تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 93|ئىنكاس: 2

ئادىلنىڭ چۈشى(دېھقانى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

37

تېما

14

ئەگەشكۈچى

1933

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
765
مۇنبەر پۇلى
1005
ئىشەنىچ
765
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلنىڭ چۈشى


مۈگدەپ ئولتۇرار
ئادىلجان بالا.
تۇرار تاپشۇرۇق،
شۇ پېتى چالا.

روھىي بېسىمدىن،
پۈكۈلۈپ قەددى.
ئېغىر دەرستىن،
چېچىلغان زېھنى.
*************
ئوڭىمۇ-چۈشى،
لەيلەپ ھاۋادا.
سەيلى قىپتۇ ئۇ،
كونا جايلاردا...

ئۇچقۇدەكمىش ئۇ،
شۇنچىلىك لەرزان.
قاپتۇ ئۆزىمۇ،
بۇ ئىشتىن ھەيران.

كەپتىمىش يېتىپ،
قەدىم مەلىگە.
چۈشكۈدەكمىش ئۇ،
چىغىر  ئۈستىگە.

كۆرۈپتۇ ئۇندا،
مىغ-مىغ ئىزلارنى.
قوغلىشىپ يۈرگەن
ئوغۇل- قىزلارنى.

ئويناركەن خوشال،
قىزىق ئويۇنلار.
كۈلكە ساداسى،
كۆككە قوزغىلار.

بەزىلەر ئەنە،
ئۇچسا ئىلەڭگۈچ،
بەزى شوخ قىزلار،
تېپەركەن تەپكۈچ.

بەزىلەر ئەنە،
ئوينار گا-گا چۇك.
چۇكنى ئەپچىللا،
ئۇرار  كۆككە تىك.

بەزى بالىلار،
ئوينار مۆكۈشمەك.
بىر ياندا يەنە،
بولار سەكرەشمەك.

قىزىپتۇ ئەنە،
"قارا قۇشلارىم".
بەشتاش ئوينىغان،
قىزلار مۇلايىم.

بىر توپ گۆدەكلەر،
"دۈم-دۈم"ئوينىشىپ.
ئەقىل تېپىپتۇ،
تېپىشماق ئېيتىپ...
.........
قىزىق ئويۇنلار،
تۈگىمەپتۇ ھىچ.
بىزنىڭ ئادىلجان،
بولۇپ قاپتۇ تېنچ.

ئويلىغىدەك ئۇ:
"قېنى ئويۇنلار.
بىزگە كەلگەندە،
نىچۈن ئۇنتۇلار؟

ئىزدەپ تاپىمەن،
چوقۇم ئويۇننى.
ئېغىر يۈكلەردىن،
تولغاپ بويۇننى.

تەبىئەت قوينى،
ماڭا پايانداز.
ئەقىل تاپىمەن،
ئۇندا باھار-ياز.

چېنىقسام ئويناپ،
زېھنىم ئېچىلار.
ئەقلىمگە يېڭى،
ئەقىل قېتىلار"
*********
خىيالىي چۈشتىن،
چۆچۈپ ئادىلجان.
ئاچتى كۆزىنى،
شۇنچە پەرىشان.

ئىشلەنگەن چالا،
ئەنە تاپشۇرۇق.
"ئاپلا"دېدى ئۇ،
تالا يوپيورۇق.

ئىچىپ چېيىنى،
ئالدىراپ شۇئان.
ماڭدى مەكتەپكە،
شۇنچە خىيالچان...

مەنبە: مەن.

20

تېما

28

ئەگەشكۈچى

6028

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2381
مۇنبەر پۇلى
2460
ئىشەنىچ
2381
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى يالغۇزسىراپ بەكلا بويۇن قىسىپ قالدى. بالىلار ئۇنىڭدىنمۇ بەك.................

9

تېما

5

ئەگەشكۈچى

1388

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مىھرىنسا
تۆھپە
775
مۇنبەر پۇلى
600
ئىشەنىچ
775
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر بالىلارنىڭ خىيالى پەقەت ئېغىر دەرىستىلا ،ھەتتا بىزلەرمۇ بالىلارغ دەرىسنى بىسىم قىلىمىز .ئۇلارنىڭ ھالى راستىنلا بەك خاراپ .بۇلۇپمۇ مەكتەپتىكى ۋاقلاردا .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-7-28 09:34, Processed in 0.110621 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش