تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 550|ئىنكاس: 10

قارا كۆز (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

7

ئەگەشكۈچى

168

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
9
مۇنبەر پۇلى
114
ئىشەنىچ
9
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 13:23:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                         
                                                              قارا كۆز (ھېكايە)

     ھەيرانمەن ،كىشلەر بىر بىرىنى ئۆزلىرنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتىشىدىكەنۇ  ئەمما نىمىشقىدۇر مېنى ئەزەلدىن كۆپ كىشلەر (قارا كۆز) دەپ ئاتىشىدۇ ،ئەقلىمنى بىلسەم شۇنداق دېيشىدىكەن ،ئۇلۇغ ئاللاھقا چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇن ئاللاھىم ماڭا شۇنداق چىرايلىق بىر جۈپ قارا كۆز ئاتا قىلغان ،مېنىڭ بۇ ئۆمرۈمدىكى بىردىن بىر ئارزۇيۇم مۇشۇ بىر جۈپ قارا كۆزۈم پەقەت مېنى سۆيگەن ،مېنى قەدىرلىگەن شۇ كىشلەرنىلا كۆرسە خالاس ،ئۇندىن ئارتۇقى ئارتۇق ماڭا !مەن بۇ بىر جۈپ كۆزۈمنىڭ ماڭا ساتقىنلىق ،ئەسكىلىك قىلغان شۇ كىشلەرنى كۆرۈپ ئاجىز يۈركۈمگە ئاسىي بولشىنى ئەسلا خالىمايمەن ..
     ئەنە يەنە ئۇنى كۆردۈم ،ئۇ يىراقتا ماڭا قاراپ تۇرماقتا ،شۇ بىرجۈپ چىرايلىق كۆزلىرى ماڭا نەپرەت بىلەن تىكىلمەكتە ،ئۇنىڭمۇ كۆزلىرى قاپقارا ،ئەمما نىمىشقىدۇر ،ماڭا پەقەت نەپرەت بىلەن قارايدۇ ،شۇ كۆزلىردىن قان تەپتىنى كۆرمەن ..
ئۇ زادى كىم .....
   -سىز زادى كىم ،ماڭا نىمىشقا بۇنداق قارايسىز ؟؟؟؟
ئۇ نىملەرنىدۇ دىدى ئەمما ئاڭلىيالمىدىم ...
   ھەدە كۆزۆڭنى ئاچە ،سېنى يەنە قارا بېسىپ قاپتۇ ،،چۆچۆپ ئويغاندىم ،سوغۇق تەرگە چۆكۈپ كېتىپتىمەن
ئۇھ...يەنە شۇ چۈش ھەجەپ تويدۇم ...
-يەنە شۇ ئاق ئاتلىق شاھزادەڭنى كۆردۈڭما ..كۈن چۈشكىچە ئۇخلاپ ،،،دىدى سىڭلىم كۈلۈپ تۇرۇپ -قارا باسماي ياخشى چۈشىسەڭ بىر كۈن كەچكىچە ئۇخلايسەن ئەمما ...
-تولا نېرۋامغا تەگمە ھە ،،،بېشىم ئاغرىپ تۇرغاندا،،،،
-قوپە ،،بولە ئاپام بىر مۇنچە ئىشلارنى تاپشۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى ،،سەن بازارغا بىرىپ نەرسە كىرەك سېتۋالسەنكەن ،مەن ئۆي تازلايمەن ،،بولمىسا پەيمانىمىز توشىدۇ ...
-مەن نىمىشقا بارمەن،سەن بارە بىرە قېتىم بولسىمۇ ،،
-ۋىيى مەن ماشىنا ھەيدىيەلمسەم يا ،،،ئىشقىپ مېنىڭ ئىشىم يوق ،،ئۇ دىگەن ساڭا بۇيرۇلغان ۋەزىپە ..
بولدىلا بۇ ھازازۇلغا تەڭ كېلەلمەيمەن ..
ئورنۇمدىن بىرسى بوينۇمدىن سۆرگەندەك تۇردۇمدە ئامالسىز قالغان قەدەملىرىمنى سۆرەپ يۈرۈپ تەييارلىقىمنى قىلدىم ..
-ھەي ،ماشىندا بىرىپ كىلسەن ،مۇنداقلا چىقساڭ نىمە بولىدۇ ،،
-توۋۋا دىيە ،مۇشۇنداق ئىشىك قىسۋالغاندەك چىقامدىم ..نەرگىز ئەزەلدىن يۈرۈش تۇرشىغا دىققەت قىلدۇ ،،بىلەسەن بۇنى ..
    ۋايجان ...بۇ ئاپاممۇ قىززىق ماڭا ھەممە نەرسىنىڭ تىزىملىكىنى يىزىپ قويۇپتۇ ،،.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر يەدىنلا پۈتمەيدۇ ...ماشىنا توختىتىشنىڭ تەسلىكى بۇ ئۈرۈمچىدە ..ئېسىت ئەرگە تىگىپ كەتكەن بولساممۇ بۇ ئىشلاردىن قۇتۇلار بولغىيتىم ..لىكىن قېنى شۇ يىگىت ھەي بويتاقچىلىق ...
ناخشىنى بولشىغا قويۇپ مەنزىلىمگە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم ،،راس ئويلىغىنمدەك بۈگۈن دەم ئىلىش بولغاچقا ماشىنمۇ ئادەممۇ جىق ئىدى ،،يەنە شۇ يول توسۇقچىلىق ...
    قارسام بۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇردىغان ئوخشايمەن ..ئۈندىدار ئوينايدە ،،10ئادەمگە سالام يوللاپ باقتىم ،،ھىچكىمدىن سادا يوق ،،يېقىن ئەتراپتىكىلەرنى كۆرۈپ باقايچۇ ،، ئالدىمدىكى ماشىنا قوزغالدى ،،بولدىلا ،،
مانا مۇشۇنداقلىقىنى بىلەتتىم ..ئىسىت شىكەر شەنبەم مۇشۇنداق تۈگەرمۇ ئەمدى ..
يەنە توختاپ قالدۇق ،،بولدىلا بىردەم ئولتۇرۇپ ئۇسۇل ئوينايدە ،،ناخشىنى ئاتۇش پەدىسگە يۆتكىدىمدە ئۇسۇلغا چۈشتۈم ...
    -ئا،،،ما كاللامنى ماشىننىڭ دەرىزىسىنى كۆتۈرۋېتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ..ۋاي ئۆلەي سەزگۈلۈرۈمگە ئىشەنسەم يىنىمدىكى ماشىندىكى كىشلەر ماڭا قاراپ كۈلۋاتاتتى ...ئۇلۇغ خۇدا ،،باشقا مىللەت ياكى مەندىن چوڭلار بولۇپ قالسۇن ،،ئىشقىپ مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىكلەر بولمىسۇن ،،بولۇپمۇ ئوغۇل بالىلار ،،،
     ھاۋادا لەيلاۋاتقان قوللىرىمنى ئاستا يىغىشتۇرۇپ  ئۇ تەرەپكە قاراپ باقتىم ،،،خاتا ئەمەس ،،شۇنداق قاملاشقان  تۆت يىگىت كۈلۈپ كۆزلىردىن ياش چىقىپ كېتىپتۇ ..ئۇلارغا قاراپ قويدۇمدە ئاستا ئەينەكنى كۆتۈرۋالدىم ...
-تويە ،،نەرگىز ،مۇشۇنداق سەتلىشىپ يۈرسەڭ كىم ئالىدۇ سېنى ،، خاتىرجەم بول خىلى ۋاقىتلارغىچە بويتاق ياشايسەن تىخى ...تەلىيىمگە يول ئىچىلدى ،،چەكسىز شۈكرلەر بولسۇن ئاللاھىم ...
ماشىننى ئوقتەك ھەيدەپ نەرسە كىرەك سېتۋلدىغان يەرگە كەلدىم ...پەقەت بىرلا ماشىنا توختىتىدىغان ئورۇن باركەن ..
تىز بول نەرگىز ،،،قارشى تەرەپتىن يەنە بىر ماشىنىمۇ شۇ ئورۇننى كۆزلەپ كېلۋاتاتتى ...
     نەق شۇ ئورۇننىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇ ماشىنا مەندىن سەل ئىشتىك كېلىپ توختىدى ،،مەنمۇ بوش كەلمىدىم قىستاپ كەلدىم ..ھەجەپ نەرسىكەن ،،يول بىرەر ئەمەس ..لابا ئۇرۇپلا تۇردۇ ،،كەچۈر سەن ئالدىرساڭ مەنمۇ ئالدىرايمەن ،،سەندە بار سگنال مەندىمۇ بار،،يول بىرىپ ساڭا ھايات لېيفىڭلىق قىلالمايمەن ...
تۇيۇقسىز ئۇ ماشىننىڭ ئىشىكى ئىچىلىپ ئۇ بالا ماشىندىن چۈشتى ،،،
-ياپانا بۇ بايامقى بالىلارغۇ ،،،..ئاھ يۈزۈممم  
ئۇ مەن تەرەپكە قاراپ كېلۋاتاتتى ...
ھىچنىمىنى بىلمىگەن بولۇپ ئولتۇرۋالدىم ...
-توك توك ..ئۇ ماشىننىڭ ئەينىكىنى ئۇرۇپ چۈشۈرۈشنى شەرەت قىلدى ...
ئەينەكنى ئاستا چۈشۈرۈپ _نىمە -دىگەن مەنىدە ئۇ بالىغا قارىدىم ..
-سىز بۇ ئورۇننى ئالدىن زاكاس قىلىپ قويغانما ،،،
ئو ماگەپنىڭ سېسىقلىنقى ...
-ياق ،سىزگە بۇ ئورۇن بىرەسىدىن مىراس قالغانما ئۇنداق بولسا ...
مەنمۇ بوش كەلمىدىم ..
-قايلاڭ ،،مەن بۇرۇن كەلدىم سىزدىن  ،،بۇ يەرگە ،،نىمە يولسىزلىق قىلسىز دەيمەن ،،،
قارغاندا ئاتۇشلۇق ئوخشىمامدا بۇ ،،يائاللا بۇ خەق چىڭلىقىدىن مۇشۇ ئورۇننىمۇ بەرگۈسى يوق  ساڭا بۈگۈن تېتىمىسام ھىساب ئەمەس ...
    -قايلاڭ ،سىز بۇرۇن كەلگەن بولسىڭىز نىمە كىرىپ توختىتىۋالماي بۇ يەردە بۇقىدەك قىلىپ تۇرسىز ئەمسە ؟؟
-ھوي قىز بالا ئۆزىڭىز ھەجەپ چىرايلقكەنسىز ،،نىمانداق سەت گەپ قىلسىز ،،بولمىسا ئۇسۇلنىمۇ خېلى ياخشى ئوينايدىكەنسىز ،،ئۇنىڭغا ئەگىشپ تاماشا كۆرۈش ئۈچۈن چۈشۈپ ئۈلگۈرگەن ئاغىنلىرى تەڭ كۈلۈشكە باشلىدى ..
شۇ زامات قىزاردىم ،،
-شۇ ..بىر پەدە ئۇسۇلۇمنى پۇل تۆلەپ بىلەت ئالماي ھەقسىز كۆرۋالغاندىن كېيىن ماڭا ئەمدى يول قويۇڭدە ،،،
-سەت تۇرامىكىن ،،بىزمۇ سىزگە ئوخشاش ئالدىرايمىز ..
-ھەي ،،ھەرقانچە ئاتۇشلۇق بولسىڭىزمۇ نىمانچە چىڭ ئەمدى سىز ،،،
تۇيۇقسىز ئالدى تەرەپتىن بىر ماشىنا قوزغىلىپ چىقىپ كەتتى ،،،
-ئىلىڭە مەڭ ما ئورۇننى ،،بولسا ئۆيدىن  بىرنى سېلىپلا كۆچۈپ كېلۋالمامسىز ...ھەقمۇ تۆلىمەيسىز ،،،
شۇنداق دېدىمدە ماشىنامنى ھەيدەپ ئۇ ئورۇنغا توختىتىپ قويۇپ نەرسە كىرەك سىتۋالغىلى كىرىپ كەتتىم ..
نىمىشقىدۇر ..تۇيۇقسىز ئۇ بالىنىڭ ماڭا قاراپ تۇرغانلىقىنى ھىس قىلدىمدە ،،يۈركىم قارت قىلىپ قالدى ،،
بۇ بىر جۈپ كۆز ،،مەن دائىم چۈشۈمدە كۆردىغان  ھىلقى كۆزگە بەك ئوخشايتى ،،ئەمما نەپرەتلىك ئەمەس ،،بىر خىل مىھىرلىك ...
-مەن كۈتۈرشەپ بىرەيما،،،
ئالغان نەرسىلىرىمنى كۆترەپ بولالماي ساڭگىلاپ چىقۋاتسام ئۇ بالاكۆز ئالدىمدا يەنە پەيدا بولدى ..
-ياق بولدى ،،رەخمەت ،،
-يا ئاللا نىمانداق كاج ئەمدى سىز ..ئەكىلىڭ دەيمەن ،،،
ئۇ مەن گەپ قىلغۇچە قولۇمدىن تارتىپ خالتىلارنى تارتىپ ئالدىدە ئالدىمدا ماڭدى ..
رايىشلىق بىلەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدىم ...
توۋۋا قىز بالا ئۆچكە يىغى دېگەن راست گەپكەن جۇمۇ ،،بايامقى ئاچچىقلىرىم نەلەرگىدۇ غايىپ بولۇپ بۇ بالىغا سىنچىلاپ قارىدىم ..ئۇ راستىنلا بەك قاملاشقان ئىدى ،،بولۇپمۇ تىرىسى ئاق قاش كۆزى قىز بالىنىڭكىدەك چىرايلىق ئىدى ،،
-ھەي بايقۇش ..قىزلا بولىدىغان بالىكەنسەن ئەسلى  ،،،
-دىققەت قىلىڭ ---
-توڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن كۆزلىرىمدىن يۇلتۇز مىڭەمدىن قۇشقاچ ئۇچۇپ كەتكەندەك بولۇپ كەتتىم ،،،
-ھاھاھ  ،،ھوي قىز بالا ساقمۇ سىز نىمە ئۈسسۈپ يۈرۈيسىز  ،،،
ئاھ خۇدا ...خىيال بىلەن مېڭىپ ئالدىمدىكى سېمۇنىت تۈرۈككە ئۈسسىۋالغان ئىدىم ...
مۇشۇ تاپ خىجىللىق ھەم ئاغرىتىن كىردىغان تۆشۈك تاپالمايۋاتاتتىم ...
-يامان ،قىزىق كەنسىز جۇمۇ ،،،
تۇيۇقسىز تېلفۇنۇم سايرىدى ..ئاپامدىن كەلگەن ئىدى ،،ئالساملا كوتۇلدايدىغىنى ئېنىق ...
-رەھمەت سىزگە ،،
-نىمگە ئەمدى ،،سىزگە مەن رھمەت دىسەم بولىدۇ،،ئەتتىگەندە كەيپىياتىم بۇزۇلغان ،،سىزنى ئۇچرۇتۇپ خېلى كۈلۋالدىم ...ھە راست ئىسمىڭىز نىمە ..
-قارا كۆز ،،،
-نىمە ...مۇشۇمۇ ئىسىمما ،،،
-ھەئە ...
-ھە راسىت ،،تېلفۇنىڭىزنى ئىشلىتىۋالايچۇ ...بايامقى ئاغىنلىرىمنى تېپىۋالاي مېنىڭ توكى تۈگەپتۇ،،،
ئۇنىڭغا تېلفۇنۇمنى سۇندۇم ..ئۇ ئاغىنىسغا ئۇرۇپ ئۇلارنىڭ نەدىلىكىنى بىلدىدە ماڭا قايتۇرۇپ بەردى ..
-رەھمەت ،،ھە قارا كۆز،،.ئىسمىڭىزغا لايىق كۆز بىرىپتىكەن ئاللاھ ،،كۆز تەگمىسۇن ،،،كۆرشەمىز ،،،
ئۇ كەتتى ...نىمىشقىدۇر ئۇنىڭغا دەيدىغان گېپىم باردەك قىلىپ قالدىم ..
-ساراڭ بولما ،،نەرگىز ،،نىمە بولۋاتسەن  ،،كاللاڭنى سىلكىۋەت ،،،،،،يەنە شۇ بىر جۈپ كۆز،،،
                                                                           (داۋامى بار )

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

2

تېما

7

ئەگەشكۈچى

168

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
9
مۇنبەر پۇلى
114
ئىشەنىچ
9
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 13:24:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام تورداشلار ...ئۇزۇن بوتۇ كۆرۈشمىگىلى ...يەنە بىر ئەسىرىم ھوزۇرۇڭلادا ،،ياقتۇرشىلارنى ئۈمۈد قىلمەن،،،

2

تېما

7

ئەگەشكۈچى

168

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
9
مۇنبەر پۇلى
114
ئىشەنىچ
9
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 10:32:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇيۇقسىز تېلفۇنۇمغا كەلگەن ئۇچۇر مېنى چۆچىتۋەتتى ،بۇ كىچىدە ئۇچۇر يوللىغان كىمكىنە ..
ۋاي بولدىلا ئەتە كۆرەي ..ياق ،،نىمىشقىدۇر پەقەت ئۇخلىيالمىدىم ،ئورنۇمدىن قوپۇپ توكقا چىتىپ قويغان تېلفۇنۇمنى ئالدىم ،پۈتۈنلەي ناتۇنۇش نومۇردىن  ئۇچۇر كەلگەن ئىدى ،
-قارا كۆز ،ئۇخلاپ قالدىڭىز ھەقىچان ،نېمىشقىدۇر بۈگۈنكى ئۇسۇلىڭىز ئېسىمغا كېلىپ قالدى ،ھەقىقەتەن ئوماق قىزكەنسىز ،سىز بىلەن تونۇشۇپ قالغىنىمغا بەك خوشمەن ،،ئاللاھ يەنە بىر قېتىم كۆرشۈشكە نىسىپ قىلسۇن ،،ياخشى چۈش كۆرۈڭ ،،شاھزات ،،
بىلدىمكى ئۇ بۈگۈنكى ھىلقى بالائىدى ، ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ئاساستا ئاغزىم قۇلىقۇم تۈۋىگە كېلىپ قاپتۇ ،،ئاستا سىڭلىمغا قاراپ قويدۇم ،چۈنكى ئۇ بۇ ھالىمنى كۆرۈپ قالدىمۇ بولدى ،ھالىمغا ۋاي ،مېنىڭ ئىزمغا چۈشكىنى چۈشكەن ،ئەمما ئۇ ھىچنىمدىن خەۋەرسىز تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى ،،ئۇنىڭغا ئۇچۇر قايتۇراي دېدىميۇ ئەمما قايتۇرمىدىم ،مېنى ئارانلا قاپتىكەن بۇ دەپ ئويلاپ قالمىسۇن يەنە ،،
تېلفۇنىمنىڭ ئەنسىز سايرىشى مېنى ئويغۇتتى ،
-ۋەي ،،
-يا ئاللا ئاداش ،مۇشۇ ۋاققۇچە ئۇخلاۋاتامسەن ،
-ھە ،نىمە بولدۇڭ ئەتىگەندە ،چۈشۈڭگە كىرىپ قاپتىمەنما ،،،
-بولە ئاداش ،باغچىغا بېرىپ كېلەيلى ،،مەن بەك زىركىپ كەتتىم ،بۈگۈن يەكشەنبىكەن ،تازا بىر ئويناپ كەلمەمدۇق ،،
-ھى ھى ،يەكشەنبە دەپ كەتكۈدەك سەن بىلەن مەن دۆلەت خىزمەتچىسىمىدۇق ،،
-ۋاي ،قاراكۆزۈم ،ساڭىغۇ گەپتە تەڭ كەلگىلى بولمايدۇ زادى ،،ھە بولدى ،40مېنۇتقىچە مېنى ئالغىلى كەل ھە ،سېنىڭ ماشىناڭدا بارايلى ،مېنىڭكىنى ئېنىم ئىشلىتىدىكەن ،،ئادىلە شۇنداق دېدىدە تېلفۇننى قويۋەتتى ..
بوپتۇلا بارسام باراي ،بەرىبىر ئىشىممۇ يوق ،تازا بىر ئويناپ كىلەيچۇ ،،ھاۋامۇ بەك ياخشىكەن ،،
بۇ دوستۇممۇ خۇددى مەندەك قىپقىزىل ئىدى ،ئىككىمىز بىر بولدۇقمۇ بولدى ،ھەممىنى ئۇنتۇپ ساراڭدەك ئوينايتۇق ،
باغچىدا بىردە ئاسماندا ئۇچۇپ بىردە پىرقىراپ ئىشقىلىپ چىقسا بولىدۇ دېگەن ھەممە نەرسىگە چۈشۈپ ئويناۋاتاتتۇق ،تۇيۇقسىز يانفۇنۇم سايرىدى ..
ئاخشامقى ئۇچۇر كەلگەن نومۇر ،،،
-ۋەي ...
-ئوۋۋ،قاراكۆز ،قايداراق ،،،نەدە دەيمەن ...
-كىمۇ ،،،قەستەن بىلمەسكە سېلۋالدىم ،،
