تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 132|ئىنكاس: 1

تۇتاش يۈرەكلەر، گۈزەل تىلەكلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

0

ئەگەشكۈچى

54

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
3
مۇنبەر پۇلى
42
ئىشەنىچ
3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                    تۇتاش يۈرەكلەر، گۈزەل تىلەكلەر

                         «قەشقەر گېزىتى» مۇخبىرى:  ئەنۋەرجان مەتنىياز

   گەرچە بۇ كىشىلەرنىىڭ ئۇنىڭ بىلەن ھىچقانداق تونۇشلىقى بولمىسىۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇنى ئۆز تۇققىنىدەك كۆرۈپ، مېھرىبانلىق قىلىشى،  سالامەتلىكىنىڭ تىزراق ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەپ دوختۇرخانىغا يولغا سېلىپ قويىشى ئۇنىڭ مىسكىن قەلبىنى پاللىدە يۇرۇتۇپ، كۆز چاناقلىرىنى لىققدە ياشقا تولدۇردى.
كادىرلارنىڭ "ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ئىستىل ئۆزگەرتىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش" پائالىيىتى بويىچە يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئىگەرچى بازىرىغا چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى خادىملىرى 7- ئاينىڭ 15- كۈنى بۇ بازارنىڭ جالى كەنت 6- مەھەللىسىدىكى قاتناش ھادىسىگە ئۈچراپ بىر يىلدىن بۇيان كېسەللىك ئازابى تارتىپ كېلىۋاتقان 24 ياشلىق مۇھەممەتئىمىن مەمەتنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، مېھرىبانلىقنىڭ، كۆيۈمچانلىقنىڭ، ۋاپادارلىقنىڭ بىر كىچىك سىمفونىيسىنى يېزىپ چىقىشتى.   
-خاتىرجەم داۋالنىڭ، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر  ھەرگىز قاراپ تۇرمايدۇ ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرى قاراپ تۇرمايدۇ،- دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ياسىن تۇرسۇن 26 مىڭ 900 يۈەن نەق پۇلنى مۇھەممەتئىمىننىڭ ياستۇق بېشىغا قويۇپ.  
-رەھمەت سىلەرگە، بۇ ياخشىلىقىڭلارنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن،- دېدى  مۇھەممەتئىمىن پېيى تارتىشىپ قالغان ئۇرۇق قوللىرىنى سەل مىدىرلىتىپ،-  ۋەقەگە ئۈچرىغاندىن كېيىن 60 مىڭ يۈەن چىقىرىپ ناھىيە، ۋىلايەتتىكى بىر قىسىم دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىپ مۇشۇنچىلىك بولدۇم. ئەمما كېيىنكى باسقۇچلۇق داۋالىنىش ئۈچۈن، ئۆيۈمنى، تېرىپ كېلىۋاتقان يېرىمنى ساتقان بولساممۇ،  يەنىلا پۇل كەملەپ تۇراتتى. مانا ئەمدى كۆڭلۇم توق بولدى. سىلەردىن بەكمۇ خوش بولدۇم.
- مۇھەممەتئىمىن بۇلتۇر 9- ئاينىڭ 24 –كۈنى ناھىيە بازىرىغا ئىشلەمچىلىك قىلىش ئۈچۈن موتوسىكىلىتلىق كېتىۋاتقاندا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان ئىكەن،- دېدى ياسىن تۇرسۇن ئەھۋال تۇنۇشتۇرۇپ: - بىر پىكاپ شوپۇرى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن سوقىۋىتىپ قېچىپ كىتىپ تا ھازىرغىچە تۇتۇلمىغان. دوختۇرلار ئۇنىڭغا مېڭە ئومۇرتقىسى زەخمىلەنگەن دەپ دىياگونۇز قويغان. ئاتا- ئانىسىدىن كىچىكلا يېتىم قالغان بۇ بالىنى ئۇرۇق- تۇغقانلىرى پۇل يىغىش قىلىپ  داۋالاتقان بولسىمۇ، ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بىرەلمەي ھازىرغىچە ئويدە يېتىپ قالغان. بىز ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئويۇشمىسى، ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك  ئىتتىپاق كومتېتى، شىنخۇا كىتابخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن  بازارلىق خىزمەت ئەترىتىگە كەلگەن خادىملار  يېقىندا بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭغا مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش قارارىغا كەلدۇق ھەمدە ئاتىغانلىرىمىزنى  يىغدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە بىر قىسىم ئورۇنلارغا، ۋەتەنپەرۋەر دىننىي زاتلارغا، خالىس نىيەتلىك كىشىلەرگە مۇراجەت قىلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە بۇ پۇلنى ھەل قىلدۇق.
خىزمەت ئەترىتى خادىملىرى ئۇنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن بىللە مۇھەممەتئىمىننى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋىلايەتلىك خەلق 1- دوختۇرخانىسىغا داۋالىتىش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭغاندا ئەتراپتىكى كىشىلەر بۇ تۇتاش قەلب ئىگىلىرىنىڭ سەمىمىيىتىگە ئاپىرىن ئوقۇشتى، مېھرىبانلىقىدىن چوقۇر سۆيىنىشتى ھەمدە مۇھەممەتئىمىننىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىشىگە گۈزەل تىلەك تىلەشتى.
            




بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

3

تېما

24

ئەگەشكۈچى

3972

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1609
مۇنبەر پۇلى
1821
ئىشەنىچ
1609
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمەت ئەترىدىنىڭ ئالىجاناپ ئىستىلىگە بارىكاللا! يېزىلارغا چۈشكەن خىزمەت
ئەترەتلىرىنىڭ خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان مۇشۇنداق ئەمەلى ئىشلارنى
كۆپرەك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-7-31 16:33, Processed in 0.107082 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش