- تىزىملاتقان
- 2012-12-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-28
- ھوقۇقى
- 90
- جۇغلانما
- 3734
- نادىر
- 0
- يازما
- 719
 
- تۆھپە
- 1190
- مۇنبەر پۇلى
- 1886
- ئىشەنىچ
- 1190
| «ئانارخان»تىلۋىزىيە تىياتىرى توغرىسىدا
( «ئانارخان» ناملىق 22 قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرى 2011-يىلى ئىشلەنگەن بولۇپ،2013-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى تارقىتىلغان.) بۇ فىلىمدىكى ھىكايە 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىنىڭ ئاخىرى،50-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا شىنجاڭنىڭ تىنىچلىق بىلەن ئازات بولۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە يۈز بەرگەن. فىلىمدە نامرات، قالاق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يىزىسىدىكى چىرايلىق، ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر قىزى-ئانارخان بىلەن باتۇر يىگىت قۇرباننىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسى تەسۋىرلەنگەن. يۇرۇتتىكى چوڭ زومىگەر پومىشچىك-ئوسمانبەگ مۇشۇ رايۇندىكى ئەڭ چوڭ ھۆكۈمرانلىقنى قولغاكەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىمىن بەگكەئانارخاننى كىچىك خوتۇنلۇققا سوۋغا قىلماقچى بولىدۇ. ئانارخان ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلمىغانلىقتىن ئوسماننىڭ رەھمىسىزلەرچە زىيانكەشلىگىگە ئۇچراپ، ئائىلىسى ۋەيران بولىدۇ. ئازاتلىق ئارمىيە شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىپ،ئازاپ-ئوقۇبەت ئىچىدە قالغان ئەمگەكچى خەلق ئاممىسىغا ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولغىدەك، ياخشى تۇرمۇشقا ئۈمۈت ئېلىپ كېلىدۇ.بىراق ئىمىن باشچىلىغىدىكى كونا تۈزۈمنىڭ ئاسارىتىدە قالغان بىر قىسىم كىشىلەر ئۆز ھاكىمىيەت ئورنىنىڭ قولدىن كېتىشىگە تەن بەرمەي، چەتئەللىك ماشانى ۋەكىل قىلىپ، دۆۋلەت سىرتىدىكى كۈچلەردىن پايدىلىنىپ، يېڭى خەلق ھاكىميىتىنى ئاغدۇرىۋەتمەكچى بولىدۇ. ئازاتلىق ئارمىيە خىزمەت ئەتىرتىنىڭ قەيسەرلىك بىلەن يىتەكچىلىك قىلىشى ئارقىسىدا ئانارخان، قۇربان ۋە يۇرۇتداشلىرى بىرلىكتە ئەزگۈچىلەرگە قارىتا كۆپ قېتىم كۆرەش ئېلىپ بارىدۇ.ئۇلار ئىنقىلاپقا بولغان قىزغىنلىقى، قان-تەرى ھەتتا ئىسسىق قېنى ئارقىلىق، خەلق ھاكىميىتىنى قوغداپ، يېڭىچە ھايات ۋە تەقدىرنى كۈتۈۋالىدۇ. سىنارست-چىڭ ۋەنلى،لەن شاۋنىڭ،يەن چىڭشۇ. رىژىسۇر-يەن چىڭشىيۇ،يۈدېئەن. ئاساسلىق روللاردا:ئانارخان-دىلرابا دىلمۇرات. قۇربان-ئابلىكىم ئابلەت. ئوسمان-تۇرغۇن ئىمىر.ئىمىن- نىجات تۇرسۇن. ماشا-ئايشەم مەمەتئېلى.روزى-ھوشۇر قارى قاتارلىقلار تەييارلىغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى |
|