ئۈرۈمچىدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرى مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى ئومۇميۈزلۈك تىجارەت باشلايدۇ
22-نويابىر، ‹‹قار لەيلىسى›› قار تېيىلىش مەيدانىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئۈسكۈنىلەرنى يۆتكەپ، مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدا تىجارەت باشلاش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا
نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇدا ياغقان قاتتىق قار شەھەر ئاممىسىنىڭ يول يۈرۈشىگە قىيىنچىلىق كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ۋە قار تېيىلىش مەيدانلىرىنى ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. 22-نويابىر، مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى ‹‹يىپەك يولى›› خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى، ‹‹ئاق بۇلۇت›› خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى، ‹‹قار لەيلىسى›› قار تېيىلىش مەيدانى ۋە ‹‹ۋىستې›› قار تېيىلىش مەيدانلىرى ‹‹ئىشىك››لىرىنى ئېچىپ، ئومۇميۈزلۈك تىجارەت باشلايدىكەن ۋە باھادا ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدىكەن. |