تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 179|ئىنكاس: 3

خىجىل بولدۇم بەختىڭىزدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا
خىجىل بولدۇم بەختىڭىزدىن

يۇ بېنجاڭ


نىجات ئىبراھىم تەرجىمىسى

   ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن،شاڭخەيدە ئىشلەمچىلىك قىلدىم.شاڭخەيدىن بالدۇرراق بىر ئۆي سېتىۋىلىش مەقسىتىدە دەسلەپ تۆلەيدىغان پۇلنى غەملەش ئۈچۈن كۈنلىرىمنى تېجەشلىك ئۆتكۈزدۈم.دەسلىۋىدە بىنا ئۆي ئىجارە ئالدىم،كېيىن ئاران 7-8 كۋادراتمېتىر كېلىدىغان يەر ئاستى ئۆيىنى ئايلىقىنى 400 يۈەندىن ئىجارە ئالدىم.گەرچە يىل بويى قۇياش نۇرىنى كۆرەلمىسەممۇ لېكىن بىنا ئۆينىڭ ئىجارىسىدىن ھەر ئايدا 800 يۈەن ئەرزان بولدى،شۇنداق بولغاندا بىر يىلدا 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇلنى تېجەپ قالالايتىم.
   ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدا قىز دوستۇم تېزدىن پۇل غەملەپ ئۆي سېتىۋىلىشىمنى تەلەپ قىلدى،ئەمما پۇل تېپىش سۈرئېتىم ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەش سۈرئېتىگە پەقەتلا يېتىشەلمىدى.قىز دوستۇم ئۆيدىكىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىشىمنى ئېيتىۋىدى،-دادام پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئادەتتىكى خىزمەتچىسى،كىرىمى يۇقۇرى ئەمەس،سالامەتلىكىمۇ ياخشى ئەمەس،ئەمدى ئىچكى پېنسىيەگە چىقتى.ئانام بولسا ئائىلە ئايالى،ئۇزۇن يىللاردىن بېرى دادام بىر ئادەم ئۆينىڭ ئېغىرىنى كۆتىرىپ،مېنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتتى،شۇڭا ئۇلارغا بۇ توغرىلىق سۆز ئاچما،-دېدىم مەن دەرھال رەت قىلىپ.
   گەرچە قايتا-قايتا جېكىلىگەن بولساممۇ،ئەمما ئۆي سېتىۋىلىشقا ئالدىراپ كەتكەن قىز دوستۇم ماڭا تۇيدۇرماي دادامغا تېلېفون بېرىپتۇ. دادام مېنىڭ شاڭخەيدە نەم ھەم تار يەر ئاستى ئۆيىدە تۇرىۋاتقانلىقىمدىن خەۋەر تېپىپ،مەندىن ئەنسىرەپ شۇ ھامان شاڭخەيگە يېتىپ كەلدى.دادام خىرە يەر ئاستى ئۆيىنى كۆرۈپ،-ھەممىسى مېنىڭ قابىلىيەتسىزلىكىمدىن بولدى،پۇلۇم بولغان بولسا،شاڭخەيدىن ساڭا ئۆي سېتىۋالالىغان بولسام سەن بۇنداق دەرد تارتمىغان بولاتتىڭ……،-پىچىرلىدى كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ.-ھازىر ئۆي بەك قىممەت،ئۆيى يوق ئادەملەرمۇ كۆپقۇ،نۇرغۇن كىشىلەر ئۆي ئىجارە ئېلىپ توي قىلىۋاتىدىغۇ؟،-دېدىم مەن دەرھال دادامنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاپ.-ئۆي ئىجارە ئېلىش ئۇزۇن مۇددەتلىك چارە ئەمەستە،ھامىنى ئۆي سېتىۋىلىشقا توغرا كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟ بولماپتۇ،مەن ئامالىنى قىلاي!،-دېدى دادام قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ.
   دادامنى شارائىتى ياخشىراق بىر مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇراي دىۋىدىم،-ھازىر پۇلنىڭ تايىنى يوق تۇرسا، نېمە دەپ مېھمانخانىغا باراتتىم؟ سېنىڭ ياتىقىڭدا بىر ئاخشامنى ئۆتكۈزىۋالسام، ئەتە سەھەردە قايتىپ كېتىمەن، سېنىڭ مۇشۇنداق جايدا يېتىپ-قوپۇۋاتقىنىڭدىن يۈرىكىم پاراكەندە بولىۋاتىدۇ،-دېدى دادام بىردىنلا ئاچچىقلىنىپ.
   قىز دوستۇمنىڭ ئائىلەمگە تېلېفون بەرگەنلىكىدىن تولىمۇ ئاغرىندىم، ئۇنىڭ بىلەن جېدەللىشىپ ئايرىلىپ كەتكىلى تاسلا قالدۇق.
   بىر ئايدىن كېيىن مەن يىللىق دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ ئاتا-ئانامنى يوقلاپ باردىم. –دەل ۋاقتىدا كەلدىڭ، ئۆيىمىزنى سېتىۋەتتۇق، مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە كۆچۈپ كېتىمىز،-دېدى دادام مېنىڭ كەلگىنىمدىن خۇشال بولۇپ. –ئۆينى سېتىۋەتسەڭلار سىلەر نەدە ئولتۇرىسىلەر؟ -دېىم مەن قاتتىق چۆچۈپ. –بۇنىڭدىن ئەنسىرىمە، شەھەر ئەتراپىدىن ئۆي تېپىپ بولدۇم، دېھقاننىڭ ئۆيى، ئىجارىسى تۆۋەن، شەھەر ئەتراپى بولغاچقا كۆكتات قاتارلىق لازىمەتلىكلەر ئەرزان، ئىستىمال تۆۋەن، يەنە كېلىپ ھاۋاسى ساپ، شاۋقۇن ئاز……، -دېدى دادام كۈلۈپ تۇرۇپ.
   دادام ئاللا بۇرۇن ئۆينى سېتىۋەتكەچكە مەن توسۇپ قېلىشقا ئامالسىز قالغان ئىدىم.
   قەرز قايتۇرشۇمغا كۆپرەك ياردەم قىلىش يۈزسىدىن دادام ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىگە تايىنىپ ئۆزىگە ئىككى كىشلىك خىزمەت تېپىپتۇ، كۈندۈزى ئۆلكىلىك كەچلىك گېزىتنىڭ شەھەرىمىزدە تەسىس قىلغان تارقىتىش پونكىتىدا گېزىت تارقىتىدىكەن، كېچىسى مەلۇم بىر داڭلىق ماركىلىق كىيىم-كېچەك دۇكىنىدا پوسسىتتا تۇرىدىكەن. –بۇ ئىككى كىشلىك خىزمەتتىن ئايدا 1 مىڭ 500 يۈەن پۇل تاپالايمەن يەنە 2 مىڭ يۈەن پېنسىيە مائاشى ئالىمەن، ئاپاڭ بىلەن ئىككىمىز تېجەپ خەجلىسەك ھەر ئايدا كارتاڭغا ھېچ بولمىغاندا 3 مىڭ يۈەن پۇل ئۇرالايمىز، -دېدى دادام ئاغزى قۇلىقىغا يەتمىگەن ھالدا. –دادا، سالامەتلىكىڭىز ياخشى ئەمەس ئۇ ئىككى كىشلىك خىزمىتىڭىزدىن ئىستىپا بېرىڭ، -دېدىم مەن ئالدىراپ-تېنەپ. –ئۆي ئالىمەن دەپ بانكىغا ئىششەك قەرزگە بوغۇلغان تۇرساڭ! بىلىمەن، ھازىرقى ياشلارنىڭ خىزمىتى تۇراقسىز، خىزمەت بېسىمى يۇقۇرى، مەن كۆپرەك كۈچ چىقارسام بېسىمىڭ ئازلايدۇ! بېسىمىڭ ئازلىسا كۆڭلۈڭ خاتىرجەم بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ سەن خاتىرجەم بولساڭ مەنمۇ ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەخىتلىك ھېس قىلىمەن! شۇڭا، خۇشال-خورام ۋە بەخىتلىك ياشايمەن دەيدىكەنمەن، ئارتۇقچىلىقىمنى جارى قىلدۇرۇشتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن! –دېدى دادام خاپا بولۇپ.
   دەم ئېلىش ۋاقتىم توشقاندىن كېيىن شاڭخەيگە قايتىپ كېلىپ ئالدىن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك پۇلنى تۆلەپ رەنىلىك قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالدىم.
   ئۇ كۈنى مەن ئۆيگە تېلېفۇن ئۇرسام، -دادىڭىز كىيىم-كېچەك دۇكىنىغا پوستتا تۇرۇش ئۈچۈن كەتتى! سىز ئۆي سېتىۋالغاندىن بېرى ئۇ باشقىچە روھلىنىپ كەتتى. گەرچە ھەر كۈنى جاپالىق ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھەر كۈنى چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقتا دىمىغىدا ناخشا ئېيتىپ يۈرۈيدۇ تېخى…… -دېدى ئانام.
   ئانامنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، كۆزۈمدىن بۇلدۇقلاپ ياش تۆكۈلدى. ياشلىرىمدىن گويا دادامنىڭ پەشتاقتىن چىقىپ-چۈشۈپ تەرلەپ-پىشىپ گېزىت تارقىتىۋاتقانلىقىنى، ساقسىز دادامنىڭ تامغا يۆلىنىپ ئازراقمۇ بولسا ئارام ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم. گەرچە ئۇ ھاسىراپ ھۆمۈدەۋاتقان، بەدەنلىرى تەرگە چۆمۈلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تۆكۈلگەن ياشلىرىمدىن دادمنىڭ بەخىتلىك ھالدا كۈلۈمسىرەۋاتقانلىقىنى، يۈرىكىمنىڭ ئۆتكۈر ئېچىشىۋاتقانلىقىنى ئوچۇق كۆردۈم……
译自《小小说》月刊2012年第9期
伽师县气象局:尼加提·伊布拉音
2013-7-23

16

تېما

6

ئەگەشكۈچى

1363

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
538
مۇنبەر پۇلى
723
ئىشەنىچ
538
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تېمىغا نېمىدەپ ئىنكاس يېزىشنى بىلەلمەي قالدىم .
زېرەك ئادەم ئەتىراپىدىكى ھەرقانداق بىرئىشنىڭ سەۋەپسىز بولمايدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ .

9

تېما

0

ئەگەشكۈچى

213

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
63
مۇنبەر پۇلى
123
ئىشەنىچ
63
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياشلار دۇچ كېلۋاتقان رېئال مەسلە ، ئۆي بولمسا خوتۇنمۇ تەگمەس بولۇپ كەتتى ،،،،،،
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
بۇ ياشلار دۇچ كېلۋاتقان رېئال مەسلە ، ئۆي بولمسا خوتۇنمۇ تەگمەس بولۇپ كەتتى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-7-28 10:07, Processed in 0.106242 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش