- تىزىملاتقان
- 2012-11-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-23
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 173
- نادىر
- 0
- يازما
- 21

- تۆھپە
- 18
- مۇنبەر پۇلى
- 105
- ئىشەنىچ
- 18
| كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا تېلفونىمىزنى دائىم ئېھتىياتسىزلىقتىن چاي ،قەھۋە ، ئىچىملىك ۋە سۇلارغا چۈشۈرۈپ قويىمىز . بۇ قېتىم دوستلارغا ئامراق يانفونىڭىز سۇغا چۈشۈپ كەتسە قانداق قىلىشنى ئۆگۈتۈپ قويماقچى . مۇتەخەسىسلەرنىڭ دېيىشىچە ، يانفون سۇغا چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن ، تېزلىكتە باتارىيىسىنى چىقىرىۋېتىش ، ئىچىدىكى SIM كارتىنى سۇ سۈمۈرۈشچان قەغەز ۋە لاتىلاردا ئېيتىۋېتىش كېرەك ئىكەن . يانفوننى شامال ئۆتۈشۈشچان ، قۇرغاق جايدا شامالدىتىپ ، سوغۇق شامال ئارقىلىق پۈۋلىتىۋەتسە ئاندىن بىركېچە كۈندۈز شامال ئۆتۈشىدىغان ، قۇرغاق جايدا قويۇپ قويسا بولىدىكەن. ئەگەر ئۇنىڭدىمۇ ئېچىلمىسا رېمۇنتخانىغا ئاپارماي ئامال يوق . ئۇندىن باشقا ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن يانفوننى ئىسسىق شامالدا پۈۋلىتىش ۋە قۇياش نۇرىدا قۇرۇتۇش ئاسانلا ئىچىدىكى يانفون تاختىسىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . سۇغا چۈشۈپ كەتكەن يانفوننى ئېچىپ سىناپ بېقىشقا قەتئىي بولمايدۇ ، چۈنكى يانفون ئېچىلىش جەريانىدا توك ئۆتۈپ خىزمەت ھالىتىدە بولغاچقا قىسقا تۇتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، يانفوننىڭ ئاساسىي تاختىسىنىڭ كۈيۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . ئادەتتە يانفون سۇغا چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن ، شامالدىتىش ۋاقتى 24 سائەت ئىچىدە بولسا مۇۋاپىق بۇلۇپ ، ئىچىدىكى سۇ تامچىلىرى قۇرۇپ بولغان بولىدۇ . بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشىچە ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن يانفوننى گېزىت ، گۈرۈچ ۋە باشقا سۇ سۈمۈرۈشچان نەرسىلەرگە ئوراپ قويسا ئاسان قۇرۇيدىكەن ، لېكىن بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسىي يوق بۇلۇپ ، گۈرۈچنىڭ سۇ سۇمۈرۈشچانلىقى چەكلىك شۇنداقلا يانفوننىڭ ئىچىدىكى سۇ تامچىلىرىنى سۈمۈرەلمەيدىغان بولغاچقا يەنىلا شامالدا قۇرۇتقاندەك ياخشى ئۈنۈم بەرمەيدۇ .
|
|