كىمنىڭ خاتا كىمنىڭ توغرىدۇ
ئازادجان ئىبراھىم
ھەركىم دەيدۇ مېنىڭ توغرا دەپ، سوكسوك ئەمەس ئېتىم يورغا دەپ. دائىم ئاقلاپ ئۆتەر ئۆزىنى ، ئۆزگىلەرنى يامان ئوغرى دەپ.
خاتالاشسا ئەلدىن كۆرىدۇ، ئەلدىن نۇخسان ئىزدەپ يۈرىدۇ. ھەممىسىدىن ئاغرىنىپ تېخى ، كۆرۈنگەنگە تىللاپ بېرىدۇ.
بىربىرىنى كۆزگە ئىلمەيدۇ، ئېتىشىدۇ ئېناق يۇرمەيدۇ. باشقىلارنى كەمسىتكەن بىلەن، ئىش يولىنى ئۆزى بىلمەيدۇ.
بىلمەي تۇرۇپ چۈشەندىم دەيدۇ، دوستۇم ساڭا ئىشەندىم دەيدۇ. قاتتىق ئيتىپ نەسىھەت قالسا، مۇشۇ مېنىڭ كۈشەندىم دەيدۇ.
ئاغرىپ قالساڭ بىلەرمەن تولا، كۈچلۈك بولساڭ ئۆلەرمەن تولا. ئىش قىلغاندا بىرمۇ ئىنسان يوق، تەييار بولسا ئالار مەن تولا.
رەڭ تالىشىپ قالىدۇ تېخى، بىرسى دەيدۇ ئېسىلدۇر ئېقى. بىرسى چىقار ئۇرۇپ مەيدىگە، بۇ دۇنيادا پېقىردۇر سېخى.
ئۇزۇن كەيسەڭ قىسقا كەي دەيدۇ، قىزىق بەرسەڭ سوغاق يەي دەيدۇ. بىرسى ماقتاپ ساتسا مېلىنى ، بىرسى ئۇنى كوناخەي دەيدۇ.
قايسى دۇرۇس قايسى ئوغرىدۇ، زادى كىمنىڭ ئېتى يورغىدۇ. بېرىڭلارچۇ بىر ئادىل باھا، كىمنىڭ خاتا كىمنىڭ توغرىدۇ. |