-ئاللا ئاللا ،مۇشتاق تىز ئۇنتۇپ كېتىدىغان ئىشما ،،مەن شۇ سىزنىڭ ئۇسۇل ھەۋەسكارىڭىز ،،
- ھە سىزمىدڭىز ،ياخشى مەن ،سىزچۇ ؟
-مەنمۇ ياخشى ،نەدە سىز ئاندىن ..
-شۇ باغچىغا دوستۇم بىلەن ئوينىغىلى كەلگەن ..
-ھە ، ياخشى بوپتۇ ،بەلەن ئويناڭ ئەمسە جۇما ،،،خوش .ھە راسىت قاراۋاراق ماڭارسىز ،ئۈسسىۋالماڭ يەنە ..ھى ھى
ئۇ شۇنداق دىدە تېلفۇننى قويۋەتتى ،،
-ۋايجان نىمە ئىشىم ئوينۇمنى ئوينايچۇ ،،،
ئادىلە ئىككىمىز ئويناپ ھاردۇق ،بۇ باغچە بويىنچە ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ھىسابلىندىغان تىز پويىزنىڭ ئالدىغا كىلىپ قاپتۇق ،،چۈشەيلىمۇ ،چۈشمەيلىمۇ دەپ ئويلىشىپ تۇراتتۇق تۇيۇقسىز چىققان ئاۋاز مېنى بەك چۆچۈتۋەتتى ،،،
-ھە ،ھىرىپ قالدىڭىزما ،،،
شاھزاد ،،ئۇ تۈنۈگۈنكى دوسلىرى بىلەن ئارقىمىزدا تۇراتتى ،،
-ياقەي ،شۇ ئەمدى ئوينايلى دەپ ،،سىلەرمۇ ياخشى كەپسىلەر ،بولمىسا بىللە ئوينىمامدۇق ،،
شۇ گەپنى دەپ بولۇپلا بۇ نوچىلارغا سەپ سالدىم ،بىلەتتم خېلى مەن مەن دېگەن ئوغۇل بالىلار بۇنداق ئويۇنلارنى ئويناشتىن قورقۇيتى ،،
-ماقۇل ،يىغلىماڭلا ئەمسە ھە ،،،مەن بېرىپ بىلەت ئېلىپ كېلەي ،،
-توۋۋا دە ئاداش ،بىز ئوينىمايمىز جۇما..ساراڭ قىلىدۇ دەيمەن بۇ نەرسە ،،ئۇنىڭ ئىككى ئاغىنىسى چېكىنىپ چىقتى ،،
شۇنىڭ بىلەن مەن ئادىلە ھەم ئۇلاردىن ئىككىمىز ئوينىدۇق ،،قالغىننى دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق ،،ئىشقىپ مومىمىزنى كۆرۈپ چۈشكىنىمىز ھەقىقەت ،،،
كۈنلىرىم شۇ تەرىقىدە شاھزاد بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۆتۈشكە باشلىدى ،،ئۇ شۇنداق ئالدىراشكىن نە كۆرشۈشكە پۇرسەت بولمايتى ،،مەن ئۇنىڭغا كۆنۈپ قېلىشقا باشلىدىم ،ئۆزۈمچىلا ئۇنىڭ تېلفۇننى ساقلايدىغان بولدۇم ..مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىككىمىزنىڭ ئىشىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ ئەمما بەڭۋاش كۆڭلۈم ئۇنىڭغا باغلىنىپ قېلۋاتاتتى ،،
ئۇ تىجارەت قىلدىغانلىقى ئۈچۈن بىر يەردە تۇرمايتى ،ئاساسلىقى ئىچكىردە تۇراتتى ،بىزنىڭ ئالاقىمىز پەقەت تىلفۇندا ياكى بولمىسا ئۈندىداردىلا چەكلىنىپ قالاتتى ..لېكىن مەن ئۇنى راسلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئېدىم ..چۈكى قەلبىمگە بۆسۈپ كىرگەن بۇ تۇنجى مۇھەبەتكە مەن ھىچقانداق قىلىپ قارشى تۇرۇپ بولالمايتىم ..گەرچە ئۇمۇ ماڭا ئوچۇق قىلىپ (سېنى ياخشى كۆرمەن )دېمىگەن بولسىمۇ ئەمما كۈندە نەچچە قېتىم تىلفۇن قىلشى ،توختىماي ئىزدىشى ،نەگە باردىم نەدە تۇردۇم ھەممىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرشى مېنىڭ ئۇ ئۈمىدلىرىمنى تېخمۇ ئۇلغايتاتتى ...
بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمېگىنىمگە 2 ئايدىن ئاشتى ،،كەچتە ئۇنى تىلفۇن ىلدۇ دەپ ساقلاپ ئۇخلاپ قاپتىمەن ،،تېلفۇنۇمنىڭ ئەنسىز تىترىشى مېنى ئۇيقۇدىن ئويغاتتى ،،
ئۇ ئۇرغان ئىدى ..
تېلفۇننى ئېلىپلا قۇلقۇمغا يۇقىرى ئاۋازدىكى ناخشا مۇزىكا ئۇرۇلدى ...
                                                     (داۋامى بار )

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

47

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
12
مۇنبەر پۇلى
35
ئىشەنىچ
12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 11:36:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى قاچان يوللايسىز  

2

تېما

7

ئەگەشكۈچى

168

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
9
مۇنبەر پۇلى
114
ئىشەنىچ
9
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 23:56:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېلفۇندىن ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى ..
-ۋەييييي،قارا كۆز نەدە سەن ؟
-بۇ كىچىدە مەن يەنە نەدە بولاتتىم ،ئۆيدە شۇ ،سىز ئۆزىڭىز نەدە ؟
-مەنما ،ئۈرۈمچىدە ،بىلەمسەن ،ئۈرۈمچىدە ،مەن كەلدىم ،ئويناۋاتىمەن ..
-نىمە ،سىز كەلدىڭىزما ،كىلىپ ئەمدى ئىزدىدىڭىزما مېنى ،سىز ھاراق ئىچىپسىز ھە ،شاھزاد،،
-ھەئە ،ئىچتىم ،قارا كۆز ،مەن مۇشۇنداق بالىمىدىم ،نىمىشقا تۇرمۇشۇمدا پەيدا بولىسەن ،ئېيتە ؟
-نىمە بولدى ،سىز نەدە ،ھازىر ،،
-كىلەمسەن ،نەدىلىكىمنى بىلسەڭ ،،مەن بەك مەسىت بولۇپ كەتتىم ،يۈركۈم ئىچىشىپ كەتتى ،،مەن نىمە بولدۇم ،
-شاھزاد ،سىز نەدە زادى ،ماڭا دەڭە ،مەن باراي ،،ئۆزۈممۇ بىلمەي شۇنداق دەپ سالدىم ،ئۆيدە دادام ئاپامنىڭ يوقلىقى مېنىڭ ئۇنىڭ يېنىغا بېرشىمغا تامامەن ياخشى پۇرسەت ئىدى ..
ئەمما ئۇ تېلفۇننى قويۋەتتى ،
قايتۇرۇپ ئۇردۇم ،تەسلىكتە بىر ئاغىنىسى ئالدى ،
-ۋەي ،شاھزاد بەك مەسىت بولۇپ كەتتى ،خاپا بولماي كىلەمسىز ،ياكى بولمىسا دەڭە ،سىز تەرەپكە بىز بارايلى ،ئۇ پەقەت ھىچنىمگە ئۇنمايۋاتىدۇ
-بولدى ،سىلەر نەدە مەن باراي ..ماڭا ئورنۇڭلارنى دەپ بىرىڭلار ..
ئورنۇمدىن قوپۇپ ئىشىك تۈۋىگە كىلشىمگە سىڭلىم ئويغاندى
ئۇنىڭغا نەگە باردىغانلىقىمنى ئىيىتتىم
-ھەدە دىققەت قىل ،چاققان يىنىپ كەلگىن ،بولامدۇ ،ماشىننى ئاستا ھەيدە ،،بۇ ئۆمرۈڭدە قىلىپ باقمىغان ئىشنى قىلۋاتىسەنغۇ زادى ..
ئۇنى خاتىرجەم قىلىپ قويۇپ ئۇنىڭ يىنىغا ماڭدىم ،نىمىشقىدۇر بوغۇزۇمغا بىر نەرسە قاپسىلىپ قالغاندەك ئاجايىپ بىر بىئارامچىلىق مېنى قىيناپ كىتىپ باراتتى .
نىمە بولدۇڭ ،قارا كۆز ،نىملەرنى قىلۋاتسەن ،مۇشۇنداق كىچىدە بىر بالىنى دەپ تالاغا چىقىدىغان قىزمىتىڭ ،بۇ مۇھەببەت سىنى قانداق بىر ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى ،،
ئۇ راستىنلا كەلگەن ئىدى ..ماشىنىسىغا يۆلىنىپ ئارانلا تۇراتتى ،مەن سۆيگەن بىر جۈپ كۆزى ھاراقنىڭ سەۋەبىدىن خۇمارلىشىپ كەتكەن ئىدى ..-
-ھوي ،،مانا مانا مېنىڭ قارا كۆزۈم ،كەلدى ،،قايداراق دەيمەن
-نىمە بولدىڭىز،زادى ،نىمانچە ئىشتىڭىز بۇ ھاراقىنى ،نىمە بولغان زادى ،،
-نىمگە ئىچتىم ،بىلمەيسەندە ،سەن ئۈچۈن ئىچتىم بىلەمسەن ،،
-مەن ئۈچۈن ؟مەن سىزنى ھاراق ئىچىڭ دەپ زورلىغانما ،،
-نەرگىز ،بىلمەيسەن ،سېنى ياخشى كۆرمەن ،قانچىلىك ياخشى كۆرمەن بىلەمسەن ،.ئەمما ساڭا ئىرشەلمەيدىكەنمەن ،چۈنكى سېنىڭ ئۈرۈمچىلىك بولۇپ قالغانلىقىڭ ئۈچۈن ،مەن ئاتۇشلۇق بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ،سەن نىمىشقا ئاتۇشلۇق بولۇپ قالمىغان ،ياكى مەن نىمىشقا ئۈرۈمچىلىك بولۇپ قالمىغان ،زادى نىمىشقا ،
-شاھزاد ،نىملەرنى دەۋاتىسىز ،مەن چۈشنەلمىدىم ،بەك مەسىت بولۇپ كىتىپسىز ،
-ياق ،مەن ئادەتتىكىدىنمۇ بەك ساق ،سەن چۈشەنمەيسەن
ئۇ شۇنداق دىگىنچە ماڭا ئېسىلدى ،قۇلقۇم تۈۋىگە كىلىپ ئاستا
-نەرگىز ،سېنى سۆيمەن ،سېنى قانچىلىك ياخشى كۆردىغىنىمنى بىر ياراتقان ئىگەم ھەم ئۆزۈم بىلمەن ،ئەمما ئۆيدىكىلىرىم ئىككىمىزنىڭ ئىشىغا ئۇنمىدى ،ساڭا ئۆز مۇھەبىتىمنى بىلدۈرۈشكىمۇ ئۈلگۈرمەي سەندىن ئايرىلىپ قالدىم نەرگىز ..
مانا شۇ كۈندىن باشلاپ شاھزاد مېنى شۇنچىلىك قىينىدى ،نە مەن بىلەن كۆرۈشمەيدۇ ،مەسىت بولۇپلا ماڭا تېلفۇن قىلدۇ ،دەيدىغانلىرى ھەممىسى يۈرگۈمنى ئىزىدىغان گەپلەر ....
كۈنلىرىم تىڭىرقاش بىلەن ئۆتمەكتە ،ئازاپلىرىم مىنى يەپ كىتەي دىدى ،تىخى سۆيمەي ھەم سۆيۈلمەي تۇرۇپ ۋاز كىچىشكە مەجبۇر بولۋاتقان بۇ سۆيگۈ مېنى كاردىن چىقىراي دىدى ،،
توۋۋا خۇدايىم ،شاھزادقا مېنى ئىلىپ بەرسە نىمىسى ،ئاتۇشلۇق قىزنى ئىلىپ بەرسە نىمىسى ،تۇرمۇشنى تۇتىدىغان  بىزغۇ ،،بىزنىڭ مۇھەبىتىمىزمۇ ئاللاھ تەرپىدىن بىر بىرمىزنىڭ يۈرەكلىرگە ئورنىغانغۇ ..ئەجىبا ئاتۇشلۇق بىلەن باشقا يەرلىك بىر بىرنى ياخشى كۆرسە ،تۇرمۇش قۇرسا يامان بولىدۇ دەپ مۇقەددەس كىتابلىرمىزدا دىيلىپتىمىكەن ،،تۇيۇقسىز سايرىغان تېلفۇنۇم مېنى خىياللىرمدىن ئايرىدى ..
-ۋەي ،،قاراكۆز ،مەن ئادىلە ،ئاداش چايغا كەل دىسەم ئۇنمايسەن ،بۇ يەردە سېنىڭ شاھزادىڭ باركەن ،كىلە چاققان
-مەن نىمە قىلمەن ئاداش ،بولدىلا
-مەن كەل دىگەندىن كىيىن كەلمەمسەن ،ھەممىنى دەپ ئولتۇرغىلى بولمايدۇ
كۆڭلۈم نېمىشقىدۇر بىر شۇملۇقنى سېزىپ تۇراتتى ،قەدەملىرىم مېڭىشنى خالىمىغان ئاساستا ئۇ يەرگە ماڭدىم ..
ماشىننى توختىتىپ ئىچىگە كىردىم ،ئادىلە ئيتىپ بەرگەن 8-ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردۇم ،
مانا مىنى ياخشى كۆرگەن ،مېنى دەپ ئۆزىنى نابۇت قىلدىغان ھاراقنى كۈندە ئىچىدىغان شاھزاد ئۇدۇلدىكى جوزىدا بىر قىزنىڭ بوينىغا گىرە سالغىنچە ئولتۇراتتى ..
ئۇنڭىغا چاندۇرماي دۈمبەمنى قىلىپ ئولتۇردۇم ،نە ئۇنىڭغا بىرىپ گەپ قىلغۇم يوق ئىدى ..
ئۇسۇل پەدىسى چىقتى ،ھەممە كىشى ئۇسۇلغا چۈشتى ،تۇيۇقسىز كۆزۈم شاھزادنىڭ قىزنىڭ قولىنى تۇتقىنچە سىرىتقا ئىلىپ ماڭغانلىقىنى كۆردۈم ..
-نەرگىز ،چىقما ئاداش ،بولدى قىلە ،،،
ئادىلەنىڭ تۇتۋلغىنىمۇ ئۇنماي ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن چىقتىم ..
شۇ تاپ مەن شۇ بىر جۈپ قارا كۆزۈم بىلەن ئاللاھدىن كۆرمەسلىكنى تىلەپ كەلگەن مەنزىرە تۇراتتى ،،مەن ئۇلار تەرەپكە قاراپ ماڭدىم ،شاھزاد مېنى كۆردى ،ئۇنىڭغىچلىك ئۇنى ئىزدەپ چىققان دوسلرمۇ مېنى كۆردى ،،
-قىزچاق ،سىز قەيەرلىك ..
-نىمە بولدى ،
-قاراڭ ،سىز بۇ بالا بىلەن تونۇشقانغا قانچىلىك بولدى ..
-ئۇزۇن بولمىدى ،سىز كىم ؟
-قاراڭ ،مەن شاھزاد بىلەن تونۇشقانغا يىرىم يىلچە بولدى ،،يىرىم يىلنىڭ ياقى مېنى ياخشى كۆرۈپ كەلگەن بۇ بالا بۈگۈنكى كۈنلۈكتە سىزنى بۇ يەردە قۇچاقلاپ ماڭا بۇ مەنزىرنى سوغا قىلغان يەردە تۈنۈگۈن تونۇشقان سىزگە ئەتە نىمە سوغا قىلار ئوبدانراق ئويلىشىڭ ..
شۇنداق دىدىمدە ئارقامغا يىنىپ ماڭدىم ..
-نەرگىز ،توختا ،،
ئۇ ئارقامدىن  يۈگۈرۈپ كەلدى  
-بولدى ،شاھزاد ،ماڭا ھىچنىمە دېمەڭ ،مەن سىزنى تىخى قۇچاقلاپمۇ باقمىغان ،سىزگە ئىسىلىش ئەمەس تۈزۈك تىكلىپ قاراپمۇ باقمىغان ،مېنى مۇشنداق ياخشى كۆرەمتىڭىز ،كىچە كۈندۈز سىز بىلەن كۆرشۈشنى ئارزۇ قىلىپ مەن ساقلىسام سىز بۇ يەردە مېنى سۆيمەن دەپ ئىيىتقان شۇ ئىغزىڭىز بىلەن باشقا قىزلارنى سۆيۈپ يۈرۈپسىز ،ئۆزىڭىز بار مەينەتچىلىكنى قىلىپ يەنە تېخى تەقدىردىن  ئاغرىنسىز ،سىز مانا مۇشۇنداق بولغاچقا ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ ساختا سۆيگۈنى ماڭا راۋا كۆرمىگەن ،مەن بەك دۆتكەنمەن ،،ئاللاھ لەنەت قىلسۇن شاھزاد ،،،
                                     (داۋامى بار )

