- تىزىملاتقان
- 2013-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-28
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 406
- نادىر
- 1
- يازما
- 74
 
- تۆھپە
- 145
- مۇنبەر پۇلى
- 239
- ئىشەنىچ
- 145
| ئەسسالامۇ ئالايكۇم تەڭرىتاغ مۇنبىردىكى بارلىق ئەزىزلەر ، مەزكۇر ئەسەر يەكەن مائارىپ ئىدارسىدىن ياسىنجان ئاتازات ئەپەندىنىڭ ئەسىرى بولۇپ، يېقىندا يەكەن ئەدەبىيات ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان، مۇنبەردىكى بۇئەسەرنى تېخى كۆرمىگەن دوستلارنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن يوللىدىم . دوستانە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەرنى مەن ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن يوللىدىم، شۇڭا باشقا ھەرقانداق بىرئەزانىڭ، باشقا مۇنبەرگە ۋە ھەرقانداق بىلوگ قاتارلىق ئورۇنلارغا يوللىشىغا رۇخسەت قىلىمايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ نامى ۋە شۇ توربەتنىڭ ئۈستىدىن سۈرۈشتە قىلىنىدۇ . مەزكۇر ئەسەردىكى باش پېرسۇناژ بولۇش سۈپىتىم بىلەن دوستلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئەمگىگىگە ھۆرمەت قىلىشىڭلارنىڭ ئۈمۈت قىلىمەن .
مەن ساڭا ئاشىق
مانا ھەش پەش دىگۈچىلا ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل ئەسلىمىلەرگە تولغان ئالى مەكتەپ ھاياتىم ئاخىرلىشپ گۈزەل يۇرتۇم قەشقەرگە مىڭىش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن، قەدىرلىك دادام، مىھرىبان ئانامنى كۆرۈش، باغرىمغا بىسىش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن، خەيرى خوش ئۈرۈمچى، خەيرى خوش ئانا مەكتىۋىم. يۇرتقا قايتىشنىڭ خۇشاللىقىدا ئايرۇدۇرۇمغا بالدۇرلا كىلىۋالغان ئىدىم، ئايرۇپىلاننىڭ مىڭىش ۋاقتى توشاي دىمەيتى، سائەتكە قارىدىم، ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچىشىغا يەنە 1 سائەتتەك بارئىدى، زىرىكىش ھىسلىرىمنى پەسەيتىش ئۈچۈن كىتاپ ئوقوماقچى بولدۇم دە يىقىن ئەتراپتىكى تىلىغۇن بوتكىسىدىن كومپىيوتىرغا ئائىت ژورنالدىن بىرنى سىتىۋىلىپ كۆرۈشكە باشلىدىم ، ژورنالدىكى ئۆزۈم مۇھىم دەپ قارىغان تىمىلارنى بىر قاتار كۆرۈپ چىقىپ بولوپ يەنە سائەتكە قارىدىم ،ئايرۇپىلاننىڭ قوزغىلىشىغا يەنە يىرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت بارئىدى، ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خاتىرە كومپىيوتىرىمنى ئىلىپ تورغا چىقىشقا باشلىدىم، ئۆزۈم سودا كەسپىدە ئوقوغان بولساممۇ كومپىيوتىرغا ئالاھىدە قىزىقاتتىم، بولوپمۇ تور بىلىملىرىگە ،تور بەت ياساشقا ئالاھىدە قىزىقاتتىم شۇڭىمۇ بىكار قالساملا كومپىيوتىرغا ئائىت كىتاپ ژورناللارنى ئىلىپ ئوقويتۇم، مۇھىم جايلىرىدىن خاتىرە قالدۇرۇپ ماتىرىيال ئىزدەپ تەپسىلى كۆرەتتىم، كۆپ ۋاقىتلاردا كۈنلەپ ياتاقتىن چىقماي خاتىرە كومپىيوتىرىمدا تورغا چىقىپ ماتىرىيال ئىزدىسەم ، بەزى ۋاقىتلاردا ياتاقداشلىرىمنىڭ زورى بىلەن ، تورخانىلاردا كىچىلەپ ئولتۇرۇپ قالاتتىم، ماتىرىيال كۆرۈپ چارچاپ كەتكەندە ياكى بىكار قالغان چاغلاردا مۇنبەرلەرنى ئارىلاپ، يىڭى يوللانغان بەزى تىمىلارغا ئىنكاس يىزىپ قوياتتىم، بەزى بەزىدە كومپىيوتىر بىلىملىرىغا ئائىت بەزى تىمىلارنى يوللاپ باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇناتتىم، يىقىندا تىخى ئۆزۈم ياخشى كۆرۈپ ئاڭلايدىغان ناخشىلارنى توپلاپ ئاددى بىر ناخشا مۇزىكا چۈشۈرۈش بىكىتىدىن بىرنى قۇرۇۋالغان ئىدىم. ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇلىنىش تورى ۋە ئەلكۈيى تور بىكىتىنى ئىچىپ يىڭى خەۋەرلەرنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىتىم دە مىسرانىم مۇنبىرىنى ئىچىپ يىڭى تىمىلارنى كۆرۈشكە باشلىدىم ، يازما نامى ئالاھىدە قويولغان بىر تىما مىنى ئۆزىگە تارتتى. ئاجايىپ ئادەملەر باردە توۋا يازما نامىنىمۇ مۇشۇنداق قويامدۇ دەپ كۈلدۈم ئىچىمدە، بۇ يازمىنىڭ تىمىسى ‹‹سىنىڭ كۆڭلۈڭ كىمگە باقتى›› ئىدى. يازمىنى ئوتقاش تەخەللۇسىدىكى بىر قىز تورداش قالدۇرغان بولوپ، يازمىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى. ‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكوم تورداشلار ياخشىمۇسىلەر، ئالدىنقى قىتىم قايسى بىر تور بىكەتتىن تاسادىپى بىر ناخشىنى ئاڭلاپ قالغان ئىدىم بۈگۈن ئاڭلاي دىسەم ئىزدەپ تاپالمىدىم ئىزدەپ تىپىشىپ بەرگەن بولساڭلار، بىشىدىكى مىسراسىدا سىنىڭ كۆڭلۈڭ كىمگە باقتى، مىنىڭ كۆڭلۈم ساڭا باقتى دەپ چىققاندەك قىلىۋاتاتتى، ناخشا ئىسمنى تاپالمىدىم ، بەكمۇ مۇڭلۇق ناخشا ئىكەن بىلىدىغانلار بولسا ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭلار، ئالاقە چ چ نۇمۇرۇم xxxxxx ›› يازمىدىكى ناخشىنىڭ بۇ ئىككى مىراسىنى كۆرۈپلا ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ‹‹ئاشىق›› ناملىق ناخشا ئىكەنلىكىنى بلىدىم، بۇ ناخشا مىنىڭ ناخشا مۇزىكا چۈشۈرۈش بىكىتىدە بار ئىدى، مەن بۇ ناخشىنى تىپىپ تىما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ يەنە ئىككى ئۈچ ئىغىز ئىنكاس يازاي دەپ تۇرۇشۇمغا تىلىغۇنۇم سايراشقا باشلىدى،ئامالسىز ناخشا ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويوپلا مۇنبەردىن چىكىندىم، تىلىغۇن دادامدىن كەلگەن ئىدى، تىلىغۇننى ئالدىم. ئەسسالامۇ ئەلەيكوم دادا، قانداق تۇرۇپلا، ئانامنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟ دىدىم مەن تىلىغۇننى ئىلىپ. ياخشى بالام، ھەممىمىز شۇنداق ياخشى تۇردۇق،ئۆزلىرىچۇ، ئەھۋاللىرى قانداقراق، ئۈرۈمچىدىكى شىركەتتىكى بالىلار بىلەن كۆرۈشلىمۇ؟ ئۇلارغا بىلەت ئىلىپ سىلىگە ئاپىرىپ بىرىشنى ئورونلاشتۇرغان، بىلەت ئالالاپتۇمۇ؟ ئاۋازلىرى پەس چىقىدۇ مىجەزلىرى يوقمۇ نىمە؟ دىدى دادام ئەھۋالىمنى بىلىشكە ئالدىراپ. ئەنسىرىمىسىلە دادا، بىر سائەت بۇرۇن بىلەتنى ئىلىپ مەكتىۋىمگە بىرىپتىكەن، بايا ئايرۇدۇمغا ئەكىلىپ قويوپ قايتىپ كەتتى خاتىرجەم بولسىلا ، سالامەتلىكىم ياخشى ئەنسىرىگىدەك ئىش يوق دادا ئاۋازىمنى سەل يۇقىرى چىقىرىىپ. بوپتۇ بالام، ئەمىسە خاتىرجەم بولدۇق ، شىركەتتىكى بالىلاردىن 4 نى ئالدىلىرىغا سىىلىنى ئەكىلىشكە ئايرۇدۇرۇمغا ماڭدۇردۇق، ئۇلار ئايرۇدۇرۇمدا سىىلىنى ساقلىماقچى، دىدى دادام. دادا مەن يا كىچىك بالا بولمىسام 24 ياشقا كىرىپ قالدىم مەنمۇ، نىمىمۇ قىلارلا ئالدىمغا ئالغىلى ئادەم چىقىرىپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن قەشقەرگە چۈشۈشكە خىلى تۇرسا ، ئايرۇپىلانغىمۇ چىقمىسام تىخى، بالدۇرلا ماڭدۇرۇپلا ، بالىلار بەك ساقلاپ قالارمىكىن دىدىم نارازى بولغاندەك.(ئادەتتە ئۆيدىكىلىرىمنىڭ ئۇنداق بەك كۆزۈمگە كىرىۋىلىشىنى، سىرىتلارغا چىققاندا ئارقامغا سىلى بىلەن چۆرگىلەپ كەلسۇن دەپ ئادەم سىلىپ قويىشىنى خالىمايتىم. لىكىن نىمە ئامال مەن ئۆيدە پەقەت بىرلا بالا، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەۋرىلەر ئىچىدە بىرلا ئوغول نەۋرە بولغانلىقىم ئۈچۈن سىرىتلارغا چىققىنىمدا 4-6 گىچە قوغدىغۇچى كەم بولمايتى ) ھېچقىسى يوق بەگزادەم بار يوقى سىلى بىرلا بەگزادىمىز تۇرسلا ساقلىسا نىمە بوپتۇ، قەشقەرگە چۈشۈپلا تىلىغۇن قىلسىلا ، بىزمۇ خاتىرجەم بولايلى دىدى دادام، دادام بىلەن خوشلاشقاندىن كىيىن ئانام بىلەن ئەھۋاللىشىپ بولوپ تىلىغۇننى قويدۇمدە سائىتىمگە قارىدىم ۋاقىتمۇ توشوپ قالغان ئىدى، نەرسە كىرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ئايرۇپىلانغا چىقىش ئىغىزىغا قاراپ مىڭىشقا باشلىدىم ، ئارقا تەرىپىمدىن بىرىنىڭ ئىسمىمنى چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى، ئارقامغا قارىدىم، مەن تونۇيدىغان بىرەرسى باردەك قىلمايتى، خاتا ئاڭلاپ قالغان بولسام كىرەك دەپ ئويلاپ يولومنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدىم، بىر قانچە قەدەم ماڭا ماڭمايلا بىر قىزنىڭ ئىسمىمنى چاقىرغانلىق ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى، ھەي پاكزات بۇ مەن ؟ئوقوش پۈتتۈرۈپ بىر كۈن بولا بولمايلا ساۋاقداشلىرىنىمۇ تۇنۇماس بوپ كەتلىما ؟ ئارقامغا ئۆرۈلۈپ قارىدىم 4-5 مىتىر يىراقلىقتا ئالى مەكتەپتە بىر سىنىپتا بىللە ئوقوغان ساۋاقدىشىم مىھرىئاي بىر قىز بىلەن بىللە تۇراتتى، ئالدىراپ تۇرساممۇ ئۇلار تەرەپكە قاراپ ماڭدىم، قىسقىلا سالاملاشقاندىن كىيىن مىھرىئاي گەپنى باشلىدى. ئوقوشىمىز پۈتۈپ بىر كۈن بولا بولماي ئىسملىرىنى تولسا ئاڭلىمايدىغان بوپ كىتىپلا قەشقەرگە بارساق ئىش بار ئوخشايدۇ ، تەنە ئارىلاش چاقچاق قىلدى مىھرىئاي، نەدىكىنى خاتا ئاڭلاپ قالغان ئوخشايمەن دەپتىمەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايرۇپىلانغا ئالدىراپ ،ھە راس بايا ماشىنا بىلەن ماڭىمەن دەۋاتاتتىلە