ھەممەيلەنگە، ھۆكۈمەتكە تەكلىپ (ئىسىم ئۆزگەرتىش ئېلانىدىن تۇغۇلغان ئويلار) ئادەملەرگە ئىسىم قۇيۇش ئىنسانلار ئەقلى جەمىيەتكە قەدەم قويغاندىن كىيىنكى ئۇزاق زامانلاردىن بىرى داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئادەت بۇلۇپ، ئۇ مىليونلىغان ئىنسانلارنى بىر-بىرىدىن پەرىقلەندۈرۈش، ئىجدىمائى ئالاقە ئىشلىرىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش، ئىسىم ئارقىلىق ئەدەملەرنى بىلىش، چۈشۈنىش، ئىنسانىيەت ئالىمىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ۋاستىدىن ئىبارەت . ئۇ يۈكسەك ئىزچىللىققا ئىگە. ئىسىم- ئىنسان يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كىيىنكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئاتا-ئانىلار ۋە چوڭلارنىڭ قايتا-قايتا ئويلىنىپ بىكىتىشى ئارقىلىق قاتناشقان ئادەم سانى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى جامائەتنىڭ شاھىيتلىقىدا قائىدە يۇسۇن بۇيىچە قۇيىلىدۇ . شۇندىن باشلاپ ئادەمنىڭ بىر ئۆمۈر ھاياتى ئەنە شۇ ئىسىم بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كىتىدۇ . ئادەم ئۆز ھايات مۇساپىسىدە جەمىيەتتە تۇتقان ئورنى، ئىتىقادى، قىلغان ياخشىلىقلىرى ، ئۆچمەس ئىزلىرىمۇ، ياكى جەمىيەتتىكى سەلبى تەرەپلىرى، يامانلىقلىرى، ھەم بۇ جەھەتتىكى نام-ئەمەللىرىمۇ ئەنە شۇ ئىسىم بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ . شۇڭا ئىسىمنىڭ ئىزچىللىق خارەكتىرى ناھايىتى كۈچلۈك بۇلۇپ، بۇنىڭغا خالىغانچە مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ . مەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «شىنجاڭ گىزىتى»، قاتارلىق نۇپۇزلۇق گىزىتلەرگە بېسىلىۋاتقان بەزى ئىسىم ئۆزگەرتىش ئىلانلىرىنى كۈرۈپ سەل ئويلىنىپ قالدىم . بۇ ئىلانلار ئۈچ خىل بۇلۇپ، بىر خىلى - ئىسىم ئۆزگەرتىش ئىلانىدا ئىلان بەرگۈچى ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ، فامىلىسىنى ئۆزگەرتمىگەن . ئىككىنچى خىلى – ئىلان بەرگۈچى ئۆز ئىسمىنى ئۆزگەرتمەي فامىلىسىنى ئۆزگەرتكەن . ئۈچۈنچى خىلى – ئۆز ئىسمىنى ھەم فامىلىسىنى تەڭ ئۆزگەرتكەن . ھەتتا ئېرىنىڭ ئىسمىنى ئوزگەرتكەنلىك توغىرسىدىكى ئىلانلارمۇ بار.ئىلان بەرگۈچىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ياشلار بۇلۇپ، يېزا ئاھالىلىرى كۆپ سانلىقنى، ئىدارە-مەكتەپلەردە ئىشلەيدىغانلار ئاز ساننى تەشكىل قىلىدۇ . بۇنىڭدا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ ئەمەس دىگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزىنىڭ فامىلىسى بولغان دادىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش كىشىنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرىدۇ . بىر ئادەمنىڭ دادا بۇلۇشى ئۈچۈن ئاز دىگەندە 20 يىل ئەتراپىدا ۋاقىت كىتىدۇ . شۇ تۇغۇلغان بالىنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىدىغان خىيالىغا كىلىدىغان ۋاقىتلىرى ئۈچۈن 20 يىل ئەتراپىدا ۋاقىت كىتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە دادىنىڭ يېشى 40 ياشلاردىن، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئاشقان بۇلىدۇ . دادا بۇ جەرياندا جەمىيەتتە ئىجدىمائى جەھەتتىن ئاللىقاچان تۇنۇلغان، ئۇنىڭ ئىسىملىرى تۇغۇت ئىسپاتى،باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ سىنىپ يوقلىمىدىن باشلاپ، نۇپۇس دەپتىرى ،دىپلوم، كىملىك ئىشقا ئۇرۇنلىشش،ئوي،مال-مۈلۈك،قەرىز قاتارلىقلارغا چىتىلىدىغان توختاملار، ماقالە-ئەسەرلەر،تالاي ھۆججەت، تىزىملىك، ئانكىتلارغا يېزىلغان بۇلىدۇ . شۇڭا بۇ ۋاقىتقا كەلگەندىكى ئىسىم ئۆزگەرتىش ئىسىم ئوزگەرتكۈچىلەرۋە ھۈكۈمەت ئۇرۇنلىرى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.شۇڭا كىم بولمىسۇن ئىسىم ئوزگەرتىشنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس . بۇ يەردە ئىسىم ئۆزگەرتىش ئىلانى بەرگۈچىنىڭ ئۈزىنىڭ ئىسمىنى ئوزگەرتىشىنى دىمەيلا تۇرساقمۇ فامىلىسىنى ئۆزگەرتىشتە فامىلە ئىگىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغانمۇ-يوق؟ بۇنىسى نامەلۇم . ئەگەر ماقۇللىغىنى ئالدى دىگەندىمۇ دادا-بالا قانۇن ئالدىدا ئىككى ئادەم، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش ھۇقۇقى بولمايدۇ . ئەگەر ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن دادا ئەقلى ھۇشى جايىدا بولسا 45 -50 يىل قوللانغان ئىسىمنى قانداق بۇلىشىدىن قەتئى نەزەرئەلۋەتتە قوغدىشى كىرەك ئىدى . مىللىتىمىزدە بىمەنە، كۈلكىلىك ئىشلارنىڭ بارغانسىرى كۆپىيشىنى ئاز دىگەندەك ھەتتا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، «ئاتا دىگەن تاغ، ئانا دىگەن باغ» دەپ تەرىپلىنىپ كىلىۋاتقان ئەشۇ بۈيۈك ئاتىلىرىمىزنىڭ تەۋەرۈك ئىسىملىرىمۇ ئوتتۇرا ياشلاردىن ئاشقاندادەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىشى – كىشىنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇردۇ،دەپ قارايمەن. مىنىڭ بۇقارىشىم توغرىمۇ-يوق،تورداشلارنىڭ. ياشلاردىن باشلاپ، چوڭلارغىچە بۇلۇپمۇ ئاخبارات ئۇرۇنلىرى ۋەھۈكۈمەتنىڭ ھەرقايسى فونكىتسىيلىك تارماقلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋىسسىيە قىلىمەن . قۇشۇمچە: تۈەندە ‹‹شىنجاڭ گىزىتى››نىڭ2013-يىلى6-ئاينىڭ7-كۈنىدىكى سانىغا بىسىلغان ئىسىم ئوزگەرتىش ئىلانلىرىدىن ئۈچ پارچە كۈچۈرۈپ قويدۇم؛ ئەسلى ئىسسمىم قۇربان مەمەت ئىدى،ھازىردىن باشلاپ ئابدۇشۈكۈر مەمىتىمىنگە ئوزگەرتتىم،يەكەن ناھىيە تاغارچى يىزاچەك-چەك لەنگەر كەنتە2-گۇرپپا43-نۇمۇردىن ئابدۇشۈكۈر مەمىتمىن ئەسلى ئىسسمىم بۈ ئاتىكە ئابلا ئىدى، ھازىردىن باشلاپ ئاتىكەم ئوسمانغا ئوزگەرتتىم، يەكەن ناھىيە يەكەن بازىرى يار كۇچا يۇلى4-كۇچا50-نۇمۇردىن بۈئاتىكە ئابلا قىزىمنىڭ ئەسلى ئىسمى گۈلزىبا مۇختەر ئىدى،ھازىردىن باشلاپ گۈلزىبا ئۈمەرگە ئوزگەرتتىم، پوسكام ناھىيە پوسكام يىزائۈژمە ئىرىق كەنتە 4-مەھەللىدىن گۈلئايىم ئۈمەر خاتىرەمدە؛‹‹شىنجاڭ گىزىتى››نىڭ2006-يىلى6-ئاينىڭ20-كۈنىدىكى سانىدىكى،ئەسلى ئىسسمىم تۇرسۇن سايىت،ھازىردىن باشلاپ تۇرسۇن سادىنغا ئوزگەرتتىم،دىگەن ئىلاننى كۈچۈرۈپ قويغان ئىكەنمەن. 2013-يىل7-ئاي
|