- تىزىملاتقان
- 2013-7-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-27
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 83
- نادىر
- 0
- يازما
- 19

- تۆھپە
- 37
- مۇنبەر پۇلى
- 43
- ئىشەنىچ
- 37
| بۇ قەشقەر شەھرىنىڭ غەربىگە تەخمىنەن 50 كىلومېتىر كېلىدىغان ئورۇندىكى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ مۇش يېزىسىغا تەۋە مىڭيول تەبىئىي كەنتى. بۇ يەر قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولۇپ، قىرغىزىستاننىڭ ئەنجان دېگەن يېرىدىن قەشقەرگە قاراپ ماڭغان كارۋانلار دەل 500 كىلومېتىر يەنى مىڭ چاقىرىم(يول) ماڭغاندا مۇشۇ يەرگە يېتىپ كېلىدىغان بولغاچقا مىڭيول دەپ ئاتالغان ئىكەن. بۇ يەردە 100 ئەتراپىدا ئائىلە، 500 ئەتراپىدا ئادەم بولۇپ، ئۇيغۇر ۋە قىرغىز مىللىتىدىن بولغان ئاھالىلەر ئۆزئارا ئارىلىشىپ، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن كۈن كەچۈرىدۇ. بۇ يەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئۆزگىچە، مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى ساپ ۋە سالقىن بولۇپ، يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرى كىشىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. قولۇمدا بار سۈرەتلەر ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم، ياقتۇرغايسىلەر. بۇ سۈرەتلەردىكى يېقىندىن تارتىلغان تاغ تۆشۈكىنىڭ سۈرىتى ئۈستۈن ئاتۇش تەۋەلىكىدىكى ئورۇندىن(مىڭيول مەنزىرىسىدە كۆرۈنگەن تاغنىڭ ئارقا تەرىپىدىن) تارتىلغان.
|
|