- تىزىملاتقان
- 2013-7-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-27
- ھوقۇقى
- 10
- جۇغلانما
- 26
- نادىر
- 0
- يازما
- 2

- تۆھپە
- 3
- مۇنبەر پۇلى
- 20
- ئىشەنىچ
- 3
| مەن تۆۋەندە كەڭ ئۇقۇرمەنلەرگە ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەن بىر ھەقىقى ۋەقەنى سۆزلەپ بىرىشنى خالىس كۆردۈم. گەپنى ئاشۇ خىزمەت ئورنىمدىن باشلاي،بىر كۈنى مەن ئىشخانىدا خىزمەتداشلىرىم بىلەن ماتىريال رەتلەپ ئولتۇراتتىم ،تۇيۇقسىز بىرسى ئىشىكتىن شۇنداق ئالدىراش كىرىپ كەلدى،مەن نىمە ئەھۋاللىقىنى بىلمىگەچ دەرھال ئۇنىڭدىن سورىدىم ،ئۇ بىر تەرەپتىن يغلىغاچ يەنە بىرتەرپتىن بولغان ئەۋالنى سۆزلەشكە باشلىدى.ئۇنىڭ دىيىشىچە بىر ئۆيدىكى ئاچا-سىڭىل،ئاكا-ئىنى يەتتە قېرىنداشنىڭ ئۆز-ئارا ئۇرۇشۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە بىزنىڭ نەق مەيدانغا چىقىپ ئەھۋالنى ئېنىق بىلىشىمىزنى ئېيتتى،مەن بىر خىزمەتدىشىم بىلەن بىرگە ئۇ ئاكىمىزنىڭ ئۆيىگە چقتىم،بىز ئۆيگە كىرسەك ھەقىقەتەن بىر قورساقتىن چىققان يەتتە قېرىنداش ئۆز-ئارا شۇنداق سەت گەپلەرنى قىلىشىپ ئۇرۇشۇپ ھويلىنى بېشىغا بىر كىيىپتۇ،مەن يامان تەستە ئۇلارغا تەربىيە قىلىپ ئۇلارنىڭ پارىڭىنى بېسىقتۇردۇم،ھەم شۇنداقلا نىمە ئىش ئىكەنلىگىنى بىلىپ ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم پاراڭلاشتىم،پاراڭلىشىش ئارقىلىق پاراڭنىڭ ئەسلى كىلىش سەۋەبىنى ئېنىق بىلدىم. ئەسلى بۇ ئائىلىدە تۆت ئېغىز كېسەك قۇرۇلمىلىق ئۆي بار بۇلۇپ، ئەر-ئايال ،يەتتە پەرزەنت جەمئىي توققۇز جان بۇ ئائىلىدە تۇرمۇش كەچۈردىكەن ، بالىلارنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئانىسى بىر ئوغلى بىلەن مۇشۇ ھويلىدا ،قالغان بالىلىرى تۇرمۇشلىق بولۇپ ئايرىم ئولتۇرۇشلۇق ئىكەن، ئىككى يىل بۇرۇن ئانىسى بىلەن ئولتۇرۇشلىق بۇ بالا ئانىسىنىڭ رازىلىقى بىلەن ئىككى ئېغىز كېسەك ئۆينى يېڭىلاپ قىشتىن ئالتە ئېغىز ئۆي سېلىپتۇ، بۇنىڭغا قالغان ئالتە بالا نارازىلىق بىلدۈرۈپتۇ، بۇ ئۆينى سېلىش جەريانىدا ئانا تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ، ئارىلىقتىن ئىككى يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، بۇ بالا قالغان ئالتە قېرىندىشىغا ئانىسىنى بىر ئاي ئۇنىڭ ئۆيىدە، بىر ئاي بۇنىڭ ئۆيىدە ئايلاندۇرۇپ بېقىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، قالغان ئالتە بالىلار بۇنىڭ نارازى بولۇپ :‹ئەينى چاغدە ئۆينى سالمىغىن دېسەك بىز بىلەن قارشىلىشىپ ئانامنى ئۆزەم باقىمەن، دەپ ئۆينى سالدىڭ، ئەمدى ئانامنى سەن باق، ئەگەر باقمايمەن دېسەڭ ئۆينى سېتىپ ئانىمىزنى شۇ پۇلغا داۋالىتىپ باقىمىز›> دەپتۇ، بۇ بالا: ‹ئۆزۈم ئولتۇرۇۋاتقان بۇ ئالتە ئېغىز ئۆيگە ھېچقاسىڭنىڭ چىشى پاتمايدۇ، بۇ ئۆينى ئۆزەم سالغان›دەپتۇ، شۇ سەۋەپ بۇ يەتتە قېرىنداش ئاشۇ بىچارە ئانىسىنى بېقىشتىن تۈگۈل مىراس تالىشىپ، ئانىنىڭ كېسەل ئازابىنىڭ ئۈستىگە يېشىلگۈسىز تۈگۈن ئېلىپ كەپتۇ، مەن بۇنى بىلىپ ئۇلاغا ئاچچىقلانغىنىمدىن :‹سىلەر باقالمىساڭلار مەن باقاي› دېدىم، ئۇلار بۇ گىپىمدىن خىجىل بولدىمۇ ۋە ياكى ئۆزلىرىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ خاتالىقىنى تونىدىمۇ بىلمىدىم، ھويلىنى بىردىنلا جىمجىتلىق باستى، مەن توختىماستىن ئۇلارغا ھەرقانداق بىر پەرزەنتنىڭ ئاتا-ئانىنىڭ بىزنى بېقىپ، قاتارغا قوشۇپ، مۇشۇنداق ياخشى تۇرمۇشقا ئېگە قىلغانلىقىنى، بىز ئۈچۈن چەككەن جاپاسىنى، بىز ئۈچۈن تۆككەن قان تەرىنى مەيلى قانداقلا قىلايلى بىر ئۆمۈر قايتۇرۇپ بولالمايدىغانلىقىمىزنى، ھايات ۋاقتىدە رازىلىقىنى ئوبدان ئېلىپ بېقىۋالمىساق، بىز بىلەن خوشلاشقاندىن كىيىن مەڭگۈلۈك دەرت-ئازاپقا، پۇشايمانغا قالىدىغانلىقىمىزنى سۆزلەپ چۈشەندۈردۈم. ئۇلار ئاخىرى بىر-بىرىگە ناماقۇل بولۇپ، ئانىسىدىن ئۆزلىررىنى كەچۈرىشىنى سوراپ، يەتتە بالا ئۇ بىچارە ئانىنى بىر كۈن بولسىمۇ خوشال قىلىشقا جان-دىل بىلەن تىرىشچانلىق بىلدۈردىغانلىقىنى بىلدۈردى.شۇنداق قىلىپ مەنمۇ خىزمەتدىشىم بىلەن ئىشخانىغا قايتىپ ئۆز ئىشىمىنى داۋاملاشتۇردۇم. مەن ئاخىردا بارلىق پەرزەنتلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇققان،قېرىنداشلىرى بىلەن ئېناق-ئىجىل ئۈتۈپ،ئاتا-ئانىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ،ئۇلارنى خورلاپ قويماي،ئۇلارغا بارلىق سەمىمىيىتىمىز بىلەن ۋاپادارلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنى رازى قىلىپ ئۈتۈشنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.
ئەھمەد شاھدىيار |
|