قاراررلىرىنى ئۆزگەرتىپ قاپلىغۇ، بايا ئايرۇپىلاندا ماڭىدىغانلىقلىرىنى ئىيتقان بولسىلا بىللە كىلەتتۇق ئەمەسمۇ دىدىم كۈلۈپ تۇرۇپ. بايا ماشىنىدا ماڭاي دىگەن لىكىن بۇ دوستۇمنىڭ ئۆيىدىكىلەر جىددى قايتىشنى ئىيتىپتىكەن شۇڭا ئايرۇپىلاندا قايتىدىغان بولدۇق، چامادانلىرىمىز كۆپ بولغاچقا كۆتۈرۈپ بولالمىدۇق كۆتۈرۈشۈپ بەرملا ، ماۋۇ ئىشنى بايىدىن بىرى گەپ بىلەن بولوپ دوستۇمنى تونۇشتۇرۇپ قويوشنى ئۇنتۇپتىمەن ، تونۇشۇپ قىلىڭلار بۇياق ساۋاقدىشىم پاكزات بولىدۇ، يۇرتىمىزدىكى كاتتا باينىڭ بالىسى ، سىنىپىمىزنىڭ ئەلاچىسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنداق كىلىشكەن، ماقۇل دىسە يۈرۈۋالغۇدەكلا يىگىت، لىكىن بىرلا يىرى باشقىلار گەپ قىلمىسا ئاي يىللاپ گەپ قىلمايدۇ، قانداق بولامدىكەن؟ ھەممەيلەن تەڭ كۈلۈشۈپ كەتتۇق، لىكىن يۈزلىرىم ئوت بولوپ يىنىپ كەتكەن ئىدى، ئادەتتە باشقىلارنىڭ دادامنىڭ بايلىقى توغرىسىدا گەپ قىلىشىنى ياقتۇرمىساممۇ ئەدەپ يۈزىسىدىن ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. بۇ دوستىمنىمۇ تونۇشتۇرۇپ قوياي، ئىسمى ئۇيغۇرئاي، مەكتىۋىمىزنىڭ مۇزىكا فاكولتىتىدا ئوقوغان ، كىلەر يىلى ئوقوشى پۈتىدۇ، مەكتىۋىمىزنىڭ مەكتەپ گۈزىلى دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ بۇ دوستۇمنى، ئۆيى قەشقەر قىزىلدۆۋىدە. نەدىكى گەپلەرنى قىلىدىكەنسەن دىدى، ئۇيغۇرئاي سەل خىجىل بولغاندەك قىلىپ، ئۇنىڭ يۈزلىرىمۇ ماڭا ئوخشاش ئوت رەڭگىدە رەڭ ئالغان ئىدى. قىزغا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم، توۋا ئىنسان بالىسىمۇ مۇشۇنداق چىرايلىق بولىدىكەن، يوغان قوي كۆزلەر، ئىقىپ چۈشكەندەك بۇرۇن، قاپقارا چاچلار، ئويماقتەك ئىغىز، مودىللارنىڭ ھەسىتىنى قوزغىغۇدەك گۈزەللىكنىڭ ھەممىسى بۇ قىزدىن تىپىلاتتى،ئاددى ئەمما شۇنداق ماسلاشتۇرۇپ كىيىلگەن كىيىم كىچىكى بۇ قىزنى تىخىمۇ گۈزەل، تىخىمۇ ئوماق قىلىپ كۆرسىتەتتى ،ئىچىمدە ئويلايتىم بىر قانچە يىللاردىن بىرى بىر مەكتەپتە ئوقوپ تۇرۇپمۇ نىمشقىمۇ كۆرمىگەن بولغىتىم، بۇرۇنراق كۆرگەن بولسام .... دىگەنلەرنى ئويلىدىم ئىچىمدە، خۇددى ئۇلار ئويلىغانلىرىمنى بىلىۋالغاندەك يۈزلىرىم تىخىمۇ قىزىرىپ كەتتى، ماڭامدۇق ياكى بىردەم قارىشىۋالامسىلە، ھىھھى ھى ھى ، مىھرىئاينىڭ بۇ چاقچىقى بىلەن ئۆزۈمگە كەلگەندەك بولدۇمدە ، ھىلىغۇ چامادانكەن ھەر قايسىلىرى ئۈچۈن ھەر قانداق ئىغىرچىلىق بولسىمۇ كۆتۈرۈشكە تەييارمەن دىدىم چاقچاققا چاقچاق بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇپ، لىكىن گەپلىرىم ئۆزۈمگە پەقەتلا قولاشمايۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى ، چاماداننى كۆتۈرۈپ ماڭماقچى بولدۇم، ئۇنىڭ بۇ چاقچىقى مىنى بەكلا ھۇدۇقتۇرۇپ قويغاچقىمۇ ھەركەتلىرىم پەقەتلا قولاشمايتى، تۇيۇقسىز ئوڭ قولومدا كۆتۈرۈپ ماڭغان چامادانغا پۇتلىشىپ چامادان قولومدىن چۈشۈپ كەتتى، توۋا ماۋۇ ئىشنى، نىمە كىلىشمەسلىك ئەمدى بۇ، چىرايىم ۋاژىداپ كۆيۈۋۈتقاندەك ئىدى، چاماداننى تىزلىك بىلەن ئىلىۋىلىش ئۈچۈن چامادانغا قولومنى ئۇزاتتىم، تۇتقىنىم چاماداننىڭ تۇتقۇچى ئەمەس نازۇك بىر قول ئىدى، تىزلىك بىلەن قولومغا ئاندىن نازۇك قولنىڭ ئىگىسىگە قارىدىم ،مەن چاماداننى ئىلىش ئۈچۈن قولومنى ئۇزاتقاندا ئۇيغۇرئايمۇ مەن بىلەن تەڭ قولىنى ئۇزاتقان، مەن بىخەستەلىكتە ئۇنىڭ قولىنى تۇتقان ئىدىم، بۇ قول شۇنچىلىك نازۇك لىكىن، شۇنچىلىك مىھرى ئىسسىق، ئوتلۇق قول ئىدى، لىكىن قويوپ بەرمەي بولمايتى. كە، كەچۈرۈڭ، سەت بولدى، ئىھتىياتسىزلىقتىن.... مۇشۇ گەپلەرنى ئارانلا قىلالىدىم، ئۇ خۇددى بىر قىزىل ئوتقا، يۈرۈگۈمنى كۆيدۈرگۈچى قىزىل چوغقىلا ئوخشاپ قالغانىدى، ھىچقىسى يوق، ئۇمۇ مۇشۇ گەپنى ئارانلا دىدىدە قولىنى چاماداندىن، مىنىڭ قولومدىن تارتتى، ئۇ قولىنى قولومدىن ئەمەس خۇددى، يۈرۈگۈمنى تۈكلۈك مەيدەمدىن سۇغۇرۇپ تارتقاندەك، جىنىمنى ئالماقچى بولغاندەك بولوپ كىتىۋاتاتتىم. تەلىيىمگە مىھرىئاي بۇ قىتىم گەپ قىلمىدى، ئەمدى يەنە بىرەر چاقچاق قىلسا تىكمۇ تۇرالمايدىغاندەكلا ئىدىم، ، نەرسە كىرەكلەرنى ئورونلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئايرۇپىلانغا چىقتۇق ، بىز ئۈچەيلەننىڭ ئورنى بىر رەتتە بولوپ، ئۇ ئىككەيلەن سول تەرەپتىكى بىر قاتاردا مەن ئوڭ تەرەپتىكى بىرىنجى رەتتە ئىدىم، كىچىدىن بىرى تورغا چىقىپ چارچاپ كەتكەچكىمۇ كۆزلىرىم ئىچىشىپ ئاچالمايلا قىلىۋاتاتتىم، ئورنۇمغا كىلىپلا بىردەم ئۇخلىۋىلىش ئۈچۈن كۆزۈمنى يۇمماقچى بولدۇم ،لىكىن خىيالىمدا يەنىلا بايىقى ئوتلۇق قوللار،قوي كۆزلەر، ئۇلارغا قارىدىم ئۇلار پىچىرلىشىپ نىمەلەرنىدۇر دىيىشىۋاتاتتى، بەش مىنۇتتەك كۆزۈمنى يۇمۇپ ئۆزۈمنى ئۇيقىغا زورلاپ باققان بولساممۇ ھىچ ئۇيقۇم كىلەي دىمەيتى، كۆزۈمنى ئاچالمايتىم، لىكىن مىڭەم سەگەك ئىدى، تۇيۇقسىز ئۇ ئىككى قىزنىڭ پىچىرلىشىپ مۇڭداشقان ئاۋازى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى. مېھراينىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، قانداق بولامدىكەن ئاداش ، ئۆزىغۇ بەك قاملاشقان يىگىت ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيىدىكىلىرى ئىنتايىن باي، نەچچە ئون جايدا قورو جايى، ھەم ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەردە شىركەتلىرى بار، لىكىن بەكلا كەم سۆز، ئەينى ۋاقىتا بۇ بەگزادىنى بەكلا قولغا كەلتۈرگۈم بار ئىدى، لىكىن بىر قانچە قىتىم بىر يەرلىك بولغاندىكىن يىقىن ئۆتەيلى ، دەپ ياتاققا تاماققا تەكلىپ قىلغانمۇ بولدۇم لىكىن ئۆزرە ئىيتىپ ئىشىنىڭ كۆپلىكىنى سەۋەپ قىلىپ پەقەتلا تۇتۇق بەرمىدى، مەنمۇ بولدى قىلدىم، نىمەن ئامال خەق ئازراقمۇ قىزىقمىسا. سەندەك چىرايىم بولغان بولسا نەۋاخ قولغا كەلتۈرۈپ بولاتتىم مەن. ئارقىدىنلا ئۇيغۇرئاينىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، مۇھەببەتكە چىراي بولسىلا بولامدۇ، مىنىڭچە گۈزەل قەلىب، پاك سۆيگۈ ھەممىدىن مۇھىم. مىھرىئاي گىپىنى داۋاملاشتۇردى، ساددىدە ئاداش سەن سەندەك گۈزەلنى كۆرگەندە ئىرىمەيدىغان ئەركەك بار دىسە ئىشەنمەيمەن مەن، بولدىلا بۇ گەپنى قىلىشمايلى، بۇ گەپلەرنى قىلىشقا رايىم يوق مىنىڭ ھازىر دىدى ئۇيغۇرئاي. ئۇلارنىڭ پارىڭى مۇشۇ يەردە توختىدى، لىكىن مىنىڭ خىيال قوشلىرىم ماڭا تۇتۇق بەرمەي پەرۋاز قىلىۋاتاتتى. توۋا بىر يۇرتلۇق ، بىر مەھەللىلىك دەپ كەتسە ھەجەپ كۆيۈمچان قىزكەن دەپ كىتىپتىكەنمەن ئەينى ۋاقىتتا، جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا دەڭ، ھىلىمۇ ياخشى ياخشى كۆرۈپ قالماپتىمەن سىنى، ماڭا دادامنىڭ بايلىقىنى ئەمەس، مىنى ياخشى كۆرىدىغان، ۋاپادار قىز كىرەك، پۇلنىڭ قۇلى كىرەك ئەمەس، مەنمۇ ھەر قانداق قىزنى كۆرسىلا ياخشى كۆرۈپ قالىدىغان ئۈژمە كۆڭۈل ، شاتراق يىگىتلەردىن ئەمەس، ماڭا ئىچ ئىچىدىن ماڭا كۆيەلەيدىغان ، پۇلنى ئەمەس مىنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى دەپ بىلىدىغان،ماڭا ئۆمۈرلۈك سادىق ھەمراھ بولالايدىغان ، مىنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھى دەپ بىلىدىغان، ئەخلاقلىق، بالامنى ياخشى تەربىيلەپ كەلگۈسۈمنى يورۇق قىلالايدىغان قىز كىرەك دەپ ئويلايتىم ئىچىمدە. خىيال ئاسمىنىمدا قەدىردان ئاتا ئانام كۆرۈنۈشكە باشلىدى. دادم ئەخمەت ھاجى 45 ياشلار چامىسىدىكى ئىگىز بويلوق قاملاشقان، خۇشچاقچاق، لىكىن كۆپ گەپ قىلمايدىغان ، گەپ سۆزلىرى جايىدا،يىتىم يىسىر، قىيىنچىلىقى بارلارغا بەكلا مىھرىبان ،سودىغا ماھىر ئادەم، جەمەتىمىزدىكى ھەممە ئادەم دىگۈدەك ئۇنىڭدىن ھىيىقىدۇ، جەمەتىمىز ئىچىدىكى ھەر قانداق چوڭ كىچىك ئىشلاردا ئۇنىڭ دىگىنى ھىساپ، دادامنىڭ ئىيتىپ بىرىشىچە دادام 4 يىشىدىلا ئاتا ئانىسىدىن يىتىم قالغان بولوپ خوتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلار ئىلىپ كىتىپ بالىچىلاپ باققان ۋە سودا سىتىق ئۈگۈتۈپ چوڭ قىلغان ئىكەن، دادم 15 يىشىدىن باشلاپ ئۇرۇق تۇققانلار بىلەن قاشتىشى سودىسىغا كىرىشكەن بولوپ ، 20 يىشىدا ھەر قانداق قاشتىشىنى بىرلا كۆرۈپ باھاسىنى دەپ بىرەلەيدىكەنتۇق، يىگىتلىك قورامىغا يەتكەندىن كىيىن خوتەندىكى ئىلى دادامنىڭ(چوڭ دادام) قىزى(ئانام) گۈلنىسا خىنىم بىلەن توي قىلىپ قەشقەرگە قايتىپ كىلىپ سودا بىلەن شۇغۇللانغان، شۇنداقلا ناھايتى تىز بىيىپ 30 نەچچە يىشىغىچە قەشقەردىكى چوڭ بايلاردىن بولوپ قالغان ئىكەن، ئانام ياش ۋاقتىدا دۇتتار بىلەن خەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقويدىكەنتۇق ، دادام ئانامنىڭ ناخشىسىغا، بۇلبۇلدەك ئاۋازىغا ئاشىق بولوپ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىكەن، ئىسىمگە كەلسەم بىكار قالغان ۋاقىتلىرىمىزدا خوتەن، قەشقەر خەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقوپ بىرەتتى، دادام كەيپىياتى ياخشى ۋاقىتلىرىدا ئانامنىڭ ناخشىلىرىغا كەلتۈرۈپ ئۇسۇل ئويناپ بىرەتتى، بەزى بەزىدە مىنى ئۇسۇلغا تارتىپ قاشلىرىنى ئىتىپ ، قىزىقارلىق ھەركەتلەرنى قىلىپ ھەممەيلەننى كۈلدۈرەتتى، بىزنىڭ ئائىلىنى ئەڭ بەخىتلىك ئائىللەردىن دىيىشكە بولاتتى. ئايرۇپىلاننىڭ قاتتىق سىلكىنىپ قونىشى بىلەن خىيال قۇشلىرىم قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتتى، كۆزۈمنى ئاچتىم ھەممەيلەن نەرسە كىرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ پەسكە چۈشۈشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشىۋاتاتتى، كۆڭلۈم ، كۆزۈم يەنىلا يان تەرەپتىكى ئوروندۇقنى ئۇيغۇرئاي بار تەرەپنى تارتىپ تۇراتتى، توۋا دەيمەن، مەن نىمە بولغاندىمەن، بۇ قىزنى تىخى بۈگۈنلا كۆرۈشۈم تۇرسا ياكى بۇ قىزنى بۇندىن بۇرۇن كۆرۈپ باقمسام، نىمە ئىش بوپ كەتتى بۇ، مەنغۇ ئۇنچە سۇيۇق يىگىتلەردىنغۇ ئەمەس بولمسا ، بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قىلىش دىگەن مۇشۇ بولسا كىرەك بەلكىم، ئۇ بار تەرەپكە قارىدىم، ئۇمۇ نەرسە كىرەكلىرىنى يىغىشتۇرغىلى تورغان ئىدى. ئۇ ھەقىقەتەن گۈزەل ئىدى، ئۇنىڭ مۇشۇ گۈزەللىكى مىنىڭ قەلبىمگە مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىنى چاچقان، مىنى ئەسىر قىلغان ئىدى، مۇشۇ تۈنجى قىتىملىق ئۇچرىشىش مىنى ئۇنىڭغا باغلىغان ئىدى، شۇنداق ئۇ مىنى ئەسىر قىلغان ئىدى، لىكىن مەن ئۇنى چۈشەنمەيتىم، خۇي مىجەزىنىمۇ ،قانداق ئادەملىكىنىمۇ بىلمەيتىم، لىكىن ئۇنىڭغا قارىغۇم، توختىماي قارىغۇم كىلەتتى. ئۇنى چۈشەنمىسەممۇ، ماڭا قانداق قارايدىغانلىقىمنى بىلمىسەممۇ، يەنىلا قارىغۇم كىلەتتى، نەچچە يىللىق ئوقوش ھاياتىمدا بىرمۇ قىزغا كۆڭۈل بەرمىگەن، كەسپىم بىلەن كومپىيوتىردىن باشقىغا قىزىقمىغان مەندەك بىر كىتاپ خالتىسىنىڭ بۈگۈنكىدەك تاسادىپى پۇرسەتتە تونۇشۇپ قالغان قىزغا ئەسىر بولوپ قالغىنىم قىززىق، ئوقوۋاتقان ۋاقتىمدا سىنىپ، ياتاق، تورخانا ئارلىقىدا قاتناپ سىنىپىمىزدىكى باشقا بالىلارغا ئوخشاش دىبا، كەچلىك ئۇچرىششلارغا ۋاقىت ئاجراتمىغانلىقىم سەۋەبىدىن بولسا كىرەك، مىنى سىنىپىمىزدىكى بالىلار ۋە باشقا فاكولتىتتىكى بىر قانچە كومپىيوتىر ، تور بەت ھەۋەسكارلىرىدىن باشقا بالىلارمۇ بەك تونۇپ كەتمەيتى. ئۆزۈمنىڭمۇ ئولتۇرۇش ناخشا مۇزىكا سورونلىرى بىلەن خوشوم يوق ئىدى، بىكار بولساملا كەسپىمگە ياكى كومپىيوتىرغا ئائىت كىتاپلارنى ئىلىپ كۆرەتتىم ، بىكار بولوپ قالسام تورخانىغا چىقىپ باس باس، مىسرانىم، ئەلكۈيى قاتارلىق داڭلىق بىكەتلەرنىڭ مۇنبەرلىردىكى تىمىلارنى بىر باشتىن كۆرۈپ چىقاتتىم ياكى ئىنكاس يىزىپ ئۆزۈمنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتورىغا قوياتتىم، سىنىپىمىزدىكى بالىلارمۇ چاقچاق قىلىشىپ كىتاپ خالتىسى، تور قۇرۇتى، دىگەندەك لەقەملەرنى قويوشوپ چاقچاق قىلىشتاتتى. مانا بۇ باشقىلار دەيدىغان بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولوش شۇ بولسا كىرەك. مىھرىئاينىڭ ئاۋازى خىيالىمنى بۆلدى. پاكزات بولوڭ، نىمانداق قاراپ تۇرىسىز، ماڭايلى ھەممە ئادەم چۈشۈپ بولدى. ئۇلار مىڭىشقا تەييار بولوپ بولغان ئىدى، نەرسە كىرەكلىرىمنى ئالدىمدە ئايرۇپىلاندىن چۈشۈش ئۈچۈن ئايرۇپىلان ئىشكىگە قاراپ ماڭدىم، لىكىن ئۇنىڭدىن ئايرىلغۇم يوق ئىدى، خۇددى مۇشۇ ئايرۇپىلاندىن چۈشسەملا ئۇنى كۆرەلمەيدىغاندەك ھىس قىلاتتىم، بولسا ئايرۇپىلاننىڭ قايتىدىن قوزغىلىپ ئۇچىشىنى ئۇنىڭ بىلەن كۆكتە پەرۋاز قىلىشنى ، ياكى ئۇنىڭ ئايرۇپىلاننىڭ ئىشىكى تاقىلىپ قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىردەم بولسىمۇ خالى قىلىشنى ، ئۇنىڭغا بىردەم قارىۋىلىشنى، ئۇنىڭ ئوتلۇق قوللىرىنى قايتا تۇتىۋىلىشنى ئارزۇلايتىم. ئايرۇپىلاندىنمۇ چۈشتۇق مانا خىياللار بىلەن ئۇلارغا ئەگىشىپ مىڭىۋاتىمەن، پۇتۇمغا تاش ئىسىپ قويولغاندەك مىڭىشىم تەسكە توختىماقتا ئىدى. ئاخىرى چىقمايدىغان خىياللار بىلەن ئايرۇدۇم ئالدىغا قانداق چىقىپ قالغانلىقىمنىمۇ تۇيىماي قاپتىمەن، دادام ئەۋەتكەن بالىلار قولومدىن نەرسە كىرەكلىرىمنى ئالغاندىلا ئاندىن ئىسىمگە كەلدىم، دادامنىڭ قەشقەردىكى شۆبە شىركىتىدە ئىشلەيدىغان ئابدۇسوپۇر، ئەكپەر قاتارلىق ئاغىنىلىرىم ۋە مەن تونىمايدىغان ئىككى يىگىت ئىككى ماشىنىدا مىنى ئايرۇدۇرۇمغا ئالغىلى چىققان ئىدى، ئۇلار بىلەن بىر قۇر سالاملاشقاندىن كىيىن سەل ھۇشۇمغا كەلگەندەك بولدۇم، مىھرىئاي بىلەن ئۇيغۇرنىسا ئالدىمدىلا ماڭا قاراپ تۇراتتى، مەن ئىغىز ئىچىپ گەپ قىلىپ بولغۇچە مىھرىئاي ئىغىز ئاچتى. پاكزات خوش ئەمىسە ، تىلىغۇنلىشىپ تۇرايلى، دوستۇم ئۆيىگە ئالدىرايتى، مەنمۇ ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويوپ ئۆيگە قايتاي، ئىش بولسا تىلىغۇن قىلارلا. خۇددى ھازىرلا گەپ قىلمىسام ئۇلار كىتىپ قالىدىغاندەك جىددىيلىشىپ كەتتىم. تەييار ماشىنا تۇرسا مەن ئاپىرىپ قوياي، ماشىنا توسىمىز دەپ ئۇزۇن تۇرۇپ قالارسىلەرمىكىن دىدىممەن ئۇلارنىڭ كىتىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ. كەچۈرۈڭ ھىلىمۇ بايىدىن بىرى كۆپ ئاۋارە قىلدۇق سىزنى، سىزنىمۇ يولىڭىزدىن قويمايلى دىدى ئۇيغۇرئاي يەرگە قاراپ تۇرۇپ. ئۇيغۇرئاي بىلەن بۇنداقلا خوشلاشقىم يوق ئىدى، لىكىن نىمە ئامال. بولىدۇ ئەمسە مەنمۇ مىڭىۋىرەي ، بۈگۈن ياخشى تونۇشۇپ قالدۇق، مەن ياردەم قىلغۇدەك ئىش بولسا تىلىغۇن قىلارسىلەر دىدىمدە تىلىغۇن نۇمۇرۇمنى قالدۇرۇپ قويوپ ماشىنىغا ئولتۇردۇم، ئاداش سەن مىنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويغىن ، قالغانلار قايتىپ ئارام ئالسۇن دىدىم ئابدۇسوپۇرغا قاراپ. ئابدۇسوپۇر بالىلارنى يولغا سىلىۋەتكەندىن كىيىن ماشىنىغا چىقتۇق لىكىن پەقەتلا ماڭغۇم يوق ئىدى ئەمما ماڭماسلىققا باھانەممۇ يوق ئىدى. ماشىنا قوزغىلىش بىلەن تەڭ يۈرۈگۈم ئەنسىز سوقوشقا باشلىدى،شۇنداق ئارقىغا قارىغۇم كەلدى، لىكىن ئۇنداق قىلالمايتىم، ئابدۇسوپۇرنىڭ ھازىرقى روھى ھالىتىمنى بىلىپ قىلىشىنى خالىمايتىم، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا بىلىندۈرمەي ئۇيغۇرئايغا قاراپ بىقىش ئۈچۈن ماشىننىڭ يىنىدىكى ئەينىكىدىن ئارقىغا قارىدىم. ئۇيغۇرئاي يەنىلا بايىقى جايىدىن مىدىرلىماي ماشىنىنىڭ ئارقىدىن قاراپ تۇراتتى. پاكزات ئەپەندى ئارقىغا قارىغۇلىرى بولسا ئوغۇرلۇقچە قارىماي ئۆرۈلۈپ قاراۋەرسىلە، مەن ھىچقانداق ئويلىمايمەن، بويانلىرىغا قوقاق تۇرۇپ قالمىسۇن يانا، دىدى ئابدۇسوپۇر مەنىلىك كۈلۈپ قويوپ. بۇ نىمە دىگىنىڭ مەن ئارقىغا قارىمىدىم ، ئەينەككە مۇنداقلا قاراپ قويدۇم شۇ دىدىممەن، ھۇدۇقۇپ. ئۇ بارلىق ئاۋازىنى قويوپ بىرىپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئۇنچىلىك ئىشنىمۇ بىلمەيدىغان كىچىك بالا ئەمەسمەن، بولدى، خىجىل بولمىسىلا ، بەك قارىغۇلىرى كەپكەتكەن بولسا قاراۋەرسىلە مەن توغرا چۈشىنىمەن، بىشىمىزدىن جىق ئۆتكەن بۇنداق ئىشلار بىزنىڭ ، ماشىنىنى ئارقىغا قايتۇرايمۇ يا؟ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم، ئۇ كۆڭلىمدىكىنى تىپىۋالغان ئىدى، دەقىقىدىن كىيىن ئىككىلىمىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق . بولدى قىلسىلا كۆرۈشكىلىرى بولسا ئادىرىسى ۋە تىلىغۇن نۇمۇرىنى مەن تىپىپ بىرىمەن، بۈگۈن ۋاقتىدا ئۆيگە قايتىپ ئارام ئالسىلا ئاتا ئانىلىرىمۇ يوللىرىغا قاراپ قالدى، دىدى ئابدۇسوپۇر ئارقىغا قارىغاچ. مەنمۇ ماقۇل دىگەن مەنىدە بىشىمنى لىڭىشتىپ قويدۇم . مانا ئۇيغۇرئاي بىلەن ئايرۇدۇرۇمدا خوشلاشقىنىمىزغىمۇ بىر ھەپتىدىن ئىشىپتۇ، مەيلى نىمىلا ئىش قىلاي ئۇيغۇرئاينىڭ ئوتلۇق سىماسى كۆز ئالدىمدىلا، قولوم ھىچقانداق ئىشقا بارمايتى، قىلالايدىغان بىردىنبىر ئىشىم ئۇ ھەم مەن ياخشى كۆرىدىغان ئاشىق دىگەن ناخشىنى قايتىلاپ ئاڭلاش ئىدى. سىنىڭ كۆڭلۈڭ كىمگە باقتى جان. مىنىڭ كۆڭلۈم ساڭا باقتى. بىلىپ قويغىن ، ساڭا مەن ئاشىقلىقىمنى سەنسىز ھەرگىز يۈرەلمەسمەن. ........................ تۇرۇپ سەۋدالارچە خىيالغا چۆكۈپ كەتسەم، تۇرۇپ كۈلۈپ كىتەتتىم، بەزىدە تۇرۇپلا ئۆزۈمگىمۇ ئۆچلىكىم كىلەتتى. توۋا خىلى بەردەس يىگىت ئىدىم، ئىسمىنىلا بىلىدىغان باشقا ھىچقانداق ئىشلىرىنى بىلمەيدىغان بىر ناتونۇش قىز ئۈچۈن نىمە بولوپ كىتىپ بارىمەن ، ئۇ قىز يا مىنىڭ كىملىكىمنىمۇ ، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنىمۇ بىلمىسە نىمە ئۆزۈمنى قىينايمەن دەپ ئويلايتىم ، لىكىن يەنە دەرھاللا ئۆز ئۆزۈمگە رەدىيە بىرەتتىم. ئۇنى چوقوم تىپىشىم ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ، ئۇنى بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرۈپ، بەخىتلىك قىلىدىغانلىقىمنى ئىيتىشىم كىرەك. ئابدۇسوپۇرنىڭمۇ يوقاپ كەتكىننى دەيمەن، مانا مەن ئۆزۈم خەۋىرىنى بىرىمەن دەپ يوقاپ كەتكىلىمۇ ھەپتىدىن ئىشىپتۇ، ھەجەپ جىمپلا كەتتى دىسە، بەرگەن ۋەدىسىنى ئۇنتۇپقۇ قالمىغاندۇ ھە؟ تىلىغۇن قىلايمۇيا؟ ياق ساقلاپ باقاي، يەنە بىر ئىككى كۈن ساقلاپ باقاي يەنە خەۋىرى بولمىسا ئاندىن بىرگەپ بولا. تۇيۇقسىز چىكىلگەن ئىشىك ئاۋازىدىن چۈچۈپ خىيالدىن ئويغاندىمدە ھوجرامنىڭ ئىشىكىنى ئاچىتىم، ئىشىك ئالدىدا ئابدۇسوپۇر توراتتى. توۋا دەۋەتتىم ئىچىمدە ، ئادەم بىرەر ئىشنى خىيال قىلغىلىمۇ بولمامدۇ نىمە ، بىردىنلا پۇت قولومغا جان كىرگەندەك بولۇپ تىزلىك بىلەن قولومنى ئۇزىتىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم ۋە ئۆي ئىچىگە تەكلىپ قىلىپ، ھوجرامنىڭ ئىشىكىنى يىپىۋىتىپ تاماكا سۇندۇم. ئاداش تاماكا چىكە،چاي قۇيۇپ بىرەيمۇ؟ ئۇسساپ كەتتىڭ ھەقاچان؟ ھەجەپ يوقاپلا كەتتىڭغۇ؟ بولدى ئۆزلىىرنى ئاۋارە قىلماي، قىزىل تۈگە بولسا بىرەنى ئىچەي، راسلا بەك ئۇسساپ كەتتىم ، قانداق قىلىمىز دەيلا، سەككىز سائەت ئىشلەپ جان باقىدىغان ئادەم شۇ خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولوپ قالدىغان گەپكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر ھەپتە شىركەتتىمۇ ئىش جىق بوپ قالدى، شۇڭا سىلىنىمۇ يوقلاپ كىلەلمىدىم، قانداق ھاردۇقلىرى چىققاندەكمۇ؟ ھاردۇقلىرى چىققان بولسا شەھەرنى بىر ئايلاندۇرۇپ كىلەي دەپ كىلىشىم ئىدى؟ توڭلاتقۇدىن بىر تال قىزىل تۈگىنى ئىلىپ ئۇنىڭغا سۇندۇمدە ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىكى كىرىسلوغا كىلىپ ئولتۇردۇپ قىسقىلا جاۋاپ بەردىم. شۇنداق ھاردۇقۇممۇ چىقىپ قالدى، لىكىن سىرىتقا چىقىپ ئويناشقا رايىم يوق، قانداق يىڭى خەۋەرلەر بار؟ ئۇيغۇر ئاي توغرىسىدا ئىگەللىگەن ئەھۋاللارنى تىزراق دەپ بىرىشىنى كۈتۈپ خىلى ئۇزاق ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرغان بولساممۇ، ئۇ ھىچ گەپ قىلاي دىمەيتى، تۇيۇقسىزلا گاچا بولوپ قالغاندەك ئىدى، ئۇ گەپ قىلمىغانسىرى ۋاقى تىخىمۇ ئاستا ئۆتىۋاتقاندەك بىلىنىپ كىتىۋاتاتتى، ئۇ قولىدىكى تاماكىنى ئالدىرىماي چىكىپ تۈگەتتى دە قىزىل تۈگە ئىچىملىكىنىڭ ئاغزىنى ئالدىرىماي ئېچىپ ئىچكەچ گەپنى باشلىدى. ھوجرىلىرىنى قايتىدىن تۈزۈشتۈرۈپلا ھە؟ ھەجەپ چىرايلىق قىلىۋاپلا، قىزلارنىڭ ھوجرىسىدىن قىلىشمايدىكەن، ئۈرۈمچىدىن كەلگەندىن بىرى خىلى سەمرىپ قاپلا ، دىمىسىمۇ غەم بولمىغاندىنكىن ، يىتىپ يىسە ھەممە ئادەم سەمرىيدۇدە شۇنداقمۇ؟ دىدى ئۇ ماڭا سۇئال نەزىرى بىلەن قاراپ. بەكلا ئاچچىقىم كەلدى،مەن نىمە كويدا، بۇ نىمە ئويدا، مىنىڭ خىيالىمدىكى ئىشلار ئۇنىڭ خىيالىدا يوقتەكلا ئىدى، ۋاي ئىسىت بىر ھەپتىدىن بىرى سىنىڭ يولوڭغا قاراپ تاتلىق خىياللارنى سۈرۈپ كىتىپتىمەن، سىنى كۆرۈپ خوشلۇقتا تاماكا تۇتۇپ كەتكەنلىرىمچۇ تىخى، مەيدەڭگە ئۇرۇپ لاپ ئاتقان بىلەن ئىسىمدىمۇ يوق دىگىنە خەپ. شۇ ، توي قىلىپ قالسام دەپ تۈزەشتۈرۈپ قويدۇم، بولمىسا قىزلارنى ھۈركۈتۈپ قويمامدىم دىدىم تەنە ئارىلاش. توغرا ، توغرا توينىڭ گىپىنى قىلمىغان بولىسىلا مۇھىم ئىشتىن بىرنى ئۇنتۇپ قالىدىكەنمەن. مۇنداق دىمەمسەن، مەنمۇ سىنىڭ مۇشۇ گىپىڭنى ساقلاپ تۇرغان قىنى تىزراق دىگىنە دىدىممەن، ئۇنىڭغا يىقىنراق سۈرۈلۈپ زورىغا كۈلۈمسىرەپ. مۇنداق ئىش ، بايا شىركەتتە تۇرسام دادىلىرى مىنى بىر كىلىپ كەتسۇن دەپتىكەن شۇڭا ھازىر كەلگەن ئىدىم، دادىلىرى سىلىنى ئۆيلەپ قويوشنىڭ تەييارلىقىنى قىلساق دەپ سىلىدىن گەپ ئىلىشقا مىنى چاقىرتىپتۇ، شۇ سىلىنىڭكى كۆڭۈلدىكىلىرىنى دەپ بەرسىلە ، مەنمۇ جاۋابىنى دادىلىرىغا بىرىۋىتىپ قايتىپ ئىشىمنى قىلاي؟ سىرىتلارنى ئايلاندۇرۇپ كىلەي دىسەم خوشياقمايدىغان ئوخشايدۇ سىلىگە. مۇشۇ گەپمىتى؟ دىدىممەن زەردە بىلەن ھەئە شۇگەپ يەنە نىمە گەپ بولماقچىتى، توي ئىشى ياخشى ئىش تۇرسا خوش بولماي نىمە چىچىلىپ يۈرىلا؟ مەن نەدە چىچىلدىم، دىدىممەن ئۆزۈمنى تەستە بىسىپ ھازىر چىچىلدىلىغۇ ؟ مەن چىچىلمىدىم راسلا چىچىلمىلىما ياق چىچىلمىدىم پەقەت چىچىلمىدىلىما؟ ياق پەقەت چىچىلمىدىم، ئاچچىقىمدا ئاۋازىمنىڭ يۇقىرى چىقىپ كەتكەنلىكىگىمۇ دىققەت قىلماپتىمەن. ئابدۇسوپۇر قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى دە كۆزلىرىدىن چىققان ياشلىرىنى سۈرتكەچ دىدى. راس خاپا بولماپلا، مەن ئىشەندىم، بولدى چاقچاق قىلىپ قويدۇم خاپا بولمىسىلا ياخشى خوش خەۋەر بار، قىشىمغا كىلىپ ئولتۇرسىلا دىدى يىنىدىكى ئوروندۇقنى كۆرسەتكەچ. بولدى ئەخمەق بولىۋىرىدىغان ئادەم يوق گىپىڭ بولسا دەۋەگىن مەن ئاڭلاۋىرىمەن دىدىم كومپىيوتىر ئۈستىلىمنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغاچ. ئاۋازىم يۇقۇرى چىقىپ كەتسە ئۇيغۇرئاينىڭ ئىسمنى ئانىلىرى ئاڭلاپ قالارمىكىن دىدى ئابدۇسوپۇ كۈلۈپ تۇرۇپ. ئۇيغۇرئاينىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپلا يۈزلىرىممۇ ئوت بولوپ كەتتى توۋا ماۋۇ بالىنى ئىسمىنى ئاڭلىسىلىرىمۇ قىزىرىپ كىتىدىكەنلا ھە ؟ بولدى قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ گەپكە كىلەيلى دىدىممەن ئۇ كۆرسەتكەن ئوروندۇققا كىلىپ ئولتۇرۇپ. بولدى دەپ بەسەملا بولىدىغۇ ، خاپا بولمىسىلا، مۇنداق ئىش مەن بۇ بىر ھەپتىدىن بىرى ئۇنىڭ ئۆيى بار جايدىكى دوسلىرىمدىن ئۇقۇشۇپ ئاخىرى ئۇنىڭ ئۆيىنى تاپتىم ، لىكىن ئۆيدە ئادەم يوقكەن بۇ بىر قانچە كۈندىن بىرى شۇ ئۆينىڭ ئەتراپىدا كۆز قۇلاق بولوپ يۈردۈم لىكىن ئۆيگە ئادەم كەلمىدى، ئەسلى خوشنىلىرىنى باشقىچە ئويدا بولوپ قالمىسۇن دەپ سورىماي دىگەن ئىدىم ،لىكىن سىلىنى بەك ساقلاپ كاللىسىدىن كەتمىسۇن دەپ بۈگۈن ئاخىرى قوشنىىلىرىدىن سۈرۈشتۈردۈم . ئۇ گىپىنى تۈگۈتۈپ بولوپ قولىدىكى قىزىل تۈگە ئىچىملىكىنى ئىككى يۇتۇم ئىچىپ بولوپ ئىچىملىكنىڭ ئىچىگە قاراشقا باشلىدى. ۋاي بولدى قاراۋەرمە، ئىچىپ بولدۇڭ، ئىچىدە قالمىدى، تۈگە چىقمايدۇ ئىچىدىن ئۇنىڭ، ئادەمنى تەقەززا قىلماي دىگىنە گەپنىڭ ئاخىرىنى ئىچىدىغان ئىشىڭ بولسا بۇ بىرنىڭ ئورنىغا مىڭنى ئەڭ بىرەي دىدىممەن جىلە بولوپ. گەپلىرىدە تۇرسىلا ئەمسە؟ بولدى گىپىم گەپ ، ئاخىرىنى دىگىنە ئىتتىك قانداق بولىتى، يەنە ئۈرۈمچىگە كىتىپتۇ. نىمىگە كىتىپتۇ؟ ئۈرۈمچىنىڭ نەدىكەن؟ نىمە قىلىدىكەن ئۈرۈمچىدە؟ ئالدىرىماي تۇرسىلا مەن تەپسىلى دەپ بىرىمەن، ئانىسىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەسكەن ئۈرۈمچىگە داۋالاتقىلى ئىلىپ كىتىپتۇ، قايسى دوختۇرخانىغا ئىلىپ كەتكەنلىكىنى قوشنىلىرىمۇ ئىنىق بىلمەيدىكەن. مۇشۇ بىر ھەپتىدىن بىرى مىنى ساقلىتىپ ئىلىپ كەلگەن خوش خەۋىرىڭ مۇشۇمۇ ؟ سىنىمۇ ئاغىنەم دەپ يۈرۈپتىمەن ، بولدى ئۆزۈم ئىزدەيمەن دىدىممەن ئاچچىقىمدا. مەنمۇ مۇشۇ گەپنى دىمەكچى ئىدىم، بىز بىرلىكتە بارايلى سەن نىمە قىلىسەن بىرىپ، بولدى ئۆزۈم بارىمەن. بىللە بارىلى، مىنىڭ ياخشى ئامالىم بار، ئەگەر قوشولمىسىلا ئۆزلىرى ئامال قىلسىلا، بىللە بارسام ياردىمىم تىگىدۇ، جەمىيەتتە ئوينايدىغان بىر قانچە ياراملىق دوسلىرىم بار ئۇلارنىمۇ ئىشقا سالايلى، ئادەم كۆپراق بولسا تىپىشمۇ ئاسان بولىدۇ، قانداق دەيلا؟ بولىدۇ ئەمسە قىنى دەپ باقە قانداق ياخشى ئامالىڭ بار؟ دادامنى بىزنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىشكە قايىل قىلىدىغانغا ؟ بۇ ئاسان ، بايا دادىلىرى مىنى سىلىنى ئانچە مۇنچە شركەتنىڭ ئىشىغا ئارلىشىپ ، شىركىتىمىزنىڭ سودا ئىشلىرىنى چۈشەنسۇن، سەن كىرىپ سۆزلىشىپ باق چاقىرتىپتىكەن، مەن چىقىپ سىلىنى ئۈرۈمچىدىكى شىركەتنى كۆرۈپ كەلگەچ مەكتەپتىكى ئوقوتقۇچىلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ كىلەي دەيدۇ دەي قانداق بولامدۇيا؟ كۈلۈپ كەتتىم، بەزى ئىشلارنى ئەپلەشتۈرۈلمىگىنىڭ بىلەن ھىلىگەرلىكتە خىلى نامىڭ بار جۇما دىدىممەن ئىچىمدىن كۈلۈپ تۇرۇپ. بولدى سىلە قالغان ئىشنى ئويلىماي، مىڭىشنىڭ تەييرلىقىنى قىلسىلا ، قالغان ئىشلارنى ئۆزۈپ ئەپلەشتۈرىمەن، ھە راسىت قاچان يولغا چىقىمىز؟ ئەتە سەھەردە، بولسا تىخىمۇ تىز بولسا ياخشى بولاتتى. بولىدۇ ئەمسە ئەتە سەھەر يولغا چىقايلى ؟ ناخشىنىڭ ئاۋازىنى يۇقىرى كۆترىۋىتىپ، كۆزۈمنى يۇمدۇم، قاچانمۇ تاڭ ئاتار. ئەسەرنىڭ داۋامى داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئزىز باشقۇرغۇچىلار مەن بۇ تىمىنى باشتا بىرقىتىم يوللىغان ئىدىم ئەپسۇس،چ چ ئارقىلىق كىرىپ يوللاپتىكەنمەن قارسام نامسىز دەپ چىقىپ قاپتۇ،شۇڭا تىزىملىتىپ كىرىپ قايتا يوللۇدۇم،جاپاكەش باشقۇرغۇچىلارنىڭ،باشتا يوللىغىنىمنى ئۈچۈر ۋىتىپ،بۇنى تەستىقلاپ قويشىنى ئۈمۈت قىلىمەن،تىمىنى قايتا يوللاپ سىلەرگە ئىلىپ كەلگەن قولايسىزلىقلار ئۈچۈن چۇڭقۇر كەچۈرمە سورايمەن
ئەسكەرتىش بۇ چۈشەندۈرۈش پەقەت باشقۇرغۇچىلارنىڭ توغۇر چۈشىنىشى ئۈچۈنلا يىزىلغان،شۇڭا تىمىنى تەستىقلىغاندا،بۇچۈشەندۈرۈشنى ئۈچۈرۋىتىششىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
|
|