تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 140|ئىنكاس: 0

سىزكەتتىڭىز قالدى ماڭغان ئىزىڭىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

34

تېما

1

ئەگەشكۈچى

284

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
51
مۇنبەر پۇلى
132
ئىشەنىچ
51
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 16:39:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزكەتتىڭىز قالدى ماڭغان ئىزىڭىز


(پېشقەدەم مائارىپچى، ئاتاغلىق شائىر مۇھەممەتجان سادىق ئەپەندىنى ئەسلەپ)  


ئازادجان ئىبراھىم


سىز توغرىلىق مەخسۇس يازغان خەۋەرنى،
ئوقۇپ چىقىتىم گېزىتتىن مەن يېنىشلاپ.
سىزنى ئەسلەپ قەلەم ئېلىپ قولۇمغا،
شېئىر يازدىم روھىڭىزغا بېغىشلاپ.

ئىجاد بىلەن ئاتمىش يىلنى ئۆتكۈزۈپ،
خەلقىڭىزگە ئىلھام بەخىش ئەتتىڭىز.
ئىجاد قىلىپ ئۆلمەس ئەسەر بىر ئۆمۈر،
ئەۋلادلارغا تەغدىم قىلىپ  كەتتىڭىز .

ئاڭلىناتتى ئۇچسا چىۋىن ئاۋازى،
سۆزلىسىڭز دەرىسلەرنى زوقلۇنۇپ،
ئىشلەتسىڭىز پاسائەتلىك سۆزلەرنى ،
قېتىرقىنىپ ئاڭلايتۇق بىز روھلۇنۇپ.

ئەتىراپلىق چۈشەندۈرۈپ دەرىسنى،
ئۈگەتتىڭىز بىزگە قانداق  ئوقۇشنى.
ئىلىم-پەننى زېھىن قويۇپ ئۆگەن دەپ،
ئۈندەيتىڭىز قەلبىمىزگە توقۇشنى.

سىزگە قاراپ قالاتتۇق بىز ھەۋەستە ،
يارىشىملىق كېيىم –كېيىپ ماڭسىڭىز.
سالام-سائەت قىلاتتۇق بىز ھەركۈنى،
خىزمەتتىن ۋە يىغىنلاردىن يانسىڭىز.

سانسىز ئەسەر يېزىپ ئېلان قىلدىڭىز،
ئەجىر قىلىپ تەرتۆكتىڭىز زىيادە .
كۆپلەپ تۇرمۇش ئۆگۈنۈشنى نىشانلاپ،
ئۇزۇن يوللار باساتتىڭىز پىيادە.

كەتكەنلەرگە يازاتتىڭز مەرسىيە،
قەلبىڭىزنى ئىزھارقىلىپ قەلەمدە.
يىغلايتىڭىز ئىچىڭىزدىن بۇقۇلداپ،
ئىچ ئاغرىتىپ مۇسۇبەتكە ئەلەمگە.

كامالەتكە يىتىپ ئەلگە تونۇلغان،
مول ھۇسۇللۇق يىتىك  شائىر ئېدىڭىز.
مائارىپقا ھەسسە قوشۇپ يەنەسىز،
ئەۋلادلارنىڭ غېمىنىمۇ يىدىڭىز.

گېپىڭزگە قايىل  ئىدى جامائەت،
تەرىپىنى قىلغاندا سىز باشقىنىڭ .
ئۆزىڭزنى بىزمۇ مىسال كەلتۈرسەك،
نامى مەڭگۈ ئۆلمەيدىكەن ياخشىنىڭ.

شېئىر بىلەن رومان يېزىش ئاسانمۇ،
قىيىن دېمەي شۇنى قالتىس يازدىڭز.
كىچىلەرنى تاڭغا ئۇلاپ ئىزدىنىپ،
مەرىپەتتىن ئەلگە گۆھەر قازدىڭىز.

جاراڭلايتى قىلغان ھەر بىر سۆزىڭىز ،
سىنىپ سەھنە يىغىنلاردا باشقىچە.
قەلەم تۇتۇپ ئەسەر يېزىپ كەلدىڭىز،
مانا بۈگۈن يەتمىش سەككىز ياشقىچە.

پات ئارىدا كېتىشنى سىز بىلگەندەك.
مۇشۇ ھەقتە يېزىپسىز ھەم بىر ئەسەر ،
بۇدۇنيادىن كېتىپ قاپسىز  مەڭگۈلۈك،
جېنىڭزغا زامىن بولۇپ چوڭ خەتەر.

كىم ئويلىغان سىزنى بۇنداق كېتەردەپ،
رىسقى تەغدىر شۇنداقمىدۇ بىلمىدىم.
لېكىن ئىچىم ئاچچىق بولۇپ شۇ تاپتا،
قايغۇردۇم ھەم ئازاپلاندىم ئۆلمىدىم.

سىز يازسىڭىز شېئىر داستان روماننى ،
ئوقۇيتۇق بىز چىن يۈرەكتىن زوھلۇنۇپ.
توختىغاندا قەلەم ئەندى يېزىشتىن،
يىغلاپ قاخشاپ قالدۇق بۇگۈن ئاھ ئۇرۇپ.

ماتەم تۇتتى بۈگۈن ئېلى ۋادىسى ،
ۋاقىتسىزلا ئايرىلىپ ئۆزىڭىزدىن.
يازدۇق بۇگۈن سىزگە ئاتاپ مەرسىيە،
گۈل ئۈنسۇن دەپ قالدۇرغان ئىزىڭىزدىن.

يەتمىش سەككىز يىلنى ياشاپ ئاھ بۈگۈن،
سىزكەتتىڭىز قالدى ماڭغان ئىزىڭىز.
ئەل ئاغزىدىن تارار تېخى  جاھانغا،
سىزنىڭ  ھەربىر ھېكىمەتلىك سۆزىڭىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-7-31 16:33, Processed in 0.102131 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش