تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 475|ئىنكاس: 29

سىگان مىللىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

0

ئەگەشكۈچى

213

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
63
مۇنبەر پۇلى
123
ئىشەنىچ
63
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەكىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-23 13:31  



سىگانلار ياۋروپادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئازسانلىق مىللەت بولۇپ، نوپۇسى  تەخمىنەن 10مىلىيون ئۆپچۆرىسىدە،  ئەمما سىگانلار تەشكىلاتى دۇنيادا 30 مىلىيون، ياۋروپادا 15 مىلىيون سىگان بار دەپ قارايدۇ. سىگانلار شەرقى ياۋروپادا روما، جەنۇبى ياۋروپادا كالې دەپ ئاتىلىدۇ، سابىق ئوسمان ئىمپىرىيىسى زىمىنىدا ياشىغان بىر قىسمى ئىسلام دىنىغا ئىشەنگەندىن باشقا ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئىپتىدائى دىنىغا، ياكى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى خىرىستان دىنىنىڭ مەزھەبلىرىگە ئىشىنىدۇ. 500 مىڭدىن ئارتۇق سىگان ئولتۇراقلاشقان فرانسىيە، رومىنىيە، ۋېنگىرىيە، ئىسپانىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەر ھەتتا ئۆز دۆلىتىدە سىگان ئاتلىق مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنى پەقەت تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىسيىسىدىكى كىشىلەر توپى دەپ قارايدۇ.
سىگان تىلى ئاللىبۇرۇن شالغۇتلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئەتراپتىكى مىللەتلەرنىڭ تىلى شۇ جايدىكى سىگان تىلى لېكسىكىسىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشىغا قارىماي، ئاساسەن شەرقى ياۋروپادىكى تەخمىنەن ئىككى مىلىيوندىن كۆپرەك ئادەمنىڭ ھىندى ياۋروپا تىل سېستىمىسى ھىندى-ئىران تىل ئائىلىسى، ئىندى ئارىيان تىل ئائىلىسىگە تەۋە سىگان تىلىنى ئىشلىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
 ئەسلى يۇرتى ھىندىستان پاكىتان چېگرىسىدىكى راجاستان بولغان سىگانلار مىلادى 5-ئەسىردىن باشلاپ كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كۆچۈرۈپ پەنجاپقا كەلگەن، مىلادى 10-ئەسىردىن كېيىن مەھمۇد غەزنەۋى قوشۇنلىرىنىڭ قەتلىئامىغا ئۇچراپ ئۇزۇن يول بېسىپ ياۋروپانىڭ شەرقى دەرۋازىسى بولغان شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىگە بېقىنغان ۋە تەدرىجى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. سىگانلارنىڭ ياۋروپادىكى نوپۇسى تېز كۆپىيىپ ھازىرقى مىليونغا يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن سانىنىڭ كۆپىيىشى، بۇ مىللەتكە ھېچقانداق ئابرۇي ئېلىپ كېلەلمىگەن. «سىگان» سۆزى سەرگەردان دېگەن مەنىدە بولغاچقا باشقا مىللەتلەر ئۇلارنى ئوغرى، مەينەت، ھورۇن دەپ سۈپەتلىگەن. سىگانلار شامالغا ئوخشايدىغان مىللەت، دائىم كارۋان ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇششاق قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياسايدۇ ، كوچا ئارىلاپ ئۇششاق سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەرلىرى توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىدا سۇناي، دۇمباق چېلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاياللىرى بولسا باشقىلارغا قەرىت بىلەن پال سېلىپ پۇل تاپىدۇ.
مىللەتچىلىك باش كۆتەرگەن 15-ئەسىردىن باشلاپ ياۋروپادىكى كۆپ سانلىق دۆلەتلەر سىگانلارنى ۋابا كېسىلى تارقاتتى، ئوغىرلىق قىلدى ۋە سېھرىگەرلىك بىلەن شۇغۇللاندى دېگەن بەتنام بىلەن ئارقا-ئارقىدىن ئۇلارنى دۆلىتىدىن قوغلاپ چىقاردى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىست گېرمانىيىسى 200 مىڭ سىگاننى جازا لاگىرىدە قىرىپ تاشلىدى. شەرقى ياۋروپادىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر گەرچە سىگانلارنى «نامدا، ھوقۇقتا باراۋەر» دېگەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ئۆز تىلىنى چەكلىدى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار يەنىلا 2- دەرىجىلىك پۇقرا. ياۋروپا دۆلەتلىرىدە سىگانلارنىڭ خىزمىتى يوق، قۇتقۇزۇش پۇلى يوق. گېرمانىيەدە كۆپ سانلىق كىشىلەرئۇلار بىلەن قوشنا بولۇشنى خالىمايدۇ. فرانسىيەنىڭ 2010-يىلىدىكى كەڭ-كۆلەمدە سىگانلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئىشى خەلىقئارا جەمئىيەتنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىي ھوقۇق كومىتېتى فرانسىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئايرىم كىشىلەرنىڭ جىنايىتىنى پۈتۈن مىللەت بىلەن ئارىلاشتۇرماسلىقنى ئەسكەرتتى.
بىراق سىگانلارنىڭ مۇشۇ كۈنگە قېلىشىنى پۈتۈنلەي باشقىلاردىن كۆرۈشكىمۇ بولمايدۇ. سىگانلارنىڭ خاس تۇرمۇش ئادىتى ۋە مىللەت ئالاھىدىلىكى ئۇلارنىڭ مۇشۇ قىيىنچىلىققا قېلىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. سىگانلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادىتى بىلەن ياۋروپالىقلارنىڭ تۈزۈمى زادى ئوخشىمايدۇ. سىگانلار كىچىك بالىلىرىنى يېتىلەپ يۈرۈپ تىلەمچىلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدۇ. ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش بولسا ياۋروپالىقلارنىڭ تۇرمۇش مىزانى. سىگانلار قانۇن ۋە ساقچىلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى شەرەپلىك دەپ ھېس قىلىدۇ. ئۇلار تۈزۈمنى مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارايدۇ. ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇلار بۇنى ئەنئەنىمىزگە بولغان بۇزغۇنچىلىق دەپ قاراپ مائارىپ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپ سانلىق بالىلار 15-16 ياشتىلا مەكتەپتىن چېكىنىدۇ. شۇڭا سىگانلار ئىچىدە زىيالىيلار يوق دېيەرلىك. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە سىگانلارنىڭ تازلىق ئادىتىمۇ غەيرى، ئۇلار كارۋان ھارۋىلىرىنىڭ ئىچىنى كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك بېزەيدىكەن ئەمما سىرتى بىلەن كارى يوق ئىكەن. ئۇلار ئۆيدە يېمەكلىك ساقلانغانلىقى ئۈچۈن ئۆي ئىچىگە ھاجەتخانا ۋە مۇنچا لايىھەلەشكە بولمايدۇ، دەپ قاراپ ھەشەمەتلىك داچا سالغان ھالەتتىمۇ تالاغا قومۇشتا كەپە ياساپ تەرەت قىلىدىكەن.
ئۇلار ئوغرىلىققا بەك ماھىر بولۇپ بۇ ئىشتىن قول ئۈزەلمىگەچكە، باشقىلارنىڭ دۈشمەنلىك قارىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. سىگانلار ئىچىدە مۇنداق بىر رىۋايەت بار ئىكەن، ئەيسانى كىرىستقا مىخلايدىغان چاغدا بىر سىگان ئۇنىڭ كۈرىكىگە مىخلايدىغان مىخنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تەڭرى سىگانلارغا ئوغرىلۇق قىلىش ئىجازىتى بەرگەنمىش. قارىماققا ئەركىن ياشاۋاتقان بۇ مىللەتنىڭ ياشاش بوشلۇقى بارغانچە تارلاپ بارماقتا. سىگان يازغۇچىسى لوناردو لى «خۇدا ئۇرغان سىگانلار»دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: بىزنىڭ مۇزىكىلىرىمىز، سەنئىتىمىز، ئەنئەنىۋى كىيىم كېچەكلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئوغرىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۆرگەزمىخانىلاردا ئىسپانلارنىڭ، ۋېنگىرلارنىڭ، چېخلارنىڭ، فرانسۇزلارنىڭ مەدەنىيەت بۇيۇمى سۈپىتىدە كۆرگەزمە قىلىنماقتا، نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى ئىجادىيەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئوغرىلاپ كېتىلدى، ئەمما بىز تاكى ھازىرغىچە ئوغرى دېگەن نامدىن قۇتۇلالماي كېلىۋاتىمىز! ئېھتىمال بۇ سىگانلارنىڭ پاجىئەسى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ پاجىئەسى بولۇشى مۇمكىن.

مەنبە : ئۇلىنىش تورى ، نۇر تورى

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

20

تېما

28

ئەگەشكۈچى

6028

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2381
مۇنبەر پۇلى
2460
ئىشەنىچ
2381
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇغداي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-24 13:33  

نام چىقارغان داڭلىق سىگانلار مىللىتىنى يوشۇرىدۇ دەپ كۆرگىنىم ئىسىمدە.

20

تېما

28

ئەگەشكۈچى

6028

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2381
مۇنبەر پۇلى
2460
ئىشەنىچ
2381
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداق جۈملىلەر ئىسىمدە ‹‹ سىگان قىزلىرى ئاپتۇبۇستا سىگان يىگىتلىرىنى ياراتماي ئۇلارغا قوپال مۇئامىلە قىلىدۇ ، ياۋرۇپالىقلار بىرەر ئىت ئىلىپ چىقسا شۇ ئىتنى ماختاپ قىلمايدىغان قىلىقلىرى قالمايدۇ ....››.

سىگانلار  ئىبرەت ئىدى جۇمۇ!

2

تېما

1

ئەگەشكۈچى

332

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

真实姓名
قۇربانجان ئەلرام
تۆھپە
90
مۇنبەر پۇلى
212
ئىشەنىچ
90
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۇلارنىڭ تەقدىرى...

2

تېما

12

ئەگەشكۈچى

1425

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
375
مۇنبەر پۇلى
877
ئىشەنىچ
375
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغداي يوللىغان ۋاقتى  2013-7-24 13:23
مۇنداق جۈملىلەر ئىسىمدە ‹‹ سىگان قىزلىرى ئاپتۇبۇستا س ...

بىرقىسىم ئۇيغۇر قىزلىرىمۇ شۇنداق!
بىل كلنتوننىڭ 9-ئەجداد بوۋىسىنىڭ سىگان ئىكەنلىكى خۇسۇسىدا ئاركانساستىكى سايلىغۇچىلار بەزى رويخەتلەرنى كۆتۈرۈپ چىققان ئىكەن!

باھا سۆز

باھاردا قىزلارنى ئۇنداق چۈشەمەڭ !! قىزلارنى ئەسكى قىلغان ئەرلەر  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
ئەركماننى بۇ خارابقا سەن گىرىفتار قىلدىڭ  كۆڭۈل.

2

تېما

12

ئەگەشكۈچى

1425

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
375
مۇنبەر پۇلى
877
ئىشەنىچ
375
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://player.youku.com/player.php/sid/XNDIwNTYyOTUy/v.swf
نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
ئەركماننى بۇ خارابقا سەن گىرىفتار قىلدىڭ  كۆڭۈل.

3

تېما

24

ئەگەشكۈچى

3921

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1583
مۇنبەر پۇلى
1796
ئىشەنىچ
1583
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋروپادىكى سىگانلارنىڭ كۈنى ھەقىقەتەن تەس ئوخشايدۇ، ئۇلار ئادەتتە تىلەمچىلىك قىلىدىكەن،
يەرلىك ئاھالىلار ئولارنى ئوغرى دەپ كۆزگە ئىلمايدىكەن.

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

521

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
192
مۇنبەر پۇلى
263
ئىشەنىچ
192
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىگانلار تەقدىرىنىڭ ئېچىنىشلىق بۇلۇشتىكى يەنە بىر سەۋەپ شۇكى، ئۇلار سەنئەتكە قاتتىق ھېرىسمەن . ئولتۇرسا-تۇرسا
ناخشا-ئۇسۇل بىلەنلا ھەپىلىشىدۇ...زىيادە سەنئەتكە بېرىلىش سەۋەبىدىن، ئەسىرلەر ئېقىمىنىڭ شاللىشىغا ئۇچراپ،
كۈندىن-كۈنگە چۈشكۈنلۈشۈپ، دۇنيا سەھنىسىدە پۇت دەسسەپ تۇرغۇدەك ئىمكان يارىتالماي، ئاخىرىدا يوقۇلۇش گىردابىغا
بېرىپ قالغان،تەقدىرى ئەڭ ئېچىنىشلىق مىللەتكە ئايلىنىپ قالدى. مانا بۈگۈن ئۇلارنىڭ كۆتىدە كىيگۈدەك ئىشتانمۇ
قالمىدى....سىز يەھۇدىيلارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ،ئۇلارنىڭ ناخشا-ئۇسۇلغا بېرىلگىنىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، نۇپۇسى
ئاز بولسىمۇ،پۈتۈن دۇنياغا تېتىپ ياشاۋاتىدۇ ، ئۇلار ئاتا-بوۋىسىدىن مىراس قالغان كىتاپلاردىن ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس
قىلسا ۋە شۇ كىتاپلاردىن پەخىرلىنىش ھېس قىلسا ، سىگانلار ئاتا-بوۋىسىدىن مىراس قالغان نەغمە-ناۋادىن،چالغۇلاردىن
پەخىرلەنگەن!.....سەنئەتنىڭ ئۆزىنى تۇيدۇرماي يەپ كېتىۋاتقىنىنى ھېس قىلالمىغان...

باھا سۆز

ئىسىل: 0.0
باھاردا ئىسىل: 0
  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:12
بۇغداي توغرادەيسىز  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

2

تېما

12

ئەگەشكۈچى

1425

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
375
مۇنبەر پۇلى
877
ئىشەنىچ
375
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-26 19:39  
ياشار يوللىغان ۋاقتى  2013-7-25 00:49
سىگانلار تەقدىرىنىڭ ئېچىنىشلىق بۇلۇشتىكى يەنە بىر سەۋ ...


راست،  ئۇيغۇرنىڭ سەنئەتخۇمارلىقىمۇ ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ!

باھا سۆز

ئىسىل: 0.0
باھاردا ئىسىل: 0
  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:12
نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
ئەركماننى بۇ خارابقا سەن گىرىفتار قىلدىڭ  كۆڭۈل.

2

تېما

12

ئەگەشكۈچى

1425

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
375
مۇنبەر پۇلى
877
ئىشەنىچ
375
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-26 19:39  
ياشار يوللىغان ۋاقتى  2013-7-25 00:49
سىگانلار تەقدىرىنىڭ ئېچىنىشلىق بۇلۇشتىكى يەنە بىر سەۋ ...


راست،  ئۇيغۇرنىڭ سەنئەتخۇمارلىقىمۇ ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ!
نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
ئەركماننى بۇ خارابقا سەن گىرىفتار قىلدىڭ  كۆڭۈل.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-7-28 10:13, Processed in 0.126319 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش