تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 185|ئىنكاس: 10

باۋمۇ بولغۇم يوق(ئەرك)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

ئەگەشكۈچى

183

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

真实姓名
ياسىن مەمەت
تۆھپە
61
مۇنبەر پۇلى
110
ئىشەنىچ
61
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



باۋمۇ بولغۇم يوق(ئەرك)
ئىلاۋە:
.....شىنجاڭدا خوتەندىن چوڭراق شەھەردىن 16سى بار.بۇ شەھەرلەردىكى باۋمۇلارنىڭ سانى 50-60مىڭدىن ئاشىدۇ.ئەلۋەتتە ئۇلار ناھىيە تۈگۈل يېزىلاردىمۇ بار.....ئەڭ  تۆۋەن مۆلچەر بىلەن ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 50ناھىيىدە((ئۇيغۇرلار ئاساسلىق ئولتۇراقلاشقان)ئاز دىگەندىمۇ 10مىڭ نەپەر،بۇنىڭغا شەھەرلەردىكى 60مىڭ باۋمۇنى قوشقاندا پۈتكۈل شىنجاڭدا يوق دىگەندە 70مىڭدىن كۆپرەك قىزىمىز يىڭىچە قۇللۇقتا ياشاۋاتىدۇ.........بىزدەك نوپۇسى ئاران 8مىليۇنغا يېتىدىغان بىر مىللەتكە نىسپەتەن70مىڭ دىگەن ئاز سانمۇ؟ بۇ كىمنى ئېچىندۇرمايدۇ؟بۇ پەقەت ۋىجدان -غۇرۇرى ئۆلگەن كىشىلەرنىلا ئويلاندۇرماسلىقى مومكىن......
------ئابدۇرىھىم دۆلەت
                                                                "مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇدلىقىمىز"232-بەت

مىنىڭ ئىسمىم ئادالەت،ئۇنىڭ ئىسىمى سائادەت،
بار ئىكەنمىش ئەسلىدە ئىسمىمىزدا كارامەت.
لىكىن ئەھۋال باشقىچە كۆرمەكتىمىز قاباھەت،
قەيەردىكىن ئادالەت،نەدىكىنتاڭ سائادەت.
دەرد-ئەلەملەر يىغىلدى،باۋمۇ بولغۇم يوق پەقەت.

تەڭتۇشلىرىم ئوقۇيدۇ بىر چىرايلىق مەكتەپتە،
بولالمىدىم لىكىن مەن ئۇلار بىلەن بىر سەپتە.
چارغا ئوخشاش شاللاندىم شەكىلسىز بىر ئەلگەكتە،
بېلىجاندەك قالدىم مەن قاغجىرىغان كۆلچەكتە.
يۈرەكلىرىم سىقىلدى، باۋمۇ بولغۇم يوق پەقەت.

قۇچۇقۇمدا بىر بوۋاق،بۆشۈكۈمدە بىر بوۋاق،
كىرئالغۇدا تۇرىدۇ كىر كىيىملەر بىر قۇچاق.
سەي ئادالاپ تاماق ئەت دەپ كۈتىدۇ گاز ئوچاق،
باش تاتىلاشقا ۋاقىت يوق ئىشلىرىم بەكمۇ توشاق.
بەدەنلىرىم ئېزىلدى، باۋمۇ بولغۇم يوق پەقەت.

ئۆتمۈشتىكى قىزلاردەك بولۇپ قالدىم مەن دېدەك،
باۋمۇ دىگەن ئاتالغۇ بولدى چىرايلىق بېزەك.
بوران-چاپقۇن ھەمراھىم چۆلدە ئۆسكەن گىياھدەك،
يوقمىدۇ بىزگە ھىمات،يوقمىدۇ يۆلەك-تىرەك.
تاقەت تېغىم يىقىلدى، باۋمۇ بولغۇم يوق پەقەت.

توققۇز يىللىق مائارپ قەغەزدىكى سىياھمۇ؟
ئاتا-ئانام بىكۈيۈم كاككۇك ئوخشاش سىياقمۇ؟
جۈيجاڭ،شىياڭجاڭ،شىياۋجاڭلار ئۆتمۈشتىكى سىپاھمۇ؟
ياكى سەبىي غۇنچىنىڭ تەغدىرىگە ئىلاھمۇ؟
خىياللىرىم چېچىلدى، باۋمۇ بولغۇم يوق پەقەت.

كۆزدىن ئاقىدۇ ئۈنچە،زامان ماڭا تار شۇنچە،
بەگ-مەلىكە ئەتىۋار،مەن نىمىشقا خار شۇنچە.
يات بۇسۇغا،يات چىراي،تونۇشقا مەن زار شۇنچە،
خوشاللىقتىن مەن بىدار،قايغۇ-ئەلەم يار شۇنچە.
سەۋر قاچام يېرىلدى، باۋمۇ بولغۇم يوق پەقەت.

ئەي ئاتا،ئەي ئانا ناتىۋاننى قوينۇڭغا ئال،
ئەي ئادەم بەگزادە-مەلىكەڭنى قولۇڭغا ئال.
ئەي قانۇن ئازغانلارنى قولغا ئال، يولۇڭغا سال،
ئەمدى قايتاي گۈلزارىمغا،شىرنىلەردىن يىغاي بال.
پىكىرلىرىم ئېچىلدى، باۋمۇ بولغۇم يوق پەقەت.

2004-يىل   سېرىق ئاتا مازىرىم.

