شەرەپ قۇچقان ئەزىمەتلەر
-قەشقەر سەنئەت مەكتىپى 10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئۇسۇل مۇسابىقىسىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىردىن بىر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كوللىكتىپ ئورۇن شەرىپىگە ئېرىشتى
قەشقەر گېزىتى مۇخبىرى: ئەنۋەرجان مەتنىياز
قەشقەر ۋوگزالىنىڭ كۈتۈش زالى ئالدىدىكى كەڭرىكەتكەن مەيداندا تونۇش بىلىشلىرى، ئۇرۇق تۇغقانلىرى، خىزمەتداشلىرىنىڭ سەپىرىگە ئاقيول تىلەپ ئۇزىتىۋاتقان، سىرتتىن كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىش بىلەن ئالدىراش يۈرگەن كىشىلەر 7– ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، قەشقەرسەنئەت مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناغرا، سۇناي ساداسىغا تەڭكەش قىلىپئوينىغان ساما ئۇسۇلىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىشتى. -ئېزىزمېھمانلارنى كۈتىۋېلىشقا كەلگەن ئارتىسلار ئوخشايدۇ. -سەنئەت مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى رېجاۋدا شەرەپقۇچۇپ قايتتى دېيىشىۋاتىدۇ، شۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىشتىمىكىن . . . ئەتراپتىكىكىشىلەر ساما ئۇسۇلى ئويناۋاتقانلارنىڭئەتراپىغا يىغىلشتى. پەرھات قادىر، تاڭنۇر پالتۇ قاتارلىق قەشقەر سەنئەت مەكتىپىرەھبەرلىرىمۇ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ساما ئۇسۇلىغا چۈشكەن بولۇپ، چېھرىدىنكۈلكە يېغىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ شوخ، چەبدەس ھەرىكەتلىرى بىر خۇشاللىققا، غەلبىگەتەنتەنە قىلغاندەك يەنىمۇ ئەۋجىگە چىققاندا، ۋوگزال ئىچىدىن ئۇچىسىغا يارىشىملىقسەنئەت كېيىملىرىنى كېيىشكەن، ھەر خىل سەپەر سومكىلىرىنى ئارتىشقان ئوقۇغۇچىلارقول پۇلاڭلاتقان ھالدا مەيدان سىرتىغا يۈگۈرەپ چىقىشقا باشلىدى. - ئەزىمەتلەر، سىلەرگە ئاپىرىن، سىلەرگەتەشەككۈر ! ئۇلارنىڭ ئالدىغاچىققان مەكتەپ مەسئۇللىرى ۋە ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئۇلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپكۆرۈشتى ھەمدە دەستە- دەستە گۈللەرنى تەقدىم قىلىپ، ئېرىشكەن نەتىجىسىنىقۇتلۇقلىدى. ئەمدىلىكتە كىشىلەرنىڭ نەزىرى مەكتەپ پارتيىە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىسى چاۋشىنشېڭ، ئۇسۇل ئوقۇتقۇچىسى ئەنۋەر تۇردىلار كۆتۈرىۋالغان شەرەپ گۇۋاھنامىسى بىلەنلۇڭقىغا چۈشكەنىدى. شەرەپ گۇۋاھنامىسىغا"<ئۇغۇللار چىنە ئۇسۇلى> نامىلىق ئەسىرىڭىز مەملىكەتلىك 10- نۆۋەتلىك ئۇسۇلمۇسابقىسىدە 3- دەرىجىگە ئېرشكەنلىكى ئۈچۈن تەقدىم" دېگەن خەتلەريېزىلغانىدى. - بۇمەكتىۋىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان تۈنجى قېتىم ئېرىشكەن، شۇنداقلا ۋىلايىتىمىزسەنئەت ساھەسى ئېرشكەن تۈنجى چوڭ شەرەپ، - دەپ تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى مەكتەپ مۇدىرىپەرھات قادىر مەكتەپكە قايتىش سەپىرىمىزدە ماڭا: - بۇ يىل 3- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا دۆلەت مەدەنىيەتمنىستىرلىقى، شەندوڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن، دۆلەت مەدەنىيەتمنىستىرلىقىنىڭ سەنئەت مەھكىمىسى، شەندوڭ ئۆلكىلىك مەدەنىيەت نازارىتى ئۆتكۈزۈشنىئۆز ئۈستىگە ئالغان 10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئۇسۇل مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتوغرىسىدىكى تەكلىپنى تاپشۇرۇپ ئېلىپئىنتايىن خۇشال بولدۇق. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ئاز- تۇلا ئەنسىرەپمۇ قالدۇق. خۇشالبولۇشىمىزدىكى سەۋەب- مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنىكىمىزبولدى. ئەنسىرەشتىكى سەۋەب- جۇڭگو مەركىزى مىللەتلەر ناخشا- ئۇسۇل ئۆمىكى،شىنجاڭ ناخشا-ئۇسۇل- تىياتىر ئۆمىكى،غەربىي شىمال مىللەتلەر ئونىۋېرىستىتى ئۇسۇل كەسپى ئىنستېتوتى، شۇنداقلا يەنە 20نەچچە ئۆلكە-شەھەرنىڭ كەسپىي سەنئەتئۆمەكلىرى قاتنىشىدىغان، مەملىكىىتىمىزدىكى داڭلىق ئۇسۇل مۇتەخەسسلىرى باھالىغۇچىلىققاتەكلىپ قىلىنغان بۇ مۇسابىقدە نەتىجىگە ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بەكمۇ تۆۋەنلىكىبولدى. بىز ۋىلايىتىمىزدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەنبىللە كەسپىي ئالاھىدىلىكىمىز ۋە ئەۋزەللىكىمىزنىچىقىش قىلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە "بۈركۈتئۇسۇلى"، "قىز- ئوغۇللار ساما ئۇسۇلى"، "ئوغۇللار چىنەئۇسۇلى" قاتارلىق بەش ئۇسۇلنى تەييارلاپ، كەسكىن،جاپالىق مەشقلەردىن كېيىن، 5- ئايدا ۋىلايەت بويىچە يېڭىشەھەر ناھىيەسىدەئۆتكۈزۈلگەن دەسلەپكى تاللاش مۇسابىقىسىگە؛ كېينكى قەدەمدە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچەئۆتۈزۈلگەن ئاخىرقى تاللاش مۇسابقىسىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا19 نەپەر ئوقۇغۇچى ئورۇنلىغان كوللىكتىپ نۇمۇر- "ئوغۇللار چىنە ئۇسۇلى"بىلەن 6- ئاينىڭ 28 كۈنىدىن 7- ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ رېجاۋ شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىكئۇسۇل مۇسابقىسىگە قاتناشتۇق. - زادىقانداق نۇمۇرنى قاتناشتۇرغاندا، قانداق ئالاھىدىلىكنى نامايان قىەلغاندا بۇمۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ دېگەن ئوي كالامدىن پەقەتلا نېرى كەتمىدى، -دېدى بۇ قېتىمقى "ئوغۇللار چىنە ئۇسۇلى" نىڭ ئىجادچىسى، قەشقەر سەنئەتمەكتىپى ئىجادىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەملىكەتلىك2- دەرىجىلىك ئۇسۇل رىژىسورى ئەنۋەر تۇردى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ: - ئۇسۇلسەنئىتىمىزدە "ئاياللار چىنە- تەخسە ئۇسۇلى" قاتارلىق بىر قانچە ئۇسۇلكۆپ يىللاردىن بۇيان ئۆز ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن سەنئەتخۇمار خەلقىمىزنىڭمەنۋىيىتىنى بېيىتىپ كەلگەن. ئەمما بۇ ئۇسۇللارنى ئۆز پېتى بويىچە مۇسابىقىگەقاتناشتۇرۇش ئانچە مۇۋاپىق بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن مۇقام يۇرتى يەكەندەتۇغۇلۇپ ئۆسكەن سەنئەتكار، شۇنداقلا يەكەندىكى روزى ئايۇپ قاتارلىق خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭچىنە ئۇسۇلىنى تەتىق قىلىپ، بۇنى چوڭ سەھنىلەردە كوللىكتىپ ئورۇنلىنىدىغان خەلقئۇسۇلللىرىنىڭ بىر قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يەنە يەكەنگە بېرىپ، خەلق سەنئەتكارلىرى بىلەنئورتاق پىكىرلىشىش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ ئۇسۇلنىڭ بەزىبىر ئالاھىدىلىكىلىرىنىتېپىپ چىقتىم ۋە ئىجادىي ھالدا ئۆزگەرتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەھنىدە ئورۇنلىشىغالايىقلاشتۇردۇم. مېنىڭچە بۇ ئۇسۇل يەرلىك ئالاھىدىلىكى، تارىخىي چىنلىقى،ھەركەتتىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە سەنئەت ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولىشى مۇمكىن. ئۇنداقبولمىسا، 200 دىن ئارتۇق كەسپىي سەنئەت ئۆمىكى، 1500 دىن ئارتۇق ئارتىس قاتناشقان چوك مۇسابىقىدە ئاپتونوم رايونىمىزبويىچە مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە بىردىن بىر مۇكاپاتكقا ئېرىشكەن ئەسەر بولۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايتتى. -بىز شۇنچەكۆپ داڭلىق ئۆمەكلەر بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدىغان بولغاندىكىن چوقۇم تىرىشچانلىقكۆرسىتىشىمىز كېرەك دەپ قارىغانىدىم،-دېدى بۇ مەكتەپنىڭ ئۇسۇل كەسپى 3- يىللىق 1- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ھەبىبۇللا ھەمدۇللا:- دېگەندەك كۆپچىلىك يېتەكچىئوقۇتقۇچىمىزنىڭ تەشكىللىشى بىلەن مەشىقتە يولۇققان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنىبىجاندىل يەڭدۇق. رېجاۋغا بارغۇچە پويىزنىڭ ئىچىدىكى كاردۇردا، ئۇ يەرگە بارغاندىنكېيىن، مېھمانخانىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا،ياتاقتا مەشىقنى ئۈزمىدۇق. بىز مۇسابقىگە ئۈچۈنجى رەتتىلا چۈشكەچكە خىلىلاجىددىيلەشكەن بولساقمۇ، ئۇسۇلنى باھارلىق ماھارىتىمىزنى ئىشقا سېلىپ ئوينىدۇق، شۇڭا زالدا ئۇزۇنغىچە چاۋاك سادالىرىياڭرىدى. ئىككى كۈندىن كېيىن مۇسابىقىدە 3- دەرىجىگە ئېرىشكەنلىكىمىزنى بىلگەندەكۆزلىرىمىزدىن خۇشاللىق ياشلىرى سىرغىدى. بىر- بىرىمىزنى چىڭ قۇچاقلىشىپ، ئاۋازىمىزنىتاز قويىۋىتىپ ۋاقىراپ، غەلبىمىزگە تەنتەنە قىلىشتۇق. |