تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 129|ئىنكاس: 2

دادامنى ئەسلەپ-ئازادجان ئىبراھىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

28

تېما

1

ئەگەشكۈچى

245

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
45
مۇنبەر پۇلى
117
ئىشەنىچ
45
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادامنى ئەسلەپ


ئازادجان ئىبراھىم


دادا بىزگە بەرگەنتىڭىز مېھرىڭىزنى،
سەرىپ قىلىپ كەلگەنتىڭىز  زىھنىڭىزنى.
بۈگۈن مانا سېغىندىم مەن  جېنىم دادا،
ماڭا مەدەت ئاشۇ ئىللىق چېھرىڭزنى.

جاپالاردا بىزلەرنى سىز  باققانتىڭىز،
ئوتتا كۆيۈپ سۈيىمىزدە ئاققانتىڭز.
ئەجىر قىلىپ ئۆمۈرۋايەت تەر ئاققۇزۇپ،
بىزگە ئۆچمەس شام-چىراقلار ياققانتىڭىز.

ئاتا كەسىپ بولغاچ سىزگە تېرىقچىلىق.
شۇنىڭ بىلەن قىلاتتىڭىز  تىرىكچىلىك،
ئۆزىڭىزگە تايىنىپ گۈلدەك ياشاپ ،
سالمايتىڭىز ھېچ كىشىگە ئېغىرچىلىق .

ئوما ئورۇپ تالمايتى جۈپ بىلىكىڭىز،
ئۇلۇق بولغاچ ئارزۇ ئارمان تىلىكىڭىز.
ئەۋلات ئۈچۈن  سوقاتتىغۇ توختىماستىن،
سىزنىڭ ئاشۇ ئالمىچىلىك يۈرىكىڭىز.

جەۋرى-جاپا مۇشەققەتنى يەڭگەنتىڭىز،
ئۈمۈت  بىلەن خۇشال كۈلۈپ كەلگەنتىڭز.
چىدام غەيرەت بولسۇن سەندە تىرىشقىن دەپ،
بىزگە  تالاي  ئىلھام مەدەت بەرگەنتىڭىز.

ئەقىلسىزلىق دەيتىڭىزسىز خار بولۇشنى،
ھورۇنلۇق دەپ قارايتىڭىز زار بولۇشنى.
ئارزۇ قىلىپ  ھەردائىم سىز  تىلەيتىڭىز   ،
يوقسۇللارنىڭ قول ئىلكىدە بار بولۇشنى .

بولغاچ دادا سىزدە شۇنداق  قەددى- قامەت،
بولغاچ يەنە  ئۆزىڭىزدە جۈچ-جاسارەت.
بىزگە بولغاچ ئۆزۈڭىزدەك  ئۇلۇغ  دادا،
نىسىپ بولغان ماڭا بۈگۈن بەخىت-ئامەت.

سىز بولغاچقا كۆڭلىمىزتوق كىيىم پۇتۇن،
ئۆيۈمىزدىن  چىقىپ تۇرغان كۈندە  تۈتۈن.
شۇڭا ئۆتتى ھاياتىمىز بەك مەنىلىك.
بارىڭزنى ئاتا قىلغاچ بىزلەر   ئۈچۈن.


دادا بىزدىن پەخىرلىنىپ كەلگەنتىڭىز،
بىزدە يوقنى ئىككىلەنمەي  بەرگەنتىڭز.
بارىڭىزنى بالىلارغا ئاتا قىلىپ،
تاغدىن  ئۇتۇن قوراينىمۇ تەرگەنتىڭىز.

بېرىپ- كېلىپ ،ساخ-سالامىت  يۈرگەنتىڭىز،
ھالاۋەت ھەم جاپانىمۇ كۆرگەنتىڭىز.
گەر بولسىمۇ ھايات يولى ئەگرى توقاي ،
بۇ تۇرمۇشنىڭ قىسمىتىگە كۆنگەنتىڭىز.

ماڭالمىساق بىزنى ئاپاش  ئەتكەنتىڭىز،
ئۆمرۈڭىزدە كۆپ رىيازەت  چەككەنتىڭىز.
چاڭقىغان گۈل گىياھقا سۇ بەرگەندەك،
دادا بىزگە  مېھرىڭىزنى تۆككەنتىڭىز.

رەنجىتسەكمۇ خاپا قىلدىڭ دېمەيتىڭىز،
ئاجىزيىتىم-يىسىرلارنى يۆلەيتىڭىز.
بالىلارنىڭ ئىستىقپالى بەختى ئۈچۈن،
دائىم شۇنداق چوڭ بەدەل تۆلەيتىڭىز.

سېغىنغاندا بىزنى يوقلاپ كېلەتتىڭىز،
كەچمىشلەرنى بىزگە سۆزلەپ بېرەتتىڭىز.
مۈشكۈللەردە بىزگە تاغدەك يۆلەك بولۇپ،
يېنىمىزدا پەرىشتىدەك يۈرەتتىڭىز.

