تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 333|ئىنكاس: 5

بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئىلمىي ئاساسىنى دەپ بەرسىڭىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

13

ئەگەشكۈچى

1519

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
269
مۇنبەر پۇلى
989
ئىشەنىچ
269
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نىمە ئۈچۈن؟ ئىلمى ئاساسىنى دەپ بەرسىڭىز

بىز ئادەتتە ۋېلسىپىت،  توكسىكىلىت، موتسىكىلىت مىنگەندە،ماشىناھەيدىگەندە تۈز سىزىق بويىچە ماڭغاندا، سۈرئەت بىرخىل  يەنى مۇقىم تېزلىكتە ئىلگىرىلەۋاتقاندا، بىزدە   ھازىرقى يۈرۈش تېزلىكى مۇشۇ دېگەن تۇيغۇدا بولىمىز. ئەمما شۇ يۈرىۋاتقان تېزلىك ھېچقانداق قوشۇلمىغان ياكى كېمەيمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، بىز ئوڭغا ياكى سولغا قايرىلساق بىزدە قانداق تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ.
بۇ   تۇرمۇشىمىزدا دائىم كۆرۇلۇپ تۇرىدىغان ئىش بولغاچقا، ھەممىمىزگە ئايان بولسا كېرەك. شۇڭلاشقا مۇنبەرداشلار مۇشۇنىمۇ تېما قىلىپ يوللامدۇ؟ دەپ ئاچچىقلىنىشىڭلار ياكى مەسخىرە قىلىشىڭلار مۇمكىن. شۇڭا  بۇ تېمىنى يوللايمۇ؟ ياكى يوللىمايمۇ ؟ دەپ ئىككىلىنىپ، <<مەن بىلمىگەندىن كېيىن سوراپ بىلىۋالسام نېمە بوپتۇ؟>> دېگەن خىيالغا كەلدىم-دە ئاخىرى يەنە يوللاش قارارىغا كەلدىم.
مەن دائىم توكسىكىلىتنى ئاستا مىنىپ كوچا ئايلىناتتىم. توك سىكىلىتنىڭ سۈرئەت تېزلەتكۈچىسىنى بىر مەزگىل مۇقىم تۇرغۇزغاندا مۇقىملىشىپ قالىدىغان خۇسۇسىيىتى بولغاچقا، ئادەتتە سائەتلىك تېزلىكىنى 10 كىلومېتىر ئەتراپىدا تەڭشەپ قوياتتىم. شۇ سۈرئەت بىلەن تۈز سىزىق ھالىتىدە يۈرىۋاتقاندا مەندە باشقا ھېچقانداق تۇيغۇ بولمايتتى، چۈنكى سۈرئەت شۇ بىر خىلدا مېڭىۋېرەتتى، ئەمما ئوڭغا ياكى سولغا بۇرۇلغاندا بولسا سۈرئەتنىڭ تويۇقسىزلا تېزلىشىپ كەتكىنىنى ھېس قىلاتتىم. مەن خىيالىمدا سۈرئەت ھەقىقەتەن تېزلىشىپ كەتتىمۇ ياكى مۇساپە قىسقىراپ كەتتىمۇ؟ ۋەياكى بۇ مەندىكى خاتا تۇيغۇمۇ؟ ئەگەر راستىنلا سۈرئەت تېزلەشكەن بولسا نېمە ئۈچۈن؟ يەرنىڭ تارتىش كۈچىدىنمۇ؟ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىدىنمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولىدۇ دىگەندە، ماشىنىلارنىڭ قايغان ۋاقىتتىكى سۈرئىتىنىڭ روشەن تېزلىشىپ كەتكىنىنىمۇ ھېس قىلىمىز. سىلەرمۇ شۇنداق ھېسقا كىلىپ باققانمۇ؟  دېھقان بولغانلار بىلىشى مۇمكىن، ئېتىزغا سۇ قويغان ۋاقىتتا ئېرىقتىكى سۇنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر تال قومۇش بولسا شۇ قۇمۇشنىڭ ئېقىۋاتقان سۇدا ئىككى تەرەپكە تەۋرىنىۋاتقىنىنى كۆرىمىز. بۇنىڭ قايغاندا تىزلىنىپ كىتىش بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ بار بولسا ئۇنداقتا يەرنىڭ تارتىش كۈچىدىن بولغانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا بولىدۇ. مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى دەپمۇ كۈچ بارمۇ؟ بۇنىڭ ئىلمى جاۋابى نېمە؟ مەن ماتېماتىكا، فىزىكىنى تازا تولۇق بىلىپ كەتمەيمەن. شۇڭا بىلىدىغانلار دەپ بەرگەن بولساڭلا. زادى بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ نېمە ئۈچۈن تېزلىشىپ كىتىدۇ؟




20

تېما

28

ئەگەشكۈچى

6028

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2381
مۇنبەر پۇلى
2460
ئىشەنىچ
2381
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇغداي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-25 13:42  

ئىلمىي جاۋابىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيمەن، لىكىن ئوخشاش تىزلىكتە كىتىۋاتقان قاتناش ۋاستىسىنى ئوڭ-سولغا  قايرىغاندا مەندە قورقۇش پەيدا بولىدۇ دە  دەرھال سۈرەتنى ئاستىلتىۋالىمەن.

4

تېما

13

ئەگەشكۈچى

1519

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
269
مۇنبەر پۇلى
989
ئىشەنىچ
269
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغداي يوللىغان ۋاقتى  2013-7-25 13:41
ئىلمىي جاۋابىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيمەن، لىكىن ئوخشا ...

بۇنىڭدا سۈرئەت تېز بولسا مەركەزدىن قېچىش ھادىسىسى يۈز بېرىش سەۋەبىدىن بولىىشى مۇمكىن. لىكىن سىز ماشىنا سۈرئىتىنىڭ ئاستا ۋاقىتتا ھەيدىگەندە ئوڭ-سولغا بۇرىغاندا سۈرئەتنىڭ تېزلىشىپ كەتكىنىنى ھېس قىلغانمۇ؟ بۇ بىزدىكى خاتا تۇيغۇمىدۇ؟ياكى راستىلا سۈرئەت تېزلىشىپ كىتەمدىغاندۇ؟

20

تېما

28

ئەگەشكۈچى

6028

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2381
مۇنبەر پۇلى
2460
ئىشەنىچ
2381
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇن يوللىغان ۋاقتى  2013-7-25 14:14
بۇنىڭدا سۈرئەت تېز بولسا مەركەزدىن قېچىش ھادىسىسى يۈ ...

مەنمۇ ھېس قىلغان ئىدىم ، شۇنداق ۋاقىتتا  سۈرەت تىزلىشىپ كەتكەندەك بولۇپ ماشىنا گەۋدىسى بىر تەرەپكە بىسىلىپ كىتىدۇ.  مەنچە سۈرەت ئۆزگەرمەي  ئارلىق قىسقىرغاننىڭ ئىشىمىكىن .

20

تېما

28

ئەگەشكۈچى

6028

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2381
مۇنبەر پۇلى
2460
ئىشەنىچ
2381
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق قانۇنىيەتنى بىلىدىغانلار بىر مۇنازىرە قىلسا بولاتتى ، بىزمۇ خىلى بىلىمگە ئىرىشىپ قالاتتۇق.

24

تېما

13

ئەگەشكۈچى

2381

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
Jackie
تۆھپە
1037
مۇنبەر پۇلى
1097
ئىشەنىچ
1037
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھــــــــــــەي، تەبىئىي پەننى ياخشى ئوقۇمىغاننىڭ ئىشىدە، قايمۇقۇپلا كەتتىم. ئارىمىزدا فىزىكلار خېلى بارغۇ، بىرنېمە دەپ باقمامسىلەر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-7-28 10:14, Processed in 0.112128 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش