مېنىڭ تەنھالىقىم
سەيدىمۇھەممەد مېھمان
پايتەختنىڭ ئايسىز ئاخشىمى، مەن ئولتۇرغان دېسكوخانىدا. يىغىلىشىپ نەچچە خىل مىللەت، ھاياجاندا تۇردۇق تانسىغا.
سېنىڭ ئۈچۈن سۇنغان قوللىرىم، ئېيتالمىغان تالاي سۆزلىرىم. ئورۇندۇققا كەتمەكتە سىڭىپ، سېنى ئىزدەپ تالغان كۆزلىرىم... 2 سەن يوق بۇ يەردە-ئەمما روھىڭ بار، ئامالسىزمەن يوشۇرۇشقىمۇ، ئەڭ بىچارە سېغىنىشىمنى...
بىر رومكا شامپان سەن، لېۋىمنىڭ ئىزلىرى قالغان. ئارىمىزدا سوغۇق ھاياجان، «مەس بولىمەن»دېگىنىم يالغان.
بۇ يەردە بىر قىز بار، كۆزلىرى دېڭىزدەك تىنىق. ئۇتالمىدى ئەمما كۆڭلۈمنى، چىقارسىمۇ ھەر قىسما قىلىق.
3 ۋاقىت مېنى غاجىلىماقتا، سېغىنىش بوينۇمغا گىرە سالماقتا. خىياللىرىم چېگىش شۇ قەدەر، سېنىڭسىز كۈلگىنىم راستىنلا ساختا.
بىلمەيسەن بەلكىم، بۈگۈنكى ئۇلۇغ غېرىپلىقىمنى. بىلگەن بولساڭ بۇنى ناۋادا، ئازاپلىماس بولاتتىڭ مېنى.
22-ئىيۇل بېيجىڭ |