تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 63|ئىنكاس: 4

رۇبائىيلار (دېھقانى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

37

تېما

14

ئەگەشكۈچى

1933

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
765
مۇنبەر پۇلى
1005
ئىشەنىچ
765
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇبائىيلار
قۇياشنى ئېتەكتە ياپقىلى بولماس،
يېپىشقا ھىچنەرسە تاپقىلى بولماس.
رېئاللىق سايەڭگە ئوخشايدۇ ئەينى،
ئۇنىڭدىن يىراققا قاچقىلى بولماس.
************
گەپ-سۆزۈڭ دىلىڭنى قىلىدۇ بايان،
تىلىڭدىن ساپايىڭ بولىدۇ ئايان،
بەزىدە ئويلىماي قىلغان شۇ سۆزۈڭ،
ئېپكېلەر ئاقىۋەت ئۆمۈرلۈك زىيان!
**************
پەم قىلساڭ قىيىن ئىش بىردەمدە پۈتەر،
پەمسىز شۇ ئىشنى بىر ئۆمۈر قىپ ئۆتەر.
«ھەر ئىشقا پەم كېرەك،ئۆتۈك ئۈچۈن چەم»
ھەركىمگە ئاقىلنىڭ شۇ سۆزى يېتەر !
**************
كۆرىدۇ ھاياتتا ھەركىم ھەر نېمە،
شۇڭا سەن ئالدىراپ كۆرمىدىم دېمە.
بۇ دۇنيا پايانسىز دېڭىزدۇر بىلسەڭ،
تەشۋىشسىز قىرغاققا يېتىمەن دېمە!
**************
ئىككى ئىت بەزىدە سۆڭەك تالىشار،
سۆڭەك يوق ۋاقىتتا تىنماي يالىشار،
بەزىلەر قىلچىلىك مەنپەئەت ئۈچۈن،
ھەممىدىن ۋاز كېچىپ ئىتتەك ئادىشار.
*************
ئېرىشمەس ھىچكىممۇ قېلىپسىز خىشقا،
ئىشلەتكىن ئەقلىڭنى ھەر قانداق ئىشقا.
ئاددىيسى،بايقىماي چاينىساڭ لوقما-
دەز كېتەر بىردەمدە ئەشۇ ساق چىشقا!
**************
چېلىشقان ھەممىسى پەھلىۋان بولماس،
ئۇتقانمۇ ئۆمۈرلۈك قەھرىمان بولماس.
يېڭىش ۋە يېڭىلىش ھايات قانۇنى،
ھىچبىر ئىش ئۇنىڭدىن ھالقىغان بولماس!
**************
ئەي ئادەم قىل سۈكۈت،سۆزلىمە يالغان،
شۇ يالغان ئوخشار، قار زېمىننى ياپقان.
دەم ئۆتمەي كۈن چىقىپ پارلىسا قۇياش،
غۇبارسىز  شۇ زېمىن بولغۇسى ئايان.
**************
بىراۋنى ئۆزۈڭدىن چوڭ بىلىپ كەتمە،
ئۆزۈڭنى ئۇنچىلىك خار-زەبۇن ئەتمە.
ئىشەنچتىن ئايرىلىپ ياشاش ئۆلۈمدۇر،
ئۆزۈڭنى بىۋاقىت قىلمىغىن دەپنە.
**************
بايقىساق بۇ دۇنيا مەۋھۇم بىر يېزىق،
ئوقۇيمىز ھەر تىلدا، تىزغاندەك تىزىق.
ئادەملەر سۆزلەيدۇ،دۇنيا سۆزلىمەس،
بىكېرەك ئىدىغۇ پاسىل ۋە سىزىق.
**************
مەنبە: ئىجادىيىتىم.

20

تېما

28

ئەگەشكۈچى

6028

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2381
مۇنبەر پۇلى
2460
ئىشەنىچ
2381
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز،  رۇبائىيلارنىڭ قۇرلىرىدىكى مەنالار  ھەر خىل  ئېسىل تاماقلار بىلەن تولغان داستىخاندەك مول بولۇپتۇ.
....تەشەككۈر!!

57

تېما

17

ئەگەشكۈچى

1460

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مۇھەممەدئىمىن
تۆھپە
240
مۇنبەر پۇلى
728
ئىشەنىچ
240
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز ئەجرىڭىزگە رەھمەت ، قۇتلۇق بولسۇن

33

تېما

37

ئەگەشكۈچى

3424

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
مەخپى
تۆھپە
1557
مۇنبەر پۇلى
1576
ئىشەنىچ
1557
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىھقانى يامانكەنسىز جىمۇ مارجاندەك تىزۋەتكىنىڭىزنى قاراڭ !!!! كەلگۈسىدىكى يۇرتۇمىزنىڭ روبايى ئۇستىسى سىز بولۇپ قالامسىز نىمۇ !!!!
ئۆزى ھەققىدە:كىمىكى قىلسا كىشىگە بىھۇدە غۇرۇر ئاياغ تۇۋېىدىن قۇمۇشتەك قۇرۇر! جاھاندىكى ئىشلارنىڭ ھەممسى تەھدىرگە تەئەللۇق ۋەياكى ئۇنىڭمۇ تەدبىرى باردۇر!

9

تېما

5

ئەگەشكۈچى

1388

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مىھرىنسا
تۆھپە
775
مۇنبەر پۇلى
600
ئىشەنىچ
775
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇلىمۇ مەنىلىك يىزىپسىز .بۇلۇپمۇ ئەڭ ئاخىرقى كۇبلىتى ئىنتايىن مەنىلىك بۇلۇپتۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-7-28 08:52, Processed in 0.113102 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش