قاسىمجان سىز مەڭگۈ ھايات قەلبىمىزدە
(2012-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى قاتناش ۋەقەسدە ۋاپات بولغان ئىنىمىز قاسىمجان رېھىمجاننى ئەسلەپ )
ئازادجان ئىبراھىم
قاسىمجان تېخى كىچىك بەرنا ئىدىڭ، لېكىن ئۆزۈڭ بەك ئەقىللىق دەنا ئىدىڭ. تۇيۇقسىزلا كېتىپ قالدىڭ بىزنى تاشلاپ، بالىلارنىڭ ئىچىدە سەن ئەلا ئىدىڭ.
نۇر ياغاتتى سېنىڭ ئاشۇ كەڭ يۈزىڭدىن، مېھرىبانلىق بىلىنەتتى جۈپ كۆزۈڭدىن. ئۇرۇق تۇققان چوڭ كىچىكنى قەدىرلىيتىڭ، ئادىمىلىك چىقاتتى ھەم گەپ سۆسۈڭدىن.
ئوڭلۇق ئىدىڭ ئىشقا توغرا قارايدىغان، ھەممىزنىڭ كۆڭلىگىمۇ يارايدىغان. ھاياتىڭدا چوڭ كىچىكنى ھۆرمەت قىلىپ، بىرەر قېتىم قاپاق تۇرۇپ ئالايمىغان.
بىر قوساقتىن چۈشدىكەن ھەرخىل بالا، بەزىلىرى ۋاقىتسىزلا كېتەر چالا. بەزىلىرى تاغ ئۆرۈلسە غەم قىلمايدۇ ، بىزىلىرى ئۆتىدىكەن كۆڭلى يارا.
ياخشى بولسا ئادەملەرنىڭ پەزىلىتى ، بولىدىكەن ئەل ئىچىدە ھەم ئىززىتى. ئۆلچەنمەيدۇ كىيىم ياكى يەپ ئىچىشتىن، بىر ئادەمنىڭ قانداقلىقى ۋە قىممىتى .
قاسىمجان مۇشۇ ئىشتا يۈز تاپقانتىڭ، ئۈلگە بولۇپ ياشلارغا سەن يول ئاچقانتىڭ. ئوتتۇز ئوغۇل قوشۇنىغا ھۆسۈن قوشۇپ، سورۇنلارغا ئۆزۈڭمۇ بەك ياراشقانتىڭ.
گەپ سۆزلەردە ھەرقاچان سىلىق ئىدىڭ، كۆڭلۈڭ ئېسىل ئىشلاردىمۇ تېتىك ئىدىڭ. باشقىلارغا ھېچ يامانلىق ئويلىمايتىڭ ، ياخشى بىلەن ياماننىمۇ بىلىپ ئىدىڭ.
تۇققان يوقلاپ سالام بەرگەچ كۆپ كېلەتتىڭ، قېرىنداشقا سەن ئاجايىپ كۈيۈنەتتىڭ. ئۆزگىلەرنىڭ ھال ئەھۋالى ياخشىلانسا ، خوشال بولۇپ سەن ئۇلاردىن سۈيۈنەتتىڭ.
خىزمەت بىلەن سۈيدىڭگەسەن بارغان ئىدىڭ، تۇرمۇشىڭغا پۇقتا ئاساس سالغان ئىدىڭ . ىىزمەتنىمۇ قېتىرقىنىپ ئادىل ئىشلەپ،، ئەل كۆڭلىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغاندىڭ.
كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىگەنتىڭ خىزمەتنىمۇ، مۇھىم بىلىپ قارايتىڭ سەن ئىززەتنىمۇ. كۆپچىلىككە كۆپ ياخشىلىق قىلغاچقا سەن ، تاپقان ئىدىڭ زور ئىناۋەت ھۆرمەتنىمۇ.
ئۇزۇن ياشاپ ئەل ئىچىدە يۈرگەن بولساڭ، گۈل ھاياتنىڭ پەيزىنىمۇ سۈرگەن بولساڭ. شۇندا قالتىس بىركۆڭۈللۇك ئىش بولاتتى، بالىلارنىڭ قىزىقىنى كۆرگەن بولساڭ.
مۇستاپامۇ سېنى تېخى ئىزدەيدىكەن، رەئىسەمۇ ھەسىرەتلىك يىغلايدىكەن . رازىگۈلمۇ سېنى ئويلاپ يىغلاپ يۈرۈپ، بالىلارغا ياخشى ئېيتىپ بەزلەيدىكەن.
ئۆلۈمدىنمۇ ئېغىر ئىشلار بولمايدىكەن، كەتكەنلەرنىڭ ئورنى مەڭگۈ تولمايدىكەن. بىر ئائىلە خوشال –خۇرام بولۇپ ئۆتسە، ھاياەت گۈلى ئۆمۈر ۋايەت سولمايدىكەن.