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

12

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
6
مۇنبەر پۇلى
6
ئىشەنىچ
6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 12:23:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى تىزرەك يوللىڭە تاتلىق

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

56

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
18
مۇنبەر پۇلى
38
ئىشەنىچ
18
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 11:46:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي جېنىم،ئەشۇ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى تىزرەك چىقىرىپ ،بىر يوللىۋېتىڭە ئادەمنى بۇنداق تەقەززا قىلماي،نەچچە كۈن بولدى مەن كۈندە بىر يوقلاۋاتقىلى بۇ ئەسەرنى،مۇشۇ ئىنكاسنى يوللاش ئۈچۈن مۇنبەرگە ئەزا بولدۇم مەن تېخى جۇمۇڭ...
باشتىكى دىئالوگلارنى ئۇقىۋېتىپ ،كۈلۈپ تېلىقىپ قاپتىمەن،ھېلىمۇ ئىشخانىدا ئادەم يوقتى،بولمىسا مىنى ساراڭ بوپتۇ دەپ قالار بولغىيتىمىكىن  خىزمەتداشلىرىم....خەپ سىزنى ئادەمنى تېلىقتۇرۇپ....

0

تېما

8

ئەگەشكۈچى

865

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
262
مۇنبەر پۇلى
563
ئىشەنىچ
262
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 12:15:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى تەققەزالىق بىلەن كۇتىۋاتىمىز جۇمۇ

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

56

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
18
مۇنبەر پۇلى
38
ئىشەنىچ
18
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 17:42:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي قېنى ئاخىرى؟خەپ مۇشۇ تاتلىق قىزنى قانداق قىلارمەن ھە؟

0

تېما

8

ئەگەشكۈچى

865

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
262
مۇنبەر پۇلى
563
ئىشەنىچ
262
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ئۇزۇن يوقاپ كەتىڭىز؟ تىزراق ئاخىرىنى يازسىڭىز بولاتتى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-7-29 05:53, Processed in 0.123182 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش