ئۇيغۇر فوتوگرافىيە تورى ئېچىلدى
كوللېكتىپ سۈرەت
2013-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى دۇنيا فوتو سۈرەت كۈنى. مۇشۇ كۈننى خاتىرىلەش شۇنداقلا ئۇيغۇر فوتوگرافىيە تورىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى شۇ كۈنى كەچتە ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى. سۆھبەت يىغىنىغا ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر فوتو سۈرەتچىلەر، بىر قىسىم ژۇرناللارنىڭ باش مۇھەررىرلىرى شۇنداقلا ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشتى. سۆھبەت يىغىنىدا ئۈرۈمچى << جۈپ قول >> فوتو سۈرەتخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەتجان يېڭىدىن ئېچىلغان ئۇيغۇر فوتوگرافىيە تورىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئاپتونوم رايونلۇق فوتوگرافلار جەمئىيىتىدىن قۇربان مۇھەممەت ئۇيغۇر فوتوگرافلىرى ۋە ئېنتىرنېت تورىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى بايان ئەتتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق فوتوگرافلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يالقۇن ھابىل ئۇيغۇر فوتوگرافىيە تورىنىڭ رەسمىي ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق فوتوگرافلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يالقۇن ھابىل ئۇيغۇر فوتوگرافىيە تورىنىڭ رەسمىي ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئەكبەر غولام سۆز قىلماقتا
سۆھبەت جەريانىدا ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ فوتو سۈرەت جەھەتتىكى ئەمەلىي تەجرىبىسى شۇنداقلا ھازىرقى ئىلغار تارقىتىش ۋاستىلىرىنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى رولىغا ئاساسەن بۇ تورغا نىسبەتەن قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بەردى. فوتو سۈرەتچىلىك ئىنتايىن قىزىقارلىق ھەم كۆڭۈللۈك كەسىپ بولۇپ، فوتو سۈرەت تېخنىكىسى 1839 – يىلى دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان دۇنياغا ئاجايىپ زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئۇ ئادەتتىكى تۇرمۇشىمىزدىن باشقا ئاخبارات، ئېلان تەشۋىقات، مائارىپ ، تەنتەربىيە، تېببىي ساھە، ھەربىي ئىشلار، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. ھازىر فوتۇگرافىيە ساھەسى پورترېت، مەنزىرە، فولېكلور، ئاخبارات، سودا، ئېكولوگىيە، ئالاھىدە فوتۇگرافىيە قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. ھازىر ئەتىراپىمىزدا پۈتۈن زېھنى، قىممەتلىك ۋاقتى ، مول كەسپىي تەجىربىسى بىلەن دىيارىمىزنىڭ گۈزەل مەنزىرسى ، قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە شانلىق مەدەنىيىتىنى ئاپارات تىلى بىلەن خاتىرلەپ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ فوتو سۈرەتچىلىك ساھەسىگە ئۈن – تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان مول تەجىربىگە ئىگە كەسپىي فوتوگرافلار خېلى بار . رەقەملىك سۈرەت تېخنىكىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە ئېنتىرنېت تورىنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشى بىلەن چەتئەللەر ۋە جوڭگۇدا فوتو سۈرەتچىلىككە ئائىت نۇرغۇنلىغان كەسپىي تور بەتلەر قۇرۇلۇپ فوتۇگرافىيە ساھەسىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈردى . مۇشۇنداق ۋەزىيەتكە دىيارىمىزدا مەخسۇس كەسپىي تور بەتنىڭ قۇرۇلىشى ھەممەيلەننىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالدى . ئۈرۈمچى جۈپ قول كەسپىي سۈرەتخانىسى 2 يىل تىرىشىش ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە سۈرەتخانام تورىنى قورۇپ چىقتى.(www.surathanam.com)
ئۈرۈمچى << جۈپ قول >> فوتو سۈرەتخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەتجان يېڭىدىن ئېچىلغان ئۇيغۇر فوتوگرافىيە تورىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى
نۆۋەتتە تەجىربىلەرنى يەكۈنلەش ، ئۇستازلاردىن تەلىم ئېلىش ئارقىلىق دىيارىمىزدىكى فوتوگرافلار ، سۈرەتخانىلار شۇنداقلا كەڭ ھەۋەسكارلارنىڭ ئۆز – ئارا ئۈگىنىش ، تەجىربە ئالماشتۇرۇش ۋە جاھاندىكى كەسىپكە دائىر يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەر تېپىشقا سەھنە ھازىرلاش ، قىسقىسى ئۇيغۇر فوتو سۈرەتچىلىك كەسپىگە سەمىمىيىلىك بىلەن خىزمەت قىلىش ئۈچۈن « ئۇيغۇر فوتۇگرافىيە تورى » رەسمىي ئېچىلغان بولۇپ، تور بەت ئادېرسى : www.uyfoto.com
ئاپتونوم رايونلۇق فوتوگرافلار جەمئىيىتىدىن قۇربان مۇھەممەت سۆز قىلماقتا
ئۇيغۇر فوتوگرافىيە تورى بەت ئۇچۇرى، مۇنبەر ، دەرىسخانا ، بازار ، سۈرەت ئامبىرى قاتارلىق سەھىپىلەرگە بۆلۈنگەن . ئۇچۇر سەھىپىسى – ئونىۋېرسال ئۇچۇر ، يېڭى ئۈسكۈنە ئۇچۇرى ۋە يۇمشاق دېتال ئۇچۇرلىرىدىن ئىبارەت كىچىك تۈرلەرگە ئايرىلغان . ئۇنىۋېرسال ئۇچۇردا فوتو سۈرەتچىلىك كەسپىگە دائىر جوڭگۇ ۋە چەتئەللەردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر بېرىلىدۇ . ئۈسكۈنە ئۇچۇرىدا فوتۇگرافىيە ساھەسىدىكى داڭلىق شىركەتلەرنىڭ ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىكى ، بازارغا چىقىش ۋاقتى ، باھاسى ... قاتارلىق ئۇچۇرلار بېرىلىدۇ .
سۆھبەتتىن كۆرۈنۈشلەر يۇمشاق دېتال ئۇچۇرىدا سۈرەت بىر تەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئۇچۇرى ۋە چۈشۈرۈش ئادېرسى قاتارلىقلار تەمىنلىنىدۇ . مۇنبەر سەھىپىسىدە تورداشلار ئۆزلىرى تارتقان سۈرەتلەرنى يوللاپ باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىدۇ . كۆپچىلىك بۇ تېمىلارغا ئۆزلىرىنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىنى بېرىپ ئۆز – ئارا تەجىرىبە ئالماشتۇرىدۇ . دەرىسخانا سەھىپىسىدە فوتو سۈرەتچىلىك ۋە كومپىيۇتېردا سۈرەت تەھرىرلەشكە دائىر ساۋاتلار يوللىنىدۇ . فوتۇگرافلار سەھىپىسى خالىقئارادىكى فوتۇگرافلار، مەملىكىتىمىزدىكى فوتۇگرافلار ۋە دىيارىمىزدىكى فوتۇگرافلاردىن ئىبارەت 3 مەزمۇنغا ئايرىلغان . بۇ سەھىپىدە فوتۇگرافلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ، ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرى تونۇشتۇرلىدۇ .بازار سەھىپىسىدە سۈرەتچىلىك سايمانلىرى ۋە سۈرەتخانا لازىمەتلىكلىرى سېتىلىدۇ . ئۇندىن باشقا يەنە نىمكەش بازىرى قۇرۇلۇپ كەسىپداشلارغا ئۆز – ئارا ئۈسكۈنلىرىنى سېتىش ياكى ئالماشتۇرۇش ئۇچۇرلىرى يەتكۈزۈلىدۇ . سۈرەت ئامبىرى – بۇ سەھىپىدە مەنزىرە ، ئۆرۈپ – ئادەت ، كىيىم كىچەك ، يېمەك- ئىچمەك ، مېۋە – چىۋە ، قۇرۇلۇش بىناكارلىق ، چالغۇ ئەسۋاپلار ، ھايۋانات ، ئۇچار قۇشلار ، تارىخى سۈرەت قاتارلىق تۈرلەر بويچە فوتۇگرافلارنىڭ ئەسەرلىرى بىرىلىدۇ ، تور بەتتە سۈرەتلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بېرىلمەي رازمىرى كىچىكلىتىلىپ بېرىلىدۇ . سۈرەت ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەر فوتۇگراف ياكى تور مەسئۇللىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ سۈرەتلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ھەقلىق ئىشلەتسە بولىدۇ .
سۆھبەتتىن كۆرۈنۈشلەر
|