ئەركىشى ئۇ ئاشۇ ئۆينىڭ تۈرىكى ئىكەن ، ئايال دېگەن ئاشۇ ئۆينىڭ يۈرىكى ئىكەن. بۇ ئىككىسى مەڭگۈ بىللە ياشاپ ئۆتسە، بالىلارمۇ خۇشال-خۇرام يۈرىدىكەن.
سەككىز بالا ئىچىدە سەن بۆلەك ئىدىڭ، ھەممىسىگە ھەم مىھرىبان يۆلەك ئىدىڭ. يوق ئىشلارغا ئالدىراپ سەن ھۇلۇقمايتىڭ، تۇرمۇشنىڭمۇ قىسمىتىگە كۆنەك ئىدىڭ.
ياخشى تەسىر بەرگەچكە سەن ھەممىمىزگە، سېنى ئەسلەپ ياش ئالىمىز كۆزىمىزگە. سېنىڭ ئاشۇ پەزىلىتىڭ دەلىلىدۇر، سەن توغرىلىق قىلغان ھەر بىر سۆزىمىزگە.
بولىدىكەن ياخشىلارنىڭ ئۆمىرى قىسقا ، بىركۈشەندە چاپلاشقاندەك ياخشى ئىشقا. بۇگۈن مانا سېنى ئەسلەپ قەلەم ئالدىم، ئىشلىرىڭنى شېئىر قىلىپ مەن يېزىشقا.
كىچىكىڭدىن بەك تىرىشىپ ئۆگىنەتتىڭ، چوڭلار ئىشقا بۇيرىغاندا يۈگۈرەتتىڭ. ئۆي ئىشىغا قارىشىپ ھەم چېپىپ يۈرۈپ، مەكتەپكىمۇ بالدۇر بېرىپ ئۈلگىرەتتىڭ.
ئۆزۈڭ شۇنداق چېچەن ئىدىڭ بەزىلەتلىك، روھىڭ تېتىك قۇشقۇن ئىدىڭ ھەم جۇرئەتلىك. خىزمەتتىمۇ باشقىلارغا ئۈلگە ئىدىڭ، بولغاچقاسەن بەك تىرىشچان، پەزىلەتلىك.
كەيىپ ساپا ئىشلارغىمۇ بېرىلمەيتىڭ، ئېغىر بېسىق كەمتەر ئىدىڭ كېرىلمەيتىڭ كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت قىلىپ جان كۆيدۈرۈپ، ئۆگىنىش ۋە خىزمەت دېسە ئېرىنمەيتىڭ.
خەلقىڭگە سەن چىن مۇھاببەت باغلىغانتىڭ، كۆڭۈل قويۇپ ھال ئەھۋالنى ئاڭلىغانتىڭ. چوڭ-كىچىكنى ھەر قاچان سەن ھۆرمەت قىلىپ ، بىرەرقېتىم رەنجىپ يۈزىدىن ئالمىغانتىڭ.
ئىش بولسىلا ئامما بىلەن تەڭ قىلاتتىڭ، قىيىنچىلىق بولسا ئەگەر ھەل قىلاتتىڭ. پۇرسەت تېپىپ ئۇرۇق تۇققان دوست -يارەننى، ھېيىت بايرام مەرىكىدە جەم قىلاتتىڭ.
ئىدارىدا ھەممە بىلەن ئىېناق ئىدىڭ، ئائىلەڭدە خۇددى يانغان چىراق ئىدىڭ. خوشال-خۇرام ئۆتكۈزەتتىڭ ھەر كۈنىڭنى، يامان ھەركەت ،يامان ئىشتىن يىراق ئىدىڭ.
كۆرۈنمەيتى ئىشلىرىڭدىن بىرەر ئىللەت، ساقلىمايتىڭ باشقىلارغا ئۆچ ئاداۋەت. شۇڭا ئىشڭ راۋاج تېپىپ كۈندىن -كۈنگە، تىكلىگەنتىڭ ئەل ئىچىدە يۈز،ئىناۋەت.
يىتىلدۈرگەچ ھۇجۇدۇڭدا ياخشى ئادەت، يىتىلدۈرگەچ ھەم يەنە سەن ئىسىل خىسلەت. تەڭ تۇشلىرىڭ ئىچىدە سەن تونۇلغانتىڭ، ساڭا قۇچاق ئېچىپ يەنە بەخىت -ئامەت.
ۋاقىتسىزلا ئارىمىزدىن يۈرۈپ كەتتىڭ، ئىچىمىزگە مەڭگۈلۈك ئوت سېلىپ كەتتىڭ. قىسقا ئەمما ئەھمىيەتلىك ھاياتىڭدا ، ئەل-يۇرتىڭغا ياخشى تەسىر بېرىپ كەتتىڭ.
قاسىمجان سىز مەڭگۈ ھايات قەلبىمىزدە، باردۇر يەنە سىزگە سۆيگۈ ھەممىمىزدە ياتقان يېرىڭ مەڭگۈسېنىڭ جەننەت بولسۇن. گۈل ئۈندۈرەر ئەۋلادىڭىز قەبرىڭىزگە. |