بىزدىن دائىم غەم-ئەندىشە قىلاتتىڭىز،
كۆپ ئىشلارنى سەمىمىزگە سالاتتىڭىز.
مىۋىسىنى ئەلگە تەغدىم قىلغان باغدەك،
پارىڭىزنى سىزمۇ تەغدىم قىلاتتىڭىز.

ھاياتلىققا ئۈمۈت بىلەن قارايتىڭىز،
كەيىپ-ساپا باريەرلەرگە بارمايتىڭىز.
بالىلارنى ساغلام تېمەن يىتىلسۇن دەپ،
تەلىم بېرىپ، مەدەت بېرىپ  ھارمايتىڭىز.

ئېغىر ئالماي  بالىلارنىڭ دەردىنىمۇ،
ئۆتكۈزدىڭىز شۇنچە جاپا جەۋرىنىمۇ.
ساغلام ياشاپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەچكە سىز،
كۆردىڭىز ھەم نەۋرە،چەۋرە ،ئەۋرىنىمۇ .

ھەر قاچان سىز كۆپچىلىكنى ئويلايتىڭىز،
ياخشى ئىشنى شەرەپ بىلىپ تويلايتىڭىز.
ئىش قىلغاندا يەتتە ئۆلچەپ بىركەسكەندەك،
ئىشلارنىمۇ چالا تاشلاپ قويمايتىڭىز.

كېسەل بولۇپ  ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قېلىپ،
شۇم كېسەلنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ.
بىزلەر قالدۇق يىغلاپ قاخشاپ ھەسرەت بىلەن،
ئارىمىزدىن تۇيۇقسىز  سىز كېتىپ قېلىپ.

ۋاقىتسىزلا بىزنى تاشلاپ سىزكەتتىڭىز،
ئالاھنىڭ دەرگاھىغا ھەم يەتتىڭىز.
ئامال يوقكەن تەغدىرگە بويسۇنمىساق،
ھەممىمىزگە ئۆزىڭىز چوڭ بەركەتتىىڭىز.

دادىلارنى قەدىرلىگەن خاربولمايدۇ،
ھاياتىدا ھېچ نەرسىگە  زار بولمايدۇ.
ئىنساپ ھايا ئادىمىلىك بولسا سەندە،
ماڭار يولۇڭ ھەرقاچاندا  تار بولمايدۇ.

قارغىش ئالقان بالا راۋاج تاپمايدىكەن،
تەلەي كېلىپ بەختى  چىچەك ئاچمايدىكەن.
ئوغۇل قىزلارۋاپاسىزدىن بولۇپ قالسا  ،
دادىلارنى خارلاپ ھامان  تاشلايدىكەن.

دادا دېگەن توغرا يولغا باشلايدىكەن،
سېنى تاشلاپ يىراقلارغا  قاچمايدىكەن.
دادىلارنى كۆپ قاخشىتىپ يىغلاتقاننىڭ،
چاپىنىمۇ مەڭگۈ تىزدىن ئاشمايدىكەن.

مەنمۇ سىزدەك كۆپنى رازى ئىتەلىسەم،
چوڭ-كىچىكنىڭ قەدىرىگە يىتەلىسەم.
گۈزەل-ئارزۇ ئارمىنىمغا يىتەتتىم مەن،
بۇ دۇنيادىن توغرا ياشاپ ئۆتەلىسەم.

تولاتارتىپ ئۆتكەنتىڭىز دەردىمىزنى،
بىلەلمەپتۇق  بىزمۇ سىزنىڭ  قەدرىڭىزنى.
گۈلچېچەككە ئورايمىز بىز  ئەزىزدادا ،
يوقلاپ بېرىپ سىزياتقان شۇ  قەۋرىڭزنى.

33

تېما

37

ئەگەشكۈچى

3475

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
مەخپى
تۆھپە
1590
مۇنبەر پۇلى
1597
ئىشەنىچ
1590
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادا ئۇ ئۆينىڭ تۈۋرىگى !! دادا  بولمىسا  يانا  تىكلەنمەس شۇ  ئوينىڭ تۈۋرېگى
ئۆزى ھەققىدە:كىمىكى قىلسا كىشىگە بىھۇدە غۇرۇر ئاياغ تۇۋېىدىن قۇمۇشتەك قۇرۇر! جاھاندىكى ئىشلارنىڭ ھەممسى تەھدىرگە تەئەللۇق ۋەياكى ئۇنىڭمۇ تەدبىرى باردۇر!

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

42

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

真实姓名
شىرئەلى
تۆھپە
22
مۇنبەر پۇلى
20
ئىشەنىچ
22
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-7-29 06:50, Processed in 0.109493 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش