئاخىرىدا باشقا ساۋاقداشلارغا سالام دەپ قويۇشۇمنى شۇنداقلا پاتىگۇلغا بۇرۇنقىدەك جاپا سالماسلىقىمنى ئالاھىدە تىلغا ئاپتۇ. خەتنى قايتا- قايتا ئوقۇپ «جەمئىيەتكە يۈزلەنگەندە» دېگەن گېپىدىن ئاجايىپ جانلىنىپ كەتتىم. دېمەك ئۇنىڭ دېيىشكەن يېرى يوق، ماڭا ئۈمۈد بار دېگەن گەپ. ئۇ مېنىڭ ئۆزىگە بولغان كۆڭلۈمنى چۈشەندى. مېنىڭ قانداقراق مەكتەپكە ئۆتۈشۈمگە قارايدىكەن. ئۇنىڭ خېتىنى خۇددى ئەتىۋارلىق نەرسەمنى ساقلىغاندەك ئاۋايلاپ پات- پات ئېچىپ ئوقۇپ يەنە ئەسلىدىكى ھالىتىدە پاكىز ساقلاشقا ئادەتلىنىپ كەتتىم. شۇندىن كېيىن گەرچە خەت يېزىشمىغان بولساقمۇ ئۇ مېنى ساقلاۋاتقاندەك ماڭا تەئەللۇق ئادەمدەك تۇيغۇ ، ئىشەنچ بىلەن تىرىشىپ ئالىي مەكتەپ چاقىرىق قەغىزىنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالدىم. خۇشاللىقتا كونا- يېڭى ساۋاقداشلار يىغىلىپ چاي بېرىش جانلىنىپ كەتتى. ئارىمىزدا باشقا قىز- ئوغۇللار بىلەن گۈلمېھرە ھەم پاتىگۇلمۇ بار ئىدى. مەن پاتىگۇل بىلەن بىر شەھەردىكى باشقا- باشقا مەكتەپكە ئوقۇشقا ماڭدىم. گۈلمېھرە بولسا يەنە باشقا شەھەردە ئىدى. مانا ئەمدى ئۇنىڭغا ئىلگىرىكىدەك قورۇنماي خەت يازالايدىغان بولدۇم. خەتلىرىمىز كۆيدۈم- پىشتىم جۈملىسىدىن بولمىسىمۇ مېنىڭ خېتىمدىن سېغىنىش پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ بولسا نورمال ھالەتتە جاۋاب قايتۇراتتى. مەن ئۇنى قىزلاردىكى تارتىنچاقلىق، ھايا نوقتىسىدىن دەپ بىلەتتىم. پاتىگۇل بولسا كۆپرەك ئىزدەپ چىقىپ كىر- قاتلىرىمنى يۇيۇپ، بەزىدە يوتقان- كۆرپەمنى سۆكۈپ يېڭىلاپ تىكىپ بېرىپ چىقىپ كىتەتتى. ياتاقداشلىرىمغا ئۇنى «تۇغقىنىمىز» دەپلا قوياتتىم. ياقا يۇرۇتتا بۇنداق ھەمدەمدە بولىدىغانلارنى باشقىچە چۈشىنىپمۇ كەتمەيىتى. ئۇنىڭ ئەتراپىمدا شۇنداق پايپىتەك بولۇشلىرىنى خۇددى ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتىدەك،نورمال ئىشتەك ھىس قىلىپ ئۆز خىيالىم بىلەن تېزراق تەتىل بولۇشىنى، گۈلمېھرەلەر قاتناشقان مېھماندارچىلىقىمىزنى سېغىناتتىم. ئوقۇشۇم پۈتۈشكە ئىككى يىل قالغان يازلىق تەتىل مەزگىلى ئىدى. ساۋاقداشلار يىغىلىشىمىز بولغان كۈنى گۈلمېھرە كەلمىگەچكە تولا ئىشىككە قاراپ كۆزلىرىم تېلىپ كېتەي دەپ قالدى. ئاخىرى ئىچىم تىتىلداپ ئېغىز ئاچتىم. ــ بۇ قېتىم ئاز تۇرىمىزمۇ نېمە؟ كىملەر يوق؟ بارغانسىرى قىزلار ئازلاپ كەتكىلى تۇردىغۇ؟ ــ كۆڭلۈڭ يېرىم بولىۋاتامدۇ؟ـ شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىنىڭ قانۇن كەسپىدە ئوقۇيدىغان ئەركىن چاقچاق ئارىلاش كۆزۈمگە سوئال بىلەن قارىدى. ئۇنىڭ بىلەن كۆڭلىمىز يېقىن بولۇپ، بەزىبىر ئىچكى ھېس- تۇيغۇلىرىمدىن گۇمان قىلىپ گەپ كوچىلاپ قوياتتى. ئەمما مەن نېمىشقىكىن كۆڭلۈمدىكىنى ھېچ كىشىگە ئاشكارىلاشنى خالىمايىتتىم. ــ سىز يۇرۇتتا بولمىغاندىكىن بىلمەيسىز، گۈلشەن بىلەن مۇختەر توي قىلىپ بولدى، پات يېقىندا گۈلمېھرەنىڭ تويى بولماقچى، ئۇ ھازىر ئالدىراش توي تەييارلىقى قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا كەلمىدى. شۇنداق قىلىپ قىزلار سېپىڭلاردىن چۈشۈپ قالىمىزمۇ نېمە؟ـ تاجىگۇلنىڭ جاۋابىدىن يۈرىكىم ئېغىزىمغا كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ سورۇندا ئولتۇرۇش ماڭا ھارامدەك كۈلكە- چاقچاقمۇ كۆڭلۈمگە ياقمىدى. پەقەت پاتراق بۇ سورۇندىن تاراپ، گۈلمېھرەنى تېپىپ ئۇنىڭ ئاغزىدىن تاجىگۇل دېگەن گەپلەرنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، ئۇ گەپلەرنى سەزگۈمنىڭ نورمال بولماسلىقىدىن خاتا چۈشىنىپ، خاتا ئاڭلاپ قالغانلىقىمنى بىلگۈم بار ئىدى. ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ كۈلكە- چاقچاقلىرى بىلەن بولۇپ مەندىكى روھىي ھالەتكە پەقەت پاتىگۇللا دىققەن قىلغاندەك، ئۇ خۇددى مېنىڭ ئانامدەك ماڭا باشقىچە يېقىنچىلىق قىلىپ دىققىتىمنى بۇراشقا، كەيپىياتىمنى تەڭشەشكە ئۇرىناتتى. ئولتۇرىشىمىزمۇ ئاخىرلاشتى. ھەممىدىن بۇرۇن ۋېلىسپىتىمنى چاپتۇرۇپ ئۇدۇل گۈلمېھرەنىڭ خىزمەت ئورنىغا كەلدىم. ئۇ ناھىيە بازىرىغا سەككىز كىلومېتىر كېلىدىغان يېزىلىق دوختۇرخانىدا ئىشلەيىتتى. خىزمەتداشلىرى ئۇنى ئەتە سائەت ئىككىدە ئىشقا كېلىدۇ دېيىشتى.ئەتىنى ساقلاشقا تاقىتىم نىمە ئىش قىلسۇن، ئەمدى ئۇنى ئۆيىگە ئىزدەپ بېرىشتىن باشقا چارەممۇ يوق ئىدى. ئەمما، ئۈسسۈپ كىرەلمەيمەن- دە. ئۇنى ئۆينىڭ يۈز مېتىر يىراقلىقتىكى دوقمۇشىدا ساقلاشقا مەجبۇر بولدۇم. كەچكە يېقىن ئۇ بازار تەرەپتىن ئاچىسى بىلەن ئىككى ۋېلىسپىتنى مىنىشىپ، ۋېلىسپىنىڭ كەينىگە بىرمۇنچە لاقا- لۇقىنى قىستۇرغان ھالدا ئۆيى تەرەپكە قايرىلدى. ئۇلار قىزغىن پاراڭلىشىپ ماڭغاچقا مېنى كۆرمىدى. مېنى كۆرسىكەن، توختاپ مەن بىلەن كۆرۈشسىكەن، ماڭا بىر ئېغىز بولسىمۇ ئۆز ئاغزى بىلەن بىر نەرسە دېسىكەن دەپ شۇنچە تاما قىلىپ كەتتىم. ئۆزۈمنىڭ ئۇ كۆرىدىغان جايدا تۇرماي تارتىنچاقلىق قىلىپ دالدىدا تۇرۇپ قالغىنىمدىن تولىمۇ ئۆكۈندۈم. بۇ كېچە ماڭا تولىمۇ ئۇزۇن بىلىندى. خىلى كەچ ياتقىنىمغا قارىماي سەھەردە تۇرۇپ كەتتىم، ۋاقىت تولىمۇ ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى. «ئىمتىھان مەيدانىدا بىردەمدىلا توشىدىغان ۋاقىت بۈگۈن نىمانچە ئاستا ئۆتىدىغاندۇ، سائىتىم توختاپ قالدىمۇ- يا؟» گۇمان بىلەن مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ تام سائىتىگە قارىدىم. يوغان تام سائىتىنىڭ ئەينەك رامكا ئىچىگە ئېلىنغان سائەت مىنۇت ئىستىرىلكىلىرى قول سائىتىم بىلەن ئوخشاش ۋاقىتنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. كۈندە نەچچە قېتىم ئىشىكنى چىكىپ قويۇپ ناشتا قىلىشقا چاقىرىپ ئادەتلىنىپ كەتكەن ئانام ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قالدى. ــ مېجەزىڭىز يوقمۇ نېمە؟ نىمانداق سەھەر تۇرىۋالدىڭىز؟ چىرايىڭىزمۇ تازا ياخشى ئەمەسقۇ؟ ئانامنىڭ تۇشمۇ- تۇشتىن سورىغان سوئاللىرىغا دەمال بىر نەرسە دىيەلمەي: ــ مىجەزىم يوققۇ ئەمەس، نېمە بولدىمكىن، كېچىدىن ياخشى ئۇخلىيالمىدىم. ــ بىردەم يېتىۋالسىڭىز بولماسمىدى. ــ سىرىتقا چىقىدىغان ئىشىم بار ئىدى، بالىلار بىلەن سەھەر كۆرۈشىمىز دىيىشكەن،ـ شۇنداق دېگەچ ۋېلىسپىت تەرەپكە ماڭدىم. ــ ناشتا قىلىپ چىقمامسىز؟ ــ بالىلار بىلەن سىرىتتا ناشتا قىلىمىز دېيىشكەن،ـ ئانامغا قارىماستىن يالغان گەپ قىلىپ ۋېلىسپىتنى مىنگەنچە دەرۋازىدىنمۇ چۈشمەي چىقىپ كەتتىم. ئەمەلىيەتتە شۇ تاپتا گېلىمدىن ھېچ نەرسە ئۆتمەيىتتى... تۈنۈگۈنكىدىنمۇ ئوچۇقراق يەردە تۇرۇپ ساقلاشقا باشلىدىم، ساقلىغانسىرى ئۇ كۆرۈنمەيىتتى. ئۇ چىقمىغانسىرى «تېخىمۇ سەھەر كەلسەم بوپتىكەن، سىرىتقا چىقىپ كەتكەن بولسا بۇ يەردە بىكار تۇرغاندىمەنمۇ ياكى ئىككىگىچە ئۆيىدىن چىقماي ئولتۇرارمۇ؟» شۇنداق ھەرخىل خىياللار بىلەن بىتاقەت بولاتتىم. ناشتىسىز ئۇلاپ ئارقا- ئارقىدىن چەككەن تاماكا ئىسلىرى مېڭەمگە جۇغلاشقاندەك كاللام بارغانسىرى ئېسىلىپ كىتىۋاتاتتى. ئالاھىزەل ئىككى سائەتلەردىن كېيىن ئۇ كۆرۈندى.بۇ ئىككى سائەت ماڭا خۇددى ئىككى كۈندەك بىلىنىپ كەتتى. شۇ تاپتا يۈرۈكۈمنىڭ سوقىشى ئۆزۈمگە ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ تۈنۈگۈنكىدەك مېنى كۆرمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇ يېقىنلاپ كېلىشكە باشلىغاندا ۋېلىسپىتىمنى مىنىپ ئالدىغا ئۇدۇل باردىم. ــ ۋۇي قەيسەرغۇ سىز! بۇ ياققا كەپ قاپسىزغۇ؟ـ ئۇ ۋېلىسپىتتىن چۈشۈپ ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قارىدى. ــ سىزنى ئىزدەپ كەلگەن،ـ ئۇنىڭ كۆزىگە بىچارىلەرچە قاراپ ئاران جاۋاب بەردىم. تىنەپ- تەمتىرەپ قالساملا ئۇنىڭ كىتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيىتتىم، بۇ ھالىتىمنى كۆرگەن باشقا ساۋاقداشلىرىم (ئەگەر بۇ ھالىتىمنى باشقا ساۋاقداشلىرىم كۆرسە ئىدى) بىر زامانلاردىكى دائىم ئوقۇتقۇچىسىنى قاقشىتىپ دەرستىن قاچىدىغان، ساۋاقداشلىرىنى بوزەك قىلىپ، قۇلاق كەستىلەرگە يول باشلايدىغان، بۇزۇلغان، چېچىلغان، ئۇرۇش- جېدەل بار جايلارنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان، ھەتتا يوقىرى يىللىقتىكى بالىلارنىمۇ پوش دېمەيدىغان قەيسەرنىڭ مەن ئىكەنلىكىمدىن گۇمان قىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. ــ بىرەر ئىشىڭىز بارمىتى؟ـ ئۇ تېخىمۇ ھەيران بولۇپ سوئاللىق كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى. ئۇنىڭ ئاق يۈزىگە تولىمۇ ياراشقان قوڭۇر چېچى، توم قېشى ئاستىدىكى ئۆزىدىن بۇرۇن كۈلۈپ تۇرىدىغان بىر جۈپ كۆزى، سەل پاناقراق ئەمما يۈز كۈپتىگە تولىمۇ ياراشقان كىچىك بۇرنى، نىپىز لەۋلىرى مېنى ھەقىقەتەنمۇ تەمتىرىتىپ تىلىمنى كالۋالاشتۇرۇپ تۇراتتى. ــ سىزنى... سىز بىلەن ئايرىم كۆرۈشەي دەپ...ـ ياللىدە يانغاندەك قىززىق بىر ھارارەتتىن يۈزۈمنىڭ قىزىرىپ كەتكىنى ئۆزۈمگە مەلۇم بولدى. ئورنۇمدا قولايسىز بىر ھەرىكەتتە قىمىرلاپ قويدۇم،ـ خالىيراق بىر يەردە كۆرۈشسەك بوپتىكەن، سىزگە دەيدىغان گەپ بار ئىدى. ئۇ مېنىڭ بۇ تۇرقۇمدىن مېنى ئوسال قىلماي دېدىمۇ قانداق ئەتراپقا گۇمانسىرىغاندەك بىر قاراپ قويۇپ: ــ رادىئو ئۇزىلىنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى كۆل بويىدا ساقلاپ تۇرامسىز، مەن ئارقىڭىزدىن باراي،ـ دىدى. ئۇمۇ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا بىر ئوغۇل بالا بىلەن ئايرىم سۆزلىشىپ تۇرۇشنى تازا ئەپ كۆرمىدى بولغاي. يۈرىكىمنىڭ ھاياجانلىرى پۇتلىرىمغا ماغدۇر ئاتا قىلدىمۇ قانداق ۋېلىسپىتنى قۇيۇندەك چاپتۇرۇپ ئۇ دېگەن يەرگە بىردەمدىلا بېرىپ بولدۇم. بۇ يەر ناھىيە بازىرىدىن ئانچە يىراق بولمىسىمۇ ناھايىتى خالىي بولۇپ، ئادەتتە كىشىلەر بۇ يەرگە قەدەم باسمايىتتى. كۆل دېگىنى كىشىلەر سۇ ئىچىدىغان كۆل بولماستىن تەبئىي شەكىللىنىپ قالغان ئىچىنى يىكەن، ئەتراپىنى قۇمۇش بېسىپ كەتكەن زەي كۆلچەك ئىدى. بەك ئۇزاق قالماي ئۇمۇ يېتىپ كەلدى. ــ ئۇزۇن ساقلىتىۋەتتىممۇ؟ ــ ياق، مەنمۇ ئالدىڭىزدىراق كەلگەن. ــ ئۆيگە كىرىپ ئىشىم چىقىپ قالغانلىقىنى، ئۇدۇل ئىشقا كېتىدىغانلىقىمنى دەپ قويۇپ كەلدىم. ــ ئۇيانغىراق كېتەمدۇق؟ـ باياتىن ئۇ كېلىپ بولغىچە نىشانلاپ قويغان دالدىراق جاينى ولۇمدا ئىشارە قىلىپ كۆرسەتتىم. ــ مەيلى. ۋېلىسپىتنى يىتىلەپ قومۇشلۇق ئارىسىدا قوي پايدىلىرى ۋە بىزگە ئوخشاش كىشىلەر مېڭىپ شەكىللىنىپ قالغان تار چىغىر يول بىلەن كۆلنىڭ ئاياغ تەرىپىگە ئۆتۈپ ئەپلىكرەك بىر جايدا يانمۇ- يان ئولتۇردۇق. يۈرۈكۈمنىڭ سوقىشى تېخىچە ئۆزۈمگە ئاڭلىنىپ تۇراتتى، گەپنى قانداق باشلاشنى، نەدىن باشلاشنى بىلمەيىتتىم. تېخى بۇ يىل قىشلىق تەتىلدىن بۇرۇنقى بىر ئاخشىمى بىر نەچچە دوستلىرىم بىلەن يول بويىغا توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىنىڭ زاپاس چاقىنى ئوغۇرلاپ سېتىپ، نەچچە كۈن كىنوخانىغا چاپقان چاغدىمۇ، چالا مەست تاماكا چېكىپ ياتاققا ئوت كىتىپ بىرمۇنچە سورۇقچىلىق تارتىپ ئوقۇتقۇچىمىز ھەم مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئالدىدا ئۆيدىكىلەرگە بىلدۈرمەسلىكنى دەپ يىلىنىپ، چوڭ يىغىنلاردا تەكشۈرۈشنامە يېزىپ ۋەدە بەرگەندىمۇ ھازىرقىدەك يۈرىكىم دۈكۈلدىمىگەن، ھازىرقىدەك ھولۇقمىغان ئىدىم. ــ خىزمىتىڭىز ئالدىراشمۇ؟ ــ ئانچە ئەمەس. ــ جاپالىقمۇ؟ ــ يول جاپاسى بار، كەسىپنى ئۆزۈم تاللاپ ئوقۇغان بولغاندىكىن جاپالىق تويۇلمايدۇ. ــ يېزا يوللىرىغا شېغىل تۆكۈپمۇ بوپتۇ، پات يېقىندا ماي باسىدىكەن، شۇنداق بولسا يول قىيىنچىلىقىمۇ بولماس،ـ ئۇنىڭغا ھېسداشلىق ھەم كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا قارىدىم. ــ ماي بېسىپ بولغىچە ناھىيەگە يۆتكىلىپ كىرەمەنمىكىن. ــ ئۆيدىكىلەر دىيىشىپ قويغان ئوخشىمامدۇ؟ ــ بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئەمە، شۇ...ـ ئۇ گەپنىڭ ئاخىرىنى جىملا يۇتۇۋەتتى، كۆڭلۈمگە قانداقتۇر سايە چۈشكەندەك يۈرىكىمنى مۇجۇپ تۇرغان سوئالنى سورىماي تۇرالمىدىم. ــ يىگىت تەرەپ يول مېڭىپ قويغان ئوخشىمامدۇ؟! ــ ئاڭلاپسىز- دە؟ - ئۇ خىجىل بولغاندەك يەرگە قارىدى. ئارىمىزنى ئېغىر سۈكۈت قاپلىدى. مەن تا ھازىرغىچە ئۇنى «مېنىڭ ئادىمىم، ئوقۇش پۈتتۈرسەكلا توي قىلىمىز، بىللە ياشايمىز...» دەپ شىرىن خىيال ئىلىكىدە يۈرەتتىم. ئۇنىڭ بۇنداق پەرۋاسىزلا «ئاڭلاپسىزدە» دېگەن گېپىدىن ئېچىشقان يېرىمگە تۇز سەپكەندەك بىئارام بولدۇم. ــ ئۇنى ياخشى كۆرەمسىز؟ نېمە ئىش قىلىدۇ؟ مەن تونۇيمەنمۇ؟ ئۇ ماڭا ھەيران بولغاندەك قارىۋەتكەندىن كىيىن جاۋاب بېرىشكە باشلىدى. ــ بەلكىم تونۇيسىز، بىزدىن ئىككى قارار يوقىرى ئوقۇغان، ئىسمى ئابلىكىم، ھازىر ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا ئىشلەيدۇ، دادىسى سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى. ــ ئۇنى ياخشى كۆرەمسىز؟ - تاقەتسىزلىنىپ قايتا سورىدىم. ــ بىز تېخى بىر نەچچە قېتىم كۆرۈشتۇق، قارىسام خېلى يامان ئەمەس تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا قارىدىم، چىرايىدىن رازىمەنلىك چىقىپ تۇراتتى. ئىچىم يەنە بىر قېتىم ئاچچىق بولدى. ــ بۇ توينى قىلمىسىڭىز بولمامدۇ؟ - ئۇنىڭغا يېلىنغاندەك كۆڭلۈمدىكى گەپنى دىۋەتتىم. ــ نېمىشقا؟! ــ مە... مەن... مېنى ساقلىسىڭىز... - ئۇنىڭ ماڭا تىكىلگەن چىرايلىق كۆزلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمىدىم، - مەن تېخى سىزنى مېنى ساقلايدۇ دەپ ئىشەنچ قىلىپ يۈرۈپتىكەنمەن،ـ يۈز تىرىلىرىم تارتىشىپ ئۇنىڭ ئالدىدا بىچارىلىقىم چىقىپ تۇراتتى، - مېنى... مېنى ياخشى كۆرمەمسىز يا؟ ــ سىز... مەن سىزنى ساقلاشقا ۋەدە قىلمىدىمغۇ، يەنە كىلىپ پاتىگۇل ئىككىڭلار... ــ ياق، ياق ئارىمىزدا ھېچ ئىش يوق! - ئۇنىڭ پاتىگۇل ئىككىمىزنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىنى پەقەتلا خالىمايىتتىم، - مەن ئىزچىل سىزنى ياخشى كۆرۈپ كەلدىم. ــ بىراق، - ئۇ بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كىيىن، - ھەممىمىز بىلىمىز پاتىگۇل سىزنى بەكلا ياخشى كۆرىدۇ،مەن تېخى ئىككىڭلار بىر شەھەردە بولغاندىكىن بۇ چاققىچە... ــ ئەمما مەن ئەزەلدىن سىزدىن باشقا ئادەمگە كۆڭۈل بىرىپ باقمىدىم، - ئالدىراپلا جاۋاب بەردىم. ــ ئەپسۇس كېچىكتۇق. ــ توينى بىكار قىلىۋەتسىڭىز بولىدىغۇ؟ ــ چوڭلار ئاللىبۇرۇن پۈتۈشۈپ بولغان تۇرسا. ــ ئەگەر سىزلا خالىسىڭىز،ـ شۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدە كاللامغا كەلگەن خىيالنى ياق ئارزۇيۇمنى ئۇدۇللا دىدىم، - سىزنى يىراق جايلارغا ئېلىپ كېتەي. ــ قېچىپ كېتەمدۇق؟! - ئۇ چۆچۈگەن ھالدا كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ چىرايلىق بىر جۈپ كۆزى ھۈركىگەن كىيىكنى ئەسلىتەتتى. ــ خالىسىڭىز دىدىمغۇ. ــ ياق! - ئۇ كەسكىن جاۋاب بەردى، - ئاتا- ئانامنىڭ، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمنىڭ يۈزىنى يەرگە قاراتسام بولمايدۇ. ئۇ شۇنداق دەپلا ئورنىدىن تۇرىۋىدى، يېنىدىن «پەرت» قىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن ياۋا توشقاندىن چۆچۈپ، «ۋايجان!» دەپ توۋلىغىنىچە مەن تەرەپكە ئۆزىنى ئاتتى، ئەمدى ئورنۇمدىن تۇرىۋاتقان بولغاچقا ئۇنى تۇتۇپ ئاران ئۈلگۈردۈم. ئۇنىڭ يۇمران چېچى ئېڭىكىم ئاستىدا، مەڭزى كەڭرى يەلكەمدە، شۇ دەقىقىدە ئاجايىپ بىر شىرىنلىك ئېلىكىدە ئۇنى ئۆزۈمگە تارتتىم. ــ ئۇنداق قىلماڭ! - ناھايىتى زەئىپ ئەمما شۇنداق يېقىملىق بىر قارشىلىق پۈتۈن جىسمىمنى كۆيدۈرگەندەك بولدى. ئۇ خۇددى بېلىقتەك قولۇمدىن سىيرىلىپ چىقىپ ۋېلىسپىتى تەرەپكە ماڭدى. قۇمۇشلۇق ئارا كۆز ئالدىمدا يىراقلاپ كېتىۋاتقان سىما... ياپ- يېشىل قۇمۇشلۇق، بارغانسىرى كىچىكلەپ كۆرۈنىۋاتقان سېرىق كۆينەكلىك گۈلمېھرە خۇددى ماڭا كۆز قىسىپ غەلبىسىدىن تەنتەنە قىلىپ، مېنى مەسخىرە قىلىپ تۇتۇق بەرمەي كۆز ئالدىمدا ئۇچۇپ بېشىمنى ئەگىپ بىر نەچچىنى ئايلىنىپ كېتىۋاتقان كېپىنەكتەك بىردەمدىلا غايىپ بولدى. يۈرىكىم ئۇ تامان كەتتى. بىز كۆل بويىدا كۆرۈشۈپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇنىڭ تويى بولدى. بەش شېشە پىۋا، بىر شېشە ئاق ھاراقنى ئېلىپ كۆل بويىغاـ بىز كۆرۈشكەن ماكانغا كەتتىم. بۇ ئازاپلىق كۈنلەرنى، ئىچىمگە سىغمايۋاتقان ئەلەملىرىمنى ئۇنۇتماقچى؛ قۇلىقىمغا ئاڭلىنىپ تۇرغاندەك، يۈرىكىمگە نەشتەر بولۇپ سانجىلىپ مېڭەمنى ئارامسىزلاندۇرۇۋاتقاندەك تۇيىلىۋاتقان توي شادلىقى، نەغمە- ناۋالارنى يىراقتا قالدۇرۇپ يىگانە ھالدا دەخلىسىز ئۇنۇتماقچى بولدۇم. بۇرنۇمغا پۇرىغان بىر سېسىقچىلىقتىن سەسكىنىپ كۆزۈمنى ئاچتىم. ئەمما، بېشىمنى كۆتۈرگۈدەك ھالىم يوق ئىدى. ئۇستىخانلىرىم شۇنداق ئېغىر، خۇددى يوغان بىر قورام تاش ئۈستۈمدىن باسۇرلۇپ قويۇلغاندەك، بېشىم يەرگە مىغلاپ قويۇلغاندەكلا. ئۆزۈمدىن تاراۋاتقان سېسىقچىلىق بىلەن بۇرنۇمغا ئۇرۇلغان سېسىقچىلىق ئىچ باغرىمنى سۇغۇرىۋىتىدىغاندەك ھۆ قىلدۇردى. ــ ھۆ... ھۆ... ــ ئاللا ماۋۇ ئاداشنىڭ! - بىراۋلارنىڭ بىزارلىق ئاۋازى. ــ جېنىغا چۇشلۇق ئىچمەي، بىر كېچە ئۇيقۇسىز قالغىنىمىز يەتمەي، توخۇ ئىت پوقى يېمەستە يەنە باشلاندى، - يەنە بىراۋلارنىڭ غودۇراشلىرىدىن ئەتراپقا قارىدىم. تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلىغان بولسا كېرەك، كىچىك دېرىزىدىن سىرىتنىڭ سالقىن ھاۋاسى بىلەن كۆكنىڭ يورۇقلۇقى چۈشۈپ تۇراتتى. ئەتراپقا قارىدىم، داق يەرگىلا كۆرپە تاشلانغان، مەندىن باشقا يەنە ئىككى كىشى كالتە ئىشتان بىلەنلا سوزۇلۇشۇپ ياتقان بولۇپ، بىر بۇلۇڭدا داتلىشىپ كەتكەن تۇنىكا تۇڭ «ھەممە سېسىقچىلىق مەندە» دەۋاتقاندەك بەدبۇي پۇراق تارقىتىۋاتقىنىدىن پەخىرلەنگىنىدەك گىدىيىپ تۇرۇپتۇ. بىر تال تاماكا چېكىپ سەل ئەسلىمگە كىلىشنى ئويلىدىم، يانچۇغۇم قۇپقۇرۇق. ئېغىرلىشىپ كەتكەن بەدىنىمنى تەستە كۆتۈرۈپ تامغا يۆلەندىم. بايا ئاشقازىنىم ئاغزىمغىلا كىلىۋالغاندەك بولىۋى، مانا ئەمدى سەل ئارام بەردى. ئەمما بېشىم شۇنچىلىك ئېغىر، قايتىدىن ئەسلەشكە باشلىدىم. دېمەك بۇ يەر سولاقخانا ئىكەندە؟! گۈلمېھرەنىڭ تويى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق ئازاپلانغىنىم، پىۋا، ھاراق ئېلىپ كۆل بويىغا بارغىنىم... گۈلمېھرەنىڭ ئۆيىگە كەلگىنىم... قاياقلاردىن تاپقىنىم ئېسىمدە يوق پىچاقنى كۆتۈرۈپ تويچىلارنى سۈر- توقاي قىلغىنىم... ئۇنىڭ ھويلىسىنىڭ ياغاچ دەرۋازىسىنى تېپىپ چېقىۋەتكىنىم... ئالا- جوقا ۋارقىراپ گۈلمېھرەنىڭ ئىسمىنى توۋلىغىنىم... بىر نەچچە ئادەمنىڭ يۇپۇرلۇپ كېلىپ قولۇمدىكى پىچاقنى ئېلىۋالغىنى... ساقچىلارنىڭ ماشىنىغا بېسىپ ئېلىپ ماڭغىنى... چالا ئۇيقۇچىلىقتا كۆرگەن غۇۋا چۈشتەك ئېسىمگە كەلدى. سولاقخانىدا ئون بەش كۈن ياتتىم. مېنى بىراۋلارنىڭ ئېلىپ چىقىپ كېتىشىنىمۇ، كېلىپ مېنى يوقلاپ ھال سورىشىنىمۇ خالىمايىتتىم. كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدىن گۈلمېھرەدىن نارازى بولاتتىم. ئەمما، ئۇنى ئەيىپلەشكە جۈرئىتىم يوق ھەم ئەيىپلىگۈممۇ كەلمەيىتتى. ئۇنىڭ مېنى ئۈمۈدلەندۈرۈپ شۇنچە يىل شىرىن خىيالدا يۈرگۈزگىنىگە، ئەمدى كېلىپ خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىر ئادەمنىڭ ھېسسىياتى بىلەن ئوينىشىپ ئۇسسىغاندا بېرىپ بىر پىيالە سۇ ئىچكەندەكلا توي قىلىۋالغىنى، مەندەك ئۆزى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاشقا تەييار تۇرغان ئادەمنى ئەمەس، يوقىرى مەرتىۋە، راھەت- پاراغەتنى تاللاپ ماڭغىنىنى ئويلىسام نەزىرىمدىكى گۈلمېھرە خۇنۇكلىشىپ كېتىۋاتقاندەك، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ خوتۇنى بولۇپ بولغىنىنى ئويلىسام يۈرىكىمنى بىرى زىخقا ئۆتكۈزىۋاتقاندەك تولغىناتتىم، تۇرۇپلا ئۆزۈمگە ئاچچىقىم كېلىپمۇ قالاتتى. «مەنمۇ ئەر بولدۇممۇ، ئالدىمغا كەلگەن تەييار لوقمىنى يىۋەتكەن بولسام، قاراپ تۇرۇپ كۆل بويىدا يېنىمدا ئولتۇرغاندا، قۇچىقىمغا ئۆزىنى تاشلىغاندا تېگىشلىك نىسىۋەمنى ئېلىۋالغان بولسام... بۇ يەرگە كىرىپ ياتارمىدىم؟ بۇنداق ئەلەم يۇتۇپ، باشقىلارنىڭ قوينىغا كىرىپ ياتقىنىنى ئىچىمگە سىغدۇرالماي ئوغا كىكىرىپ يۈرەرمىدىم؟ ... تۇرۇپلا بۇ خىياللىرىمدىن چۆچۈپ كەتتىم... ئەزەلدىن ئەسرالىشىپ سالام- سائەت قىلىشىپ باقمىغان ئابلىكىم دۈشمىنىمگە، رەقىبىمگە ئايلاندى، ئۇنىڭ يوقىرى مەرتىۋىسى، شارائىتى ياخشى ئائىلىسى، بايۋەتچىلەردەك تۇرقى ئوغامنى قاينىتىپ، ئۆچلىكىمنى كەلتۈرەتتى. ئۇنىڭ ئەنە شۇنداق ئەۋزەل شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىمنى ئىگەللىۋالغىنىنى ئويلىسام ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلغۇم، رىقابەتلەشكىم، ئۇنىڭ ئۆزۈمنى كۆرسىتىپ قويغۇم كېلەتتى... مېنى ئوبدانلا نىقابلاپ، ئۆزۈمنى باشقىلاردىن قاچۇرۇشقا، خالىغانچە پىكىر يۈرگۈزۈپ قانغۇچە خىيال سۈرۈشكە، باشقىلارنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ مېڭىشتىن ساقلاپ قالغان ئون بەش كۈنمۇ بىردەمدىلا ئۆتۈپ كەتتى. باشقىلار چىقىپ كېتىشنى ئارزۇلىغان بۇ ماكاندىن قىيمىغان ھالدا قايتىپ چىقتىم. ئۈن- تىنسىز ئولتۇرۇپ يىيىلىۋاتقان تاماق، ئانامنىڭ كۆزلىرى تولا يىغىدىن ئىششىپ كىتىپتۇ. دادامنىڭ قاپاقلىرى ساڭگىلىغان، نۇمۇس كۈچىدىن بولسا كېرەك كۆزۈمگە قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈندى. ئىچىم ئاغرىپ ئۇلارغا قاراشقىمۇ، گەپ- سۆز قىلىشقىمۇ پېتىنالمىدىم. ــ ھە نوچى! ئەمدى نېمە ئىش قىلماقچى؟! - ئاكامنىڭ زەرد بىلەن قىلغان گېپىدىن بىر بۇلۇڭدا ئانامنىڭ مىچىلداپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. دادام ئېغىر- ئېغىر تىنىپ ئولتۇراتتى. ــ ... ــ ھەي، گەپ قىلمامسەن؟! قېنى ئۆتكەنكى نوچىلىقىڭ؟! بىز ماۋۇ يۇرۇتتا يۈزىمىزنى كۆتۈرۈپ يۈرۈيمىزمۇ- يوق؟ ئەۋلادىمىزدىن سەندەك زابوي چىققان ئەمەس! - ئۈن- تىنسىز ئولتۇرغىنىمدىن جىلى بولغان ئاكام ئالدىمغا يۈگرەپ كەلدى،ـ بەك نوچىتىڭغۇ گەپ قىلمامسەن!!،-ئۇنىڭ بىگىز بارمىقى كۆزۈمگە كىرىپ كىتىدىغاندەكلا بېشىم ئەتراپىدا پۇلاڭلاپ تۇراتتى. ئۇ مېنى ئۇرىۋالسىمۇ مەيلى دەيىتتىم، شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ ئىچى بوشاپ مەنمۇ يەڭگىللەپ قالاتتىم. ــ بولدى بالام ئۇنداق قىلما، ئۇكاڭمۇ كەيىپچىلىكتە ساراڭلىق قىلىپ قويۇپ ئىككى ھەپتىدىن بېرى ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرۈپ، ئەمدى قولىغا ئىسسىق بىر قاچا تاماقنى ئالدى... ــ بۇ ئۆزىنى كىم چاغلايدىكەن؟! بىز دېگەن زۇۋۇلىمىز كىچىك ئۈزۈلگەن خەق، ئارامىمىزدا يۈرۈپ سىڭگەن نېنىمىزنى يىمىسەك جاھاندارچىلىق قىلغىلى بولامدۇ؟ «كۈچۈكۈم كۈچۈكۈم دەپ بەرسە بىر نەرسىسىنى چىقىرىپتۇ» دەپ، ئائىلىمىزدىن چىققان تۇنجى داشۆسىڭ (ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى) دەپ كۆزىگە قارىغانسىرى قىلىق چىقىرىپ، مەكتەپتىكى چاڭچىلىسىنىمۇ ئاڭلىدۇق، ئەقلىنى تاپار دېسەك قىلىپ يۈرگەن قىلىقىنى! - ئۈن چىقارماي ئولتۇردۇم. ئۈن چىقىرىشقىمۇ نېمە ھەددىم؟! بىز ئەسلى ئۈچ ئوغۇل ئىككى قىز بەش بالا ئىدۇق. ئاكام ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئاچام بەش ياش ۋاقتىدا ئىشىكىمىز ئالدىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان كىچىك ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ كەتكەن، دادام- ئانام ناھايىتى يۇۋاش ئەمما ناھايىتى تەلەپچان كىشىلەر بولۇپ، بىزنى دائىم ھالال ياشاشقا ئۈندەپ نەسىھەت قىلاتتى. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى دادامنىڭ ئازغىنە ئىش ھەققىگە قاراشلىق ئىدۇق. كېيىن ئاكام دادامنىڭ ئىزىغا خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ دادامنىڭ پىنسىيە مائاشى بىلەن ئاكامنىڭ ئىش ھەققىگە ئائىلىمىزنى قامداپ كېلىۋاتاتتى، ئاكام تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا خىزمەتكە چىققان بولغاچقا ئۇ تۇرمۇشتا پىشقان، دادامدەكلا ھەممەيلەن ئۇنىڭ گىپىنى بىجانىدىل ئاڭلايىتتۇق. ــ ئەتە ئەتتىگەندىلا مەكتەپكە كىتەي، - سولاقخانىدا تۇرۇپ ئويلىغان خىيالىمنى بوش ئەمما كەسكىن دىدىم. ئۆينىڭ ئىچىدە يەنە بىر پەس جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. ــ تېخى تەتىلدىن يىغىلىدىغان چاغ بولمىسا، - سەل پەسكويغا چۈشكەن ئاكام تۇرۇقۇمغا قاراپ ئىچى ئاغرىدىمۇ قانداق داستىخاننىڭ يەنە بىر تەرىپىگە بېرىپ ئولتۇردى. ــ تەتىلدە ئۆيگە قايىتماي قۇرلۇشتا ئىشلەيدىغان، تىل ئۆگىنىدىغان بالىلار بار، مەنمۇ بالدۇرراق بېرىپ بىرەر ئىش قىلايمىكىن،ـ ئاۋازىم ئاخىرىغا كەلگەندە بوشاپ كەتتى. ــ ئاۋازىمىز تۆۋەن چىقىدىغۇ، مىجەزىمىز بوشمۇ نېمە؟! ــ ئۇنداق ئەمەس شۇ... سىلەرگە ئىش تېپىپ بەرگىنىمدىن... شۇنداق قىلىپ ئەتىسى ئەتتىگەندە مەكتەپكە قاراپ يولغا چىقتىم. بۇمۇ بىر ھېسابتا ياخشى بولدى. گۈلمېھرە توغرىلىق ھېچنەرسىنى ئاڭلىغۇم، بىلگۈم يوق، يۇرتتىمۇ سىرىتقا چىقىپ خەقنىڭ سۆز- چۆچەك قىلىشلىرىنىمۇ ئاڭلىمايمەن. ئۆزۈمنى قېچىپ كىتىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم. راست مەن قېچىپ كىتىۋاتاتتىم، رىئاللىقتىن ئۆزۈمنى قاچۇرىۋاتاتتىم، ھەممىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ كاللامنى سىلكىپ ياشاش ئۈچۈن كىتىۋاتاتتىم. ئاكامنىڭ دەپ بېرىشىچە ئابلىكىملەر يۈزىمىزنى تۆكتى دەپ ئەرز قىلىشقا تەييارلىق قىپتىكەن، دادام ئاكام يۇرتىمىزنىڭ بىرنەچچە يۈز ئابرويلۇق ئۆلىمالىرىنى يىغىپ ئۇلارغا ناماقۇللۇق چېيى قۇيۇپتۇ. ساقچى تەرەپكە تولا قاتراپ «نەچچە كۈن ياتسا مەيلى، ئەمما ئارخىپ تۇرغۇزمىساڭلار، كىيىنلىك ئىستىقبالىغا دەخلى قىلمىسا، ئوقۇۋاتقان مەكتەپ تەشكىلىنىڭ قۇلىقىغا يەتمىسە...» دەپ يېلىنىپتۇ. دادامغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. بىر قىزنى دەپ ئۆيدىكىلەرنى بۇنچە كۆپ دىشىۋارچىلىققا يۇلۇقتۇرغىنىمنى بىلمەي يۈرۈپتىمەن. كۆز ئالدىمغا قىشنىڭ سوغاقلىرىدا بىزنى توڭۇپ قالمىسۇن دەپ تۆت بالىنى قاتارى ياتقۇزۇپ، پايتىمىلىرىمىزنى مەشكە قاقلاپ قىزىتىپ پۇتىمىزغا يۆگەپ ئۆتۈكلىرىمىزنى كەيدۈرىۋاتقان دادام... يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىدا تونۇرغا بېشىنى تىقىپ پىياز يىمەيدىغان ئاكام ئىككىمىزگە يۈزىگە پىياز باسماي باشقىلارغا بىرخىل، بىزگە بىرخىل نان يېقىۋاتقان ئانام... ئالىي مەكتەپ چاقىرىق قەغىزىنى خىزمەتداشلىرىغا، دوسىتلىرىغا، قوشنىلارغا كۆز- كۆز قىلىپ خۇشاللىقتىن ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەن تا ھازىرغىچە ئايالىغا بىلدۈرمەي ئانام- دادامنىڭ سىرتىدا