[color« مۇقام ئەجدادلىرى»ئوپېراسى توغرىسىدا
( بۇ ئوپىرانى شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىگى 1999-يىلى ئورۇنلىعان،) سىنارىست-تۇرسۇن يۇنۇس.رىژىسۇر-نىجات ئەكبەر،ۋاڭ چىڭۋىن ئاساسلىق روللاردا: ئاماننىساخان-گۇزەلنۇر قۇربان. ئابدۇرىشىتخان-مەمەت تۇراپ. قەدىرخان-ئەخمەت ئابلىمىت. ئەكرەم-ئادىل مىجىت. مەخمۇت-ھوشۇر سەلەي. خوجا پەحىردىن-مەمىتىمىن نورۇز خوجا ئابدۇرىھىم-تۇرعۇن ئىمىر. ئالتۇن بۉۋى-گۇلجامال مەتنىياز قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ئوپىرادا 16-ئەسىردىكى ئۇيعۇر ئايال مۇزىكانت ۋە شائىرە ئاماننىساخاننىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى تەپسىلى بايان قىلىنعان. بۇ باش ئايال قەھرىمان-ئاماننىساخان ئۇيعۇرلار ئارىسىدىكى 12 مۇقامنى رەتلەش جەھەتتە قاتتىق ھىرىپ- چارچىعانلىقتىن 34 يىشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ، بىراق ئۇ كەڭ حەلق ئاممىسىعا مول سەنئەت بايلىقلىرىنى قالدۇرۇپ كىتىدۇ ھەمدە ئۇيعۇر مىللىي مۇزىكىسىنىڭ« مۇزىكا پىشىۋاسى» دىگەن نامعا ئىرىشىدۇ.ئوپىرادا ئاماننىساحاننىڭ ئاقكۆڭۉل ئىشچانلىقى ۋە مۇزىكا ئىجات قىلىش جەھەتتىكى زور تۆھپىسىمۇ ئەكىس ئەتتۇرىلىدۇ. بۇ ئىككى ياشنىڭ مۇھەببەت ھىكايىسىمۇ بايان قىلىنىش ئارقىلىق ئاماننىساخاننىڭ ئابدىرشىتخاننىڭ خانىشىعا ئايلانعان ۋەقەنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ، 16-ئەسىردىكى سەئىدىيەخانلىقىنىڭ روناق تاپقان دەۋرىنى ئەكىس ئەتتۇرىدۇ. بۇ ئوپىرادا 12مۇقام ئاھاڭلىرى بويىچە ناحشىلار ئورۇنلانعان بولۇپ، ئەينى دەۋىرنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىگىنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىدۇ.
يازغۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئىلى
|