ئەركەك
 
  دۇنيا يىغماي ، دۇنيا سۆيۈپ ياشىغان ئەركەك، ئازغانلارنى توغرا يولغا باشلىغان ئەركەك. ئەر غېمى- ئەلنىڭ غېمى ، بەختىنى ئويلاپ، تۈنلىرىدە قۇياش بولۇپ چاقنىغان ئەركەك. جەڭدىن نىشان ، جاندىن نىشان  ئېيتقان ھەر سۆزى، جاپالاردىن ، مۈشكۈلاتتىن قاچمىغان ئەركەك. نىيىتىنى ئەگرى قىلماي ، داۋانلار ئېشىپ ، « ئۈژمە پىش ، ئاغزىمغا چۈش » دەپ ياتمىغان ئەركەك. رىسقىنى ھالاللاپ يەپ ، تەيياردىن قېچىپ، پاكىز تۇتۇپ غورۇرۇنى  ساتمىغان ئەركەك. ئۆزگىلەرنىڭ غەملىرىنى ئۆزۈمنىڭ دەيدۇ، نىيەت بۇزۇپ يامان كۆزدە باقمىغان ئەركەك. بىر نان تاپسا يېرىمىنى خەير-ئېھسان قىلىپ، مىسكىنلەرنى ئۇچراتقاندا قاچمىغان ئەركەك.  |