تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 232|ئىنكاس: 3

«مۇھەممەتنىڭ 2008-يىلى» فىلىمى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

2

ئەگەشكۈچى

1670

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
523
مۇنبەر پۇلى
842
ئىشەنىچ
523
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مۇھەممەتنىڭ  2008-يىلى» فىلىمى ھەققىدە




يېقىنقى يىللاردىن بۇيان  بازارلاردىكى ئاساساىي ئېقىمغا كىرگەن ۋە بىلەت باھاسىدا خېلى كۆپ كىرىم ياراتقان ئۇيغۇرلار تۇرمۇش تىمىسىدىكى فىلىم-«مۇھەممەتنىڭ 2008-يىلى» فىلىمىدۇر. بۇ فىلىمنىڭ سىنارىستى-جاڭ بىڭ،رىژىسۇر-شىرزات ياقۇپ، ئاساسلىق روللارنى ئىسلامجان ۋارىس، ئارزىگۇل رىشىت قاتارلىقلار ئالغان. بۇ فىلىمدە شىنجاڭنىڭ خوتەن رايۇنىغا قاراشلىق قۇمقۇيرۇق كەنتىدە يۈز بەرگەن 12 فۇتبۇل ھەۋەسكار بالىنىڭ پۇتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى سۆزلىنىدۇ. بۇ بالىلار ناھىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياش-ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشىپ، بېيجىڭغا بېرىپ، ئولۇمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى كۆرىدۇ. فىلىمدە پۇتبۇلچى بالىلارنىڭ غايىسى، مىللىي پۇراق، يەرلىك ئالاھىدىلىك قاتارلىق ئامىللار زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا بايان قىلىنىدۇ. فىلىم يەنە جەمىيەتتە كەڭ قىزىق نوختا قوزغايدىغان ئامىلللارغىمۇ ئىگە. مەسىلەن: بۇلغۇنۇش،قۇملۇشۇش ۋە يەرلىك ئۆرۈپ-ئادەت قاتارلىقلار. بۇ ئامىللار ئارقىلىق غايىلىك، ئىرادىلىك، ئالغا ئىلگىرلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان بالىلارنىڭ ئوبرازى جانلىق يارىتىلغان. فىلىمدە مۇھەممەت ۋە پۇتبۇل ئەتىرتىدىكىلەر قۇمقۇيرۇق كەنتىدە جاپالىق ھالدا قۇدۇق قېزىش ۋەقەلىكىنى ئارقا كۆرنۈش قىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا بەزىلەر «بۇنداق جاپالىق سۇ قۇرلۇشى قۇملۇققا يېتىپ بارالمايدۇ،»-دەپ قارايدۇ.بىراق بىز موھىت قانچە جاپالىق بولسۇن ئولىمپىككە بولغان ئىنتىلىشىمىز ئىنسانىيەت ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ مەدىھلىشىگە ئىرىشسەكلامانا بۇ خوشاللىقنىڭ مەنبەسى دەپ قارايمىز.فىلىم  پۇتبۇل،ئولىمپىك بالىلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى قاتارلىق ئامىللارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن فىلىم.
مۇھەممەتنىڭ 2008-يىلى-كومىدىيىلىك تۈسكە ئىگە ھىكايە فىلىم. شىنجاڭنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىغا جايلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ قۇمقۇيرۇق كەنتى بىر  پۇتبۇل كەنتى بولۇپ، ھەممە ئائىللىكلەر  پۇتبۇل ھەركىتىگە قىزىقىدۇ ھەم  پۇتبۇلنى ئۆز تۇرمۇشىدىكى خوشاللىق دەپ قارايدۇ.  پۇتبۇل چولپىنى بولۇش ئارزۇسىدىكى بالىلار ھەمىشە  پۇتبۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ. بالىلارنىڭ ھەممىسى خەلقىرا چولپانلارنىڭ نامىنى ئۆزىگە لەقەم قىلىپ قويىدۇ. مەسىلەن:مارادونا،جى دانى، لوناردۇ،لىيۇشاڭ قاتارلىقلار... بىردىن-بىر قىز  پۇتبۇلچى ئىلگىرى جوڭگۇ ئايال  پۇتبۇلچىلار ئەترتى باشلىقىنىڭ ئىسمىنى ئۆزىنىڭ لەقىمى قىلىپ قويىدۇ.مۇھەممەت قۇمقۇيرۇق كەنتىدىكى  پۇتبۇلچى بالىلارنىڭ قىزىقتۇرشى بىلەن بىر  پۇتبۇل ئەتىرتى تەشكىللەش ئۈچۈن، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ ئالدىدا:«ئەگەر قۇمقۇيرۇق كەنتىنىڭ  پۇتبۇلچىلار ئەتىرتى ۋىلايەتتە چىمپىيۇن بولالىسىلا بۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى 2008-يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇسابىقىسىغا قاتنىشالايدۇ»-دەپ ۋەدە بېرىدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرى كەنتتىكىلەرنىڭ ئولىمپىككا بولغان قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. بىراق مۇھەممەتنىڭ بۇ ۋەدىسى قانداق ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ئەمىليەتتە فىلىمدە ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ جانلىق ئوبرازلار بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. فىلىمدە يومۇرلۇق تىللار ۋە جانلىق ھەركەتلەر ئىپادىلەنگەن بولۇپ، تاماشىبىنلارنى بىر غايىۋىي خوشال-خوراملىق دۇنياغا باشلاپ كىرەلەيدۇ. «مۇھەممەتنىڭ 2008-يىلى»-دېگەن بۇ فىلىمنى خوشاللىق ۋە يومۇرلۇق فىلىم دەپ قاراشقا بولىدۇ. فىلىمدە تەنھەركەت تۈسى قويۇق بولۇپلا قالماستىن يەنە قويۇق يەرلىك موھىت تۈسىگىمۇ ئىگە. مەسىلەن:تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چەت ياقىسىدىكى بىر كەنت ئاھاللىسى قولىدا قىلىۋاتقان ئىشىنى توختۇتۇپ قويۇپ، تاماشىبىنلارغا كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك توپ ئويناش ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ. ياشانغان موماي توپ نى كۆكرىگىگە تۇرغۇزىدۇ. بوۋايلارمۇ توپ ئويناشنى بىلىدۇ. خوشاللىق ساداسى ئىچىدە چىلىنغان دۇمباق،كەڭرى كەتكەن قۇملۇق، قويۇق مىللىي تۈسكە ئىگە بولغان ئۇيغۇر مىللىتى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرمەي قالمايدۇ. گەرچە بۇ فىلىمدە توپ چولپىنى بولمىسىمۇ، ئەمما 12 بالىنىڭ بالىلارچە قەلبى ۋە رول ئېلىشى چولپانلاردىن قېلىشمايدۇ. بۇ فىلىم جوڭگۇ كىنوچىلىقىدىكى كىنوچىلارنىڭ مۇستەقىل ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا فىلىمگە خېلى ۆكپ مەبلەغ سېلىنغان. فىلىم گەرچە 2008-يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغاسوۋغا قىلىنغان فىلىم بولسىمۇ، 2003-يىلى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى ئادەم ئىبەرتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى كۈزۈتۈش ئارقىلىق زىيارەت ئېلىپ بارىدۇ ھەم مۇشۇ ھىكايىغا نىسبىتەن مۇكەممەل تىمىغا ئىگە بولىدۇ.
ئاتۇش شەھرىنىڭ ئىكىساق كەنتىدە 100يىللىق تارىخقا ئىگە  پۇتبۇل كەنتى بار. فىلىم ئىجادىيەتچىسى ئاشۇ كىشىلەرنىڭ  پۇتبۇلغا بولغان قىزىقىشىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن. كەنتتىكى ھەر بىر ئائىلدىكى تامغا دۇنيا پۇتبۇل چولپانلىرىنىڭ رەسىمى چاپلانغان. يۇقىرسى 80ياشلىق بوۋايلاردىن تارتىپ، كىچىگى4-5 ياشلىق بالىلارغىچە، ھەممىسى پىششىق  پۇتبۇل ماھارىتىگە ئىگە. بالىلارنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىدە جوڭگۇ ۋە دۇنيا فۇتبۇل چولپانلىرىنىڭ ئىسمى قوشۇپ قويۇلغان. مەسىلەن :مارادۇناسابىر.... دېگەنگە ئوخشاش. پۇتبۇل ھەمدە ئۇلارنىڭ جىسمىغا يوشۇرۇنغان روھ ھەر بىر كەنت ئاھالىسىنىڭ قانلىرىغا ئورناپ كەتكەن. ھەتتا 70-80 ياشلىق بوۋايلارمۇ ئۆز ئارا  پۇتبۇل مەيدانى تەشكىللەپ  پۇتبۇل ئوينايدۇ.مانا مۇشۇنداق جانلىق تۇرمۇش كۆرنىشى فىلىم ئىجادىيەتچىسىگە ئولىمپىك چۈشىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىگىچە مەۋجۇت ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدۇردى ھەم ئولىمپىكنىڭ شۇئارى بولغان «ئورتاق بىر دۇنيا،ئورتاق بىر غايە»نىڭ ئىچكى مەنىسىنى تېخىمۇ تونۇتتى. دەل مۇشۇنداق بىر ئاساسىي نوختا ئۈستىدە كىنو ئىجادىيەتچىسى كەلگۈسى فىلىمگە بولغان ئىشەنچىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، كىنو ئىشلەش جەھەتتىكى روھقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە بولغان ماتىرياللارغا ئىگە بولدى. كىنو سىنارىيىستى كەسكىنلىك بىلەن شۇنداق دەيدۇ: «ياخشى بىر فىلىم قويۇق تۇرمۇش پۇرىقىغا، كومىدىيىلىك تۈسكە ۋە تۆۋەن تەنھەرقىگە ئىگە بولىشى كىرەك.» مۇشۇ نوختىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا مۇھەممەتنىڭ 2008-يىلى بىر ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى تىما قىلىنغان فىلىم.ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ باللىرىنى كىنوخانىغا ئاپىرىپ، كۆرسىتىشىگە ئەرزىيدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ كىنودىن ئۆزلىرىنىڭ غايىسىنى كۆرۈپلا قالماي يەنە خوشاللىقمۇ تاپالايدۇ. ئالاھىدە كۆرسۈتۈشكە ئەرزىيدىغىنى-مۇھەممەتنىڭ 2008-يىلى يەنەبىر قىتىم شىنجاڭدىكى يەرلىك خەلق ئارىسىدا ئىجادىيەت ئەتىرتى ۋە كەسپىي خادىملەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىتى. ئۇلار شىرزات ياقۇپنى ،ئوپىراتۇر-مۇراتنى ،ئاساسىي رولچى-ئىسلامجان ۋارىس،ئارزىگۇل رىشىت،مىرادىل ئابلىمىت ھەمدە 12  پۇتبۇل ئەتىرتىدىكى ئەزالەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسلىق فىلىم ئىجات قىلغۇچىسى-شىرزات ياقۇپ، سىنارىس-جاڭ بىڭ، بۇندىن بۇرۇنمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن فىلىملەرنى يازغان ۋە ئىشلىگەن.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق ئاز سانلىق مىللەت ئىجادىيەتچىللىرى ۋە كەسپىي خادىملەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىتى. ئۇلار ئاز سانلىق مىللەت تۇرمۇشىغا پىششىق بولۇپلا قالماي، ئاز سانلىق مىللەت تىمىسىدىكى مەدىنىيەت روھلىرىغىمۇ باي ھەمدە ھازىرقى زامان نەزىرى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت ئارىسىدىكى كۆپ خىل تۇرمۇش پۇراقلىرىنى كۈزۈتۈشكىمۇ ماھىر. شۇنداق بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتى ھەقىقىي تۈردە توغرا يوسۇندا ئاز سانلىق مىللەت ئالاھىدىلىگى ۋە روھىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
تەييارلىغۇچى-قەشقەر شەھەرلىك 16-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيۇنېرى-
ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
.
   

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

521

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
192
مۇنبەر پۇلى
263
ئىشەنىچ
192
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسىدە ئىشلەنگەن ۋە ئىشلىنىۋاتقان كىنولارنىڭ سىنارىستلىرىنىڭ ھەممىسى خەنزۇ
يازغۇچىلار ، مەسىلەن ؛ ‹ ئانارخان› ، ‹مەمەت ھەققىدە پاراڭ› ، ‹تۇرپان ئىنانچىلىقى› ، ‹ئارتىس بولمايدىغان قىز›....
قاتارلىقلار. بىزنىڭ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىمىز سىنارىيە يازالمامدۇ ياكى ، يازسىمۇ كىنو قىلىپ ئىشلەنمەمدۇ؟...مىنىڭچە
ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشتە ئۆزىمىزنىڭ يازغۇچىلىرى يېزىپ چىقسا، ئۇنىڭ چىنلىق تۇيغۇسى ھەقىقى كۈچلۈك
چىققان بۇلاتتى. مەن يۇقۇرىدا تىلغا ئالغان نۇرغۇن كىنولاردا ئۇيغۇرلار تۇرمۇشى،ئۆرۈپ-ئادەت،ئەنئەنىۋى قىممەتلىك
مەدەنىيەت مىراسلىرى، ئۇلاردىكى روھى دۇنيا زىدىيەتلەرگە تۇلۇپ كەتكەن. بەزى رىياللىقلار زورمۇ-زور تېڭىلغان....

9

تېما

0

ئەگەشكۈچى

213

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
63
مۇنبەر پۇلى
123
ئىشەنىچ
63
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزمىرنىڭ ئۇيغۇرچە قانالىردا ئۆزىمىزنىڭ ئارتىس، رېجسۇرلىرى ئىشلىگەن فىلملەرنى كۆرۇشىنى بەك ئارزۇ قىلاتتۇق،مانا ئەمىدى پۇتۇنىلەي تەرجىمە فىلملەر ۋە ئېلان بىلەن تۇشۇپ كەتىتىى .

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

18

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

真实姓名
جەۋلان
تۆھپە
11
مۇنبەر پۇلى
12
ئىشەنىچ
11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇددى بىزنىڭ تارىخىمىزنى شۇلا ياراتقاندەك، ۋاي توۋا، تېلىۋىزىيە ئىستانسىدكىلە بىرە ئېغىز گەپ قىلالمامدىكىنتاڭەي!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-7-28 10:07, Processed in 0.118856 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش