تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 337|ئىنكاس: 4

«قۇربان تاغىنىڭ بېيجىڭغا سەپىرى»فىلىمى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

90

تېما

2

ئەگەشكۈچى

1721

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
541
مۇنبەر پۇلى
863
ئىشەنىچ
541
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«قۇربان تاغىنىڭ بېيجىڭغا سەپىرى»فىلىمى توغرىسىدا


(بۇ فىلىمنى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى 2002-يىلى ئىشلىگەن.جوڭگۇ مەركىزى تىلۋىزىيە ئىستانسىسى 6-يۈرۈش قانىلى خەۋەر ئىشلەش گورۇپپىسى ھەمكارلاشقان.)
سىنارىست-گۇخۇا،دوڭ لىڭ،جاڭ جىپىڭ.
رىژىسۇر-لى چىنشىڭ.ئاساسلىق روللاردا:
قۇربان تاغا- تۇيغۇن ئەخمىدى.ھاشىخان-مۇيەسسەر توختى.
بارات دۈيجاڭ-ئەخمىت ئابلىمىت.لەيلىگۈل-ئايگۈزەل   
ماۋ زېدوڭ-گوۋ يۈ.ئانارخان-پاتەم راھىدىن قاتارلىقلار
     فىلىمنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى:
    كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھەم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تىل-ئەدىبىيات دەرسلىگىدە سۆزلىنىپ كىلىۋاتقان مۇنداق بىر ھىكايە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلماكتە.
     خوتەن دىيارىنىڭ كىرىيە ناھيىسىدە سەككىز ئەۋلادى پومىشچىك ئوسماننىڭ ئاتا-بوۋىسى تەرىپىدىن قاتتىق ئېزىلىپ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن بىر دېھقان بولۇپ، بۇ كىشى دەل قۇربان تۇلۇم ئىدى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى كىچىگىدىن باشلاپلا پومىشچىك ئوسماننىڭ قولىدا ئىشلەپ، ئازاپلىق ھالدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. كىچىك قۇربان پومىشچىك ئوسماننىڭ دادىسىنىڭ قولىغا قىلىپ، قوسىقى تويغىدەك يېمەككە، ئۇچىسى دالدا بولغىدەك يېپىنچىغا ئېرشەلمەي، پومىشچىكنىڭ قويىنى باقىدۇ. كىچىسى پومىشچىكنىڭ قورۇسىدىكى بارلىق ئېغىر-يىنىك ئىشلارنى قىلىپ، يۈرۈتداشلىرىنىڭ ياردىمىدە كۆپ قىتىم ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ، كۆپ يىل ئاچ-يالىڭاچ يۈرۈپ، جاپادا ئۆسۈپ، چوڭلا بىر ئادەم بولۇپ يېتىلىدۇ. ئوسمان بىر ئاز«ساۋاپلىق ئىش قىلىش »مەخسىدىدە ئۆزىنىڭ قورۇسىدا ئىشلەۋاتقان يىللىقچى- مەمەتنىڭ قىزى-ھاشىخاننى قۇربانغا چىتىپ قويىدۇ. لىكىن يەنىلا بۇ قورۇدىكى ئېغىر-يىنىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى قۇربان بىلەن ھاشىخاننىڭ ئۈستى-ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. بۇ زۇلۇمغا چىدىمىغان قۇربان ئامالسىز يېشىغا توشمىغان قىزى-لەيلىگۇلنى تاشلاپ، ئەر-خوتۇن يىغا-زارە ئىچىدە ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بىراق پومىشچىك ئوسمان بۇ ئىشنى بىلىپ قىلىپ، قۇرباننى ئېسىپ قويۇپ ئۇرۇپ، پۇخرالارغا ئىبرەت قىلىدۇ. لىكىن شۇ چاغدا قۇربان بىلەن ئازراق ئۇرۇق-تۇغقان كىلىدىغان بىر يىللىقچى بۇ  ئىشقا چىدىماي، قۇرباننى قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆيىدە مەخپى ھالدا باقىدۇ.
    ئوسماننىڭ قول-چوماقلىرى قۇرباننى ئاختۇرۇپ تېپىۋىلىپ، ئۇنى باققان يىللىقچىنى ئېسىپ قويۇپ، قوسىقىغا پىچاق تىقىپ، ناھەق ئۆلتۈرىۋىتىدۇ. ساماننىڭ ئارىسىدا مۆكۈنۈپ ماراپ ياتقان قۇربان غالچىلار كەتكەندىن كىيىن قېچىپ كىتىپ، سۆگەتساي دېگەن جاڭگالدا 17 يىل ئىپتىدائى تۇرمۇش ئۆتكۈزىدۇ ھەم ئوۋچىلىق قىلىپ، ھايات كۆچۈرىدۇ.
     1949-يىلى دۆلىتىمىز شۇنداقلا شىنجاڭ ئازات بولۇپ، خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ غەربىي شىمال قوشۇنى يولداش پىڭ دېخۇەي ۋە ۋاڭ جىننىڭ قوماندانلىقىدا شىنجاڭغا كىرىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭ ئازات بولغان بولسىمۇ لىكىن گومىنداڭنىڭ قالدۇق باندىتلىرى مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي، شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىش،ۋەتەننى پارچىلاش خىيالىدا ھەر خىل پاراكەندىچىلىكلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار ھەر قايسى جايلارغا چوڭقۇر يوشۇرنۇپ، پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقان پەيىتتە ئارمىيىمىز بىر قىتىملىق ئاختۇرۇش جەريانىدا سۆگەتساي جاڭگىلىدا تۇيۇقسىز بىر ئىپتىدايى ئادەم بىلەن ئۇچرۇشۇپ، قۇرباننى تېپىۋالىدۇ. قۇربان جەڭچىللىرىمىزنى كۆيىنىشى ئارقىسىدا پارتىيىنىڭ مىھرى-شەپقىتىنى تونۇپ يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇرباننىڭ پارتىيىگە بولغان مىھرى-مۇھەببىتى بارغانسىرى كۇچىيىدۇ. يەر ئىسلاھاتىدا ئۇنىڭغا 14 مويەر تەخسىم قىلىنىپ بېرىلىدۇ. ئۇ بۇ يەرلەرگە دەسلەپتە قوغۇن-تاۋۇز تىرىپ، مول-ھوسۇل ئالىدۇ. ئۇ پەقەت پارتىيە ۋە ماۋجۇشىنىڭ رەھبەرلىگىدە تۇرمۇشنىڭ گۈللەپ ياشنايدىغانلىقىنى تونۇپ يىتىپ، ئۇنىڭ ماۋجۇشىغا بولغان مىھرى-مۇھەببىتى كۇچىيىدۇ. شۇ چاغلاردا ئامىرىكا تاجاۋۇزچىللىرى  چاۋشەنگە ھۇجۇم قىلىپ، دۆۋلىتىمىزگە قارىتا ئىغۋاگەرچىلىك ھەركەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. ئىچكى قىسىمدا بولسا،ئامىرىكىدىكى بىر قىسىم ئەكسىيەتچى كۈچلەر قۇتىراپ، شىنجاڭدىكى بىر ئۇچۇم ئاز ساندىكى مىللىي بۆلگۈنچى تىرۇرچى كۈچلەرگە يارىدەم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقۇملىقىغا قارىتا بۇزغۇنچىلىق ھەركىتىنى ئېلىپ بارىدۇ. قۇربان تاغا مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا پارتىيە ۋە ماۋجۇشىغا ئەگىشىپ ماڭغاندا ئاندىن يۇرۇتنى  گۈللەندۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇپ، ئاز ساندىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ئالدىمىغا چۈشۈپ قالماسلىق ھەققىدە تەشۋىق ئېلىپ بارىدۇ. ئۆزى ھەردائىم ھۇشيار تۇرۇپ، بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرىنى خىزمەت ئەتىرتىگە مەلۇم قىلىپ، بۆلگۈنچى كۈچلەرنى يوقۇتۇش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشىدۇ.
    خىزمەت ئەتىرتى 18 يىلدىن بىرى جۇدالىقتا ئايرىلىپ كەتكەن ھاشىخاننى ئىزدەپ تېپىپ، بۇ بىر جۇپ ئەر-خوتۇن ۋە قىزىدىن ئىبارەت ئۈچ ئادەمنى بىر ئۆيگە جەم قىلىدۇ. قۇربان تاغىنىڭ قىزى-لەيلىگۈلنى ئوقۇتۇپ تەربىيىلەپ، كادىر قىلىپ يېتىشتۈرىدۇ. قۇربان تاغا ھەر قىتىم تېرىغان قوغۇن-تاۋۇزلىرىنىڭ سەرخىللىرىنى تاللاپ، رەئىس-ماۋزېدوڭغا سوۋغا قىلىش ئىستىگى تۇغۇلىدۇ. لىكىن يول يىراق، قاتناش قولايسىز بولسىمۇ، ئەمما  قەتئى ئىرادىگە كىلىپ، كۆپ قىتىم بېيجىڭغا بېرىش ئۈچۈن، سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. ھەتتا قۇم-بوران ئاستىدا قىلىپ، ھاياتى خەۋىپتە قالسىمۇ، لىكىن ماۋجۇشىنى كۆرۈش قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. بىر قىتىم سەپەرگە ئاتلىنىپ، شەھەر ئىچىگە كىرىشىگە تىرۇرچى ئۇنسۇرلارنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش ئۈچۈن، مەخپى ھالدا قۇرال يۆتكەۋاتقانلىقىنى ھەم مەخپى ھالدا قۇرال ياساپ، خەلق ھاكىميىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالىدۇ-دە، دەرھال ناھيىلىك ساقچى ئىدارىسىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، بارلىق تىرۇرچى ئۇنسۇرلارنى قولغا چۈشۈرۈپ، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قۇربان تاغىنىڭ ماۋجۇشىنى كۆرۈش قىزغىنلىقى كۈچۈيۈپ، يەنە بېيجىڭغا بېرىشقا ئاتلىنىدۇ. بىراق يولنىڭ ئۇزۇن، سەپەرنىڭ قېيىن بولىشى تۈپەيلىدىن ماۋجۇشىغا خەت يېزىپ ئىبەرتىدۇ. قەدىردان ماۋجۇشى ئۇنىڭ خېتىگە جاۋابەن خەت يېزىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، كۆرەش قىلىپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ھەققىدە خەت يازىدۇ. بۇ خەۋەر ھەممە يەرگە تاراپ، خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. بۇ خەت خەلققە زور مەدەت ۋە ئىلغام بولىدۇ.
     1958-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى قۇربان تاغىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى  ئارزۇ قىلىپ كەلگەن شانلىق ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۇنجى تۈركۈمدە شىنجاڭدىكى ئىلغار دىھقانلار ۋەكىللىرىنى بېيجىڭدا قوبۇل قىلىش جەريانىدا قۇربان تاغا بۇ قوشۇننىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، بېيجىڭغا بارىدۇ ھەم قەدىردان رەئىس ماۋزېدوڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرىشىدۇ.
     فىلىمنىڭ ۋەقەلىرى جانلىق، تىمىسى كىشىنى جەلىپ قىلارلىق بولۇپ، ھەر بىر تاماشىبىننىڭ يۈرەك تارىنى چەكمەي قالمايدۇ.






















تەييارلىغۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى     

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

90

تېما

2

ئەگەشكۈچى

1721

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
541
مۇنبەر پۇلى
863
ئىشەنىچ
541
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىم ھەقىقىي رىيالنى تۇرمۇشتىن ئېلىنغان.فىلىمدە ئاكتىيۇرلارنىڭ رول ئېلىشى ئۆزگىچە بولۇپ، تاماشىبىنلارغا مەنىۋىي زوق ئاتاقىلالايدۇ.فىلىمنىڭ مەزمۇنى ساغلام بولۇپ،كەڭ ئاممىغا بىر قىتىملىق تەربىيىۋىي دەرس بولالايدۇ.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

18

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
2
مۇنبەر پۇلى
16
ئىشەنىچ
2
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋولفىرام دىگەن تورداش بۇرۇن ئىشلەنگەن ھەممىلا كىنولارنىڭ ۋەقەلىكىنى راست دەپ قارىسا كېرەك .

3

تېما

24

ئەگەشكۈچى

3972

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1609
مۇنبەر پۇلى
1821
ئىشەنىچ
1609
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر چوڭقۇر تەربىيىۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ياخشى فىلىم بولۇپ،
ئۇنىڭدا تارىخي ۋەقەلىك چىنلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

47

تېما

21

ئەگەشكۈچى

5158

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1618
مۇنبەر پۇلى
2162
ئىشەنىچ
1618
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                     بۇ فىلىمدە  تۇيغۇن ئەخمىدى قۇربان تۇلۇمنىڭ رولىنى  بەك ياخشى ئالغان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-7-31 16:33, Processed in 0.112718 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش