مۇھەببەت دەپ
-مۇھەببەت!- دەپ، توۋلايسەنۇ ناخشىنى، ئۇخلىمايسەن تولغىنىپ ھەر ئاخشىمى... مەن ئىنتىزار بولۇپ باقسام يولۇڭغا، سەن ئىزدەيسەن خىيالىڭدىن باشقىنى؟
-مۇھەببەت!- دەپ،ئوتلۇق مىسرالار پۈتۈپ، مەن يۈرىمەن دىدارىڭسىز قان يۈتۈپ. ئېسى يادىم بىر سېنىڭلا غېمىڭدە، سەن يۈرەمسەن باشقا بىرىنى كۈتۈپ.
-مۇھەببەت!- دەپ، كۆكلەم باھارغا بېقىپ، ئىزلىرىڭغا يۈزلىرىمنى ھەم يېقىپ. قىرغىقىڭدا مەن قېيىققا ئايلانسام، سەن كېتىپسەن تاشقىن سۇدەك تېز ئېقىپ...
-مۇھەببەت!- دەپ، گاھ بېشىڭنى ئۇرىسەن، پىغان بىلەن ھەسىرەت يۈتۈپ يۈرىسەن. خىيالىڭنى كېزىپ چىقار تالاي ئوي، كۆلبەڭ ئارا شاھ ساراي قۇرىسەن...
-مۇھەببەت!- دەپ، گاھ گادايمۇ بولىسەن، يا شاھلىقنى تاشلاپ قېچىپ كېتىسەن. بىر كۈنلەر قەدرىم ساڭا ئۆتۈلسە،
|