تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 2841|ئىنكاس: 15

چەت ئەلدە بالىلار يازلىق تەتىلنى مۇنداق ئۆتكۈزىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

62

تېما

1

ئەگەشكۈچى

860

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
211
مۇنبەر پۇلى
464
ئىشەنىچ
211
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-19 17:10:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەت ئەلدە بالىلار يازلىق تەتىلنى مۇنداق ئۆتكۈزىدۇ

گېرمانىيەدە: يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىشنىڭ ئالدىدا ئوقۇغۇچىلارغا باھاسى ناھايىتى ئەرزان ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى سېتىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بۇ كىنىشكا بىلەن بەيگە مەيدانى، كىنوخانا، كۈيخانا، تەنھەرىكەت مەيدانىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى ئاز پۇل تۆلەپ سېتىۋالالايدۇ ياكى ياشلار، ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى تەمىنلىگەن ھەر خىل كۇرسلاردا ئازراقلا ھەق تۆلەپ ئوقۇيالايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت كىنىشكىسى بىلەن شەھەردىكى ھەر قانداق ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ھەقسىز ئولتۇرالايدۇ.
   كانادادا: ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەتىلدە قېيىق ھەيدەش، ئېكسپېدىتسىيە قىلىش، مەھەللە پائالىيىتىگە قاتنىشىش، ساياھەت قىلىش ۋە ئىشلەش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. جەمئىيەتتىكىلەر بالىلارنىڭ خالىس ئەمگەك قىلىشىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇلارنى باشقىلارغا دەرس تەكرارلاپ بېرىش، مۇھىت ئاسراش، ئائىلىۋى ئەمگەك قىلىش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، ئاغرىقلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
   ئامېرىكىدا: ئىستۇدېنتلار ھەر خىل جامائەت پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ ھەم يازلىق لاگېر پائالىيىتىنى تەشكىللەيدۇ، خىزمىتى ئالدىراش ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى يازلىق لاگېرغا ئەكىلىپ قويىدۇ، سىتۇدېنتلار بالىلارغا قاراش ۋە بالىلار بىلەن ئويناشقا مەسئۇل بولىدۇ. تەتىلدە ساياھەتكە چىقىدىغانلارمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇلار يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ياشىغان يەرلەرگە ساياھەتكە بارىدۇ.
   فرانسىيەدە: كۆپىنچە بالىلار كۇتۇپخانا، مۇزېي، پەن – تېخنىكا سارىيىغا بېرىش ياكى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق بىلىم ئاشۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ياشلار، ئۆسمۈرلەر مۇزېيلارنى ھەقسىز ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ، كۆپ ساندىكى پائالىيەت مەركىزى ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن پائالىيەت تۈرلىرى ۋە قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، يازلىق تەتىلنى بالىلارنىڭ كۆڭۈللۈك تەتىلگە ئايلاندۇرىدۇ.
...مەنبە : uy.ts.cn .
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 20:30:44
مەن بۇ تور بئتگـە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-13 06:40, Processed in 0.101436 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش