تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 300|ئىنكاس: 7

يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى تەشكىلاتىنى بىلەمسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

4

ئەگەشكۈچى

281

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
33
مۇنبەر پۇلى
203
ئىشەنىچ
33
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-14 12:01:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى تەشكىلاتى 2008-يىلى 1-ئايدا ئۈرۈمچى تاموژنا ئىدارىسىنىڭ خادىمى يالقۇن ئوسمان ئەپەندى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، 2009-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ پىدائىيلار جەمئىيىگە قاراشلىق باش ئەترەتكە قوشۇلدى. تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى- ھەر ساھەدىكى ساخاۋەتچى زاتلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق، قىسمەن يېزا مەكتەپلىرىدىكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىپ، شەھەردىكىلەر بىلەن يېزىلاردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش ۋە ئۆسۈپ- يېتىلىش قاتارلىق تاشقىي مۇھىتتىكى غايەت زور پەرقنى كىچىكلىتىش، شەھەردىن يىراق جايلاردا ياشاۋاتقان بالىلار ۋە ئاھالىلەرگە تاشقىي دۇنيانى تونۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى ئۆگىنىشىگە، ھەمدە دېھقانلار ۋە يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە كۈچەش؛ چەت ياقىدىكى يېزا مەكتەپلىرىگە ئېلېكترونلۇق ئوقۇتۇش سىنىپى قۇرۇپ بەردى، مۇناسىپ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى، چېنىقىش سايمانلىرى ۋە تۈرلۈك كىتاپلارنى تەمىنلىدى، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش، مەكتەپنى كۆكەرتىش، بېزەش ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى، شارائىت يار بەرگەن ئەھۋال ئەستىدا، مۇلازىمەتنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇندى. يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى 2008-يىلى 1-ئايدا قۇرۇلۇپ ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغان مۇشۇ 6 يىل جەريانىدا، مەمۇرى خادىم، مۇخبىر، كارخانا ئالىي باشقۇرغۇچىسى، كارخانا خادىملىرى، ئەدىب- مۇتەخەسسىسلەر، پىنسىيونىرلار، ئوقۇتقۇچى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە دېھقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساخاۋەتچى زاتلاردىن مۇجەسسەملەنگەن، يەنە تېخى نۇرغۇن كىشىلەر قاتنىششنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ. 2008-يىلى 8-ئايدىن 2010-يىلى 8-ئايغىچە بولغان ئىككى يىل جەريانىدا، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكى زاتلارنىڭ ياردەم بېرىشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە توربەتلىرى ئارقا- ئارقىدىن ئېچىلدى. بۇ توربەت بىزنىڭ ئۇچۇر ئېلان قىلىدىغان، مەنبەلەرنى جەملەيدىغان، خىزمەتلەرنى دوكلات قىلىدىغان، ئۇچۇر ئالاقە قىلىدىغان ۋە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان سەھنە ۋە بازا بولۇپلا قالماي، يەنە سىرتقى دۇنيانىڭ يېزا پىدائىيلىرىنى چۈشىنىدىغان مۇھىم كۆزنىكى بولۇپ قالدى. ئەزالار ھەر قېتىملىق پائالىيەتتە، سەمىمىي مۇئامىلە، مېھرى- مۇھەببەت ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلار گۈل بەرگەن قولدا خۇش پۇراق قالىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. ئالتە يىلدىن بۇيان، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، ساخاۋەتچى كارخانا ۋە ساخاۋەتچى زاتلارنىڭ 3 مىليون يۈەنلىك ئىئانىسىگە ئېرىشىپ، 54 ئاساسىي قاتلامدىكى مەكتەپلەرگە ئېلېكترونلۇق ئوقۇتۇش سىنىپى سېلىپ بېرىپ، 635 دانە كومپىيۇتېر، 140 دانە كومپىيۇتېر ئۈستىلى سەپلەپ بەردى، يەنە 4 كەنت دەرىجىلىك دېھقانلار مەدەنىيەت ئۆيىگە تېلېۋىزور، كومپىيۇتېر ۋە DVD ئاپپاراتى سەپلەپ بەردى. بولۇپمۇ نىمكەش كومپىيۇتېرلارنىڭ قايتا ئىشلىتشتىن ئىبارەت مۇلازىمەت يولىنى كېڭەيتىپ، ئىئانە قىلغۇچى، ئىئانە ئالغۇچى ۋە پىدائىيلاردىن ئىبارە ئۈچ تەرەپنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ئۈرۈمچىدە ئۇدا 4 يىل «يېزا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى» ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تەربىيىلىنىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 200 ئادەم قېتىمغا يەتتى. بىز يەنە ساخاۋەتچى زاتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، 100 مىڭ يۈەنلىك مەبلەغ بىلەن بايىنغولىن ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيىسى چاغانتۇڭگۇ كەنتلىك 2- باشلانغۇچ مەكتەپنى رېمونت قىلدى، 80 مىڭ يۈەن چىقىرىپ شۇ كەنتتىكىلەرگە ماشىنلاشقان قۇدۇق قېزىپ بەردى، 10 يېزا مەكتىۋىگە 60 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى كىتاپلارنى ئىئانە قىلدى. پىدائىيلار ئېلىپ بارغان «ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى يېزا مەكتەپلەرگە ئېلېكترونلۇق ئوقۇتۇش قۇرۇش تۈرى» جۇڭگو مائارىپ تورى ۋە جۇڭگو مائارىپ لىنىيىسى تەرىپىدىن 2010-يىللىق 10 چوڭ «جۇڭگو مائارىپ ساخاۋەت تۈرى» بولۇپ باھالاندى؛ 2011-يىلى 8-ئايدا 4 نەپەر پىدائىينىڭ سىن ئەسىرى «2011-يىللىق رۈيلى ياڭگۇاڭ فۇندى <كەلگۈسىنى سۆيىمەن> تېمىسىدىكى سىن ئەسەرلىرىنى يىغىش» پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 2012-يىلى 11-ئايدا، بېيجىڭ 21-ئەسىر مائارىپ ئاكادېمىيىسى بىلەن بېيجىڭ شىبۇ ياڭگۇاڭ فۇندى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «يېزا مائارىپىغا نەزەر» تېمىسىدىكى ساخاۋەت مىكروبلوگى خالىغانچە تارتىش پائالىيىتىدە، پىدائىيلار خالىغانچە تارتقان مىكروبلوگ مۇنەۋەر مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، 4 نەپەر پىدائىي تەكلىپكە بىنائەت بېيجىڭدا ئېچىلغان ساخاۋەت يۈكسەك مۇنبىرىگە قاتناشتى. ئالتە يىلدىن بۇيان، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ئۆز يېرىدىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، يېزا مەكتەپلىرىدىكى تەنەپپۇستا تائام بېرىش پائالىيىتىنى، نامرات ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىدىغان «كىچىك ئۈستىلىم» پائالىيىتىنى، يەنە بەزى شەھەرلەردىكى مەكتەپلەردە ئويۇنچۇق ۋە كىتاپ ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شەھەردىكى بالىلار بىلەن يېزىدىكى بالىلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتتى. يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى يەنە دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھەر خىل تۈرلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. شىنجاڭ ساخاۋەت تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ شىنجاڭ ساخاۋەت قۇتقۇزۇش ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، يى فۇندىنىڭ ئىللىقلىق بولىقى شىنجاڭدىكى تارقىتىش خىزمىتىغا ھەمكارلاشتى؛ بېيجىڭ «مېھرى- مۇھەببەت كېيىم ئىشكاۋى» (爱心衣橱) فۇندى بىلەن ھەمكارلىشپ، شىنجاڭدىكى 16 مەكتەپ ئۈچۈن 500 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئاتاكا كېيىملىرىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىپ، 2279 ئوقۇغۇچىنى مەنپەئەتلەندۈردى. ھەقسىز چۈشلۈك تائام تۈرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۇرپاندا شىنجاڭدىكى تۈنجى ھەقسىز تائام بېرىدىغان مەكتەپنى بەرپا قىلدى. پىدائىيلار كۆپ قېتىم شىنجاڭنىڭ سىرتىغا چىقىپ، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا قاتارلىق جايلاردا ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى. پىدائىيلار گەنسۇ مىنچىن ناھىيىسى چاچى بازارلىق يۇقىرى باشلانغۇچ مەكتىۋى، سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيىسى مىڭخۇا يېزىشى شۈسەنۋەن كەنتىلىك باشلانغۇچ، گەننەن تۈبۈت (زاڭزۇ) ئاپتونوم ئوبلاستى خېزو شەھىرى لېشيۇ يېزىلىق مەكتەپ، چىڭخەي شۈنخۇا سالار ئاپتونوم ناھىيىسى چىڭشۈي يېزىسى مېڭدا كەنتلىك مەكتەپلەردە ئۆز ئىزلىرىنى قالدۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى كۆپ قېتىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار پىدائىي مۇلازىمەت ئەترىتى، 12 پىدائىي ئايرىم- ئارىم ھالدا مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مۇنەۋۋەر پىدائىي بولۇپ باھالاندى. يېقىندا، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى بېيجىڭ شەھىرى شىبۇ ياڭگۇاڭ يېزا تەرەققىيات فۇندى بىلەن جېڭرۇڭ ساخاۋەت فۇندى ئورتاق ئېلىپ بارغان «كۆۋرۈك پىلانى» (桥畔计划) تۈرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى بارماقتا سانىغۇدەك پۈتۈن سوممىلىق ياردەمگە ئېرىشكەن ساخاۋەت تەشكىلاتى بولۇپ قالدى.
بىكەت ئادىرىسى: http://www.xjvsv.org
----------------
تولۇقلىما مەزمۇن:
يېقىندا بۇ پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېكىتى يېڭىچە قىياپەت ۋە يېڭىچە تور نامى بىلەن ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ... ھازىر ئۇيغۇرچە تور نامى pidayi.org ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنىڭ تەستىقىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ، ئىسىمنىڭ ئەن نومۇرى ICP تەستىقلىنىپ چىقسىلا، ئۇيغۇرچە بېكەت ئۆزگىچە قىياپەت بىلەن تورداشلارغا نامايەن بولغۇسى!
ھاياتلىق ھەرىكەتتە، ئىلقۇتمۇ ھەم!
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-13 05:31, Processed in 0.108057 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش