ساۋاقداشلار ھەرقاچان تۇققان بولۇپ ئۆتەيلى
ئازادجان ئىبراھىم
ئۇلۇغ ئىكەن ھەممىدىن ، ئۇستاز بىلەن ساۋاقداش. ئۆتىدىكەن بىر ئۆمۈر، بولۇپ ئۇلار قەلىپداش.
ئانا مەكتەپ قوينىدا ، ئوقۇپ بىلىم ئالغانتۇق. ئۆزىمىزگە بىلىمدىن ، پۇقتا ئاساس سالغانتۇق.
ئۇستازلارنىڭ ئەجىرىدە، بولغان ئىدۇق بىلىملىك. بولغان ئىدۇق ھەم يەنە، مېھرى ئىللىق كۈيۈملۈك.
بىلىم بەردى ئۇستازلار، بىزنى ئۇلۇغ بولسۇن دەپ. بېشىمىزغا بىركۈنى ، بەخىت قۇشى قونسۇن دەپ.
ئاتا-ئانا ئۇستازنىڭ ، ئۈمۈدىنى ئاقلىدۇق. ئاشۇلارنىڭ سۆزىنى ، قەلبىمىزدە ساقلىدۇق.
ئانا مەكتەپ قوينىدا، بەك كۆڭۈللۈك يۈرگەنتۇق. ئېناق ،ئىجىل بولۇشۇپ، بارنى بىللە كۆرەتتۇق.
بەسلىشەتتۇق ئۆزئارا، ئۆگىنىشتە ئەمگەكتە. ئۆگىنەتتۇق تىرىشىپ، دەرىسلەرنى ھەۋەستە.
بىرنان تاپساق تەڭ يەيتۇق، چۆجىلەردەك تالىشىپ. ئەسقاتاتتۇق يەنە بىز ، چوڭلارغىمۇ قارىشىپ.
سەيلە قىلىپ بېرىشقان ، گۈل ئېچىلغان باغلارنى. دائىم ئەسلەپ تۇرىمىز، ئاشۇ گۈزەل چاغلارنى.
ئاشۇ گۈزەل مىنىۇتلار، ئەمدى يەنە كەلمەيدۇ. تىلىسەكمۇ ياشلىقنى، ئۇنى ھېچكىم بەرمەيدۇ.
ئوقۇشنىمۇ پۈتتۈرۈپ، ھەرتەرەپكە كېتىشتۇق. نەچچە ئون يىل ئۆتكەندە، پۇرسەت كېلىپ تېپىشتۇق.
دىدارلاشتۇق يىغلاشتۇق، قوچاقلاشتۇق سۆيۈشتۇق. ئۆتكەن-كەچكەن گەپلەرنى، كەڭ-كۇشادە دىيىشتۇق.
شۇچاغدىكى جۇشقۇنلۇق، ھەممىمىزدە قالماپتۇ. بەزىلەرنى ۋاقىتسىز ، كېسەل-ئاغرىق چىرماپتۇ.
قارا چاچلار ئاقىرىپ، قورۇق چۈپتۇ يۈزلەرگە. تاقىلىپتۇ كۆزئەينەك، ئاشۇ قارا كۆزلەرگە.
ئۆزگىرىپتۇ بەستىمىز، قىزلىرىمىز مۇمايدەك. ئېغىر بېسىق بوپ قاپتۇ، ئوغۇللارمۇ بوۋايدەك.
ھايات دېگەن شۇئىكەن، ئوخشايدىكەن پەسىلگە. ھەرپەسىلدە ئۆزگىرىپ، قېرىيدىكەن ئەسلىدە.
كۈچ قۇۋەتنىڭ بارىدا ، ئۆتتى كۈنلەر بىلىنمەي. خىزمەت،تۇرمۇش كويىدا، يۈرىشىپتۇق كۆرۈنمەي.
بەزىلىرى ئۆتۈپتۇ ، ئەمەل-مەنسەپ كويىدا. بەزىلىرى يۈرۈپتۇ ، ئاددىي كەپە ئۆيىدە.
ساۋاقداشنى ھەرقاچان ، ئىزدەپ تۇرغان ياخشىكەن. ئەزەل ئىكەن ھەممىدىن، ساۋاقداشلىق باشقكەن.
ئىزدەشمىدۇق تاشلىدۇق، بالا دېدۇق ئۆي دېدۇق. شۇنچە يىللار ئۆتكىچە، ئۆزئالدىغا ئوينىدۇق.
تۇرساقمۇ گەر ئۆزئارا، ساۋاداشلار ئەسلىشىپ. يوقلىيالماي ئۆتتۇق بىز، بانا تېپىپ سەتلىشىپ.
تاشلىۋەتسە تۆمۈرمۇ ، چىرىگەندەك داتلىشىپ. ئىزدەشمىسە ئادەممۇ ، كېتىدىكەن يادلىشىپ.
كىچىك بولساق چوڭ بولدۇق، يېڭىپ تالاي جەۋرىنى . بالا بېقىپ چوڭ قىلىپ، كۆردۇق يەنە نەۋرىنى.
بالىلارمۇ ئۆگەنسۇن، ئادەم بولۇش يولىنى. چوڭلارغىلا تايانماي، ئۆزى تاپسۇن يولىنى.
تۇغۇلغان كۈن ئۆكۈزگە، موزايغىمۇ كېلىدۇ. بىزكۆرگەن شۇ كۈنلەرنى، بالىلارمۇ كۆرىدۇ.
تاشلىۋەتمەي ھەرقاچان، ئىزدىشەيلى ساۋاقداش. ھۆرمەتلىشىپ ئۆتەيلى، بولۇپ مەڭگۈ دوست-ئاداش.
خوش ياقمايدۇ ھەممە ئىش، ياشانغانداسىزگىمۇ . ياسانساقمۇ ھەرقانچە ، ياراشمايدۇ بىزگىمۇ.
ھازىر بىلمەي كېيىنچە، پۇشمان قىلىش پايدىسىز. ئىزدەپ بېرىڭ كەپ تۇرۇڭ، كۈندە ئەمەس يىلدا سىز.
ساۋاقداشلار ھەرقاچان ، خوشال-خۇرام يۈرگەيسىز. كۈندىن -كۈنگە ياشىرىپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەيسىز.
كۆپ ياشاڭلار ساۋاقداش، ساغلام بولۇپ تۇرۇڭلار. قىزىقىنى ھاياتنىڭ ، ھەممىڭلار تەڭ كۆرۈڭلار.
ساۋاقداشنى ،ئۇستازنى، ئاسىرايلى كۈتەيلى. ساۋاقداشلار ھەرقاچان، تۇققان بولۇپ ئۆتەيلى. |