« باياۋاندىكى قالدۇق ئاي» فىلىمى توغرىسىدا
( بۇ فىلىمنى 1985 -يىلى چاڭچۈن كىنو ستودىيىسى ئىشلىگەن.) سىنارىست-جاۋشىنشۈي،ۋاڭجۇ. رىژىسۇر-جاۋشىنشۈي. ئاساسلىق روللاردا: نۇرجان-ئېر خېپىڭ.قۇماي-مۇتەللىپ. قالۇنبەگ-ئەنىۋەر.شاربەگ-ئەركىن. پەرىدە-روڭشى.خابەگ-خې سىنئىن قاتارلىقلار ئاساسلىق مەزمۇنى: 1949-يىلى ئازاتلىق ئارمىيە شىنجاڭغا كىرگەن چاغدا، قازاق مىللىتىدىن كىلىپ چىققان ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى بولغان- قۇماي «مىللى مۇئارىپىنى ساقلاپ قىلىش» شۇئارىنى جار سېلىپ، ھەممە يەردە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، سۈيىقەست پىلانلايدۇ. ئۇنىڭ نىيىتى-شەرقى تۈركىستان جۇمھۇريىتى قۇرۇش ئىدى. ئۇ ئاتلىق ئەسكەرلەرنى باشلاپ، دىمەنجۇاڭيەنگە كەلگەندە ئۇ يەرنىڭ خوجايىنى ۋاپات بولغان ئىدى. بۇ چاغدا بۇ يەرگە خابەي باشچىلىق قىلاتتى.ئەسلىدە خابەي ياش ۋاختىدا مۇشۇ يەرنىڭ ئايال خوجايىنى بىلەن ئارىلىشىپ، يوشۇرۇن ھالدا دىياخاننى تۇغقان. دىياخان بۇ يەرنىڭ تەختى-ۋارىسىغا ئايلانغان. خابەي بىلەن نۇرجان ئاتا-بالا ئىككىسى بۇ يەرنىڭ سادىق قوغدىغۇچىللىرى ئىدى. قۇماي ئاشۇ يەردە ئۆتكۈزگەن بايراق چىقىرىش پائالىيىتىگە دىياخانمۇ بارىدۇ. نۇرجان دىمەن قەبىلىسى ئۈچۈن، شان-شەرەپ قازىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا چارلىغۇچى دىھقان قىياپىتىدە ياسىنىۋالغان قىسىمىمىزدىن بولغان چارلىغۇچى لىيەنجاڭ-شاربەگ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قۇماينىڭ چىدىرلىرىنى ۋە ئامىرىكىدىن كىرگۈزگەن جىپ ماشىنىللىرىنى پارتىلىتىۋىتىدۇ.ئۇ نۇرجانغا:«ئەكسىيەتچى قۇماي كۆتۈرىۋالغان يېشىل يېڭى ئاي بايرىغى قازاق مىللىتىنى بالايى-ئاپەتكە باشلاپ بارىدۇ.»دەيدۇ. دەرۋەقە نۇرجان ئامىرىكىنىڭ ئەلچىللىرىنى قوغداپ، ئۇلارنى يولغا سېلىۋاتقان ۋاقىتتا قۇماي چارۋۇچى دىھقان قىياپىتىگە كىرۋالغان نۇرجاننىڭ توي قىلىدىغان پەرىدە ئىسىملىك قىز دوستىنى بۇلاپ ئېلىپ كېتىدۇ. نۇرجان ئۇنى ئىزدەپ بارغان ۋاقىتتا قۇماي پەرىدەنى دەرەخ شېخىگە ئېسىپ قويىدۇ. نۇرجان ئۇلار بىلەن كەسكىن ئېلىشىپ، پەرىدەنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. قۇماي يەنە سۈيىقەست ئىشلىتىپ، دىياخاننى شۇنداقلا دىمەن قەبىلىسىنى قوغداپ قالىمەن دەپ،نۇرجاننى دىمەن قۇراللىق قىسمىنىڭ يالغاندىن يولباشچىسى قىلىدۇ. ئازاتلىق ئارمىيەنىڭ قىسىملىرى قۇماينىڭ تۇرۇشلۇق جايىغا يېتىپ كەلگەن ۋاقىتتا قۇماي ئىز-دىرەكسىز غايىپ بولىدۇ ھەمدە ئاستىرتىن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ۋەكىل ئىبەرتىدۇ. دىياخان بىلەن نۇرجان ئازاتلىق ئارمىيە ۋەكىللىرىنى ئېلىپ، دىمەن قەبىلىسىگە يېتىپ كەلگەن ۋاقىتتا بۇ يەر ئاللىقاچان قۇماينىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن كۆيدۈرىۋىتىلىدۇ. بۇ ئىشنىڭ تىگى-تەكتىنى خابەيمۇ بىلمەيدۇ. قۇماي ھىلىگەرلىك بىلەن « بۇ جاينى كۆيدۈرگۈچى جىنايەتچى-قىزىل ئارمىيە.» دەپ دۆڭگەپ قويىدۇ ھەمدە ئاممىنى ئالداپ، ئۇلارنى كۆچۈپ كېتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىدۇ.دىھقان چارۋۇچىلار يۇرتىغا قىيمىغان ھالدا بۇ يەردىن ئايرىلىدۇ. قۇماي يەنە سۈيىقەست پىلانلاپ، نۇرجان بىلەن بىللە شۇ يەرنىڭ دىنىي ئىشلىرىغا مەسئۇل ئاقساقىلى موللىنى ئازاتلىق ئارمىيە بىلەن سۆزلۈشۈشكە ئىبەرتىدۇ. ئەمىليەتتە ئاستىرتىن ئادەم ئىبەرتىپ، يېرىم يولغا كەلگەندە موللىنى ئۆلتۈرىۋىتىدۇ ھەمدە بۇ ئىشنىمۇ يەنە ئازاتلىق ئارمىيەگە دۆڭگەپ قويىدۇ. قۇماي يەنە نۇرغۇن دىھقان چارۋۇچى دىھقانلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ، نۇرجان ۋە بارلىق دىھقانلارنىڭ قاتتىق غەزىبىنى قوزغايدۇ. كىيىن نۇرجان دادىسى-خابەينىڭ قۇماي ئادەم ئىبەرتىپ ئۆلتۈر ۋەتكەنلىگىنى بىلىپ، دادىسى ئۈچۈن قىساس ئېلىشقا بەل باغلايدۇ ھەمدە چارۋۇچىلارنى ئېلىپ، يۇرتىغا قايتىدۇ. نۇرجاننىڭ توي قىلىدىغان قىز دوستى-پەرىدەمۇ قۇماي تەرىپىدىن ئۆلتۈرىلىدۇ. نۇرجان غەزىۋىنى باسالماي، پەرىدەگە زىيانكەشلىك قىلغانلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ.نۇرجان بىلەن ئۇنىڭ سىڭلىسى-دىياخان قايغۇ ئىچىدە تونىشىدۇ ھەمدە قايتا ئايرىلماسلىققا ۋەدە بېرىشىدۇ. بىراق نۇرجان ئازاتلىق ئارمىيەنى ئىزدەپ ماڭماقچى بولغان ۋاقىتتا، دىياخان بۇ يۇرۇتنىڭ يولباشچىسى بولۇشتىن ئىبارەت ھوقۇقىدىن ۋاز كىچەلمەي، ئۆز ئاكىسى-نۇرجاننى ئېتىپ يارىلاندۇرىدۇ. ئازاتلىق ئارمىيە يېتىپ كېلىش ئالدىدا قۇماي قېچىپ كېتىدۇ.دىياخان ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالماقچى بولغاندا شاربەگ تەرىپىدىن قۇتۇلدۇرىۋىلىنىدۇ. شەرق تەرەپتىن كۆتۈرۈلگەن قوياش نۇرى ئاستىدا نۇرجان دىمەن قەبىلىسىدىكى چارۋۇچى دىھقانلارنى باشلاپ يولغا چىقىدۇ. تەييارلىغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2013-يىلى 3-ئىيۇل يېزىلدى. |