تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1277|ئىنكاس: 3

ياشلىقتىكى تاللاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

ئەگەشكۈچى

62

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
5
مۇنبەر پۇلى
37
ئىشەنىچ
5
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 14:07:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشلىقتىكى تاللاش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىدىن


ئاينۇر مەخسەت

   ياشلىق ھاياتتىكى ئەڭ گۈزەل مەزگىل . ئىنساننىڭ ئۆمرىدە قانچىلىك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرەلىشى ياشلىقىدىكى تاللىشىغا باغلىق بولىدۇ . جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قاينام-تاشقىنلىققا تولغان بۇ تارىخى مۇساپىدە ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك دەۋر ئېقىنىدا ، شىنجاڭدىكى نەچچە ئەۋلاد ئىرادىلىك ھەرمىللەت ياشلار قەيسىرانە كۈرەش قىلىپ ، بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى ئۆتكۈزۈپ ، تىرىشىپ ئىزدىنىپ ، دەۋرگە ماس قەدەمدە ۋەتەن بىلەن تەڭ ئىلگىرلەشنى تاللاپ ، ياشلىق باھارى ئارقىلىق ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى ، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن قان-تەر ئاققۇزۇپ ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات-ئىلگىرلەش تارىخ سەھىپىسىدە ئۆزلىرىنىڭ شانلىق ئىزلىرىنى قالدۇردى . ئۇلار ئۇلۇغ ۋەتەننى ، گۈزەل يۇرتىنى قىزغىن سۆيدى ، ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىدىن ئىپتىخارلاندى ، ئۇلار ئۆزىنىڭ گۈزەل ياشلىقىنى مەڭگۈ قىزغىن سۆيىدىغان يۇرت-ماكانىغا تەقدىم ئەتتى . لېكىن ، يېقىندىن بۇيان كەينى-كەينىدىن يۈز بەرگەن ئېغىر زوراۋانلىق ، تېررورلۇق ۋەقەلىرى بىزگە شۇنى ئاگاھلاندۇرىدىكى : چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بىزنى يوقىتىش غەرىزى تېخى يوقالغىنى يوق ، ۋەتەننى پارچىلاش قەستى ئۆزگەرگىنى يوق . ئاز ساندىكى ياشلار «ئۈچ خىل كۈچ » نىڭ كۈشكۈرتۈشى ، قايمۇقتۇرۇشى ۋە ئالدىشى بىلەن ، ۋەھىمە ، غېرىبلىق ، پۇشايمان ئىسكەنجىسىدە جىنايەت پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ ، خەلق بىلەن دۈشمەنلىشىش يولىنى تاللاپ ، ھەر مىللەت خەلقى نەپرەتلىنىدىغان جىنايەتچىلەرگە ئايلاندى . ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە ، جەمئىيەتكە قارشى ۋەھشى ماھىيىتى ۋە جىنايەتلىرى، زوراۋان ، بۆلگۈنچى ، تېررورچىلارنى «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ « زەمبىرەك يېمى » ۋە بىۋاستە زىيانكەشلىكىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇپ ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ لەنەت-نەپرىتىگە ئۇچراتتى . ئۇلار ھاماقەتلەرچە « بۇنىڭ ھەممىسى ئېتىقاد ئۈچۈن» دېدى، لېكىن ئىسلام دىنى ۋەتەننى ، تىنچلىقنى سۆيۈشنى ، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈپ ، ئۆز ئارا ياردەملىشىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن . ئۇلار يەنە «بۇلارنىڭ ھەممىسى مىللەت ئۈچۈن » دېدى ، لېكىن ئۇلار ناھايىتى قەبىھ ۋاستىلەر بىلەن بىگۇناھلارنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈپ ، ئەسەبىيلىشىپ ، ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، خەلقنى غەزەپلەندۈرۈپ ، مىللىتىمىزنىڭ نامىنى بۇلغىدى . بۇلارنىڭ ھەممىسى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى بۇزۇش ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت ھەقىقىي سىياسىي مۇددىئاسىنى تولۇق ، ئەينەن ئاشكارىلاپ بەردى . بىز بىر ئۇچۇم تېررورچىلارنىڭ قانۇن-تۈزۈمنىڭ ئىززەت-ئابرويىنى ئەيمەنمەستىن ئاياغ ئاستى قىلىشىغا يول قويمايمىز ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى خالىغانچە ئاياغ ئاستى قىلىشىغا يول قويمايمىز .شانلىق ئۇتۇقلىرىمىزنى زوراۋانلارنىڭ پىتنە-ئىغۋا توقۇپ ھاقارەتلىشىگە تېخىمۇ يول قويمايمىز . بىز دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ ، ئىرادىمىزدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ ، تېررورچى–بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنىڭ بارلىق بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قىلچە يۇمشاق قوللۇق قىلماي ، قاتتىق قول بولۇپ ، قەتئىي قاتتىق زەربە بېرىپ ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك .
   يېڭى دەۋرىدىكى شىنجاڭ ياشلىرى ئەينى ئۇرۇش دەۋرىدىكى قان كېچىپ جەڭ قىلغان ئىنقىلابنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان، شىنجاڭنىڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغاندىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ قاينام تاشقىنلىققا تولغان ، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان شۇ كۆرۈنۈشلەرنى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ باقمىغان ، ئۇلاردا كونا ۋە يېڭى جەمئىيەتنى سېلىشتۇرالايدىغان بىۋاستە كەچۈرمىش كەم. سېلىشتۇرۇش بولمىغاچقا ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ مۇھىملىقىغا ، تىنچ-ئامانلىقنىڭ ئاسان قولغا كەلمەيدىغانلىقىغا بولغان چۈشەنچە چوڭقۇر ئەمەس ، سېلىشتۇرۇش بولمىغاچقا ، بۈگۈنكىدەك ياخشى شارائىتنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ .ۋەتەننىڭ بىرلىكى ، خەلقنىڭ ئازادلىقى ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئورنىتىلىشى شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىنى ئالدىنقى شەرت بىلەن تەمىنلىدى . جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ياشلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى . جەمئىيەت مۇقىملىقىدا ياشلار ئەڭ چوڭ پايدا ئالغۇچى ، جەمئىيەت مۇقىمسىز بولسا ياشلار ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدۇر . لېكىن ، بىزدەك ئسلاھات ئېچىۋېتىش بىلەن ماس قەدەمدە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بىر ئەۋلاد ھەرمىللەت ياشلىرى بەختىيارلىق ئىچىدە ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىدىن بەھىر ئېلىپ ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ جاپالىق قان-تەر بەدىلىگە تېگىشكەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگۈرۈشلەر ۋە تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن بەھىر ئېلىش بىلەن بىرگە ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش بىلەن ۋەتەننى پارچىلاش ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك ھايات-ماماتلىق سىياسىي كۈرەشكە دۇچ كەلمەكتىمىز . شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ياشلار تىنچلىقنى سۆيۈپ ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ ، تەستە قولغا كەلگەن تەرەققىيات مېۋىسىنى قەدىرلەپ ، قەلبىدە كىچىك ‹‹ياشلار ئارزۇسى››  ۋە چوڭ ‹‹ جۇڭگو ئارزۇسى ›› نى تۇرغۇزۇپ ، جۇڭگو ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دادىل قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرلەشنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىشى لازىم .
   مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى ھەر مىللەت خەلقىنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى ۋە ئىلھاملاندۇردى، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ، گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈشى ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىشى ، خەلق قۇرۇلۇشىغا زور دەرىجىدە مەبلەغ سېلىشى ، شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بەرگۈچى ئۆلكە-شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمى ، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب-شىمالىدا كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئەمەلىي ھەرىكەتلەر بىلەن قەدەممۇ قەدەم رېئاللىققا ئايلانماقتا .ياشلىقتىكى تاللاش ، غايىغا ئىنتىلىش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا توغرا بولغان ھايات يۆنىلىشىنى تاللاپ ، يۇرت-ماكانىمىزنى قۇرۇپ ، ۋەتەنگە تۆھپە قوشۇپ ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش جەريانىدا دەۋرگە مۇناسىپ بولغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى ››نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن توختاۋسىز كۈرەش قىلىپ ، دادىل ئالغا ئىلگىرلىشىمىز لازىم !

76

تېما

2

ئەگەشكۈچى

789

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
61
مۇنبەر پۇلى
461
ئىشەنىچ
61
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 15:47:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باھا سۆز

ئۇيغارى «يۇرۇتۇشنى بىكار قىلغان ۋاقىت» دىگەننى چۈشەنمىدىمغۇ، ئىزاھلاپ قويمامسىز.  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 23:31

3

تېما

24

ئەگەشكۈچى

3948

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1597
مۇنبەر پۇلى
1809
ئىشەنىچ
1597
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 23:28:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشلار ئارىلىشىپ قالغان جەمئىيەتتىكى يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىلىمسىزلىكتىن،
نادانلىقتىن كېلىپ چىققان، شۇڭا ياشلارنىڭ بىلىم ئىگىلەپ نادانلىقتىن قۇتۇلۇشى
ئىنتاين مۇھىم. چۈنكى، دىنى ئەسەبىي كۈچلار ياشلاردىكى مۇشۇ بىلىمسىزلىك ۋە
نادانلىقتىن ئوڭايلا پايدىلىنىپ كېتىدۇ. بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىق ياشلارنى ئاق-قارىنى،
ھەق-ناھەقنى ئايرىيالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.

71

تېما

2

ئەگەشكۈچى

803

جۇغلانما

سەھىپە باشقۇرغۇچىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تۆھپە
287
مۇنبەر پۇلى
308
ئىشەنىچ
287
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 11:20:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشلىق ھاياتتىكى ئەڭ گۈزەل مەزگىل ، ياشلىقىمىزنى قەدىرلەيلى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-7-29 05:09, Processed in 0.112812 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش