- تىزىملاتقان
- 2013-2-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-26
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 326
- نادىر
- 0
- يازما
- 44
 
- تۆھپە
- 67
- مۇنبەر پۇلى
- 194
- ئىشەنىچ
- 67
| ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، تەڭرىتاغ يانفون گېزىتى ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بىۋاسىتە نازارەتچىلىكىدە، تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇرچە يانفون گېزىتى بۆلۈمى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان گېزىت بولۇپ، مەزكۇر گېزىت بۇلتۇر بىر مەزگىل سىناق قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر مىليون يانفون ئابونتچىلىرىغا ھەقسىز تارقىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. تەڭرىتاغ يانفون گېزىتى ئاساسلىقى ئاساسىي قاتلامدىكى دېھقان چارۋىچىلارغا قارىتىلغان بولۇپ، گېزىت مەزمۇنى: دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق بىلىملىرى، باغۋەنچىلىك بىلىملىرى، ساغلاملىق بىلىملىرى، قانۇن بىلىملىرى، ئىقتىساد بىلىملىرى، تەرمىلەر، پىسخىكا بىلىملىرى، تۇرمۇش ئۈگۈتلىرى، يۇمۇر قاتارلىق تېمىلارنى ئاساس قىلىدۇ. تەڭرىتاغ يانفون گېزىتى رەسمىي تارقىتىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، مەزمۇنىنىڭ سەرخىللىقى، رەڭدارلىقى، پايدىلىنىش قىممىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكى بىلەن كەڭ يانفون ئابونتچىلىرىنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەڭرىتاغ تورى، يانفون گېزىتىنىڭ تارقىتىلىش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، ئۈندىدار سۇپىسىدا ماس قەدەملىك تارقىتىشنى يولغا قويدى. ئەگەر يانفونىڭىز تەڭرىتاغ گېزىتىنى قوبۇل قىلالمىغانلىق سەۋەبىدىن تەڭرىتاغ يانفون گېزىتىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولالمىغان بولسىڭىز ھەمدە ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون بولسا، سىز پەقەت تەڭرىتاغ يانفون گېزىتى ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەگىشىۋالسىڭىزلا، تەڭرىتاغ يانفون گېزىتىنىڭ سەرخىل، رەڭدار مەزمۇنىدىن بىمالال پايدىلىنالايسىز. تەڭرىتاغ يانفون گېزىتىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ ئىزدەش نامى: uyxjts ئاخىرىدا ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمىز!
|
|