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

33

تېما

37

ئەگەشكۈچى

3475

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
مەخپى
تۆھپە
1590
مۇنبەر پۇلى
1597
ئىشەنىچ
1590
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى بالاباققۇچى   بولغۇم يوق پەقەت دەپسىزدە
ئۆزى ھەققىدە:كىمىكى قىلسا كىشىگە بىھۇدە غۇرۇر ئاياغ تۇۋېىدىن قۇمۇشتەك قۇرۇر! جاھاندىكى ئىشلارنىڭ ھەممسى تەھدىرگە تەئەللۇق ۋەياكى ئۇنىڭمۇ تەدبىرى باردۇر!

1

تېما

4

ئەگەشكۈچى

479

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
122
مۇنبەر پۇلى
311
ئىشەنىچ
122
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوچىغا چىقىپ پۇل تاپقاندىن، ئىسسىقىنە ئۆيدە بالا بېقىپ بولسىمۇ ھالاللاپ پۇل تاپقىنى مىڭ ئەلا. بالا باققۇچىلارغا زار بولۇپ كېتىۋاتقان ئەر-ئاياللار نۇرغۇن، ئۇلارمۇ بەگزادە مەلىكىنىڭ كۈنىنى كۆرىۋاتقىنى يوق. گەپنىڭ قىسقىسى بالا باققۇچىلارنى قۇل دىگەن قاراشتا بولۇش خاتا، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئەمگەك كۈچى. ئەمەلىيەتتە ھىساپلاپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ھەر ئايدا تاپقان 1000 سوم پۇلى ساپ كىرىم بولۇپ قېلىۋېرىدۇ، ياتاق، تاماققا پۇل تۆلەپ ئولتۇرمايدۇ. سىرتلاردا ئىشلەپ 2000 سوم تاپتى دىگەندىمۇ تەڭدىن تولىسى ياتاق،تاماققا كېتىدۇ.

باھا سۆز

دولان قىزى ئورۇنلۇق سۆز  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

20

تېما

28

ئەگەشكۈچى

6043

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2389
مۇنبەر پۇلى
2467
ئىشەنىچ
2389
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئازلىدى... بىلىشىمچە كۆپۇنچە بالا باققۇچىلار تولۇقسىز ئوقۇش يېشىدىكى قىزلار ئىكەن.

4

تېما

3

ئەگەشكۈچى

377

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
38
مۇنبەر پۇلى
299
ئىشەنىچ
38
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايتى مۇھىم مەسىلە،ئەر ئايال ھەر ئىككىلىسى ئىشلىسە بالا باققۇچى تەكلىپ قىلماي ئامال يوق ،بالا باققۇچىنىڭ ئىش ھەققى بىر ئاز تۈۋەن بولغاچقا يېشى كىچىك قىزلارلا بۇ ئىشقا ماس كېلىدۇ دەپ قارىلىپ ھەممىمىز مەكتەپ قۇينىدىكى باللارنى ئىشلىتىۋاتىمىز،ھۆكۈمەت ياكى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.
تۇپراق بىلەن قان يۇغۇرۇلسا ۋەتەن بۇلىدۇ.

3

تېما

24

ئەگەشكۈچى

3948

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1597
مۇنبەر پۇلى
1809
ئىشەنىچ
1597
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىك قىزلار ئەڭ ياخشىسى مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشى كېرەك، شەھەرلەردە بالا باققۇچىلار
بولمىسىمۇ بولمايدۇ، بۇ ھازىر جەمئىيىتىمىزدە بىر ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ قالدى، مىنىڭچە ھۈكۈمەت
بۇ مەسىلىنى ئەتراپلىق ئويلۇشۇپ، بالا باققۇچىلار مەسىلىسىنى مۇۋاپىق يول بىلەن ھەل قىلغىنى تۈزۈك.

47

تېما

21

ئەگەشكۈچى

5134

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1608
مۇنبەر پۇلى
2148
ئىشەنىچ
1608
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھىم مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ.

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

521

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
192
مۇنبەر پۇلى
263
ئىشەنىچ
192
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىنچى قەۋەتتىكى توردىشىمىز توغرا دەيدۇ، بالا باققۇچىلارغا قارىتا، ‹يېڭىچە قۇللۇق› دىگەن ئىبارىنى ئىشلىتىش توغرا ئەمەس دەپ قارايمەن. يېڭىچە قۇللۇقنىڭ رامكىسى ۋە ئۆلچىمى قانداق بۇلىدۇ؟...ماقالىدا كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان سان-
سىپىرلار ۋە تەپسىلاتلار ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان بولسىمۇ،ھالال ئەمگىكى بىلەن ياشاۋاتقانلارغا قارىغاندا،كوچىغا چىقىپ،تاپتىن
چىققانلارغا،ئىپپىتىنى سېتىپ يۈز تۆكىدىغانلارغا ئېچىنىش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، بىزدە نىمە ئۈچۈن شۇنداق بالا
باققۇچىلار كۆپ؟....بۇنداق بۇلۇشنىڭ تۈپ سەۋەبى زادى نەدە؟...سەۋەنلىك كىمدە؟...دىگەندەك سۇئاللارنى قويماي
تۇرالمايمىز. مەن مەلۇم نۇقتىدىن بۇلارغا ئېچىنمايمەن،ئەكسىچە ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىمەن....

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

521

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
192
مۇنبەر پۇلى
263
ئىشەنىچ
192
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باۋمۇ دىگەننىڭ ئورنىغا، ئانا تىلىمىزنى ئىشلەتسەك يامان بۇلارمۇ ؟!....
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
    [ بالا باققۇچى بولغۇم يوق پەقەت] دەپ يازسىڭىز تولىمۇ يارىشاركەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-7-29 06:51, Processed in 0.121625 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش