- تىزىملاتقان
- 2012-11-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-23
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 180
- نادىر
- 0
- يازما
- 26

- تۆھپە
- 9
- مۇنبەر پۇلى
- 100
- ئىشەنىچ
- 9
| بىر قىز بولغان ئىكەن، ئۇ ئۆز ئوغۇل دوستىنىڭ كۆز يېشىنى كۆرۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدىكەن، ئەمما قەيسەر يىگىت ئۇنىڭ ئالدىدا پەقەتلا يىغلاپ باقماپتۇ. كۈنلەر ئايلارنى، ئايلار يىللارنى قوغلىشىپ ئۆتۈۋېرىپتۇ، ئۇلارنىڭ بەختلىك كۈنلىرى قىزنىڭ ئوغۇل دوستىنىڭ كۆز يېشىنى كۆرۈش ئىستىكىنى بارغانسېرى كۈچەيتىپ بېرىپتۇ. ــ ئۇ زادى قاچان يىغلايدىغاندۇ؟ ــ ئەخمەق قىز، مېنىڭ كۆز يېشىمنى كۆرۈشنى سىناپ يۈرمەڭ، ئەگەر راستىنلا شۇنداق بىر كۈن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ كۈنى چوقۇم ناھايىتى ئازابلىق بىر ئىش يۈز بەرگەن بولىدۇ،ــ يىگىت قىزنىڭ ئىچى تارلىقىنى بىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ سەبىيلىكىگە قاراپ كۈلۈپ تاشلاپتۇ. قىزنىڭ قىزىقىشى قانائەت تاپماپتۇ، ئۇنىڭ ئەرلەرنىڭ كۆز يېشىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، ئاچچىقمۇ ۋە ياكى تۇزلۇقمۇ… ئىشقىلىپ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىپ باققۇسى كېلىدىكەن. بىر كۈنى بىر پەرىشتىنىڭ ئۇنىڭغا بىر پۇرسەت بەرگۈسى كېلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەپتۇ. - سىز راستىنلا ئۇنىڭ كۆز يېشىنى كۆرمەكچىمۇ؟ــ سوراپتۇ پەرىشتە. ــ ئامالىڭىز بارمۇ؟ ــ بار، بىراق سىز نەچچە كۈن غايىپ بولۇشىڭىز كېرەك. ; ــ مەن نەگە كېتىمەن؟ : ــ ھاۋادىكى سۇغا ئايلىنىسىز، بىراق ھەر ۋاقىت ئۇنىڭغا ھەمراھ بولالايسىز، ئۇنى كۆرەلەيسىز. مۇشۇنداق بولۇشنى خالامسىز؟ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە قىز ھاۋادىكى بىر تال سۇ تامچىسىغا ئايلىنىپ قاپتۇ، ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا يېڭىلىق بولۇپ تۇيۇلۇپتۇ. ئۇ ئاۋۋال يىگىتىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپتۇ. يىگىت ئۆيىدە دەرىزە يېنىدا جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بىردەم سان-سېپىرلارنى ھېسابلىسا، بىردەم گرافىك ئىشلەيدىكەن، ئالدىراشچىلىقىدىن باش قاشلىغۇدەك چولىسىمۇ يوقكەن. تۇيۇقسىز، يىگىت تېلېفوننىڭ يېنىغا كەپتۇ. شۇندىلا، قىز يىگىتنىڭ ھەر كۈنى كەچ سائەت ئوندا ئۆزىگە تېلېفون بېرىدىغانلىقىنى ئېسىگە ئاپتۇ. يىگىت تېلېفوندا ئۆزى بىلەن سۆزلىشەلمىسە قانداق بولىدىغاندۇ؟ قىز قىزىققانسېرى كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ يىگىتكە قاراپتۇ. دەرھەقىقەت، يىگىت نەچچە قېتىم نومۇر بۇرىغان بولسىمۇ قارشى تەرەپ تېلېفوننى ئالماپتۇ، كۆڭلىدە:« بۇنچە بالدۇر ئۇخلاپ قالغانمىدۇ؟ بوپتىلا، ئوبدانراق ئۇخلىۋالسۇن،» دەپ ئويلاپ مېھرىبانلىق بىلەن مىيىغغىدە كۈلۈپ قويۇپتۇ. بىراق قىز:« ئۇ نېمىشقا جىددىيلەشمەيدىغاندۇ؟» دەپ ئويلاپ يىگىتتىن بىرئاز ئۈمىدسىزلىنىپتۇ. ئىككىنچى كۈنى، يىگىت دەل ۋاقتىدا ئىشقا بېرىپ كەپتۇ. بىر كۈنلۈك ئالدىراشچىلىقتىن كېيىن، ئۆيىگە قايتىپ كىرىش بىلەنلا دەرھال قىزغا تېلېفون قىلىپتۇ، يەنىلا ئۇلانماپتۇ. يىگىت توختىماستىن تېلېفون قىلىشقا باشلاپتۇ، بارلىق دوست-بۇرادەر، ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ھەممىسىگە تېلېفون قىلىپتۇ، ئەمما ھېچكىم قىزنىڭ نەگە كەتكىنىنى بىلمەيدىكەن. يىگىت جىددىيلىشىپ قاپتۇ-دە، ئۆي ئىچىدە ئۇيان-بۇيان مېڭىشقا باشلاپتۇ. قىز بولسا دەرىزە يېنىدا ئۇنىڭغا قاراپ خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ. بىرئازدىن كېيىن يىگىت كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىپ، ئالدىراش-تېنەش تالاغا مېڭىپتۇ، قىزمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپتۇ. يىگىت ئالدى بىلەن قىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ، ئىشىك تاقاق ئىكەن، خوشنىسى قىزنى تۆنۈگۈن كەچتىن باشلاپ كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئىككى قېرى ئۇلارنى بىرگە تۇرۇۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئاقارغان چېكە چاچلىرىغا قاراپ يىگىت ئۆزىنى تۇتالماستىن قىزنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى دەپ ساپتۇ. ئۇلارنىڭ تىت-تىت بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، قىز بىرئاز پۇشايمان قىلىپ قاپتۇ. يىگىت كېچىچە ئۇخلىماپتۇ. ئىلگىرى ئۇلار ئۇچراشقان جايلارنىڭ ھەممىسىگە بىر-بىرلەپ بېرىپتۇ، گەرچە ئۇ يەرلەردە تاتلىق ئەسلىمىلەر قالغان بولسىمۇ، ئەمما قىز يوق ئىكەن. كېچىچە قاتراپ چىققان يىگىتنىڭ ئىزتىراپتىن كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، ساقال-بۇرۇتلىرى ئۆسۈپ كېتىپتۇ. يىگىت ھېرىپ قاپتۇ-دە، ئۆيىدىكى كىرىسلوغا تاشلىنىپتۇ. قىز ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىگىتنىڭ يىرىك ساقاللىرىنى سىلاشنى، ئۇنىڭغا يوتقان يېپىپ قويۇشنى ئويلاپتۇ، بىراق ئۇ ھاۋادىكى سۇ تامچىسى تۇرسا! ئۇ پەرىشتىگە: ــ مېنىڭ ئۇنىڭ كۆز يېشىنى كۆرگۈم يوق، مېنى ئەسلىمگە كەلتۈرۈپ قويۇڭ!ــ دېمەكچى بولۇپتۇ، ئەمما پەرىشتە ئۇنىڭ ئۆيىگە قايتا كەلمەپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى، يىگىت بۇرۇنقىدەكلا ئىشقا مېڭىپتۇ، ئەمما كۆزلىرىدىن ئىلگىرىكى نۇرلار ئۆچكەن ئىكەن. يولدا كېتىپ بېرىپ تۇيۇقسىز بۇرۇلۇپ نېمىلەرنىدۇ ئىزدەيدىكەن. قىز كۆڭلىدە يىگىت ئۆزىنى تېپىۋالغانمىدۇ دەپ ئويلاپ قاپتۇ، ئەمما ئۇ ھازىر سۈزۈك سۇ تامچىسى تۇرسا! قىز ئۆزىنىڭ ساددىلىقىدىن كۈلۈپتۇ. يىگىت ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۇدۇل ئۆيگە قايتماستىن، ئىلگىرى ئۇلار ئۇچرىشىدىغان كونا جايغا كەپتۇ. ئۇ يەردە بىر تۈپ قېرى چىنار دەرىخى بار ئىكەن. يىگىت چىنار ئاستىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ تۇرقىدىن قارىماققا ئىنتايىن غېرىپلىق باسقاندەك، بىر نېمىلەرنى ئويلاۋاتقاندەك، بىر نېمىلەرنى ساقلاۋاتقاندەك كۆرۈنىدىكەن. ــ سىز پەيدا بولىسىز، شۇنداقمۇ؟ تۆتىنچى كۈنى، يىگىت يەنە مۇشۇ يەرگە كەپتۇ. قولىدا بىر ئەينەك شارچە بار بولۇپ، شارچە ئىچىدە كىچىك بىر يەلكەنلىك كېمە بار ئىكەن. يىگىت ئۈن-تىنسىز ھالدا ئەينەك شارچىغا ھاڭۋاققىنىچە قاراپ تۇرۇپتۇ. دەل شۇچاغدا، قىز ئۆزلىرىنىڭ بىللە دېڭىزغا چىقىپ ساياھەت قىلىشقا ۋەدىلەشكەنلىرىنى ئېسىگە ئاپتۇ. بەشىنچى كۈنى، يىگىت كەلمەپتۇ. قىز يىگىتنى كارىۋىتىدىن تېپىپتۇ. يىگىت ئۇخلاپ قالغانمىدۇ؟ يىگىتنىڭ ئاقىرىپ كەتكەن روھسىز چىرايىغا قاراپ، قىزنىڭ يۈرىكى پىچاق تىققاندەك ئېچىشىپ كېتىپتۇ. ــ پەرىشتە، قايتىپ كېلىڭچۇ! ئالتىنچى كۈنى، يىگىت ئەينەك شارچىنى دېڭىزغا تاشلاپتۇ، شارچە بىلەن بىللە ئۇنىڭ يۈرىكىمۇ دېڭىزغا چۆكۈپتۇ. قىز يىگىتنىڭ ھالىنى كۆرۈپ يۈرىكى بەكمۇ ئېچىشىپ كېتىپتۇ. ــ پەرىشتە، سىز مېنى ئەسلىمگە كەلتۈرۈپ قويۇڭچۇ! پەرىشتە ئاخىرى پەيدا بولۇپتۇ: ــ بەك كېچىكتىڭىز، سىز ھازىرلا بۇ دۇنيادىن خوشلىشىسىز، ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم سۆيۈۋېلىڭ! قىزنىڭ ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلۈپتۇ، ئۆزىنىڭ بىر ھەپتە يوقاپ كەتكىنىگە يىگىت بۇنچىلىك سۇلغۇنلىشىپ كەتكەن تۇرسا، ئەگەر ئۆزى راستىنلا يوقاپ كېتىدىغان ئىش بولسا، يىگىتنىڭ ھالى نېمە بولۇپ كېتەر؟! قىز يىگىتنىڭ لېۋىگە سۆيۈپتۇ. دەل شۇ چاغدا قىز يىگىتنىڭ لېۋىدە بىر تامچە ياشنىڭ تۇرغانلىقىنى بايقاپتۇ. ئۇ دەل ئۆزى ئىكەن. ئەسلىدە يىگىتنىڭ كۆز يېشى دەل ئۆزى ئىكەن ئەمەسمۇ! ئۇ قاتتىق ۋاقىراپ كېتىپتۇ: ــ ياق، مەن كەتمەيمەن… ھېلىمۇ ياخشى بۇ ئۇنىڭ چۈشى ئىكەن. شۇندىن ئېتىبارەن قىز خۇرسەنلىك بىلەن ئۆزىگە شۇنى دەپتۇ: ــ ئەمدى ھەرگىز يىگىتىمنىڭ كۆز يېشىنى كۆرمەيمەن، چۈنكى ئۇنىڭ كۆز يېشى ئۆزەمنىڭ غايىب بولىدىغانلىقىمدىن دېرەك بېرىدىكەن ئەمەسمۇ ...
|
|