ماڭا ئوغۇرلۇقچە ئايرىم پۇل ئەۋەتىۋاتقان ئاكام... قاڭشىرىم ئېچىشقاندەك بولدى. قۇرلۇشتىمۇ ئىشلىدىم، جاپا- مۇشەققەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، يەۋاتقان نېنىمنىڭ قانچىلىك مۈشكۈلچىلىكتە قولغا كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندىم. ئوقۇش باشلاشقا نەچچە كۈنلا قالغان بولۇپ، ئىش تېپىپ قىلىش ئىمكانىيىتىمۇ قالمىغان، ئەمما نەچچە كۈن بىكار يۈرۈشتىن باشقا ئىشمۇ يوق ئىدى. بىر كۈنى بىر بېسىپ- ئىككى بېسىپ مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ قارشى تەرىپىدە ۋېلىسپىت رىمونىت قىلىدىغان خەنزۇنىڭ دۇكىنىغا بېرىپ قالدىم. ئۇ ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ ئۇنىڭ چاققان ھەرىكەتلىرىگە، قىلىۋاتقان ئىشىغا قىزىقىپ قالدىم. شۇندىن كىيىن ئارام كۈنلىرى ئۇنىڭ يېنىغا چىقىپ ئۇنىڭغا ياردەمچى ئېنىقراق قىلىپ ئېيىتقاندا شاگىرىت بولۇپ قالدىم. ئۇ مەندەك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى شاگىرىتلىققا قوبۇل قىلىپ ھەقسىز ياردەمچىگە ئېرىشكىنىدىن خۇرسەن بولسا، مەن ئارام كۈنلىرىدىكى زىرىكىشتىن قۇتۇلغىنىمغا، بىكارچىلىقتا بىھۇدە ئىشلارغا ئارىلاشماي ئارامىمدا يۈرگىنىمگە خۇشال ئىدىم. باشقا ئوقۇغۇچىلار كېلىشكە باشلىغاندا بىر كۈنى پاتىگۇل ئۆيدىكىلەر ئەۋەتكەن بىر يېشىك نان، بىرنەچچە قۇر كىيىم، خەت، پۇل قاتارلىقلارنى ئېلىپ مەكتەپكە مېنى ئىزدەپ چىقتى. ئۇنى كۆرۈپ نە خۇشال بولۇشنى نە خاپا بولۇشنى بىلمىدىم. خۇشاللىقىم ئۆيۈمدىكىلەرنىڭ سوۋغىلىرىنى كۆتۈرۈپ كەلگىنى بولسا، خاپىلىقىم ئۇنىڭ نەچچە يىللاردىن بېرى كەينىمگە خۇددى سايىدەك كىرىۋېلىپ گۈلمېھرەگە خاتا چۈشەنچە بېرىپ، مېنىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشىمغا سەۋەبچى بولغىنى ئىدى. نەرسە- كېرەكلەرنى ياتاققا ئەكىرىپ قويۇپ گەرچە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغۇم بولمىسىمۇ رەسمىيەت ئۈچۈن سىرىتقا تاماققا بىللە چىقىپ مەكتىپىگە يولغا سېلىۋەتمەكچى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇ پۇرسەتتە پاراڭلىشىپ كۆڭلۈمدىكى گەپلىرىمنى دىمەكچى، ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتنى ئايدىڭلاشتۇرىۋەتمەكچى بولدۇم. تاماق يەپ ئولتۇرۇپ كۆڭلۈمدە قىلچىلىكمۇ ئارىسالدىلىق يوق ھالەتتە گەپنى ئۇدۇللا قىلدىم. ــ بۇندىن كېيىن مېنى ئىزدەپ كەلمەڭ، باشقىلار خاتا چۈشىنىپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ قوشۇق تۇتقان قولى ئاغزىنىڭ يېنىدىلا قېتىپ قالدى. ــ باشقا يۈرگىنىڭىز بارمۇ؟ - ئۇ بۇ سوئالنى تولىمۇ ئوسال كەيپىياتتا سورىدى. ــ يوق. ــ ھېچ بولمىسا بىز يۇرتداشقۇ. ــ شۇنداق بولسىمۇ ئىزدىمەڭ! ــ گۈلمېھرەمۇ توي قىلىپ بولدىغۇ، - ئۇ نارازى بولغاندەك قارشىلىق بىلدۈردى. ــ نېمە دەپ گۈلمېھرەنىڭ گېپىنى قىلىسىز؟! - قەھرىم بىلەن ۋارقىرىدىم، ئەتراپىمىزدا تاماق يەۋاتقان باشقا ئۈستەلدىكىلەر ھەيران بولۇپ قاراشتى. ئۇنى ئورنىدىن تۇرۇپلا چىقىپ كېتىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما ئۇ كۆزلىرىدە لىغىلداپ قالغان ياشنى زورىغا بېسىپ ئولتۇرىۋەردى. ئۇ چىقىپ كەتمىگەندىن كىيىن مەن چىقىپ كېتىش نىيىتىگە كەلدىم. گەپمۇ تۈگىگەن تۇرسا، يەنە ئولتۇرۇش ئارتۇقچە ئىدى. ئۇ مېنىڭ قوپقىلى تەمشىلىۋاتقىنىمنى سىزىپ ئالدىراپ ئەمما يىغلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن تىرىشىپ گەپ باشلىدى. ــ ئىزدىمىسەم بولىدۇ. بىراق، شۇنى بىلىپ قېلىڭ، سىز گۈلمېھرەنى دەپ ئىشىكنى چېقىۋەتكەن بىلەن، مەن سىز ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلسا ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق ئىشنى قىلالايمەن. ئۇ ئىشتىن مېنىڭ يۈرىكىمنى ئېزىلمىدى، كۆڭلۈمنى ئازار يىمىدى دىيەلەمسىز؟ مەن سىزنى- سىز گۈلمېھرەنى ياخشى كۆرگەندىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرىمەن. بىرىنى ياخشى كۆرۈش گۇناھ ئەمەس... ئۇ گەپ قىلىۋىتىپ كۆزىدىن چۈشىۋاتقان ياشلىرىنى توسۇۋېلىشقا ئامالسىز قالدى. مەن شۇنچە باغرى تاش ئادەمدىمەنمۇ؟ مەن ئۆزۈمنىڭ نورماللىقىمدىن شۇ دەقىقىدە گۇمان قىلىپمۇ قالدىم. كۆز ئالدىمدا يىغلاپ ئولتۇرۇپ گەپ قىلىۋاتقان، شۇنچە يىل مەن ئۈچۈن جاپا تارتقان بىر قىزنىڭ كۆز يېشىغا خۇددى كىنو كۆرگەندەك قاراپ ئولتۇراتتىم. ئۇ چىقىپ كەتتى. بىر ھەپتە ھەتتا بىر ئايمۇ ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ كەلمىدى، كىرلىرىم دۆۋىلىشىپ تۇرىۋەردى. ياتاقداشلىرىممۇ پاتىگۇلنىڭ يوقاپ كەتكىنىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىشتى. مېنىڭ ئوي- خىيالىمدا ئۇ مېنىڭ ئۇنچىلىك گېپىمگە يوقاپ كەتمەيىتتى. نەچچە يىللاردىن بېرى مەن ئۇنى نەچچە- نەچچە يىغلاتقان ساۋاقداشلىرىم ئالدىدا مەسخىرىگىمۇ قويغان، ئەمما ئۇ بىر نەچچە كۈن،ئۇزۇن بولسا بىرەر ھەپتە ماي تارتىپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك مېنىڭ دېپىمنى چېلىپ يۈرىۋەرگەن ئىدى. ئۇنى يەنە شۇنداق قىلىدۇ، مېنى ئىزدەپ كېلىدۇ دەپ تامامۇ قىلىپ باقتىم، بىراق، ئۇ شۇ يۈتكەنچە سايىسىنىمۇ كۆرسەتمىدى. دەسلەپ بىر نېمەم كەمدەك، بىر نەرسەمنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك ھېسسىياتتا بولدۇم. شۇنداقتىمۇ ئىزدەپ بېرىشقا بوينۇم بارمىدى. چۈنكى مېنىڭ گۈلمېھرەدىن ئايرىلىپ قېلىشىمغا سەۋەب بولغان يەنە بىر ئامىل شۇ ئىدى. نۇمۇس كۈچىدىنمۇ ياكى بىر ئىشلاردىن بىراۋلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپمۇ ئېيتاۋۇر ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن قىشلىق تەتىلدىمۇ ئۆيگە قايىتمىدىم. ئوقۇشۇممۇ پۈتۈپ ناھىيە ئىچىدىكى نوقتىلىق ئورۇنغا خىزمەتكىمۇ چىقىۋالدىم، بۇ چاغدا گۈلمېھرە ئاللاقاچان ئانا بولۇپ، سەمىرىپ، چېھرىگە لاتاپەت قوشۇلۇپ، جەلىپكار چوكانغا ئايلانغان بولۇپ، پاتىگۇل بولسا يەنە بىر يىلدىن كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرەتتى. خىزمەت ئورنۇم مۇقىملىشىپ ئۆيدىكىلەرنىڭ كۆڭلى ئارامىغا چۈشكەندىن كېيىن مېنى توي قىلىشقا ئۈندەيدىغان گەپلەر كۆپىيىپ قالدى، كۆڭلۈمنى توختىتالمايۋاتاتتىم، ئۆيدىكىلەر ئالدىرايىتتى، شۇ تەرىزدە بىرنەچچە يىلمۇ ئۆتۈپ كەتتى، ئۇلارنىڭ ئالدىرىشىدىمۇ سەۋەب بار ئىدى. ئىنىم ماڭا ئۇلىشىپلا خىزمەتكە چىققان بولۇپ قىز تەرەپ بىلەن پۈتۈشۈپمۇ بولغان، پەقەت ماڭىلا قاراپ قالغان ئىدى. يەنە نېمىنى كۈتىمەن؟ ئاخىرى ماڭىمۇ ئائىلە، تۇرمۇش كېرەكقۇ؟ مەنمۇ ئەر تېخى ياشقۇ! كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنگەن خىزمەت، ئائىلە شارائىتى ياخشى بىر نەچچە قىزغا ئېغىز ئېچىپمۇ باقتىم، ئويلىمىغان يەردىن بەزىسى مېنىڭ ئەينى چاغدىكى تويدا چىقارغان مالىمانچىلىقىمدىن كۆز قورقۇتۇپ مېنى لۈكچەكتەك ھېس قىلدى بولغاي چىرايلىق رەت قىلدى. ئۆزى رازى بولغانلىرىنىڭ بولسا ئاتا- ئانىسى مېنىڭ سولاقخانىدىن ئىبارەت مەكتەپتىنىمۇ پۈتتۈرۈپ چىققىنىمنى نەزەردە تۇتۇپ قىزلىرىنى ماڭا بېرىشكە قەتئىي قارشى چىقتى. كىيىن بىلسەم تۇغقانلىرىممۇ مەن ئۈچۈن بىر نەچچە يەرگە بېرىپ بېقىپ نەتىجىسىز قايتىپ كەپتۇ. توي دېگەن بازارغا چىقىپلا سېتىۋالىدىغان مال سودىسى بولمىسا، مەنمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن خىزمەت شارائىتىم ياخشى ئادەم تۇرسام قاراپ تۇرۇپ دېھقان ياكى بىكارچى بىرى بىلەن توي قىلسام بولمايدۇ- دە. مېنىڭمۇ ئەتراپىمدا ئۆزۈمگە چۇشلۇق دوست- دۈشمەنلىرىم تۇرسا.مەن قوبۇل قىلغان بىلەن ئەتراپىمدىكىلەر ھەم تۇققانلىرىمنىڭ ئۇ چاغنىڭ شارائىتىدا قوبۇل قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى . بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن خىزمەت ئىشى بىلەن سىرىتقا چىقىپ چوڭ يولدىلا پىيادە كېتىۋاتقان پاتىگۇل بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدىم. ئۇ باشقىچە رەڭ تۈزەپ قالغاندەك قىلاتتى. ــ قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى. ــ ياخشى، ئۆزىڭىزچۇ؟ ــ مەنمۇ ياخشى. خىزمەتلىرىڭىز قانداقراق؟ ــ خىزمىتىممۇ كۆڭۈللۈك. ــ ھە، - ئارىمىزدا دىيىشكىدەك گەپمۇ قالمىغاندەك قىلاتتى. ــ ماڭا تېگەمسىز؟ - كاللامغا لىپ قىلىپ كەلگەن گەپنىڭ ئاغزىمدىن بۇنچە تېز چىقىپ كېتىشىنى ئۆزۈممۇ ئويلىمىغان ئىدىم. ھەتتا ئۇنىڭ پۈتۈشكىنى بار- يوقلىقىنى بىلمەيلا. ــ نېمە؟! - ئۇ ھەيران بولۇپ قادىلىپلا قالدى. ــ خالىمىسىڭىز بوپتۇ، - بىر خىل ئوسال كەيپىياتتا ۋېلىسپىتنى مىنىشكە تەييارلاندىم. ــ قەيسەر! - ئۇ كەسكىنلىك بىلەن مېنى توختاشقا مەجبۇر قىلدى، - چاقچاق قىلىۋاتامسىز ياكى...؟ ــ تويمۇ چاقچاق قىلىدىغان ئىشمۇ؟ ئۇنىڭ يۈزى قىزىرىپ، لەۋلىرى يەڭگىل تىتىرەشكە باشلىدى. ــ ئەگەر چاقچاق قىلمىغانلا بولسىڭىز ئۆيىڭىزدىكىلەرنى بىزنىڭ ئۆيگە ئەۋەتىڭ. باشقا قىزلارنىڭ ئالدىدا شۇنچە مۇرەككەپ تويۇلىدىغان ئىش مانا مۇشۇنداق ئاسانلا ھەل بولدى. توغرا قىلغان ياكى خاتا قىلغىنىمنى بىلمەي دىلىغۇللۇقتا يەنە بىر نەچچە كۈننى ئۆتكۈزىۋەتتىم. ئۆيدىكىلەر ئىنىمنىڭ ئىشى ئۈچۈن قىز تەرەپكە دوستىخانمۇ ئاپىرىپ بولغان ئىدى. ئۆيىمىزدە يەنە بىر قېتىم غۇلغۇلا بولغاندىلا پاتىگۇلنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان گەپنى ئوتتۇرىغا چىقاردىم. پاتىگۇلنى بۇرۇندىنلا بىلىدىغان ئاتا- ئانام، سىڭلىم خۇشاللىقىدىن ئولتۇرالمايلا قالدى. ئۇلارچە بولسا بۈگۈنلا باراتتى. ئەتىسى ئۇلارنىڭكىگە كەتكەن تۇغقانلار خېلى ئۇزۇندا كەلدى. ئاڭلىسام ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى قوشۇلماي پاتىگۇل «قەيسەردىن باشقا كىشى بىلەن توي قىلمايمەن» دەپ تۇرىۋالغاچقا ئامالسىز ماقۇل بولغانلىقىنى دىيىشتى. بۇ گەپنى قانچە تېز دىيىشكەن بولساق، تويمۇ شۇنچە تېز بولدى. ئىنىم بىلەن بىر كۈندە قوش توي قىلدۇق. ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن ئادەم ماڭا- مېنىڭ ھەم چىرايلىق ھەم ياخشى قىزغا ئۆيلىنىۋالغانلىقىمغا ھەۋەس قىلىشتى. ئەمما، مېنىڭ نەزىرىمدىكى، ئۆلچىمىمدىكى قىزلار گۈزەللىكى گۈلمېھرەدەك بولغاچقىمىكىن ئايالىم ئادەتتىكىدەكلا كۆرۈنەتتى. بۇ توينى مەن خۇددى ۋەزىپىنى ئادا قىلىش، ئىنىمغا يول ئېچىش، ئەتراپىمدىكىلەردىن خىجىل بولۇپ، مېنىڭمۇ توي قىلالايدىغانلىقىمنى، ماڭىمۇ قىزلار رازىلىق بېرىپ ئۆيۈمگە كىرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈنلا قىلغاندەك؛ توي قىلىپ يېڭى مۇھىتقا يۈزلەنگەندەك ھېسسىياتىممۇ يوق، كاللامدا مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەتلەر نېمە ئىش قىلسۇن، ئۇنىڭ ئەتراپىمدا پاي- پېتەك بولۇپ بىر كۈن خىزمەت قىلىپ ھېرىپ- ئېچىپ كەلگىنىگە قارىماي مېنىڭ ئاغزىمغا قاراپ تاماق ئېتىپ، مېنىڭ كۆزۈمگە قاراپ پەرۋانىدەك خىزمىتىمدە بولىۋاتقىنىمۇ ئادەتتىكى ئىشتەك بارلىق ئاياللارغا ئوخشاشلا ئاياللىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقاندەكلا تۇيىلاتتى. مېنىڭ ئەمدىكى خىيالىم بولسا بىرەر ئىش قىلىپ كۆپ پۇل تېپىش ياكى پۈتۈن ئىشتىياقىم بىلەن خىزمەتكە بېرىلىپ يوقىرى- تۆۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى ياخشىلاپ يوقىرى ئۆرلەش ئوچۇقراق قىلغاندا باشلىق بولۇش ئىدى. چۈنكى مېنىڭ رىقابەتچىم ئابلىكىم مۇشۇ كۈنلەردە ئەينى چاغدا گۈلمېھرە ئىشلىگەن يېزىلىق شىپاھخانىغا مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى بولۇپ ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، دادىسى سەھىيە ئىدارىسىدا باشلىق، گۈلمېھرە ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا تاشقى بۆلۈم سېستىراسى. ھەرقاچان ئۇ خىيالىمغا كەلسە ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلغىم، ئۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرۇشنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. نۇرغۇن ئويلىنىشلاردن كېيىن قولۇمدىن كېلىدىغان ھۈنەرنى يەنى ۋېلىسپىت رىمونىت دۇكىنى ئېچىشنى نىيەت قىلدىم. مېنىڭ بۇ قارارىم پاتىگۇلنى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى. ــ نېمە، رىمونىت دۇكىنى ئاچىمەن دىدىڭىزما؟! - ئۇ ماڭا بىر ھازا تىكىلىپ تۇرىۋەتكەندىن كىيىن، - سىز دېگەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئىستىقباللىق كىشى تۇرسىڭىز. ــ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئادەم تىجارەت قىلىپ پۇل تاپسا بولمامدىكەن؟ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئادەمنىڭ قورسىقى ئاچمامدىكەن؟ مەن ئوغۇرلۇق قىلىمەن دىگەندەك نىمانداق چۆچۈيدىغاندۇ!ـ گپىمنىڭ ئاخىرىنى غودۇراپ ئاخىرلاشتۇردۇم. ــ دېگىنىڭىزغۇ توغرا، - ئۇ مەندىكى ئەستايىدىللىقتىن بەكرەك جۇدۇنۇمنىڭ تۇتۇپ قېلىۋاتقانلىقىدىن ئەيمەندىمۇ قانداق ماڭا ياخشىچاق بولۇشقا ئۇرۇندى،ـ مەن دەيمەن، غۇرۇرىڭىزنىڭ كۈچلۈكلىكىنى بىلىمەن، شۇڭا... گەرچە ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۇتۇۋەتكەن بولسىمۇ، مەن تولىمۇ تەستە ئۆتكەن ئۆتكەلنى ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويماقچى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيىتتىم. شۇنداقتىمۇ پېتىمنى بۇزماستىن: ــ ئەگەر نۇمۇس قىلسىڭىز ئانىڭىزنىڭكىگە بېرىپ ئولتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ،ـ دىدىم بارچە توقۇمنى ئۇنىڭغا بىراقلا ئارتىپ. ــ مەن دېگەن سىزنىڭ ئايالىڭىز، يەنە كېلىپ ئۆزۈم خالاپ بۇ ئۆيگە كىرگەن، ھالال ئىش قىلىپ ئائىلىمىزنى ياخشى كۈنگە ئۇلاشتۇرىمەن دېسىڭىز ئەڭ ئاۋۋال قوللايدىغان ئادەم مەن. پەقەت شۇ سىزنى كىيىن قوبۇل قىلالماي قالارمۇ دەپ سىز ئۈچۈن ئەنسىرەپ دەۋاتىمەن. ــ قوبۇل قىلالمىسام دىمەيىتتىم. ــ ئۇنداق بولسا... - ئۇ بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كىيىن چىرايىمغا ئەيمىنىپ قاراپ قويۇپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى، - قانچىلىك مەبلەغ كېتىدىكەن ھېسابلاپ باقسىڭىز مەن... مەن بىزنىڭ چوڭ ئۆيدىكىلەرگە دەيمۇ؟! گەرچە ئۇنىڭ قولىغا قاراپ قېلىشنى خالىمىساممۇ ئۇنىڭدىن باشقا چارەممۇ يوق ئىدى، ئاتا- ئانام دادامنىڭ ئازغىنە پىنسىيە مائاشى بىلەن بىزلەرنى ئوقۇتتى، يەنە كېلىپ ئىككى ئوغۇلنى بىراقلا ئۆيلىدى، ئەمدى سىڭلىمنى ئوقۇتىۋاتىدۇ. بىز ئۈچ ئوغۇل ئازغىنە ياردەم قىلغاندىن باشقا جىق ئىش قىلىپ بىرەلمىدۇق، توي قىلغىلى ئۇزۇن بولمىغاچقا ئۆزىمىزنىڭ قولىدىمۇ قورساقتىن ئېشىنىپ ئارتۇقچە نەرسىمۇ يوق ئىدى. ئىشلىرىم ھەقىقەتەن ئوڭ كېلىشكە باشلىدى. دەسلەپ ئىش باشلىغاندا نۇرغۇن ئادەم بولۇپمۇ دىمەتلىكلىرىم، ئاغىنىلىرىم كۆڭلۈمنى ئاياپ ئانچە- مۇنچە رىغبەتلەندۈرگەندەك قىلغان بىلەن ماھىيەتتىن كەمسىتكەندەك، ياراتمىغاندەك تۇيغۇدىمۇ بولۇشقان ئىدى. ئارام ئېلىش كۈنلىرىدە دۇكىنىمنىڭ ئالدى بىر ئاۋات بازارغا ئايلىناتتى. بىكارچى دوستلىرىم، ئىشى يوق تونۇشلار توپلىشىپ جاھاندىكى يېڭىلىقلارنى سۆزلىشىپ كەچ قىلىشىدىغان، شۇ باھانىدا دۇكىنىمغا يېڭى ۋېلىسپىت سېتىۋېلىپ چوڭ رىمونىت قىلدۇرۇپ مىنمەكچى بولغان قىز- چوكانلارغا قاراپ كۆزىنىڭ پىتىنى ئۆلتۈرۈپ ئۆز كۆڭلىنى خۇش ئېتىشىدىغان، ۋېلىسپىتى بۇزۇلۇپ قالغان خانىملارغا ئانچە- مۇنچە چاقچاق قىلىپ ئارام كۈنلىرىنى كۈلكە بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سورۇنغا ئايلىنىپ قالدى. ئىلگىرى- كىيىن بولۇپ ئۈچ شاگىرىت قوبۇل قىلدىم. بارا- بارا چوڭ شاگىرتىم ئادەتتكى كۈندە مەن بولمىساممۇ ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىۋىرىدىغان بولغاچقا بۇ سادىق شاگىرتىمنىڭ دۇكاننى ئۆز ئالدىغا باشقۇرىۋاتقىنىدىن باشقىچە يەڭگىللەپمۇ قالدىم. پاتىگۇلنىڭ ئاي كۈنى يېقىنلاپمۇ قالدى. دادا بولۇش ئالدىدا تۇراتتىم. مەن باشقا دوستلىرىمغا ياكى ئەتراپىمدىكىلەرگە ئوخشاش ئۇنى پەپىلەپ كۆزىگە قاراپمۇ كەتمىدىم، شۇنداقلا «دادا بولىدىغان بولدۇم»دەپ سەكرەپ خۇش بولۇپمۇ كەتمىدىم. ئايالىم ئاي كۈنى توشۇپ بىر قىز تۇغدى. قىزىمغا قاراپ قەلبىمدە بىر ئىللىق سېزىم قوزغالغان بولسىمۇ نېمىشقىكىن خۇددى ئەتراپىمدىكىلەرگە «قىز» دېسەم ئۇياتلىق ئىش قىلغاندەك ئۆز- ئۆزۈمدىن خۇدۈكمۇ بولدۇم، دوختۇرلارنىڭ دىيىشىچە ئانا- بالا قىيىن تۇغۇتقا دۇچ كەلگەچكە ياتاقتا يېتىپ داۋالانمىسا بولمايدىكەن. ئىككىنچى كۈنى كەچتە دۇكاندىن كەچرەك يېنىپ توخۇ شورپىسىدىن بىرنى كەچ بازاردىن ئېلىپ ئۇلارنى يوقلاپ كەلسەم قېيىن ئانام ئۆيدە ئىشى بارلىقىنى بىردەم تۇرۇپ تۇرىشىمنى تاپىلاپ ئۆيگە كەتتى. ئۇ قايتىپ كەلگەندە خېلىلا كەچ بولۇپ كەتكەن بولۇپ، مەنمۇ يەنە بىردەم ئولتۇرۇپ قايىتماقچى بولدۇم. يالغۇز ئۆيگە بارساممۇ ئىشىم بولمىغاندىكىن قىزىمغا نېمە دەپ ئىسىم قويۇشنى دىيىشىپ ئىسىم تاللاپ سىرىتقا چىقسام ئەتراپ تۈن قاراڭغۇلىقىغا چۆمۈپ جىمىپ كىتىپتۇ. بالىنىست بىناسىدىن چىقىپ ئىككى تەرىپىگە قويۇق دەرەخ ئۆستۈرۈلگەن ئۇزۇن يولدىن چوڭ يولغا چىقىدىغان دەرۋازا تەرەپكە قاراپ كىتىۋاتاتتىم. ــ قەيسەر! تولىمۇ تونۇش، يېقىملىق ئاۋاز. ۋېلىسپىتنى شۇنداق تىز تورمۇزلاپ ئەتراپقا قارىدىم. جىمجىت. شۇ دەقىقىدە كاللامغا «يالىت» قىلىپ «جىنمۇ نېمە؟ بۈگۈن كۈنگە نېمىدۇ؟ توغرا سەيشەنبە، ئاڭلىشىمچە جىن- ئالۋاستىلار مۇشۇنداق كۈنلەردە ئادەمنىڭ يېقىنى سۈپىتىدە پەيدا بولارمىش» تېنىمنى سوغۇق تەر باسقاندەك سول پۇتۇمنى پىدالغا ئاپاردىم. ــ قەيسەر! توختاڭە، مەن گۈلمېھرە. ئارقامدىن كېلىۋاتقان ئاۋازدىن بۇرۇلۇپ قارىدىم. دەرەخنىڭ ئارىسىدىن سۇس يورۇپ تۇرغان چىراق نۇرى ئاستىدا گۈلمېھرە كۆرۈندى. قۇلاقلىرىمغا، كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. باياتىنقى «جىنمۇ نېمە؟» دېگەن خىيال يەنە بىر قېتىم «لىپ» قىلىپ پەيدا بولدى. شۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدە ئۇ گۈلمېھرە سۈرەتلىك جىن بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە، پاراڭلىشىشقا رازى ئىدىم. ئەمما ئۇ ھەقىقەتەن گۈلمېھرە ئىكەن. خۇددى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكىدەكلا يۈرىكىم سېلىشقا باشلىدى. شۇ تاپتا ئۆزۈمنى بىر بالىنىڭ دادىسى ئەمەس تولۇق ئوتتۇرىدىكى چاغلىرىمدىكىدەك ھېس قىلىۋاتاتتىم. ــ تېچلىقمۇ؟ - ئۇ سەل تارتىنىپقىنە گېپىنى داۋاملاشتۇردى، - قورقۇم كېلىپ چوڭ يولغا قانداق چىقارمەن دەپ تۇرسام سىز ئۆتۈپ قالدىڭىز، شۇمىدۇ ئەمەسمىدۇ دەپ تەۋەككۇل قىلىپلا چاقىرسام راست سىزكەنسىز، بۇنچە كەچتە دوختۇرخانىدىن چىقىۋاتىسىزغۇ؟ ــ پاتىگۇل يەڭگىگەن. ــ ھە، دادا بوپسىز- دە، مۇبارەك بولسۇن، قىزمۇ- ئوغۇلمۇ؟ ــ قى... قىز، - بۇ گەپنى شۇنداق تەستە ئېغىزىمدىن چىقاردىم، ئەمما ئۇنىڭ ھېچ بىر خىيالىدا يوق مېنى تەبرىكلەپ كەتتى. ــ نېمە دىگەن ياخشى! تەلىيىڭىز باركەن. ــ تەلەيلىك دەپ سىزنى دېسە بولىدۇ، بىر جۈپ ئوغۇل بىر جۈپ قانات دېگەن گەپ. كەچ قاپسىزغۇ؟ - گەپتىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ دەرھال تېمىنى يۆتكىدىم. ــ بىر خىزمەتدىشىمنىڭ ئىشى باركەن، شۇنىڭغا ئالمىشىپ بەرگەن ھازىر كىيىنكى بەنگە (ئىسمىنا) ئىش ئۆتكۈزۈپ چىقتىم. ــ ئەجەپ كەچ ئىشتىن چۈشىدىكەنسىلەر؟ بالىلىرىڭىزنىڭ دادىسى ئالغىلى كەلمەپتىغۇ؟ ــ ئۇ... ئۇ ئۆيدە يوق ئىدى. ئىنىم كىلىمەن دېگەن، ۋېلىسپىتنى بېرىپ يېنىپ كەلگەنتىم، ھېچ كەپ بولالمايدىغۇ. دەرۋازا ئالدىغىمۇ بىردەمدىلا چىقىپ قالدۇق. چوڭ كوچىدا ئادەملەر ھەقىقەتەن شالاڭلاپ كەتكەن بولۇپ، ھەر ئىككى ئىستولبىنىڭ بىردىن چىرىقى يورۇپ تۇرغان سۇس يورۇقلۇق ئىچىدە كوچىنىڭ جىملىقى ئادەمنى سەل سۈر باستۇراتتى. ــ ئەمدى سىز كېتىۋىرىڭ، ماڭغاچ تۇرسام ئىنىممۇ ئالدىمغا ئۇچراپ قالار. ــ مەن... مەن ئاپىرىپ قويسام... ئەگەر ئىنىڭىز ياكى ئۆيدىكىلەر چىقىپ قالسا قانداق ئويلاپ قالار؟ - ئۇنى بۇنداق جىمجىت قاراڭغۇلۇققا يالغۇز تاشلاپ قويۇشقا ھەقىقەتەنمۇ كۆڭلۈم ئۇنىمايىتتى. ــ سىزنىمۇ ئاۋارە قىلماي، بۇنداق ئىشلارغا مەن كۆنۈك، كېتەلەيمەن. ــ بۇ يەردە تارتىشىپ تۇرىۋەرمەيلى، مىنىڭە مەن ئاپىرىپ قوياي، بۇ ھالدا بەرىبىر مەن سىزنى تاشلاپ كېتەلمەيمەن. بىردەم تالاش- تارتىش قىلغاندىن كىيىن ئۇ ئارقامغا مىنگەشتى. ئىمكان بار ئادەم كۆرمەيدىغان قاراڭغۇلۇق تەرەپكە ھەيدەپ كىتىۋاتاتتىم. ئۇنى شۇ سۆرىگەنچە يىراق- يىراقلارغا، تاڭ ئاتقۇچە يەنە نەچچە كېچىلەر سۆرەپ ماڭساممۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمايدىغاندەك روھلۇق ئىدىم، قېرىشقاندەك يول شۇنچە ئاسان ئاخىرلىشىۋاتاتتى. ــ ئانامنىڭ ئۆيىگە، چوڭ ئۆيگە بارىمەن، بالىلار شۇ يەردە ئىدى،ـ ئۇ تۆت ئاچال يولغا كەلگەندە ماڭا مېڭىش يۆنىلىشىنى دەپ بەردى. ــ بالىلىرىڭىز خېلى چوڭ بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن؟ ــ ھەئە، چوڭى بۇ يىل مەكتەپكە كىردى. كىچىكى يەسلىدە. ــ نەچچە كۈندە بىر مۇشۇنداق نۆۋىتىڭىز كېلىدۇ. ــ ئۆگۈنلۈككە ئۆزۈمنىڭ نۆۋىتى، يەنە مۇشۇنداق چاغدا ئىشتىن چۈشىمەن. ئادەتتە ھەپتىدە بىر شۇنداق. ئىش ئالىدىغان ۋاقىتتا ئەكىلىپ قويىدۇ، ئىش ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان چاغدا ئەكەتكىلى كېلىدۇ. ــ قېيىن ئاتىڭىز دوختۇرخانىنىڭ ئىچىدىن ئۆي ھەل قىلىپ بەرسە بولمامدۇ؟ - ئۇنىڭ جاپاسىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ ئارزۇيۇم ۋە نارازىلىقىمنى دېمەي تۇرالمىدىم. ــ شۇ...، - ئۇ سەل ئوڭايسىزلانغاندەك تۇرىۋېلىپ جاۋاب بەردى، - نەچچە ۋاقىتتىن بىكار ئۆي يوق ئىكەن، يېقىندا بىرسى بىكار بوپتۇ دىيىشكەن. ئۇنى ئانىسىنىڭ ئۆيىنىڭ دوقمۇشىغىچە يەنى مەن ئەينى چاغدا قاچان چىقار دەپ تاقەتسىزلىنىپ ئۇدا ئىككى كۈن ساقلىغان كوچىغا ئەكەلگىچە ھېچ كىشى ئۇنى ئالغىلى كەلمىدى. شۇنداق قىلىپ ئايالىم بىلەن قىزىم دوختۇرخانىدىن چىقىپ بولغىچە پەيتىنى ساقلاپ ئۇنى ئۈچ قېتىم ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدۇم. كىيىن بىلسەم ئۇ ئابلىكىم بىلەن يامانلىشىپ قالغان بولۇپ، ئۇ بالىلىرى بىلەن ئانىسىنىڭكىدە تۇرىۋاتقان ئىكەن. ئوي خىيالىم يەنە چېچىلىشقا باشلىدى. بەڭباش كۆڭلۈم ئۇنى تارتىپلا تۇراتتى. ئۇنىڭ قايسى كۈنى قانداق ئىسمىنىدا ئىشلەيدىغىنىمۇ ماڭا يادا بولۇپ كەتتى. ئۇمۇ بۇرۇنقىدەك تارتىنىپ تۇرماي ئەگىشىدىغان، گەپلىرىمىز تۈگىمەيدىغان بولۇپ قالدى. قىزىم بىلەن ئايالىمنىمۇ ۋەزىپە ئۈچۈنلا ئىككى- ئۈچ كۈندە بىر يوقلاپ تۇردۇم. ئەگەر گۈلمېھرە شۇ يامانلىغانچە ئاجرىشىپلا كېتىدىغان بولسا مەن ئالدى- كەينىمگە قارىماي يېڭى تۇرمۇشۇمنى باشلاشقىمۇ رازى ئىدىم. ئەمما، ئويلىمىغان يەردىن بىر كۈنى ئۇ ئابلىكىمنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئۇنى ئەكەتكەنلىكىنى، پات يېقىندا دوختۇرخانىدىكى ئۆيگە كۆچۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى دېگەندە كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى. ئۇمۇ قىيالمىغاندەك بىرخىل كەيپىياتتا تۇراتتى. ئۇنى ئابلىكىمنىڭ يېنىدا، ئابلىكىمنىڭ ئۆيىدە... خىيالىمغا كەلسىلا رەشىكتىن پۇچىلىنىدىغان، ئېسىمگە ئۆتكەن بىر ئاخشامدىكى ئىش كەلسىلا تېخىمۇ تولغىنىدىغان ئەينى چاغدىكى جۈرئەتسىزلىكىمدىن ئۆزۈمنى ئەيىبلەيدىغان بولۇپ قالدىم. بىر كۈنى كەچ ئۇ ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن كۆرۈشتۇق... ئۇنى باغرىمغا شۇنچە چىڭ باستىم، ئۇ تىنالماي قالدى. «ئەينى چاغدا ماڭا مەسلىھەت سالغىچە ئېلىپلا قاچسىڭىز بولماسمىدى... ۋاي سەت... ئاجايىپ ئادەمكەنسىزغۇ سىز... پاتىخاننى سىزگە نېمانچە كۆيىدىغاندۇ دېسەم ئەسكىنىڭ ئوتى يامان دەپ راستمۇ نېمە؟ ...» قۇلىقىمدىن كىرگەن پىچىرلاشلار سىمابتەك سىرغىپ يۈرىكىمنى ئىرىتىۋەتتى. كونا خامانغا ئوت كەتتى. شامال چىقسىلا يالقۇنجايدىغان ئۇچقۇنغا ئوخشايىتتىم. ئۇنىڭ تا ھازىرغىچە ئەينى چاغدا ئۇلارنىڭ تويىدا چىقارغان مالىمانچىلىقىم تۈپەيلى «ياغلىق قاپاق» بولۇپ «دىكتاتۇرا» ئاستىدا ياشاپ كەلگەنلىكىنى بىلگىنىمدە شۇ يىللاردا كۆل بويىدىكى ئالقىنىمدىكى قۇشنى قاچۇرۇپ قويغىنىمدىن ئۆكۈنمەيدىغان چاغلىرىم ئىنتايىن ئاز ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن ئۇنىڭغا «قاچان قانداق شارائىتتا بولماڭ بىھۇدە ئازار يەپ قالسىڭىز، كۆڭلىڭىز تارتمىسا ئۇ ئائىلىدىن دادىل قايتىپ چىقىڭ، ھەرقاچان سىزنى بېشىمغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ئەزىزلەيمەن» دەپ ۋەدە بەردىم. بۇ ئېغىزىمدىكى سۆز بولماستىن چىن يۈرىكىمدىن چىققان ۋەدە ئىدى. راسىت، مەن قىلالايىتتىم، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كېچىشكە، ھەممىنى قايتىدىن باشلاشقا تەييار ئىدىم...
X X
ــ دادامنى ئات ئىتىمەن،ـ ئوغلۇمنىڭ يۈگرەپ كىرگىنىچە ئۈستۈمگە ئۆزىنى ئاتقىنىنى كۆرگەن ئايالىم قايناپلا كەتتى. ــ ماۋۇ بالىنىڭ قىلغان قىلىقىنى، باشقا كۈنى مەكتەپكە كىچىكىپ قالمىسۇن دەپ نەچچە ئويغاتسا قوپمايدۇ، مانا ئەمدى ئاران بىر كەلگەن ئارام كۈنىدە ئۇخلىۋالسۇن دېسە دادىسىنىمۇ ئارام ئالدۇرماي كىرىۋالغىنىنى. ــ مەن دېگەن دادامنىڭ ساقچىسى، دادامنى بېقىپ تۇيمىسام، مېنى ئالماي يىمونىتخانىغا كېتىدۇ. ــ قوۋۇرغامنى ئەگمەي چۈشە ئاداش، ئاۋۋال مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ «ر» نى جايلاپ دىيىشنى ئۆگىنە، - ئايالىم كۈلگەنچە كىچىك ئۈچ بۇرجەك كۇسار بىلەنلا ئۈستۈمگە يامىشىۋاتقان ئوغلۇمنى تارتىۋالغىلى قولىنى ئۇزىتاتتى. ــ مەن خوتۇن كىشى بىلەن ئاداش بولمايمەن، شۇنداما دادا؟ مەن دېگەن دادام بىلەن ئاداش،ـ ئوغلۇم خۇشامەت قىلىپ بوينۇمدىن قۇچاقلاپ ماڭا پاقىدەك چاپلىشىۋالدى. ئۇنىڭ تاتلىق قىلىقلىرىدىن تېنىم يايراپ يوتقانغا سولاپ بوغۇشقا باشلىدىم. ئادەم بالىسىمۇ شۇنچىلىك تاتلىق بولىدىكىنە، ئۇنى سۆيۈپ قانمايىتتىم، بوغۇشۇپ، ئوينىشىپ ھارمايىتتىم، ۋاراڭ- چۇرۇڭدىن چىرايلىق كۆزلىرىنى ئۇۋلاپ قىزىم كىرىپ كەلدى. ئويۇن مانا ئەمدى رەسمىي باشلاندى. شۇ تۇرقىدا ئۇلارنى يىۋەتسەممۇ باغرىم قانمايدىغاندەك قىلاتتى. ئايالىمنىڭ «يوتقاننىڭ پاختىسىنى بۆلۈۋەتتىڭلار!»، «خۇلۇم- خوشنىلار، ئاستى- ئۈستىدىكىلەر ئاڭلىسا نېمە دەپ قالىدۇ؟ ... شىڭچى بولغاندىكىن بىردەم ئۇخلىساڭلار بولماسمىدى...» دەپ ۋايساشلىرىنى ئاڭلاپ بىر كۆز ئىشارىسى قىلىۋىدىم، ئىككى بالام مەن ئۈچەيلەن پاتىگۇلغا تەڭلا ھۇجۇم قىلدۇق. ئۇنىڭ قىچىقى يامان بولۇپ، بىرىمىز پۇتىنى، بىرىمىز قورسىقىنى، يەنە بىرىمىز قولتۇقىنى قىچىقلاپ ئۇ دېگەن «توڭگۇز توپىقىنى» رەسمىي چىقاردۇق...
X X
گەرچە گۈلمېھرە باللىرىنى ئېلىپ ئېرىنىڭ ئۆيىگە كىتىپ ماڭا ‹‹ئىلتىپات››كۆرسۈتۈپ تۇرۇشنى ئۇنتۇلۇپ قالمىغان بولسىمۇ نىمىشقىكىن چىدىمايۋاتاتتىم ، ئابلىكىمگە ئۆچلۈكۈم كىلىپ كىچىللىرى رەشىكتىن تولغۇناتتىم،ئۇنىڭ مەندىن باشقا بىر ئەرنىڭ بوسوغۇسىدىن كىرىپ-چىقىۋاتقىنىنى،بىر ياستۇققا باش قويىۋاتقىنىنى ئويلىساملا بىر ئەسەبىيلىك ئىچىمدە قۇتراپ ئارامىمنى بۇزۇپ،خىزمەتتە ياكى رىمۇنۇتخانىدا بولمىسۇن كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈنمۇ چېچىلىپ تىرىكھەتتىم. پاتىگۇلنى قىزىم بىلەن قېيىن ئانامنىڭ ئۆيىگە يۆتكەپ ئەتىسى چۈشكە يېقىن پاتىگۇل تىلفۇن قىلىپ ‹‹چوڭلارنىڭ دىيىشىچە قىزىمىزغا بىز تاللىغان ئىسىمنىڭ كىتاپ مەنىسى تازا ياخشى ئەمەس ئىكەن ،شۇڭا ئۆيدىكىلەر قەيسەرجانغا مەسلىھەت سەپ باقسىڭىز بالىنىڭ ئىسمىنى دادىسىنىڭ ئىسمىغا يېقىن كەرىمە دەپ ئۆزگەرىتسەك قانداق بولا دەيدۇ ؟››دىدى. بۇ ئىشلار مەن ئۈچۈن ئالاھىدە بىلىنمىگەچكىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ پىكىرىنى توغرا دەپ ئويلۇدۇممۇ ئارتۇقچە ئويلاپمۇ ئولتۇرمايلا : ‹‹مەيلى،چوڭلارنىڭ دىگىنىدەك بولسۇن›››-دىدىم. چۈشتىن كىيىن نىمىشقىكىن تۇرۇپلا گۈلمىرە بىلەن كۆرۈشكۈم،پاراڭلاشقۇم ھىچ بولمىغاندا ئاۋازىنىمۇ بولسا ئاڭلۇغۇم كەپ قالدى.خېلى ئۇزۇن ئويلۇنۇپ تىلفۇن قىلسام تىلفۇننى بىر ئايال ئېلىپ ‹‹ كەچتە ئىرىنىڭ دوسلىرى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كەلمەكچىكەن رۇخسەت سوراپ كەتكەن››دىدى.‹‹ئىرى››دىگەن گەپنى ئاڭلاپلا ئاچ قورساققا لازا يۈتىۋالغاندەك بولۇپ قالدىم. ئىشخانىدا ئىشمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى،ئەركىنگە تىلفۇن قىلسام ئۇمۇ ئالدىراش ئەمەسكەن،بىردەم‹‹گۇڭۇر-مۇڭۇر››پاراڭلىشىش ئۈچۈن كۆرۈشتۇق. گەرچە كۆپ ئىچمىگەن بولساقمۇ نەچچە سائەت ئولتۇرۇپ ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتى،خىزمەت،ئۆي مەسلىسى،ئائىلە،مال باھاسى،ساۋاقداشلار ھەتتا قىز – چوكانلار قاتارلىق بىز تىلغا ئالمىغان تىما ئاساسەن قالمىغاندا سىرىتقا چىقتۇق.بۇ چاغدا گۇگۇم پەردىسى ئەمدىلا يېپىلىشقا باشلىغان بولۇپ ئەركىن مىنى ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭدى،ئۇنىڭ موتىسكىلىتىنىڭ كەينىدە مىنگىشىپ ئولتۇرۇپ خوتۇن –بالامنى يوقلاپ كىلىشنى ئويلاپ قالدىم ،شۇنىڭ بىلەن نىشاننى ئۆزگەرتىپ ئەركىننى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ مەن ئۇنىڭ موتىسكىلىتىنى ئېلىپ پاتىگۇلنىڭ يېنىغا قاراپ ماڭدىم،ئەتتىگەندىن بىرى خىيالىمغا كەلمىگەن ئىش ھاراقنىڭ كەيپى بىلەن كاللامنى قىززىتىپ بۇگۈنلا بېرىپ ئىچىمنى بوشۇتۇشۇمنى دەۋەت قىلىپ تۇراتتى. يوغان دەرۋازىنى ئېچىپ بەرگەن ئاتام بىلەن ھاراق پۇراپ تۇرغان تىنىمنى قاچۇرۇپ تۇرۇپ كۆرۈشۈپ ئۇدۇل پاتىگۇل ياتقان ئۆيگە كىردىم.ئۇ قېيىن ئانام بىلەن قىزىمنىڭ بەدىنىگە ئۇپا سۈركەۋاتقان ئىكەن.چاندۇرماسلىققا تىرىشقان بولساممۇ ھاراقنىڭ تەپتى چىرايىمغا چىققانمۇ نىمە ھەر ئىككىسى ماڭا ئاستىرىتتىن مەنىلىك قاراشتى.(خۇدىكىم بولغاچقا بەلكىم شۇنداق بىلىنگەن بولىشىمۇ مۇمكىن). قېيىن ئانام بوۋاقنى كىچىك كۆرپىگە چىرايلىق ،چاققان قىلىپ يۆگەپ قۇچىقىمغا سېلىپ بىرىپ: ـ چاي دەملەپ كىرەي،- دەپ چىقىپ كەتتى. سىرىتقا چىقىڭە گەپ بار. پاتىگۇل چىرايىمغا ئەجەپلىنىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن: - نىمە گەپ بولسا دەۋىرىڭا يا بۇ يەردە باشقا ئادەم بولمىسا،-دىدى. - چىقىڭ دىگەندىكىن چىقىڭە !،- قولۇمدىكى بوۋاقنى قېيدقغاندەكلا ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. - قىرىقىم توشمىغان تۇرسا،زاۋالدا سىرىتقا چىقسام... - بۇ يەردە سەتلەشكىڭىز بار ئوخشىمامدۇ ؟ تالادا ساقلاپ تۇراي،- زەردە بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ بىر قولىدا پىيالە يەنە بىر قولىدا چەينەك بىلىكىگە داستىخاننى ئارتىلدۇرۇپ كىرىۋاتقان قېيىن ئانام بىلەن دوقۇرۇشتۇم. - قەيسەرجان،نەگە ماڭدىڭىز بالام ؟ قازانغا ئوت يېقىۋىتىپ كىرگەنتىم،بىر پىيالە چاي ئىچكەچ تۇرسىڭىز تۆت تال ئاش سالاي دىگەن. - قورسىقىممۇ توقتى،ئالدىراش ئىشىم چىقىپ قالدى. قېيىن ئاتام ‹‹خوش››دەپ دەرۋازىنى ياپقاندىن كېيىن سەل دالدىغىراق بېرىپ پاتىگۇلنى ساقلاپ تۇردۇم. سۇس شاپتۇل چىچىكى رەڭلىك ئۇخلاش كىيمىنىڭ ئۈستىگە چاپىنىنى يېپىنچاقلاپ ياغلىقىنى چىكىسىدىن باسۇرۇپ چىڭ چەككەن پاتىگۇل ئاستا مېڭىپ يېنىمغا كەلدى،ئۇنىڭقەدەم ئالغاندىكى پۇتلىرىنىڭ يەڭگىل تىترەشلىرىگە،چىرايىنىڭ سارغايغىنىغا قاراپ سەل ئىچىم ئاغرىغاندەك قىلىپ تۇرسىمۇ نىمىشقىكىن بۈگۈنكى ئىچ پۇشۇقۇمنى ئۇنىڭدىن چىقارمىسام ئىچكەن ھاراقلىرىممۇ ھىچنەرسىگە دال بولماي يەنە باشقىچە ئىش تېرىپ قويىدىغاندەكلا قىلاتتىم. - نىمە ئىش بارتى ؟ ئاناملار قىرىقى توشمىغان ئايال زاۋالدا سىرىتقا چىقسا بولمايتى دەپ تۇرىۋېلىپ تەستە چىقتىم،-ئۇنىڭ مىنى ئالدىرىتىۋاتقىنى ئېنىقلا ئىدى،ئوغام قايتىدىن قوزغالدى. - مەن سىزنى يەپ كىتەمدىكەنمەن ؟! چاقىرسام ئۆزەمنىڭ خوتۇنىنى چاقىردىم. - بوشراق گەپ قىلىڭە،دادام ھويلىدا قالغان،-ئۇ ئەندىككەندەك قىيا ئوچۇق دەرۋازىغا قاراپ قويدى. - ئەمدى گەپ قىلىشىمنىمۇ توسماقچىما ؟! مەن سىزنىڭ نىمىڭىز ؟ مەن بالىنىڭ دادىسىمۇ ئەمەسمۇ ؟ جاپا تارتىپ بالا تېپىپ ئىسىم تاللىسام قۇسۇر چىقىرىشىپ ئۆزگەرتىۋىتىشىپسە،ئەمدى گەپ قىلغىدەك ھوقوقۇممۇ يوقمىكەن ؟! - داداملارمۇ بالىغا ئەڭ ئاۋۋال ياخشى ئىسىم قويۇش ئاتا-ئانىنڭ بۇرچى دەپ،بالىغىمۇ بىزگىمۇ ياخشى بولسۇن دىدى،يەنە كىلىپ سىزنىڭ ئىسمىڭىزغا يېقىننى تاللىدىغۇ. - مەخسەت ئۇ ئەمەس،قارارىمنى يوققا چىقىرىشقىنىڭ مەندەك دادىسىنى ئىتراپ قىلىشمىغىنىڭ! - نىمانداق تەتۈرلىك قىلىسىز ؟ - ھە،مەن تەتۈر قانداق قىلىتىڭ ؟!-ئۇنىڭ ئالدىغا دىۋەيلەپ كەلدىم ،گەپ قىلغانسىرىم دىگەنلىرىم ئورۇنلۇقتەك،ئىشلار ھەقىقەتەن شۇنداقتەك بىلىنىشكە باشلىدى،-ئۇنداق خيالىڭ بولۇشسا دەسلەپتىلا ماڭا دىمەي قويىشىۋېلىشساڭ بولمامتى ؟ ھېلىتىن بالا تېپىپ ئىسمىغىمۇ ئىگە بولالمىسام ھەرقايسىڭ بىلەن كىيىن ئىش بار ئوخشىمامدۇ ؟!،- ئۇنىڭغا قوللۇرۇمنى پۇلاڭلىتىپ دىۋەيلەپ كەلدىم. - ساراڭ بوپتۇ بۈگۈن ماۋۇ،نېرىراڭ تۇرىڭا ھاراڭ پۇراپ كىتىىپسىز،-ئۇ جانسىز قوللىرى بىلەن مەيدەمدىن ئىتتەردى. - قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ مىنى ساراڭ دەيسىنا،بىرنى تۇغۇپلا بەك يوغىناپ كەتكەن ئوخشىمامسەن !،-دەرغەزەپتە كۈچەپ كاسىسىغا بىرنى تىپىۋىدىم ئۇ ‹‹ۋايجان !›› دەپلا يەرگە يىقىلدى،-راس دەيسەن بالا تېپىپ ئىسمىغىمۇ كۈچۈم يەتمىگەن ساراڭمەن ... - ئانىسى ! كەكىنى ئېلىپ چىقىڭلا ماۋۇ نائەھلىنىڭ بېشىنى بىريېرىۋىتەي !،-بىز تەرەپكە ئوقتەك ئېتىلىپ كەلگەن قېيىن ئاتامنى كۆرۈپلا موتىسكىلىت تەرەپكە يۈگرىدىم،-تۇغۇتلۇق ئايالغا قول تەككۈزگەن سەندەك لۈكچەكنى بۇرۇنلاردىكى ئوۋ مىلتىغىم بولىدىغان بولسا قۇچقاچ سوققان بىر پاي ئوق بىلەنلا مىڭەڭنى چۇۋىتىپ نىمە كۆرسەم كۆرەتتىم... مىنىپ كۆنمىگەن بولغاچقىمۇ ياكى بۇ جىددىيچىلىكتە شۇنداقمۇ موتىسكىلىت تەستە ئوت ئالدى.ئۇنىڭ يەنە نىمىلەرنى دەپ تىللاۋاتقىنىغا، پاتىگۇلنى قانداق ئەكىرىپ كەتكىنىگىمۇ قارىماستىن موتىسكىلىتنى يوقۇرى خوتقا سېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي ۋاقىراتقانچە ئالدى-ئارقامغا قارىماي تىكىۋەتتىم.موتىسكىلىتنىڭ ئاۋازى ئەكىس سادا قايتۇرىۋاتقاندەك خېلى ئۇزۇنغىچە مىڭەمدىن چىقمىدى. ئىشلار باشقىدىن قاتماللىشىپ كەتتى. ئەتىسى نەۋرىسىنى كۆرگىلى بارغان ئانامغا پاتىگۇل سالقىنراق مۇئامىلە قىلغان بىلەن قالغانلار ئوڭمۇ قارىماپتۇ.نىمە ئىشلىقىنى ئاڭقىرالماي تىنەپ تۇرغان ئانامغا قېيىن ئانام ئاخشامقى ئىشلارنى خاپىغان ھالدا دەپتۇ. قېيىن ئاتامنىڭ مىجەسى چۇس ئادەم ئىدى.ئۇ : -خوتۇنى تۇغۇپ ياتسا بىر جىڭ گۆش كۆتۈرۈپ كىرىش دىگەن ئەڭ ئاددى قائىدە تۇرسا،ماقۇل،ئۇنىمۇ قىلمىسۇن ھازىر ئاچارچىلىق مەزگىلى ئەمەس،بالا ئۆزىمىزنىڭ تۇغۇتتىن ئوبدان قوپۇرغۇچىلىكىمىز بار،بىزمۇ گاس-گاچا،ئەما ئەمەس قەيسىراخۇننىڭ جەمىيەتتە نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگىنىنى بىلمىدۇق ئەمەس ،بالىلارنىڭ مۇناسىىۋىتىگە تەسىر يىتىپ قالمىسۇن، ئۆيىنى تۇتۇپ قالسۇن دەپ بىلمەسكە سېلىپ چىرايلىق ھۆرمىتىنى قىلىپ يۈرسەك،بىزنى شۇ دەرىجىدە كۆزگە ئىلمىغىدەك قانداق يوغىناپ كەتكەنلىك ئۇ ؟! ئا گۇي ئەمدى كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولمىسۇن ،بۇ نەۋرە بىزگە ھازىر ناۋاتتىنمۇ تاتلىق بالا بولۇپ قالدى ،بىر قىزىمىز كۆپەيدى دەپ ئۆزىمىز چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشىمىز !،-دەپ گەپنى ئۈزۈپلا چىقىپ كىتىپتۇ. ئانام ‹‹ئاسمان قاتتىق،يەر يىراق›› بولۇپ قايتىپ كىلىپ دادام بىلەن ئاكامغا ھاللىنىپ ئولتۇرۇپ قان بېسىمى ئۆرلەپ بىرنەچچە كۈن يېتىپ قالدى.
ياۋاش دادام ‹‹پۇش-پۇش›› تىنغانچە كۆزۈمنىڭ ئىچىگە بىرنەچچىنى قاىۋەتكەندىن كىيىن ‹‹سىنى كۆزۈم كۆرمىسۇن›› دىگەندەك قىلىپ باشقا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.بۇرۇنقى چاغلار بولىدىغان بولسا ئاكام مىنى ئۇرۇشتىنمۇ يانمايتى،ئىددىيەمدە شۇنىڭغا تەييارلىق قىلىپ ئولتۇرسام ئاكام : - سىنىڭ بىر نىمەڭنى يوغانتىپ ئىشتىنىڭغا پاتقۇزمىغان شۇ قېيىن ئاتاڭنىڭ پۇلىغۇ،سەندە ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنچىلىك ساپا بولسىچۇ كاشكى،كۆمەچىلەرنىڭمۇ ئىددىيىسى سىنىڭكىدىن ياخشىدۇ،نۇمۇس قىلمىساڭ،جەمىيەتتە يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ يۈرمىسەممۇ بولىدۇ دىسەڭ نىمە قىلساڭ قىل،توۋا مەن سىنىڭ نورمال ئادەملىكىڭدىنمۇ گۇمان قىلىۋاتىمەن،قاراپ تۇرۇپ ئۆلۈم بىلەن جەڭ قىلىپ بالاڭنى- ئۆز پۇشتۇڭنى يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقۇزۇپ نىمجان ھالەتتە ياتقان بىر ئاجىز ئايالغا قول تەككۈزگىچە نۇمۇسمۇ قىلمىغانسەنمۇ؟ ئوغرى قاراقچىلار مەھەللىسىنىڭ لۈكچەكلىرىمۇ سەندىن ياخشىراقتۇ،ـ دەپ قېيدىغانچە ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كەتتى،ئەگەر ئۇ بۇرۇنقىدەك قەھرى بىلەن بىرنەچچە مۇش سالغان بولسا ئاچچىغىمۇ سەل ياناتتى،بىرەر كۈننى ئۆتكۈزۈپ يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ ئالدىغا بارسام بۇ ئىشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى تېپىپ بىرەتتى. چارىسىز ،ئوسال ھالەتتە قالدىم.بوتۇلكىنىڭ ئىچىدە جىم تۇرۇپ قوساقنىڭ ئىچىگە كىرىپ كارامەتلىرىنى كۆرسەتكەن لەنەت تەككۈر ھاراققا ھەرقانچە ئۆچلۈك قىلساممۇ ئامال قانچە رەسۋا بولغۇنۇم بولغان بولدى. خىزمەتكە بارساممۇ،كوچىغا چىقساممۇ،رىمۇنۇتخانىغا بارساممۇ ئۇ ئىشىمنى ھەممە ئادەم بىلىپ كەتكەندەك،مەندەك‹‹نوچى›› غا قاراپ ياقا تۇتۇپ كۈلىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ نەچچە كۈننى بەكمۇ تەستە ئۆتكۈزدۈم. پاتىگۇلنى دىمىسەممۇ ،بۇ ئىشنى چىرايلىق بىر تەرەپ قىلىپ جەمىيەتتىكى يۈز ئابرۇيۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ،قېيىن ئاتام قېيىن ئاناملارنىڭ ئالدىدىكى گۇناھىمنى يۇيۇپ سەۋەنلىكىمنى تونۇپ ئاتا-ئانامنىڭ،ئاكامنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلمىسام بىر ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قېلىشىممۇ مۇمكىن ئىدى. ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئاخىرى سىڭلىمدىن پايدىلانماقچى بولدۇم،ئەگەر ئۇ بېرىپ پاتىگۇلنى قايىل قىلسىلا بۇ ئۆتكەلىدىن ئەينى چاغدا تويىمىزدىكىدەكلا ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كىتەلەيتىم. تاپقان ئەقلىمدىم سۆيۈنۈپ‹‹ ئاغزىم يەتكەن بولسىمۇ كاللامنى سۆيۈپ قوياتتىم ھە›› دىدىم دە دەرھال سىڭلىمىڭ يېنىغا چاپتىم. - ياق،مەن بارمايمەن،ئانامنى تىللاپ پوسكايتىۋەتكەنلەر مىنى تىرىك يىۋىتە ھەقچان،- ئۇنىڭ چىرايىدىكى ھازىرلا بىراۋلار ئۇنى تىرىك تۇرغۇزۇپ سويىدىغاندەك ئەندىشە چىقىپ تۇرغان ھالىتىگە قاراپ ئۈمۈتسىزلەنگەن بولساممۇ تەن بەرگىم كەلمەي يىلىنىشقا باشلىدىم. - ئۇنداق قىلمىغىنە ،ئۇلار ئۇنچە يامان ئادەملەرمۇ ئەمەس. - ئۇنداق بولسا ئۆزەڭ بارساڭ بولمامدۇ، كەچۈرۈمگىمۇ ئەلچى سالامدىكەن بىريەردە. - مەن بارالىسام ساڭا دەمتىم،-دەقىقە ئىچىدە تاكتىكامنى ئۆزگەرىتتىم،-قاملاشسا قاملاشمىسا بېرىپ پاتىگۇل ئاچاڭ بىلەن كۆرۈشۈپ مىنىڭ مەسلىكتە خاتا قىلغىنىمنى يەتكۈزۈپلا كەلسەڭ ۋەلىسىپىتىڭنى يېڭىسىغا يەڭگۈشلەپ بىرىمەن. - راسما ؟!،-ئۇ ئىشەنمىگەندەك كۆزۈمگە قارىدى،-لىكىن شۇ ...ئۇلار مىنى كىرگۈزەمۇ ؟ سەنمۇزە نەدىكى بىر قاملاشمىغان خاپىلىقنى تېپىپ ئۆدىكىلەر تېخى خاپا،-ئۇ ماڭا نارازىلىق بىلەن قارىدى. - مەنمۇ شۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى تىندۇراي دەۋاتىمەنغۇ. - بىراق مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە قانداق كىرەمەن ؟ - مەن پۇل بىرەي ياخشىراق دوسقان تەييارلاپ ئىككى ئۈچ دوستۇڭنى ئېلىۋېلىپ بارساڭ ئۇلار ئامالسىز قالىدۇ. - مۇشۇ سۆيۈملۈك كاللاڭ ھېلىقى كۈنى نىمىشقا مۇشۇنچىلىك ئىشلىمىگەن بولغىيتى،-ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئەندىشىنىڭ ئورنىنى رازىمەنلىك ئىگەللەپ بېشىمنى ئىتتىرىپ قويدى،-ۋەلىسپىتنىڭ ئىشىچۇ ؟ - گىپىم گەپ. سىڭلىم بېرىپ كىلىپ، پاتىگۇلنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئەتىسىلا ئانام-دادام،چوڭ تاغام،ئاكام ئەر –ئاياللار بېرىپ ئۇلارنى ئاران دىگەندە يۇمشۇتۇپ ،تۆت كۈندىن كېيىن ئانام بىلەن ئاكامنىڭ ھەمرالىقىدا بېرىپ مەنمۇ يۈزۈمنى ئېچىۋالدىم. بۇ ئىشلارنى شۇنداق تەسلىكتە ئەپلەشتۈرگەچكىمىكىن ياكى ئۆيدىكىلەرنىڭ ئالدىدىكى نۇمۇس كۈچىدىنمىكىن بىر مەزگىل پىلىكتەك يۈرگەن قەدەملىرىمنى كاللام يەنە ئۆز مەيلىگە بيىتەكلەشكە باشلىدى. ئۆيدە نېمە بار نېمە يوق، ئايالىم نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، بۇ ئۆينى قانداق قامداۋاتىدۇ، قىزىم قاچانلاردا «دادا» دىيىشنى ئۆگەندى؟ قىسقىسى بۇ ئائىلە ماڭا مۇناسىۋەتسىزدەك، ماڭا پەقەت ھەقسىز قونالغۇدەكلا بولۇپ قالغان ئىدى. ئايالىمنىڭ بارغانسىرى ياداپ كېتىۋاتقان، كېچىللىرى ئۈنسىز ياش تۆكۈۋاتقان، ئېغىر تىنىۋاتقان ھالىتى كۆزۈمگە شۇنچىلىك سۆرۈن كۆرىنەتتى. ئۇ ماڭا ئېغىز ئېچىپ كەچ قالغانلىقىمنىڭ، نېمىشقا تاماق يېمەيدىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى سوراشقىمۇ ھەقلىق ئەمەس ئىدى. چۈنكى بىر نەچچە قېتىم سوراپ دەككىسىنى يېگەندىن كېيىن ئىچىگە تىناتتىكى سىرتىغا ھەرگىزمۇ چىقارمايىتتى. گەرچە ئۇ ماڭا زۇۋانسىز مەخلۇقتەك يېقىنچىلىق قىلىپ قونالغۇمنى رەتلىك، كىيىمىمنى پاكىز قىلىپ خىزمىتىمنى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، تۇرۇپلا ئۆيگە قايتىپ كەلگەن چېغىمدا ئۇنىڭ بولماسلىقىنى ئارزۇ قىلغان چاغلىرىممۇ بولغان ئىدى. مەن ئىش ھەققىم بىلەن رىمونىتخانىدىن كىرىم قىلغان پۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئالدىمغا ئىشلىتىشكە باشلىدىم. ئۇنىڭدا پاتىگۇلنىڭ ھېچقانداق ئەجرى يوق، ئەلۋەتتە مەنپەئەتلىنىشكە ھەقلىق ئەمەس دەپ قارايتىم، چۈنكى ئۇ ئاتا- ئانىسىدىن ئەكەلگەن دەسمىينى خېلى بۇرۇنلا قايتۇرۇپ بولغان ئىدىم. قۇربۇمغا يارىشا ئەرزانراق ماشىنىدىن بىرنى سېتىۋالدىم، بۇمۇ شۇ چاغدىكى شارائىتتا خېلى ئادەملەر سېتىۋالالمايدىغان ماشىنا ئىدى. شۇ ئارقىلىق گۈلمېھرەگە ئۆزۈمنى كۆرسىتىپ، ئىككىمىزگە قولايلىق ياراتماقچى، ئابلىكىمگە جەڭ ئېلان قىلىش يولىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقانلىقىمنى بىلدۈرمەكچى ئىدىم. ماشىنامنى ھەيدەپ كوچىلاردا ماڭسام روھىم كۆتۈرلۈپ بويۇم بىرگەز ئۆسۈپ قالغاندەك مەغرۇرلىناتتىم، مىڭ بىر مۇشەققەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن پۇرسەتلەردە گۈلمېھرەنى چىقىرىۋالسام ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىككى نەرسەم يېنىمدا بولغاچقا شۇ ھالىتىدە تاڭ ئاتماسلىقنى، ۋاقىتنىڭ قېتىپ قېلىشىنى ئارزۇلاپ قالاتتىم. قېرىشقاندەك ئۇنداق چاغلاردا ۋاقىت شۇنچىلىك تېز ئۆتۈپ كېتەتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە گۈلمېھرە ۋىلايەتكە ئىككى ھەپتىلىك دائىملىق تەربىيە ئۆگىنىشىگە بارىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. ئۇنى ئاپىرىپ قويۇش پۇرسىتى كەلگەنلىكىنى بىلىپ يۈرىكىم يايرىسا ئىككى ھەپتە ئۇنىڭدىن ئايرىلىشنى ئويلاپ ئىچىم ئاچچىق بولاتتى. «توۋا، نىمانچە كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىمەن؟ بۇ تېخى ياخشى پۇرسەت تۇرسا، قاچان بارىمەن دېسەم قولۇمدا رول، ئاسمىنى كەڭ شەھەردە ئازادە كۆرۈشەلەيمەنغۇ!» شۇنداق جانلىنىپ كەتتىم، شۇ كۈنلەرنىڭ تېزراق كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈم. قىزىم بىلەن پاتىگۇلنى بىر نەچچە قېتىم رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا چىقىرىپ چوڭ ئۆيگە ئاپىرىپ قويغاننىڭ سىرتىدا ئۇلارنى تۈزۈكرەكمۇ ئولتۇرغۇزۇپ باقمىغان ماشىنامنى پاكىز يۇيدۇرۇپ، قايتىدىن چىرايلىق بىزەپ، خۇش پۇراق ئەتىرلەرنى ئېسىپ، تويغا تەييارلانغان قىزدەك جابدۇپ تەييار بولدۇم. كۈتكەن كۈن كەلدى. ئەمما ئۇنىڭ يالغۇز ئەمەس يەنە بىر دوستى بىلەن چىققانلىقىنى كۆرۈپ لاسسىدە بوشاپ كەتكەندەك بولدۇم. شۇنداقتىمۇ چاندۇرمىدىم، يولدا بارغۇچە ئۇلارنى مېھمان قىلدىم. كۈلكە- چاقچاقلار بىلەن ۋاقىت شۇنچە تېز ئۆتۈۋاتاتتى. ــ قەيسەر، ئاجايىپ جىگىرىڭىز باركەن سىزنىڭ، - گۈلمېھرەنىڭ دوستىنىڭ گېپىدىن يۈزۈم ئوت ئالغاندەك بولدى. ــ قانداقسىگە دەيسىز؟ - ئۇنىڭ قايسى ئىشىمنى نەزەردە تۇتىۋاتقانلىقىنى بىلمىدىم. ــ ئەينى چاغدىكى گۈلمېھرەنىڭ تويىدا ئۇلارنىڭ ئىشىكىنى چېقىۋەتكەن ئىشىڭىزنى دەيمەن. ــ ئۇ دېگەن كەيىپلىكتە بولغان ئىشلار، جىگىرى بار دېگىلى بولسۇنمۇ؟ ــ شۇ چاغدا گەرچە نۇرغۇن ئادەم ئەيىبلەپ سىزنى ساقچىخانىغا سولاپ قويغان بىلەن قىزلارنىڭ قەلبىگە ئوت يېقىۋەتكەن ئىدىڭىز. ــ ئادەمنى مەسخىرە قىلماڭە. ــ راسىت دەيمەن، ئادەم ئۆمرىدە ئۆزى ئۈچۈن شۇنچىلىك بەدەل تۆلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان ئادەمگە يولۇقسا ئۆزىنى ئاجايىپ بەخىتلىك ھېس قىلىدۇ، قىزلار ئۈچۈن ئۇ دىگەن بەخت، بىر ئامەت! ــ ئەمما... شۇ ئىشىم تۈپەيلى دوستىڭىزغا خاپىلىق تېپىپ بەرمىگەن بولساممىغۇ مەيلىتى،ـ ئارقا ئورۇندۇقنى كۆرسىتىش ئەينىكىدىن گۈلمېھرەگە قارىدىم، ئەينەكتىن كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالدى، ئۇ كۆزۈمگە تېخىمۇ يېقىملىق كۆرۈنۈپ كەتتى. ــ بىر ئائىلە دېگەندە چۆمۈچ قازانغا تېگىپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ بولىدىغۇ، ئۇنچىلىك خاپىلىق دېگەن بىزنىڭ ئائىلىلەردىمۇ تېپىلىدۇ، كۈندە ۋاي خېنىم، ۋاي غوجام، سىلى ئۆزلىرى دەپ ئۆتىدىغان ئىش نەدىكەن... ــ شۇنداقتىمۇ گۈلمېھرە قۇرۇقتىن قۇرۇق جاپايىمنى تارتىۋالدى. ــ ئەمدى راھىتىڭىزنى كۆرۈۋاتمامدۇ مانا! - ئۇ گۈلمېھرەنىڭ جىملىگىنىگە ئۇنىماي كۈلۈپ تۇرۇپ گېپىنى داۋاملاشتۇرىۋاتاتتى. ــ ئەجەپ ئەسكىكەنسەن، بولدى ئۇ گەپلەرنى قىلمىغىنە، دوستۇمنى ئېلىۋالدىم دەپ يېنىمغا دۈشمەننى ئېلىۋالدىممۇ نېمە؟ - ئۇنىڭ نازلىق نارازىلىقىدىن دوستى توختاپ قالمىدى. ــ راسىتقۇ، ئەگەر ھەقىقەتەن ئاۋارىچىلىق ھېس قىلساڭ بۈگۈن بۇ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ماڭاتتىڭمۇ، سوۋغىلارچۇ؟... ئۇنىڭ سۆز ئۇرانىدىن بىزنىڭ ئىشلىرىمىزدىن تولۇق خەۋىرى باردەك قىلاتتى، ھەتتا ئۇنىڭغا قىلغان سوۋغىلىرىمغىچە. ئىككىمىزگىلا تەئەللۇق سىرلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئاغزىغا چىقىپ قېلىشى كۆڭلۈمنى سەل يېرىم قىلغان بولسىمۇ گۈلمېھرەنى ئەيىبلەشكە، ئۇنىڭدىن ئاغرىنىشقا كۆڭلۈم يول قويمايىتتى، يەنىلا ئۇنىڭكىنى توغرا، ئويلىغىنى باردۇر دەپ قىلغانلىرىنى ئىنكارسىز قوبۇل قىلدىم. ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ دىگىنىچە قىلغۇم، كۆرسەتكەن يولىدا ماڭغۇم،تەلىۋىنى سۆزسىز ئورۇنلىغىم كېلەتتى، نەزىرىمدە ئۇ نۇقسانسىز بولغاچقا گەپ- سۆزلىرىمۇ، قىلغان ئىشلىرىمۇ، تۇتقان يولىمۇ... ئىش قىلىپ ھەممە تەرىپى توغرا بىلىنەتتى. ئۇلارنى ئاپىرىپ ئېسىل ئاشخانىدا مېھمان قىلىپ، قولىغا يىتەرلىك پۇل تۇتقۇزۇپ قايتىپ كەلدىم. يەنە بىر قېتىم بېرىش پۇرسىتىنى بىتاقەتلىك بىلەن كۈتۈپ، ئۇنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىپ، شۇ مەزگىللەردە تازا مودا بولىۋاتقان قىزىل ئالتۇندىن بىر يۈرۈش ئېلىپ بىرىپ قايتىپ كەلدىم. كەيپىياتىم شۇنداق ياخشى ئەمما سەل چارچاپ تۇراتتىم، بالدۇرلا يېتىشنى ئويلاپ يوتقانغا كىردىم. ــ كەچتە بىللە يۇيىنارمىز دىسەم يۇيۇنۇپ بوپسىزمۇ نېمە؟! كۆزۈمگە ئايالىمنىڭ يۈز مۇسكۇللىرى تارتىشىۋاتقاندەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى، تىنەپلا قالدىم. ئەزەلدىن ئۇنىڭ ئالدىدا بۇنداق خىجىللىقتىن تىنەپ باققان ۋاقتىم يوق ئىدى. ئەگەر ئۇ شۇ سۆزىنىڭ ئورنىغا مەن بىلەن گەپ تالىشىپ، ھەتتا ئۇرۇشۇپ ئاخشام نەلەردە قونغىنىمنى سۈرۈشتە قىلىپ بىشەملىك قىلغان بولسا، بۆرە تېرەمنى كىيىپ تازا ئەدىبىنى بىرىپ پۇخادىن چىقىپ خاتىرجەم ئۇخلىغان بولاتتىم. بىلىپ تۇراتتىم، شۇ تاپتا ئۇمۇ ئۇخلىمىغان، ئېغىر- ئېغىر تىناتتى. بىر چاغ بولغاندا ئۇنىڭ ئېسەدەۋاتقىنىنى سىزىپ قالدىم. ــ نېمە بولدى؟ يىغلاۋاتامسىز؟ - ئۇنىڭ مۈرىسىدىن تارتىپ ئۆزۈمگە قاراتتىم. ــ يا... ياق، قارا بېسىپ قاپتۇ. ــ چىراقنى ياقايمۇ؟ ــ ياق، ياق، ياقماڭ! ئۇنى ئاستا تارىتتىم، ئۇمۇ شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا ئاسلان ئانىسىغا چاپلاشقاندەك مەيدەمگە يۈزىنى يېقىپ چىڭ يېپىشقىنىچە بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. تۇرۇپلا ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى، خىجىلمۇ بولىۋاتاتتىم، ئۇنى يىغىدىن توسۇپمۇ قالمىدىم. كۆڭلۈمدە ئۇ يىغلىۋالسا مەن بۇ خىجىللىقتىن قۇتۇلىدىغاندەك ئۇنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىدىم. ئويلاپ باقسام ئۇنىڭ تويى بىلەن تۇغۇتىدىن باشقا چاغدا ئالتۇن ئەمەس ھەتتا بىرەر تال ياپياق چاغلىق نەرسە ئېلىپ بىرىپ باقماپتىمەن، ھەتتا ئۇنىڭ بالامنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغاندەكمۇ قىلاتتىم. ئىچىمنى بىرنەرسە تاتلىغاندەك بولۇپ قالدىم... ئادىمىيلىك تارازام داۋالغۇپ تۇرسىمۇ يەنىلا گۈلمېھرەنىڭ ئېغىر كىلىپ، ئۇنىلا ئىسسىتقۇم كېلىپ تۇراتتى،ئۇ خۇددى مىنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش يولۇنۈشىمنى يورۇتۇپ بىرىدىغان نۇرلۇق يۇلتۇزدەك كۆزۈمنى قاماشتۇرۇپ مىنى ئۆزىگە ماگىنىتتەك تارتىپلا تۇراتتى، شەيتانلىرىم ئاخىرى غالىپ كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن تېلېفۇندا كۆرۈشۈپ ئۇنى ئالغىلى بىر كۈن بالدۇر ئالدىغا بېرىشقا پۈتۈشۈپ كۆڭلۈم تىنىپ بىتاقەتلىك بىلەن شۇ كۈننى ساقلاپ ئاخىرى ئۇ كۈننىمۇ كۈتىۋالدىم. چۈشتە ئايالىم ئىشقا كىتىپ بولغاندىن كىيىن كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇپ، ساقال- بۇرۇتۇمنى ياساپ، ئەينەككە قاراپ ئۆزۈمدىن رازى بولغاندىن كىيىن يولغا چىقتىم. ناھىيە بازىرىدىن چىققاندىن كىيىن يول ياقىسىدىكى قىزىرىپ ئېچىلغان يۇلغۇن چېچەكلىرى ماڭا خۇددى كۈلۈپ قاراۋاتقاندەك، مېنىڭ خۇشلۇقىمغا چاۋاك چېلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. بۇنىڭدىن بۇرۇن مەن ئەزەلدىن يۇلغۇن چېچەكلىرىنىڭ بۇنچىلىك چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماپتىكەنمەن.
يۈرەكلەرگە ئوت كەتتى، جان يايرىم يۈتۈپ كەتتى. قاراپ سىنىڭ يولۇڭغا، بۇ كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى...
ماشىنامنىڭ ئۈن ئالغۇسىدىن چىقىۋاتقان لەرزان ناخشا ئاۋازى بىلەن يۇلغۇنلارنىڭ مەيىن شامالدا يەڭگىل سىلكىنىشى، گۈلمېھرەنىڭ مىنى چىللاۋاتقىنىدەك، چېچىنى ئويناپ ماڭا قاراپ كۆز قىسىشلىرىدەك كۆرۈنۈپ مېنى مەستخۇش قىلىپ قويدى. ئەنە شۇ مەسىتخۇشلۇقتا ئالدىمدىكى توغرا يولغا كەلگەندە سېگىنال بېرىشنىمۇ ئۇنتۇپتىمەن، دەقىقە ئىچىدە توغرا يولدىن چىقىۋاتقان قول تىراكتورىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرىمەن دەپ رولنى قاتتىق بۇرۇدۇم، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە نەچچىنى موللاق ئاتقان ماشىنا بىلەن تەڭ يۇلغۇنلار ئارىسىدىكى ئازگالغا چۈشكىنىمنىلا ھېس قىلدىم. بىر كۆزۈمنى ئارانلا ئاچالىدىم. ئايالىم، قىزىم، ئانام، دادام، ئاكاملار كۆزلىرىدە ياش، دوختۇرخانا ياتىقىدا يېنىمدىكى كارۋاتتا ماڭا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. كۆزۈمنى ئېچىشىمغىلا ئايالىم بىلەن ئانام كۆزلىرىدىن تاراملاپ چۈشىۋاتقان ياشنى سۈرتۈپ ماڭا يېقىنلاشتى. پۈتۈن بەدىنىم سىقىراپ ئاغرىيتى، بىر پۇتۇم ئاپئاق گېپىستە قاتۇرىۋىتىلگەن، سول كۆزۈم بېشىم بىلەن قوشۇپ تېڭىلغان. بېلىمنىڭ بەكلا ئېغىرلىشىپ كەتكىنىنى ھېس قىلىپ ئۆرۈلمەكچى بولىۋىدىم، مىدىرلىيالمىدىم. ئۈستۈمدىن تۈگمەن تېشى بىلەن باسۇرۇپ قويۇلغاندەكلا قىلاتتى. ئۈچىنچى كۈچنى سەھەردە كۆزۈم غۇۋا ئۇيقۇدا ئىدى. پاتىگۇل بىر ئىشلارنى قىلىۋاتاتتى بىردەمدىلا سىرىتقا چىقىپ كىتىپتۇ. ئىشىكنىڭ ئېچىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئايالىم كىردى بولغاي دەپ كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ يېتىۋەردىم. كېچە بېلىمنىڭ ئاغرىقى قىيناپ تۈزۈك ئۇخلىيالمىغاچقا، كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ ئارام ئالغاچ گۈلمېھرەنى خىيال قىلىپ ئاغرىق ئازابىمنى بىردەم بولسىمۇ ئۇنتۇشنى ئويلىدىم. ئۇ تۈنۈگۈن ئەتتىگەن باشقا سېستىرالار بىلەن تەكشۈرۈشكە كىرگەندە كۆزلىرىمىز ئارقىلىق كۆرۈشكەن ئىدۇق. ــ ئۇخلاپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟ ــ بوشراق گەپ قىلغىنە. كىيىنكىسى گۈلمېھرەنىڭ ئاۋازى ئىدى. دەرھال كۆزۈمنى ئېچىپ قارىماقچى بولىۋىدىم، ئۇلاپلا ئاڭلانغان دوستىنىڭ ئاۋازى مېنى جىم يېتىشقا مەجبۇر قىلدى. ــ ھېلىقى كۈنى خۇدايىم بىر ساقلاپتىكەن، ئەگەر بىزنى ئەكىلىشىدە بولغان بولسا بىز نېمە كۈنلەرنى كۆرەتتۇق دېگىنە. ــ شۇڭا دەيمەن، مۇشۇ نەچچە كۈندىن بېرى مەنمۇ شۇنىلا ئويلاپ قالدىم، خۇدايىم بىزگە ئوڭ كۆزىدە قاراپتۇ. يۈرىكىم ئېچىشقاندەك بولۇپ، بەل- پۇتلىرىمنىڭ ئاغرىقىنى ئۇنتۇپلا قالدىم، ئۇلار ياتاقنىڭ ئىچىدە ئۇنى- بۇنى تىزىملىشىپ، رەتلەپ چىقىپ كىتىشتى. مەن ئۇنى دوستىنىڭ گېپىگە «بىز بولغان بولساق بەلكىم بۇنداق ئىش بولماستى» دەيدۇ، مۇشۇنداق يالغۇز پۇرسەتتە مەندىن ئەھۋال سورايدۇ، مەن ئۈچۈن كۆز يېشى قىلىدۇ، دىدارلىشىۋالىمىز دەپ ئويلاپتىكەنمەن، بۇنداق يالغۇز پۇرسەتلەر كەپ قالسا بۇ ھالىم بىلەن قانداق كۆرۈشەرمەن دەپ بىئارام بوپتىكەنمەن. ئەپسۇس... يۈرىكىم مۇزلاۋاتقاندەك بەدىنىمگە سوغۇق بىر ئېقىن تارىدى... بىردەمدىن كېيىن پاتىگۇل قايتىپ كىردى، ئۇنىڭ روھى ھالىتى تازا ياخشى ئەمەس ئىدى. مەن گۈلمېھرەنى كۆرگەن بولسا شۇنداق بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئۇنىڭ گەپلىرىگە «ھە، ھىم» دەپلا جاۋاب بېرىپ كۆزۈمنى يۇمىۋېلىپ يېتىۋەردىم، ئۆزۈمنىڭ كەيپىياتىمۇ ناچار ئىدى. ئۇ ماڭا ناشتىلىقنى زورلاپ يىگۈزۈپ بولۇپ يېنىمدا جىملا ئولتۇردى. تۇرۇپلا ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. ــ نېمە بولدىڭىز؟ مېجەزىڭىز يوقمۇ يا؟ ــ يا... ياق. ــ جىمىپ كەتتىڭىزغۇ، چىرايڭىزمۇ تازا ياخشى ئەمەس. ئۇ گەپ- سۆز قىلمايلا كۆزلىرىدىن تاراملاپ چۈشۈۋاتقان ياشلىرى بىلەن جاۋاب بەردى. كەيپىياتىم ياخشى بولمىغاچقا جىلى بولۇپ ئۇنى سىلكىدىم. ــ بىكارلا مىشىلدىماي گەپ بولسا قىلىڭ، بولمىسا مېنى بىردەم ئۇخلىغىلى قويۇڭ! ــ دوختۇرلار سىزنى يوقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەڭلار دەيدۇ. ــ نېمىشقا؟! ــ ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ئومۇرۇتقىڭىز ئېغىر زەخمىلىنىپتىكەن، ۋاقتىدا ئوپراتسىيە قىلدۇرمىساق پا... پالەچ بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار دەيدۇ. ــ شۇنچە ئېغىرمىكەن؟! - پالەچ دېگەن گەپنى ئاڭلاپ يۈرىكىمگە يىڭنە سانچىغاندەك تولغۇنۇپ كەتتىم. ــ پۈتۈن تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى چىقىپتىكەن، خېلى ئېغىر ئوخشايدۇ، چوڭ ئۆيدىكىلەرگە تېلېفۇن قىلىۋەتتىم، ئۇلار كىلىپ يېنىڭىزدا ئولتۇرۇپ تۇرىسا مەن بۇ يەردىكى ھېساباتنى ئۈزۈپ، ئىدارىغا بېرىپ رۇخسەت ئالىدىغان، سىزنىڭ خىزمەت ئورنىڭىزغا داۋالىنىش ئىسپاتىنى ئاپىرىدىغان، يەنە لازىمەتلىكلەرنى تەييارلىغىلى ئۆيگە بېرىپ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرىۋېلىپ بۈگۈن ماڭىدىغان بولدۇق. روھىم چىقىپ كەتكەندەكلا بولۇپ قالدىم. بىر ئەر ئۈچۈن پالەچ بولۇپ بىر ئۆمۈر باشقىلارنىڭ كۈتىشىگە تەلمۈرۈپ ياتقاندىن ئۆلۈپلا تۈگەشكەن ياخشى ئەمەسمۇ؟ ئۆلۈپلا كەتكەن بولسامچۇ؟! ئازاپتىن يۈرىكىم لەختە بولۇپ كەتتى. كۆزۈمنى يۇمۇپ ياتىمەن، ھەممدىن رايىم قايىتقان، ئەگەر كارۋاتتىن چۈشەلىگەنلا بولسام ھېچ كىشىگە تۇيدۇرماي ئادەم يوق جايلارغا كەتكەن بولاتتىم. خۇددى بۇ ئىشلار ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ سەۋەنلىكىدەك دوختۇرخانا يۆتكەش ئىشىغا قاتتىق قارشىلىق قىلدىم. ئوپراتسىيىدىن كېيىن ساقىيىشقا ئىشەنچىم يوق ھەم ئوپراتسىيە ھەققى ئۈچۈن پۇل كىتىدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتىم. نوچىلىق قىلىپ ماشىنا ھەيدەپ يۈرگەن بىلەن ئايالىمغا تۇتۇپ تارتىپ بىرەر قېتىم تومراق پۇل تەڭلىگىنىمنى بىلمەيمەن، ئىش ھەققىم ئۆزۈمدىن ئاشمايدۇ. رىمونىتخانا كىرىمىدىن ئېشىنغىنىمنى ئۇدۇللۇق خەجلىگەندىن سىرىت بىر نەچچە دوستۇمغا قەرز بىرىپ تۇرغانلىرىم ۋە يېنىمدا بارىمۇ تايىنلىقلا ئىدى. ئاكامنىڭ كەسكىن قارار چىقىرىشىدىن غىڭ قىلىشقىمۇ پېتىنالمىدىم. تەرەپ- تەرەپتىن خەۋەر ئاڭلاپ يېقىن- يورۇقلار دوختۇرخانىغا ئىلگىرى- كېيىن كىلىشىپ، مەن قەرز بېرىپ تۇرغان دوسىتلىرىممۇ ئۆز كۆڭۈللىرىگە قوشۇپ قەرز ئالغان پۇلنى قايتۇرۇپ قايىتقان بولسىمۇ، ئەركىن سايىسىنىمۇ كۆرسەتمىدى. ئادەم بۇنداق چاغدا تولىمۇ نازۇكلىشىپ كېتىدىكەن. ئۇنىڭ قەرزنى قايتۇرغۇدەك ئەھۋالى بولمىسىمۇ كىلىپ كۆرۈشۈپ خوشلىشىپ كەتمىگىنى كۆڭلۈمگە كەلدى. ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىدا توپ- توغرا ئالتە ئاي يېتىپ ساقىيىپ قايتىپ كەلدىم. بۇ ئالتە ئاي خۇددى مەن ۋە ئايالىم ئۈچۈن بىر خىلدىلا ئۆتۈۋاتقاندەك قىلسىمۇ، كاللامدا نۇرغۇن سوئاللارنى تۇرغۇزدى ھەم ۋىجدانىمنى ئويغاتتى. نۇرغۇن قېتىم ئۆز- ئۆزۈمگە سوئاللارنى قويدۇم. يېنىمدا ئۈن- تىنسىز خىزمىتىمنى قىلىۋاتقان پاتىگۇل كۆزۈمگە باشقىچە ئىللىق كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى. دېمىسىمۇ ئۇ باشقىچە خۇشال ئىدى. بىرنەچچە قېتىم دوختۇرخانا خىراجىتى توغىرلىق گەپ سورىسام، «ئۇ دېگەن سىز كاللا قاتۇرىدىغان ئىش ئەمەس، ھازىرقى ۋەزىپىڭىز ياخشى داۋالىنىش» دەپلا گەپنى باشقا ياققا بۇرايىتتى. ھەر ئىككىمىز ئىشقا بارمىغاچقا ئىش ھەققىمىز قانچىلىك تەگمەكچىدى؟ رىمونىتخانىدا مەن بولمىغاچقا ئىشلار قانداق بولۇپ كەتتى ئۇ توغىرلىق ھېچ بىر ئىنسان ئېغىز ئېچىپ باقمىدى. ئارىلىقتا ئايالىم ئۆيگە كەتكەندە ئانام ۋە ئاكاملاردىن سورىغان بولساممۇ ئوخشاشلا پاتىگۇلدىن ئاڭلىغان جاۋابتىن باشقىغا ئېرىشەلمدىم. بىر قېتىم پاتىگۇلغا: ــ ئىككى ئارىلىقتا ئەجەپ قىينالدىڭىز ھە؟ - دېسەم ئۇ: ــ شۇ تاپتا مەن بەك خوش، سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى قىلىش ماڭا بەك راھەت بىلىنىدۇ، ئەگەر سىز بۇنداق يېتىپ قالماي ساق بولۇپ دائىم مۇشۇنداق بىللە تۇرساق تېخىمۇ خۇشال بولاتتىم. - دېدى. ئەمدى گەپ قىلىشىمنىڭ ئورنىمۇ قالمىغان ئىدى. ئۇخلىغان بولۇپ ياتقان ياكى ئۇيقۇم قاچقان كېچىلەردە پۈتۈن جاھاننى تاسقاپ چىقىمەن. خىيالىمغا گۈلمېھرە بىلەن ئۆتكەن شىرىن چاغلار كەلسە يەنىلا قانداقتۇر بىر خىل سېغىنىش ھېس قىلىپمۇ قالىمەن. نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلاپ ئۇنى ئەيىبلىگىم كەلسىمۇ يەنىلا «باشقا ئەرنىڭ ئىلىكىدىكى ئادەم، يەنە كېلىپ پاتىگۇل يېنىمدا تۇرسا...» دەپ ئۇنى ئاقلىغۇم كېلىپمۇ قالاتتى. ئۇ خۇددى زەھەرلىك چېكىملىكتەك پۈتۈن بەدىنىمنى چىرماپ ئۆزۈمنى تارتقانسىرىم خىياللىرىمنى ئىگەللەپ، بىللە بولغان چاغلار ئېسىمگە كەلسىلا، سېغىنىشىم كۈچىيىپ، پاتىگۇلنىڭ ئەتراپىمدا پاي- پېتەك بولۇشلىرى بەزىدە جۇدۇنۇمنى قوزغاپمۇ قوياتتى. شۇ ھادىسىدىن كىيىنكى ياتاق تەكشۈرۈش ئىشى بولغان كۈندىن باشلاپ ئۇنى ياكى ئىسمىنى مېنى يوقلاپ كەلگەن ساۋاقداشلار قاتارىدىن ياكى تىزىملىكىدىنمۇ ئۇچراتمىدىم. ئەڭ يېقىن دوست بولۇشۇپ ئۆتكەن ئەركىن بولسا بىر نەچچە قېتىم سايىسىنى كۆرسەتكەندىن باشقا ھال سوراش ئەمەس، مەن ئەينى چاغدا ئۇنىڭغا بەرگەن پۇلنىمۇ قايتۇرمىدى. بارا- بارا باشقا دوستلار ئۇنى «خۇمسى تاز» دەپ ئاتايدىغان، بەزىلەر ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان بولۇپمۇ قاپتۇ. دوختۇرخانىدىن ھېسابلىشىپ قايتىپ كەلگەن بىلەن يەنە بىر مەزگىل ئارام ئېلىپ كۈتىنىشىم، ئېغىر ئىشلارنى قىلماسلىقىم ئالاھىدە تاپىلانغاچقا ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىدىن ئۇدۇل چوڭ ئۆيگە كېلىپ ئورۇنلاشتىم. پاتىگۇل ئەتىسىدىن باشلاپ تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ بىر تەرەپتىن خىزمەتكە بارسا يەنە بىر تەرەپتىن ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان مېھمانلارنى ئۇزىتاتتى. يەنە داۋالىنىش خىراجىتىمنى ئاتچوت قىلدۇرىدىغان رەسمىيەتلەرنى ئۆتەشكە ماڭاتتى. بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن چوڭلار ماڭا پاتىگۇلنىڭ مىنى داۋالىتىش ئۈچۈن قەرز ئېلىشقا ئۇنىماي رىمونىتخانا بىلەن ئۆيىمىزنى سېتىۋەتكەنلىكىنى دېگەندە يا نۇمۇستىن يىغلىشىمنى يا خاپا بولۇشۇمنىمۇ بىلەلمەي قالدىم. ــ كەچۈرۈڭ سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ ئويلىغاچقا سىزگە مەسلىھەت سېلىشقا تىلىم بارمىدى. ئۇنىڭ تەڭقىسلىق چىقىپ تۇرغان چىرايىغا قاراپ ئەرلىك غورور ئۈستۈنلىكى بىلەن خىجىللىق ئارىسىدا قىينالدىم. دېمەك چوڭ ئۆيگە كەلگىنىمىزنىڭ سەۋەبى باركەن ئەمەسمۇ. بۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرى ھەتتا نەچچە يىلدىن بېرى ئۆزۈم يېتىپ قوپۇۋاتقان كارۋاتنىڭ بۇ ئۆيگە كېلىپ قالغانلىق سەۋەبىنىمۇ پەرق قىلالمىغىنىم قىززىق!... بىر ئايغا يېقىن دوختۇر تاپشۇرۇقىغا ئاساسەن ئارام ئېلىپ قايتا تەكشۈرۈتكىلى بارساق دوختۇر ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈگەندىن كېيىن سالامەتلىكىمنىڭ تېز ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى دىدى. ساقلىقنىڭ قەدرىنى،ھازىرقى خوشاللىقىمنى- مەندەك بىر ئۆلۈمدىن يانغان كىشى بىلسە كىرەك . خۇشاللىقىم ئالەمچە ئىدى. ئۆزۈمنى خۇددى بىر جۈپ قانىتىم بولسا ئۇچىدىغاندەكلا ھېس قىلاتتىم. دېمەك خىزمەتكە چىقسام، نورمال پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسام،سىرىتلاردا بۇرۇنقىدەكلا ئەركىن قەدەم تاشلاپ يۈرسەم،كۆڭلۈم تارىتقان يەرلەرگە بارسام بولاتتى. پۈتكۈل كائىنات،ھەتتا ئادەملەرمۇ يېڭىلىنىپ قالغاندەك،ھەممە مەۋجۈدات ماڭا كۈلۈپ قاراۋاتقاندەك روھىم كۆتۈرەڭگۈ كەيپىم چاغ ئىدى. بىر كۈنى ئىشخانىدا يالغۇز قالدىم،ئىشلىرىممۇ ئانچا كۆپ ئەمەس ئىدى.ئۆزۈمچە ئولتۇرۇپ نىمىشقىكىن كاللامغا‹‹گۈلمىرە نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ ؟››دىگەن سۇئال كىلىش بىلەن تەڭ قەلبىمگە تاتلىق بىر سىزىم ياماشقاندەك بولدى. كىملەر ئەيتقان بولغىيتى ‹‹ ئىشەككە كۆڭلۈڭ چۈشۈپ قالسا ئېغىلدا ياتماي ئامالىڭ يوق ›› دەپ،ئۇنىڭ ياتاق تەكشۈرگىلى كىرىپ دوستى بىلەن دىيىشكەن گەپلىرى،يېرىم يىلدىن ئارتۇق داۋلىنىپمۇ ھېچبىر مىھرىبانلىقىنى كۆرمىگىنىمنى ئۇنۇتقان ھالدا ئىشخانىنىڭ تىلفۇن تىروپكىسىنى قولۇمغا ئالدىم . كاللامغا مۆھۈردەك ئورناپ كەتكەن چاقۇرغۇ نۇمۇرى... ...تەگسىز خىياللاردا ئولتۇراتتىم تىلفۇننىڭ ئاۋازىدىن يۈرىكىم تىترىگەندەك بولۇپ تۇرۇپكىنى چاققانلىق بىلەن ئالدىم ،قارشى تەرەپتىن بىر ئەرنىڭ خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك سۇئاللىرى ئاڭلىنىپ قۇلىقىمغا ياقمىغانسىرى گىپى تۈگىمەي بىئارام قىلاتتى،مۇشۇ چاغدا گۈلمىرەدىن تىلفۇن كەپ قالسا كۆرۈشەلمەي قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ قارشى تەرەپكە قىسقا ھەم سوغلا جاۋاپ بەردىم، ئىمكان بار تۇرۇپكىنى تىزراق قويۇش ئويۇم بار ئىدى.تۇرۇپكىنى جايىغا قويغان بىلەن يۈرىكىم جايىغا چۈشمەيۋاتاتتى،ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ‹‹ئۇ بايا تىلفۇن قايتۇرغان بولسا سوزلىشىۋاتقان بولغاچقا ئامالسىز قالغانمىدۇ ؟ چوقۇم شۇنداق››،ئۆزۈمنى بەزلەپ يەنە بىر قېتىم چاقۇرغۇ قىلدىم.گەرچە باشقىلار تىلفۇن قىلىپ دەخلى قىلمىغان بولسىمۇ تىلفۇندىن سادامۇ چىقمايۋاتاتتى،ئۆزۈمنى بەزلەشلىرىم ئاستا-ئاستا ئۈمۈتسىزلىككە ئايلاندى. ئىشتىن چۈشۈشكە ئازلا قالغاندا سايرىغان تىلفۇننى ئىرەڭسىزلىك بىلەن ئالدىم. - ۋەي . - ۋەي...بايتىن مۇشۇ نۇمۇردىن چاقۇرغۇ... - تېچلىق تۇردىڭىزمۇ ؟،- گۈلمىرەنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا دەرھال ئەھۋال سورۇدۇم. - سىز ؟ - مەن قەيسەر. - ھە،قارىسام تونۇشلا نومۇر كىمكىن دەپتىمەن ،سىزكەنسىزدە ؟ ئەھۋالىڭىز قانداقراق ؟ - ھازىر ساقىيىپ خىزمەتكە چىققىلىمۇ خېلى بولدى. - ياخشى بوپتۇ. - رەخمەت،سىزنى نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ ،قانداقراق تۇرغاندۇ دەپ چاقۇرغۇ قىلغانتىم. - ئۆزۈم ياخشى،سائەت 8 دە ئشتىن چۈشمەكچىدىم ،ھازىر ئىشلەۋاتىمەن. - ئۇنداق بولسا دەخلى قىلماي،ئىشىڭىزنى قىلىۋىرىڭ ،كىيىن كۆرىشەرمىز. - ماقۇل،خوش. - خوش. ئۇنىڭ ‹‹ھازىر ئانچە ئالدىراش ئەمەس ››دىيىشىنى ئارزۇ قىلغىنىمنىڭ ئەكسىچە تىزلا ‹‹خوش›› دىيىشى كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىپ تۇرسىمۇ ‹‹كىسەل كۆپ بولسا كىرەك›› دەپ ئۆزۈمنى بەزلىدىم. نىمىشقىكىن ئەتىسى ئۇ يەنە كاللامغا كىرىۋالدى،ئۇنىڭ ئەينى چاغدا مەن بالنىستا ياتقاندا يۈرىكىمنى ئېچىشتۇرغان ‹‹...خۇدايىم بىزگە ئوڭ كۆزىدە قاراپتۇ...››دىگەن گىپى ئاللىقاياقلارغىدۇ غايىپ بولۇپ كەتكەندەك قىلاتتى. ئەتىسى كەچكىچە نىمىشقىكىن كۆڭلۈم بىر ئىشلارنى – گۈلمىرە بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىستەپلا تۇراتتى..ئۇ تۇنۇگۈنكى كۈنلۈكتە كەچ سائەت سەككىزدە ئىشتىن چۈشسە بۈگۈن كىچىلىك ئىسمىنىدا ئىشلىشى ئېنىىق . كەچ بولىشىنى كۈتۈشكە باشلىدىم،ھەم جىددىيلىشەتتىم ھەم تاقەتسىزلىنەتتىم. كەچ سائەت ئوندىن ئاشقاندا يوغان بىر سۇلياۋ خالتىنى ھەر خىل يەل يىمىشلەر بىلەن تولدۇرۇپ دوختۇرخانا تەرەپكە ماڭدىم. (مەن بۇ يېشىمغا كىلىپ ئۆيۈمگىلا ئەمەس ھەتتا ئاتا-ئانامغىمۇ بۇنچىلىك مىھرىبانلىق قىلىپ باققىنىمنى بىلمەيمەن.)دوختۇرخانا دىگەن كىسەل يوقلاپمۇ،كىسەل كۆرسۈتۈپمۇ بىمالال كىرىپ چىققىلى بولىدىغان جاي بولغاچقا باشقىلار نىمە دەپ قالا دىگەنلەرنىمۇ ئانچە ئويلاپ كەتمىدىم. ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا يېقىنلاشقانسىرى جىددىيلىشىۋاتاتتىم،كەچ بولۇپ كەتكەچكە كارىدۇردىمۇ ئادەم كۆپ ئەمەس ئىدى.ئۇدۇل بېرىپ ئۇنىڭ ماڭا تونۇش بولۇپ كەتكەن ئىشىانىسى تەرەپكە بۇرۇلدۇم.ئىشىك ئوچۇق بولۇپ ،ئۇ بېشىنى دەرىزە تەرەپكە بۇراپ ئولتۇرۇپ تىلفۇندا سۆزلەشكىلى تۇرۇپتۇ،پۈتۈن دىققىتى بىلەن پاراڭلىشىۋاتسا كىرەك مىنىڭ كىرگىنىمنىمۇ تۇيماي قالدى. - ۋايجان،يەنە شۇ گەپمۇ ئادەمنى جىددىيلەشتۈرمەڭە،ئەمدى تېخى ئككىنچى كۈنى، سىز شەھەردىكى ئىشلىرىڭىزنى تۈگۈتۈپ كىلىپ ئىككىمىز كۆرىشىدىغان ۋاختى كەلگەندە ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇپ بولسىمۇ تەييار قىلارمان،- ئۇنىڭ ئاۋازىدىن نازلىنىپ ئەركىلەۋاتقاندەك ئۇرغۇ ئىپادىلىنىپ تۇراتتى، -راس ئەركىن،يەنە بىر گەپ ئەمدى ئۇ رىمۇنىۇتچىنىڭ گىپىنى قىلماڭا ئادەمنىڭ سۈپتىنى چۈشۈرۈپ ،قەيسەر دىگەنچۈ ئېغىزنى بىرىشكە بولىدىغان كۆڭۈل بىرىشكە بولمايدىغان بىر رىمۇنۇتچى قاسماق تۇرسا سىز ئەقىللىق ئادەم تۇرۇپ شۇنچىلىك ... ئۇنىڭ شاتلىق چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى بېشىنى ئىشىك تەرەپكە بۇراش بىلەن تەڭ مىنىڭ غەزەپ چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىم بىلەن ئۇچراشتى.قولۇمدىكى سۇلياۋ خالتىنى ئىشىكنىڭ يېنىغا توختۇتۇپ قويۇلغان قىزىل رەڭلىك يوغان ئەخلەت چىلىكىگە تاشلاپلا ئالدى – كەينىمگە قارىماستىن چىقىپ كەتتىم... ئەركىن مىنىڭ بالىلىق چاغلىرىمدىن باشلاپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئەڭ يېقىن دوستۇم يەنە كىلىپ ئۇ گۈلمىرە ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلاردىن ئاز تولا خەۋرى بار بىردىن – بىر كىشى بولۇپ قېيىن ئانامنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىن موتىسكىلىتتا قېچىپ كەلگەن كۈنى ئولتۇرۇپ ئىچىشكەچ ئىچ سىرىمنى خېلى چۇڭقۇر بىلگەن ، كىيىنكى كۈنلەردە بېشىمغا كۈن چۈشۈپ قولۇمچە بەرگەن پۇلنى قايتۇرمىغاننىڭ سىرتىدا مەندىن تۈزۈكرەكمۇ ھال سورىمىغان ئىدى.ئەسلىدە ئۇنىڭ قورسىقىغا خېلى بۇرۇنلا جىن كىرىپتىكەن ئەمەسمۇ ؟!.ئەركىنگە تىلفۇن قىلىپ‹‹ مەندىن ئاشقان يەم خەشەك،ئەمدى يىسۇن ساڭا ئوخشاش ئىت ئىشەك›› دىگىم كەلدى.ئەمما،ئۇنىڭغا موللام چىللاپ قويغاندەكلا يارىشىپ قالغان ‹‹خۇمسى تاز›› دىگەن لەقىمىنى ئويلاپ ئوي خىيالىمدىن ۋاز كەچتىم. ئاغىنە بالىلارنىڭ ئۇنى‹‹ خۇمسى تاز ›› دەپ يۈرگىنى ئۇنىڭغا خوپ كەلگەندەكلا قىلاتتى.ئەركىن بىلەن بولغان ئوتتۇز يىللىق دوسلۇقىمىز ئەنە شۇنداق چۈشەندۈرۈشسىز،دىدارلىشىشسىز،ئۈن- تۈنسىز ئاخىرلاشتى.دوسلار ئارىسىدىمۇ ئاستا –ئاستا ئۆلۈكىمىزدىن ئىچكى قىسىمدا ئىككىگە بۆلۈنۈش شەكىللىنىپ قالدى.گەرچە بۇ بىر كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئىش بولسىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھەممىمىز ئاجىزلىق قىلغاچقا ئۆز مەيلىگە قويۋىتىشكە مەجبۇر بولدۇق. - ئىشلەپ كۆنۈپ قالغان ئادەم بىكارچىلىقتا زىرىكىپ قېلىۋاتامسىز نىمە ؟،- بىر كۈنى ئۇخلاش ئالدىدا ئۆزەمنى ئىرەڭسىزلىك بىلەن كارۋاتقا تاشلاپ قانال يۆتكەپ ياتسام ئايالىم سۇئال نەزىرى بىلەن ماڭا قارىدى. -ئۇنداقمۇ ئەمەس،- شۇنداق دىمەي نىمىمۇ دىيەلەيمەن،باشقىلارنىڭ ئالدىدا قونچاق بولدۇم دىيەلەمتىم ؟ بىرەر ئىش قىلاي دىسەممۇ دەسمى غەلتەككە چىقىپ قالغاچقا ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان بولمىسا ،- ئازراق كۆنەلمەيۋاتىمەن شۇ. -بىر مەزگىل ئارام ئېلىپ تۇرسىڭىز ئىشمۇ تېپىلىپ قالا.مەن... ئۇنىڭ گەپنىڭ ئاخىرىنى يۈتۈۋەتكىنىنى بىلىپ تۇرساممۇ ئىچ پۇشۇقلۇرۇم تۈپەيلى جىم-جىتلىقنى خالايدىغان بولۇپ قالغاچقا كوچىلاپ سورۇغۇم كەلمىدى . شۇ قېتىملىق قىسقا سۆھبەتتىن ئىككى ھەپتىلەر كىيىن بولسا كىرەك پاتىگۇل تاماقتىن كىيىن ئايرىم گىپى بارلىقىنى دىدى. - نىمە گەپ بولسا دەۋەرمەمسىز ؟،- دىدىم يەنە بىر خىل ئىرەڭسىزلىك بىلەن،- ئايرىم ئۆيگە كىرىپ دىيىشمىسەك بولمايدىغان نىمە ئىش بار ئارىمىزدا ؟ -ئاۋۋال مېڭىڭە، - ئۇ مىنى زورلاپ ياتاق ئۆيگە ئەكىرىپ ئىشىكنى چىڭ يېپىۋەتتى. -بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟،- ئۇنىڭ قىلىقلىرىغا سەل ھەيران قالدىم. -بىر گەپ قىلسام خاپا بولاسىزمۇ ؟ -نىمە ئىشلىقىنى ئاۋۋال دىمەمسىز ؟ -مەن...مەن سىزگە ...،- ئۇ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ كىچىك قول سومكىسىدىن قىزىل تاشلىق بانكا كارتىسىنى ماڭا ئۇزاتتى،-سىزگە دىمەيلا ئالتۇن زىبۇ -زىننەتلىرىمنى سېتىۋەتتىم. -نىمە ؟! -ئاۋۋال گىپىمنى ئاڭلاپ بېقىڭە ،-ئۇ مىنىڭ چىرايىمغا قاراپ ئالدىراپ گەپ باشلىدى،- بىر چاغدا دۇكاننى ماشىنا رىمۇتۇت دۇكىنىغا ئۆزگەرتەيمىكىن دەۋاتمامتىڭىز ؟ -مەن سىزگە شۇنداق دىدىمما ؟،- ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قارىدىم .ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭغا ماشىنا رىمۇنۇت دۇكىنى ئېچىش ئارزۇيۇم بارلىقىنى ئەمەس ھەتتا ۋەلسىپىت رىمۇنۇت دۇكىنىنىڭ ئەھۋانىمۇ دىمەيدىغان تۇرسام . -ماڭىغۇ دىمىگەن،تىلفۇندا بىرىگە دىگىنىڭىزنى ئاڭلىغانتىم،قارىسام يېقىندىن بويان ئىچىڭىز پۇشۇپ قېلىۋاتىدۇ شۇڭا ئۇ تومۈر-تەسەكلەرنى ساتقان پۇلغا ،سىزنىڭ داۋالىنىش تالۇنلىرىڭىزنى ھۆكۈمەتتىن ئاتچوت قىلىپ بەرگەن پۇلغا قوشۇپ ماۋۇ كارتىغا ئامانەت قويۇپ قويدۇم،سىز ئىشنىڭ يولىنى قىلغاچ تۇرسىڭىز كەملىگەن قىسمىنى چوڭ ئۆيدىكىلەر تېپىپ بىرىدىغان بولدى.ئىشنى بۇرۇنقىدەك كىچىكرەكتىن باشلىغاچ تۇرسىڭىز ئاستا-ئاستا بىر گەپ بولا. قولۇمدىكى قىزىل تاشلىق بانكا ئامانەت كىنىشكىسىدىكى پۇل سوممىسىغا ئىشەنمىگەندەك ئۇنىڭغا قارىدىم،ئۇ كۆز ئالدىمدا تەبەسسۇم قىلىپ مىنىڭ ھەر بىر ھەركىتىمنى كۈزۈتۈپ تۇراتتى.ئۇنىڭ بۇنچىلىك گۈزەللىكىنى ،بۇ قەدەر مىھرى ئىسسىق ئاياللىقىنى شۇ تاپتا تۇنجى قېتىم كۆرىۋاتقاندەك ھىسىياتتا بولىۋاتاتتىم. ئىشلىرىم ئويلىغىنىمدىنمۇ بەكرەك ياخشى بولۇپ تىرىشچانلىقىمنىڭ نەتىجىسىى كۆرۈلۈپ رىمۇنۇتخانامنىڭ تىجارىتى ئوبدانلا يۈرۈشۈپ،رىمۇنۇتخانىدا نەچچە ئادەم ئشلەيدىغان ھالەتكە يەتتى،يەنە تۆت دانە يۈك ماشىنىسى سېتىۋېلىپ قانداق يۈكنىڭ ئېپى چىقسا شۇنى توشۇپ ياكى سىمۇنۇت،كۆمۈر قاتارلىق بازىرى تىز مەھسۇلاتلارنى ئەكىلىپ قۇرلۇش شىركەتلىرى،ئىدارە ئورگانلارغا توپ ئۆتكۈزۈپ جاپا تارىتساممۇ ھەممە جەھەتتىن تەڭ تىرىشىپ- تىرمىشىپ ئىختىسادى ئەھۋالىممۇ بارغانسىرى ياخشىلىنىپ كەيپىياتىممۇ شۇنداق كۆتۈرەڭگۈ ھالەتتە يۈرىيدىغان بولۇپ قالدىم.بىراق خوشلۇقۇمغا ئورتاق بولۇپ مىنى قوللايدىغان مەن ئۈچۈن سۆيۈنىدىغان جاپاكەش دادام بىر قارىسا بىزلەردىن بولۇپمۇ ماڭا ئوخشاش ئۇچۇشقا قانىتىلا كەم تۇغۇلۇپ قالغان ئوغلىنىڭ ئەقىل تاپقىنىدىن خاتىرجەم بولغاندەك يەنە بىر قارىسا ھاردۇق يەتكەندەك بىر كۈنى چۈشتە ئۇخلاپ قالغانچە ئويغىنالماي ئۇ دۇنياغا كىتىپ قالدى.شۇنىڭدىن كېيىن ئانام بەزىدە بىز بالىلاردىن بەزىدە نەۋرىلەردىن يەنە بەزىدە كىلىنلەردىن قاخشاپ خاپا بولىدىغان،ھەتتا تۇرۇپلا سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ ھەممىمىزنى ئۆيلىرىمىزگە كىتىشكە مەجبۇر قىلىدىغان بولۇپ قالدى. بىر قېتىم قان بېسىمى ئۆرلەپ ياتاقتا ياتقۇزۇپ تەكشۈرتۈش داۋالىتىش جەريانىدا دوختۇرلار بىلەن پىكىرلىشىپ بىلدۇقكى ئانامدىكى ئۇ خىل ئۆزگۈرۈش ئىچ ئاغرىقى ۋە ياشانغانلاردا بولىدىغان مىڭە يىگىلەشتىن ئىكەن. دادامنىڭ ئۆلۈمى ئانامغا بەكمۇ ئېغىر كەلدى،دىمىسىمۇ قىرىق يىلدىن بىرى رايىشلىق بىلەن ئانامنىڭ دىگەن يېرىدىن چىقىپ ،ئانامغا جاپا مۇشەققەتنى بىلىندۈرمىگەن،بەزى چاغلاردىكى تەتۈرلىكىنى كىچىك بالىنى بەزلىگەندەك پەپىلەپ ئانامنىڭكىنى راس قىلىپ ئۆتكۈزۈپ مىھماندەك ئۆتكەن ئۆمۈر يولدىشىدىن ئايرىلىش ئازابى ئانامنى ھەقىقەتەن قىينىغان ئىدى. ئوغلۇممۇ يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىپ ئارام ئېلىش كۈنلىرىدە مەن بىلەن رىمۇنۇتخانىغا بىللە بارغىدەك بولۇپ قالدى.خىزمىتىمدە ئەمىلىممۇ ئۆسۈپ يۇرىتتا مەيلى خىزمەت ياكى تىجارەت،ئائىلە تۇرمۇشى جەھەتتە بولسۇن ھەممىنىڭ مەسىلىكى كەلگىدەك ھالغا يىتىپ قالدىم. ئەمما ئىشلىرىم بەكمۇ جاپالىق ئىدى.رىمۇنۇتخانىدا يېڭى – يېڭى مەسلىلەرگە دۇچ كىلىپ تۇراتتىم.يۈك ماشىنىللىرىنىڭ غەلۋىسى ئۇنىڭدىن جىق ئىدى.بەزىدە ھەتتا يۈك ماشىنىللىرىنى ئۇزۇن مۇساپىلەرنىڭ يېرىم يوللىرىدا كېچىلەردە تاشلىۋىتىپ جاپاغا چىدىماي قېچىپ كەتكەن شوپۇرلارنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇپ يۈكنى قايتۇرۇپ كىلىپ ئەتىسى قۇم تىققاندەك قىزىرىپ كەتكەن كۆزۈمنى سوغوق سۇدا يۇيىۋىتىپ ھىچ ئىش بولمىغاندەك خىزمەت ئورنۇمغا چىقىپ خىزمەتلەرگە يىتەكچىلىك قىلىپ، تۈگىمەس يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلىۋاتقاندەك قىلساممۇ ئۇيقۇسىزلىق ،ھارغىنلىق جېنىمنى بەكمۇ قىينايتى.يەنە بەزىدە بوران- چاپقۇنلۇق ،قەھرىتان سوغاق ،زىمىستان ئىسسىق،سايلىق ،پاشىلىق دىمەي كاردىن چىققان چاقنى يەڭگۈشلەيدىغان بەزىدە ھەتتا يامايدىغان،سىم يوللىرىدىكى كاشىلىنى تېپىپ ئوڭلاپ يولغا سالىدىغان ئىشلارنى قىلاتتىم.بىرنەچچە قېتىم ‹‹جېنىمنى بۇنچە قىينىغىچە پارتىيە ماڭا بەرگەن ئىش ھەققىگە شۈكرى قىلىپ باشقىلاردەك ئاز يىسەممۇ ئارام ئېلىپراق ياشىسام بولمامدۇ ؟ ھىلىمۇ ئۆزۈمگە ئاز !›› دەپ ئۆز-ئۆزۈمنى ئەيىپلىگەن،نەچچە قېتىم بۇ جىن – ئالۋاستىلارنى سېتىۋىتىپلا قۇتۇلۇپ ئارام ئېلىش خىيالىغىمۇ كەلگەن ئىدىم .خىزمەت بېسىمىم ئۇنىڭ سىرتىدا ،رەھبەر بولغاندىن كىيىن سەككىز سائەتنىڭ سىرتىدىمۇ ئىشلەشكە ،يىغىنلارغا قاتنىشىشقا ،ئىش ئورۇنلاشتۇرۇپ نەتىجىسىنى سۈيلەشكە توغرا كىلەتتى. بىراق بىرەر ئاخشام قانغۇدەك ئۇخلىۋالسام ياكى قىلغان ئىشىم نەتىجىلىك بولسىلا جاپالار ئۇنتۇلۇپ رىمۇنۇتخانام جەننەتتەك،ماشىنىللىرىم سۆيۈملۈك پەرىشتىلەردەك كۆرۈنۈپ مىھرىمنى ئۈزەلمەي ئۇ ئىشلارغا يەنە بېشىمچىلاپ كىرىپ كىتەتتىم. گۈلمىرەنىڭ ئىرى ئۆسمە كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا ئۇزۇن مۇددەت داۋالىنىپ كىسەللىك ئارام ئېلىشىغا چىقىپ ئولتۇردى. ئەركىن تاز جەمىيەتتە قايسى ئىشنىڭ ئېپى بولسا شۇنى قىلىپ ئاز- تولا پۇل تېپىپ يولى كەلسە قىز- چوكانلارغا مەن بىلىدىغان شىرىن تىلى بىلەن كۆڭۈل بىرىپ ئۆزىنى خوش قىلىپ يۈردى.ئارىمىزدىكى ئوتتۇز يىللىق دوسلۇق رەقىپكە ئايلىنىپ، ئوتتۇرىدىكى بەزى جان باقار سۈخۈئەنچىلەرنىڭ كۈشكۈرتىشلىرىدىن ئۆۈزمنى تارتىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ قويۇشتىن ياكى يۈزۈمنى تۆكۈۋېلىشتىن ئىھتىيات قىلىشقا ئۆزگەردى. ئەڭ مۇھىمى – بۇ جاپالارنى ، ئىچ پۇشۇقلىرىمنى ئۇنتۇلدىرىۋاتقان بىردىن – بىر روھى مەدەت – ئائىلەمنىڭ خوشاللىقى ۋە پاتىگۇلنىڭ نىمە قىلسام قوللاپ ، ھالىمغا يىتىپ ، توغرا يۆلۈنۈشۈمنى ئەسكەرتىپ تۇرىشى ئىدى.
|
|