- تىزىملاتقان
- 2013-2-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-31
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 116
- نادىر
- 0
- يازما
- 4

- تۆھپە
- 4
- مۇنبەر پۇلى
- 100
- ئىشەنىچ
- 4
| ئۆي مۈلۈك سودىسى ئىنسان ھاياتىدىكى چوڭ سودىلارنىڭ بىرى بولۇپ بۇ ئۆزىمىزنىڭ ۋە كەلگۈسى كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ تەقدىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆي سىتىۋلىشتا ناھايتى دىققەت قىلىشىمىزئۆي مۈلۈك سودىسىدىكى قىلتاقلاردىن شۇنداقلا ئۆينىڭ زادى قانداق قانداق ئۆي تۈرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئالدىن بىلىۋىلىشىمىزكىرەك.تۆۋەندە مەن ئۆي سىتىۋىلىشتا بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك بىرقانچە موھىم نوقتا ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمەن. 1.يىڭى ئۆي سىتىۋىلىشتا نوپۇزلۇق سىناقتىن ئۆتكەن ئۆي ئىچىش سودىگىرىدىن سىتىۋىلىش كىرەك.بۇنداق بولغاندا ئۆي كىنىشكىسىنى چىقىرىش بىرقەدەر ئاسانغا پۈتىدۇ. 2.ئۆي سىتىۋىلىشتا ئالدىن سىتىشقا بەك قىزىقىپ كەتمىگەن تۈزۈك چۈنكى بەزى شىركەتلەر كىشىلەرنى ئالداش قويۇش ئۈچۈنلا ئالدىن سىتىش ئىجازەتنامىسىنى بىجىرمەي تۇرۇپلا ئۆي سىتىپ ئۆي پۈتمەي تۇرۇپلا قىچىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بىرىدۇ يەنەبىرى ئىجازەتنامىسى بولسىمۇ ھىچقانداق پۈتمىگەن ئۆي دۇكانلارنى ئىچىش سودىگىرى ئىنتايىن ماختاپ ساتىدىغان بولۇپ ئەمەلىيەتتە شۇدۇكانلارنىڭ تولۇق ياسىلىپ پۈتكەندىن كىيىن شۇ ئىچىش سودىگىرى ئىيتقاندەك ئۇنداق قىزغىن ئىقىپ كىتىشى ناتايىن بىراق ھەقىقى سودا يۈرۈشكەندە سىتىۋالساق گەرچە ئازراق قىممەت بولسىمۇ چوڭ زىياندىن ساقلىنىپ قالىمىز.بۇ جەھەتتە ئەجداتلىرىمىزنىڭ سۇنى كۆرمەي ئۆتۈك سىلىشقا بولمايدۇ دىگەن مەشھۇر ھىكمەتلىك سۆزىنى ئەسلىمەي تۇرالمايمىز. 3. ئۆي تاللاشتا ئىمكان بار كۈنگەي ئۆي تاللىشىمىز كىرەك يەنى ئۆيمىزنىڭ دەرىزىسى جەنۇپ تەرەپتە، شىمال تەرەپتە بولسا ،بۇنداق ئۆيلەر كۈنگەي ئۆي بولۇپ ھىساپلىندۇ. 4.ئۆي چوڭلۇقىنى تاللاشتا شارائىتىمىز ياربەرسە 76 كۇۋادىراتتىن 96 كۇۋادىراتقىچە بولغان ئۆيلەر تاللاش ئوبىكتى بولۇشى كىرەك بۇنداق ئۆيلەر3 ياتاق 1زال بولۇشتە ئالاھىدىلىك بولۇپ ئولتۇراقلىشىشقا ئىنتايىن باپ كىلىدۇ چىقىم تىجەيدۇ پايدىلنىش قىممىتى ئۆلچەملىك. 5.نىمكەش ئۆي سىتىۋىلىشتا ئىمكانىيەتنىڭ بىرىچە يەر كىنىشكىسى ئۆي كىنىشكىسى تولۇق بولغان ئۆيلەرنى سىتىۋىلىشنى ئويلىشىش رەسمىيتى يوق قارا ئۆيلەرنى سىتىۋالماسلىق كىرەك .بۇنداق بولغاندا كىيىن يۈز بىرىدىغان ئاۋارىچىلىك ئاز بولىدۇ ھوقوقىڭىزمۇ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلدۇ.ھازىر بىرقىسىم كىشىلەر ۋە بىرقىسىم ۋاستىچىلار ھۆكۈمەت 2004-يىلىلا گوۋۇيۈەن بۇيرۇق ئىلان قىلىپ يىزا يەرلىرىگە سىلىنغان ئۆيلەرنى ئىلىم سىتىم قىلىپ ئوبروت ساھەسىگە كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ دىگەن پەرمانىغا ئوچۇق ئاشكارا خىلاپلىق قىلىپ تىرىلغۇ يەرلەرگە ئۆي سىلىپ سىتىپ ياكى سىتىشقا ۋاستىچىلىك قىلىپ ئۆي ئالغۇچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەتىنى زىيانغا ئۇچراتماقتا.بۇنىڭدىن ئالاھىدە ھەزەر قىلىش لازىم . 6.ۋاستىچىلار ئارقىلىق ئۆي ئىلىم سىتىم قىلغاندا جەمىيەتتە ئىناۋىتى بار ئىشەنچىلىك ۋاستىچى شىركەتنى تاللاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش ئىككىنچى قول ئۆي سودا توختامىغا شۇلارنىڭ تامغىسىنى باستۇرۇش لازىم ئەسكەرتىش(بەزى شىركەتلەر تامغىسىنى بىسىشنى خالىمايدۇ ياكى رەت قىلىدۇ.بىرنەچچە گۇۋاچىنىڭ بارمىقىنى بىسىپلا ئىشنى تۈگىتىشكە ئالدىرايدۇ بۇ ئىنىقلا مەسئۇلىيەتتىن قىچىش ھىساپلىندۇ) 7.پۇل ئىلىم-بىرىم قىلغاندا مۇمكىن قەدەر بانكا ئارقىلىق پۇلنى ئۆي ساتقۇچى ھىسابىغا پۇل يۆتكەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش يەنە ئايرىم ھۆججەت ئىلىۋىلىش لازىم. 8.ئۆي توختامى ئىمزالاشتىن بۇرۇن توختامنى قايتا- قايتا كۆرۈپ مەنپەتىمىزگە زىيانلىق يەر بامۇ يوق بىلىۋىلىشىمىز ئەگەر زىيانلىق تەرىپىنى بايقىساق ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلساق بولىدۇ،توختام خەنزۇچە بولسا خەنزۇچىنى بىلىدىغان بىر كىشىنى تىپىپ تەرجىمە قىلدۇرۇپ تولۇق بىلىۋىلىپ قانۇنى ھوقوق مەنپەتىمىزنىڭ زىيانغا ئۇچىرشىنىڭ ئالدىنى ئالساق بولىدۇ. 9.ئۆي سىتىۋىلىشتا يولىنىڭ كەڭرى بولۇشىنى مەسچىت، مەكتەپ،دوختۇرخانا ،بازارغا يىقىن بولۇشنى ئالاھىدە ئويلىشىش كېرەك. قالغانلىرى ئانچە مۇھىم ئەمەس. 10.ئەگەر مۇشۇ ساھەدە ئۆي سىتىۋالغۇسى بولسىمۇ كۆزى قورقىدىغان قانداق ئۆي سىتىۋىلىشنى بىلەلمەيدىغان قىرىنداشلىرىمىز بولسا ھەقسىز مەسلەھەت بىرمەن ئۆي سىتىۋالغاندا ناھايتى ئەستاھىدىل ئويلىنىپ سىتىۋىلشىنى تەدبىرلىك بولۇشىنى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ سەمىگە سالىمەن. .چ چ نۇمرىم ۋە تىلفۇن نۇمرىم 13399778800
|
|