دەيمەن
*غەزەل
يانغىن
نىگار سەن ئۈچۈن چەككەن جاپانىمۇ راھەت دەيمەن.
بەرسەمكى قوينۇڭدا جان ماڭا كەلگەن ئامەت دەيمەن.
كۆزۈڭدىن ئەي گۈلى رەنا ۋاپانىڭ نۇرلىرى چاقنار، قولۇڭدىن گەر زەھەر ئىچسەم ئۇنى ئابىي-ھايات دەيمەن.
تەبەسسۇمدا باقار بولساڭ، قېنىمدا قاينىغاي شەھۋەت، كۆيۈپ كۈللەرگە ئايلانسام،ئەرزىيدۇ بۇ مامات دەيمەن .
شاھانە باغدا گۈل يۈزلۈك تۈمەن ھۆرلەرگە سۇلتانسەن، سېنى سۆيمەكنى گۈلباغدا ھايات تەمى-ناۋات دەيمەن.
كىمىكى گۈل ئۇزارىمغا قاراپ قالسا ناگان بىر رەت، ھاياتىمنىڭ زىمىستانى، بېشىمغا جۇت-ئاپەت دەيمەن.
كۈيۈپ ئىشقىڭدا داغلاندىم، ۋىسال مىھرىڭگە باغلاندىم، پۈتۈپ شەنىڭگە مىڭ داستان، ئۆتەر ئۆمرۈم ئەبەت دەيمەن. |