تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 66|ئىنكاس: 2

كىرزىس ئېڭى«ساۋاتسىز»لىقى(ئەركيار)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

42

تېما

8

ئەگەشكۈچى

952

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
96
مۇنبەر پۇلى
644
ئىشەنىچ
96
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرزىس ئېڭى«ساۋاتسىز»لىقى

مەقسۇت ئەمىن ئەركيار

     سىزنى شۇنچە ئالدىراش قىلىۋەتكىنى دەل سىزدىكى كىرزىس تۇيغۇسى.
   ئەتراپىڭىزدىكى شەيئىلەر   ئىختىيارىڭىزدا  (تەسىرىڭىزدە) بولمىغاندا ياكى ئۆزئەھۋالىڭىزنى ياخشىلاشقا ئىلاجسىز قالغىنىڭىزدا  ئۆزىڭىز، سىزكۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەملەر ياكى نەرسىلەردىن ئەنسىرەيسىز، مانا بۇ سىزدىكى كىرزىس تۇيغۇسى!
كىرزىس ـــ زامان رايىدىن خەۋپسىرەش تۇيغۇسى. شۇنداقلا يەنە ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچ مەنبىيى.كىرزىس تۇيغۇسى ــ كىرزىس ئېڭىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بىرئادەم كىرزىس ئېڭىدىن مەھرۇم ئىكەن ،ھازىرقى ئەھۋالىغا شۈكۈر قىلىدىغان بولىدۇ،ئالغا چامداشنى خالىمايدۇ،ئارقىدا قالىدۇ.ئارقىدا قالسا قايسىدۇر بىردانا ئېيتقاندەك ئۇنى كۈتىۋاتقىنى شاللىنىش ھەم «بوزەك بولۇش» قىسمىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.كىرزىس ئېڭى كۈچلۈك ئادەملەر ــــ دەل مەۋجۇتلۇققا ئىنتىلىشى،ئارزۇسى كۈچلۈك ئادەملەردۇر.بۇ ئۆزگىرىشچان ئىقتىسادىي جەمئىيەتتىكى يادرولۇق جان بېقىش ئىقتىدارىدۇر.
   بىر بالا ئالىي مەكتەپتە بەش يىل ئوقۇپتۇ،مەكتەپتە تاپشۇرۇقلارنىمۇ سۆرەلمىلىك قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا تاپشۇرىدىكەن،ئەتە ئىمتاھان دېگەن كۈنى ئاندىن كىتابنى قولغا ئالىدىكەن،ھەمىشە ئىشلارنى ئەڭ ئاخىرىغا سۆرەپ قىلىشقا ئادەتلىنىپ قاپتۇ.ئاخىرىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ پراكتىكا مەزگىلى كەپتۇ،ئۇ پىراكتىكا ئورنىغا بارغۇسى كەلسە بارىدىكەن،بارغۇسى كەلمىسە بارمايدىكەن.خىزمەت توغرىسىدىمۇ ھېچنىمىنى نىيەت قىلماپتۇ. «تاپالىسام تاپتىم،تاپالمىسام بولار بىرگەپ» دەپ كۈن ئۆتكۈزىدىكەن . بىركۈنى يېتەكچىسى ئۇنى چاقىرىپ نەسىھەت قىلىپ شۇنداق دەپتۇ:
    ـ  نېمىشقا شۇنداق يۈرۈيسىز؟
    - كەچۈرۈڭ،مېنىڭمۇ لاي سۇدەك ئۆتۈۋاتقان كۈنلىرىمگە ئىچىم پۇشىدۇ،ئەمما،ئادەتلىنىپ قاپتىمەن.  چوڭ بولغان شارائىتىم شۇنداق. كىچىمدىن يېزامدىلا ئوقۇپ ئۆيدىن ئايرىلىپ باقمىغان،ئەزەلدىن ئېغىرراق جاپا-مۇشەققەتكە دۇچ كېلىپ باقمىغانتىم،پۇل يوق چىشنىڭ كىرىنى شوراپ سېرىقتال يۈرۈشنىڭ دەردىنىمۇ تارتىپ باقمىغانمەن.
مۇئەللىم ئىچىدە ئويلىدى: قانداق شارائىت بولسا شۇنداق ئادەم يېتىشىپ چىقىدۇ،ئەقىللىق ئادەملەر شارائىتنى ئۆزلىرى يارىتىدۇ.ئادەتتىكى ئادەملەر شارائىتقا ماسلىشىدۇ،قاششاق ئادەملەر شارائىت بىلەن قارشىلىشىدۇ. ئاچچىق-چۈچۈكنى تېتىغان بولسىڭىز،بېسىملارغا ئۇچرىغان بولسىڭىز،ئويغىنىپ مەسئۇلىيەتچان بولۇپ  ئۆزگىرەر ئىدىڭىز...بۇ يىللاردا  پۇل بار كۈنلەر بىلەن پۇل يوق كۈنلەرنى سېلىشتۇرۇپ بېقىشقا ئەقلىڭىز يەتسىلا سىزدە كىرزىس تۇيغۇسى ۋە ئاكتىپ پوزىتسىيەنىڭ ئويغۇنىشىدىن ئۈمىد بار.
   ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر باسىدۇ،ئالدىنقىلارنىڭ ئارزۇسىنى كېيىنكىلەر ئىشقا ئاشۇرىدۇ.گەرچە ئالدىنقىلارنىڭ ئارزۇسىدىكى كۈنلەر يېتىپ كەلگەندە  كېيىنكىلەرنىڭ بىرمەھەل تېڭىرقاپ،مەڭدەپ قېىلىشى تارىخىي جەريانغا نىسبەتەن نورماللىق بولسىمۇ ئالدىراشلىقتىن،شارائىتتىن ئاغرىنىپ يۈرۈۋېرىش،كىرزىس ئېڭىنىڭ بولماسلىقى ـــ  بۇ دەۋىرگە نىسبەتەن يېڭىچە «ساۋاتىسزلىق»بولسا كېرەك. دەرۋەقە، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ كىرزىس ـــ كىرزىس ئېڭىنىڭ بولماسلىقىدۇر.

71

تېما

14

ئەگەشكۈچى

3319

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئا.كامال
تۆھپە
1084
مۇنبەر پۇلى
1433
ئىشەنىچ
1084
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 09:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر باسىدۇ،ئالدىنقىلارنىڭ ئارزۇسىنى كېيىنكىلەر ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

3

تېما

24

ئەگەشكۈچى

3921

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1583
مۇنبەر پۇلى
1796
ئىشەنىچ
1583
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 23:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شارائېتتىن ئاغرىنىپ يۈرۈش، كىرزىس ئېڭىنىڭ بولماسلىقى-ھەقىقەتەن بىزدىكى يېڭىچە
ساۋاتسىزلىق ھىساپلىنىدۇ، كىرزىس ئېڭى بولمىسا ئالغا ئىلگىرلەش مومكىن ئەمەس.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-7-28 08:53, Processed in 0.109013 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش