ئۇيغۇر قىزى ئەمەسمۇ ؟ ئەتلەس كۆڭنەك كەيگەنلەر. ئەدەپ-ئەخلاق،ھايانى، چىن قەلبىدىن سۆيگەنلەر.
چوڭ بولغۇچە ئائىلدە، چىنلىق بىلەن ئۆي تۇتقان. ھۆسنى بىلەن لال قىلىپ، قەلبلەرىنى ئۇ ئۇتقان.
دادا بىلەن ئانىغا، مىھىربانلىق يەتكۈزۈپ. ھاياسىزلىق قىلغاننى، ئۆزدىن يىراق كەتكۈزۈپ.
ئۆزلىرىنى پاك تۇتۇپ، ئائىلىگە كۆيۈنگەن. دادا بىلەن ئانىلار، قىزلىرىدىن سۆيۈنگەن.
ئۇيغۇر قىزغا خاس ئىكەن، ئەتلەس رەقتىن تىكىلگەن. باش ۋە ئاياق،بەدىنى، شۇ كىيىمدە ئىتىلگەن.
ئۇيغۇر قىزى بولسىڭىز، قىسقا كىيىم ماس ئەمەس. ئۇزۇن كىيىڭ كىيىمنى، ئاندىن سىزمۇ خار ئەمەس.
كۆردۈم گۈزەل قەشقەردە، گۈزەل ئۇيغۇر قىزېنى. ئەتلەس كۆڭنەك يارىشىپ، گۈل ئېچىلغان ئىزېنى.
چوڭ داداش بىلەن ئاناشنى ھۆرمەتلەش ۋە ئەسلەش يۈزسىدىن يوللاپ قويدۇم 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى
|