- تىزىملاتقان
- 2013-2-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-27
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 110
- نادىر
- 0
- يازما
- 4

- تۆھپە
- 4
- مۇنبەر پۇلى
- 94
- ئىشەنىچ
- 4
| يېقىندىن بۇيان مەركەزدىن تارتىپ يەرلىككىچە ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇشقا ئالاقىدار يىغىنلار كۆپرەك ئېچىلىدىغان بولۇپ قالدى. باش شۇجى شىجىنپىڭمۇ ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشنى ئوتتۇرغا قويۇپ، كەڭ خەلىقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. يولداش لى كېچىياڭمۇ 2013-يىلى 5-ئاينىڭ13-كۈنى گوۋۇيۈەن ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكىسىيەسىنى ئۆزگەرتىش تېلېۋىزىيە تېلېفون سەپەرۋەرلىك يىغىندا ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. مەن بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بەزى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ جۇڭگولۇقلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاگاھلاندۇرۇپ جۇڭگو ھۆكۈمەت ۋە يەرلىك ناچار قەرزىنىڭ 30تىرىليون يۈەنگە يېتىدىغانلىقىنى، يالغۇز بىر شاڭخەي خوڭكۇ رايۇنىنىڭ قەرىز كىرزىسىنىڭ پۈتۈن ياۋروپانى ۋەيران قىلغان گىرىتسىيە قەرىز كىرزىسى بىلەن تەڭ كېلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كەڭ ھۆكۈمەتتىن تارتىپ شەخىسكىچە ئىقتىساد باشقۇرۇشقا ماھىر بولۇش كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ دۆلىتىمىز دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق ۋە ئەڭ چوڭ خەۋىپ خەتەر ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ئېيىتقان سۆزلىرىنى توردىن كۆرگەن ئىدىم ھەم ئانچە ئېرەن قىلىپمۇ كەتمىگەن. بىراق بۇ قېتىم زۇڭلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ بىر تۈرلۈك سان سىپىرلار ئارقىلىق دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي ئەھۋالى توغرۇلۇق كەڭ پۇقرالارنى خەۋەردار قىلغىنىدىن بىرجەھەتتىن ھۆكۈمەتنىڭ ئوچۇق ئاشكارىلىقىدىن مەمنۇن بولۇپ دۆلەت ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىشىمىزگە قولايلىق ياراتسا يەنە بىر جەھەتتىن دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي ئەھۋالىدىن ئەنسىرەش تۇيغۇمىزنى كۈچەيتتى. مەن شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈپ، تۇرمۇشتا ئىقتىسادچان بولۇپ، بۇزۇپ چاچماي ئىسراپ قىلماي ئىقتىساد باشقۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، تىجەشلىك جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشساق دەيمەن. ئۆزقىزىغا دېدى دېھقان ئايالى ، توق كۈنلەردە ئاچلىقنىمۇ قىل خىيال، ئىدىشلارنى لىقلاپ قويغىن سۇ بىلەن، ئىرىقتا سۇ قالماسلىقى ئىھتىمال،
مانا بۇ ئىرانلىق شائىر شەيىخ سەئىدى شىرازىنىڭ بۇنىڭدىن مىڭ يىللار بۇرۇن يازغان شېئىرىدۇر. خاتىرجەم، بەخىتلىك، ئاسايىشلىق كۈنلىرىمىز مەڭگۈ داۋاملاشقاي. |
|