شىنجاڭدىكى ئىسمى ئەڭ ئۇزۇن ئىدارە شىنجاڭلىق بىرەيلەن بېيجىڭدىكى ئاشپۇزۇلدا تاماق يەپ پۇل تۆلىگەندىن كېيىن مۇلازىمەتچى سوراپتۇ: -تالون كەستۈرەمسىز؟ -ھەئە. -ئىدارىڭىزنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرىڭ. -بولىدۇ، مېنىڭ ئىدارەمنىڭ ئىسمى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى ئوييايلاق يېزىسى ئوييايلاق كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتى قەھىمىي چەرچەن دۆلىتى خارابىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى. بىر چەتتە تۇرغان ئاشپۇزۇلنىڭ خوجايىنى بۇ چاغدا ئېسىنى ئاران تەستە يىغىپ دەپتۇ: بولدى، سىزدىن تاماق پۇلى ئالمايمىز، سىزنى مېھمان قىلغىنىمىز بولۇپ قالسۇن. مەنبە:http://www.nuristan.cn/forum.php ... mp;tid=127#lastpost
|