بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alga~nap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-4 01:22
ئەسكەرتىش: بۇ مەن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ تۇنجى يېزىپ چىققان ئەسىرىم.بۇرۇن باشقا مۇنبەردە ئېلان قىلغان. گەرچە ئەسەر دەرىجىسىگە توشمىسىمۇ يەنىلا ئۇستازلىرىمنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ –پىكىرلىرىنى ئاڭلاشنى لايىق كۆردۇم. ئۇستازلىرىمنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى مەندىن ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. – ئاپتوردىن
توردا بۇزۇلغان ئايال
پوۋېست
ئاپتورى :ياسىنجان ئابدۇجېلىل ( ھايات)
مۇشۇ كۈنلەردە يۈز بىرىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئىشلار ئادەمنىڭ ئەقلىگە پەقەت سىغمايدۇ . كونىلاردىن سورىساڭ : «زامان ئاخىرىنىڭ ئالامەتلىرى » دېگەن بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلايدۇ . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا زامان ئاخىرىسىدا مانا شۇنداق ھەممە نەرسە ئۆز قېلىپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك . توۋا ... ماۋۇ ئۆيدىكى مۈشۈك جېنىدا چاشقان تۇتماس بولىۋالدى . قايسى كۈنى قاراپ تۇرسام بىر چاشقاننى بىردەم قوغلاپلا بولدى قىلدى . ھەممىنى قىلغان ئانام بىلەن سىڭلىم . قۇرۇق نان يىسە قانداق بولىدۇ دەپ ، لەڭمەنگە سەي سېلىپ بىرىپ بېقىپ يامان ئۆگەتتى . تېخى ئاكامنىڭ كىچىك بالىسى دۇكاندىن تۈرلۈك ئۇششاق - چۈششەك نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بېرىدىكەن . ئۇنداق قىلسا مۈشۈك دېگەن يامان ئۆگەنمەمدۇ؟ بىر ھەپتە بولدى ، ئۆيدە چاشقان پەيدا بولۇپ قالدى . ئامال يوق ، بازاردىن مەخسۇس چاشقان تۇتىدىغان « قاپقان » ئەكەلدۇق . ھازىر شۇ قاپقاندا چاشقان تۇتۇپ ، ئۇدۇللۇق تۇتۇلغانلىرىنى مۈشۈككە بېرىۋاتىمىز . خوشنىمىز جېلىلكامنى تونۇمسىلەركىن ؟ يېقىندىن بۇيان غەلىتىلا بولۇپ قالدى . ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە كىچىك قورا ياساپ قوي بېقىۋاتىدۇ . ئۇنىڭ دىيىشىچە : «ھاۋالىق يەردە بېقىلغان قوي ياخشى سەمىرەمىش !؟ » قايسى كۈنى ئۇنىڭ بورداۋاتقان قويىنى كۆرگىلى كەلگەن بىرى ئۆگزىگە چىقىمەن دەپ شوتىدىن يىقىلىپ ، پۇتىنى قايرىۋالدى . باشقىلار سەھرانى « سەھرايى قىيامەت» دىيىشىدۇ . بولۇپمۇ شەھەرلىكلەرنىڭ نەزىرىدە سەھرالىقلار مەڭگۈ تومپاي ، ياۋاش ، باشقىلارغا بارىنى تۆكۈدىغان لېكىن باشقىلاردىن زەرىچىمۇ نەرسە تەلەپ قىلمايدىغان ئەخمەقلەر . بىراق بىزنىڭ سەھرالىقلارمۇ بوش ئەمەس . ھازىر سەھرانىڭ ئادەملىرىمۇ شەھەرلىكلەرگە قىزىقىدىغان ، شۇنداق تۇرمۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ، ھەتتا شەھەرلىكلەردىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان بولدى . ئىشەنمەمسىز ؟قوشنا مەھەللىدىكى ئاينىساگۈل ھەدىمىزمۇ : « مىنىڭ شەھەرلىكلەردىن نەرىم كام ئىدى ، شەھەرلىك قىزلاردا بار چىراي مەندىمۇ بار ، نىمىشقىمۇ بۇ سەھرايى قىيامەتتە تۇغۇلۇپ قالغاندىمەن » دەپ ئۆزىنىڭ سەھرالىق بولۇپ قالغانلىقىغا پۇشايمان يەپ يۈرگۈدەك . ئۆتكەندە ئۆزىچە ئۆيىدە شەھەرلىك قىزلارنى دوراپ كالتە كۆينەك كىيىپ ، چىرايلىق ياسىنىپ ، تازا گىرىم قىلىپتۇ . ئۆيدە قىلغان گىرىم قانچىلىك بولماقچىدى دەيسىلەر . ئىرى كەلگەندە شەھەرلىك قىزلارنى دوراپ ، ناز قىلىپ كۈلۈپتۇ . دەسلەپتە يولدىشىمۇ ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ نىمە بولغانلىقىنى بىلمەي ھەيران قاپتۇ . ئاينىساگۈل يولدىشىغا ئەركىلەپ تۇرۇپ : «جانىم كەلدىلىمۇ ، ۋاي - يەي نىمانچە پاسكىنا بولۇپ كەتتىڭىز » دەپ ئەكىلىگىلى تۇرۇپتۇ . يولدىشى ئۇنىڭ بۇ قىلىقىغا دەسلەپ تازا كۈلۈپتۇ ، كېيىن كالا ئېغىلىغا ئەكىرىپ تازا ئۇرۇپتۇ. ..توۋا... يەنە يېقىندىلا شۇنداق قىزىق ئىشتىن بىرنى ئاڭلىدىم . يوقۇرقى مەھەللىدىكى ھەسەنكامنىڭ ئەر ئالماي ، يېزىدىكى يىگىتلەرنىڭمۇ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بىر قىرى قىزى بار ئىدى . ئاڭلىساق يېقىندا يىراق بىر يېزىدىن قىزنى كىلىن قىلايلى دەپ ئەلچى كىرىپتىكەن ، خوشاللىقىدا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ قاپتۇ...ھازىر ئېنتىرنىتتىمۇ كۈندە ئالامەت خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمىز . «پالانچى يەردە بىر ئايال سەمىرىپ نەچچە يۈز كىلوغا يەتتى ، يەنە سەمىرەمىش ، پالانچى يەرنىڭ باشلىقى پارىخۇرلۇق قىلىپ قېچىپ كەتتى ، پۇستانچى دۆلەتتە ۋاقىتتىن ئۇتۇش ئۈچۈن قىزلارغىمۇ ئۆرە تۇرۇپ ھاجەت قىلىدىغان ھاجەتخانە ياسالدى » دىگەندەك ... ئاغىنەمنىڭ ئاتمىشلاردىن ئاشقان ئانىسىمۇ يېقىندىن بۇيان تورغا چىقىدىغان بولىۋاپتۇ . تېخى ماڭىمۇ ئۆزەڭنىڭكىدەك كوت -كوت دىن بىرنى ئېلىپ بەر دەپ ئالغۇزۇپتۇ . نېمە دەيمىز ئەمدى ، ئۇنىڭ توردىكى ئىسمى «شەھرىزات » مىش ... مۇشۇ تورنىڭ گىپى چىقسا يېزىمىزدا يۈز بەرگەن ماۋۇ ئىش يادىمغا كېلىدۇ .ئىشەنگەنلەر ئۈچۈن راست ،ئىشەنمىگەنلەر ئۈچۈن بىر يالغان ۋەقە ... 1
يېزىمىز گۈزەل ئانا يۇرت تەۋەسىدىكى قەدىمىي يېزىلارنىڭ بىرى . گەرچە يېزىمىزدىن ئاتاقلىق كىشىلەر چىقمىغان ، باشقىلارنىڭ نەزىرىگە ئانچە ئىلىنمىغان بولىسىمۇ ، لىكىن بۇ يەر بىز ئۈچۈن يەنىلا سۈيۈملۈك . چوڭلاردىن ئاڭلىسام ، ئەينى ۋاقىتلاردا غېنى باتۇر بىزنىڭ يېزىدا بىر كۈن تۇرغان ئىكەن . چوڭلار بۇنى تازىمۇ زوق بىلەن سۆزلىشىدۇ . سۈيى مول ، تۇپرىقى مۇنبەت بۇنداق يەرنى كىممۇ ياقتۇرمىسۇن ؟ شۇڭىمۇ ھازىر شەھەرلىكلەر مۇشۇنداق ئورۇنلارغا ئۆگۈنىۋالدى . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە يېزادېگەن زىرىككەندە ئارام ئېلىشقا يارايدۇ . بىزنىڭمۇ شەھەردە بىر توققىنىمىز بار . ئۆيى بىنادا .ئۇلارمۇ ھەريىلى 7-8 ئايلاردا بالا -چاقىلىرىنى ئېلىپ چېقىدۇ. ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا بەزىدە ھەيران قالىمەن. ھەتتا ئىشەكنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان . بىر كۈنى ھويلىدا بىر ئىش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتاتتىم .تويۇقسىز ئىشەك قاتتىق ھاڭراپ كەتتى. قورقۇپ كەتكەن تۇققىنىمىزنىڭ بالىسى ئاللا-توۋۋا سېلىپ قېچىپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى. بەلكىم شەھەردىكى مەكتەپلەردە ئېلىپ باردىغان تۈرلۈك «بىخەتەرقوغدىنىش» دېگەن دەرىسلىرىدە ئىشەكنىڭ ئاۋازىدىن قوغدىنىش دېگەن تۈر يوق بولۇشى مومكىن. ئۇ ماۋۇ جانىۋارنىڭ دارۋازا ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان جورىسىنىڭ شەپىسىنى سىزىپ شۇنداق توۋلاپ سالغىنىنى ،ئۇنىڭ شۇ سەت ئاۋازى ئىچىدە ئاجايىپ بىر سېغىنىشلىق ھېسسىياتنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى نەدىن بىلسۇن . بىر قېتىم ئاپام ئىككىمىزمۇ شەھەرگە كىردۇق .لىكىن بىر كۈن تۇرۇپ ئاران دىگەندە يېنىپ چىقتۇق . خالىغانچە ئوسۇرساقمۇ يەنىلا ئاسمىنى كەڭ مۇشۇ يەر ياخشىكەن . ئاڭلىساق ھازىر شەھەرلىكلەر گىلەمدىن زىرىكىپ ، ئۆيلىرىگە كىگىز سالىدىغان بولۇپتۇ . غۇلجىنىڭ خەنزۇ بازىرىدا كىگىزگە گېلەم ئالماشتۇرۋېتىپتۇ دەپ گەپ چىققان ئىدى . خوشنىمىز خوشاللىقىدا ئۆيدىكى بارلىق كىگىزلەرنى ماشىنا كىرا قىلىپ ئېلىپ كەتكەن . لىكىن بىر كۈن ساقلاپمۇ ئالماشتۇرالماي يېنىپ چېقىپتۇ . قارىغاندا بۇمۇ يالغان ئوخشايدۇ . شەھەرلىكلەرنىڭ ئاللىبۇرۇن تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرگەن ئىنتىرنىت دېگەن نەرسە بىزنىڭ بۇ يەرلەرگە ئاياغ باسقىلى ئىككى ، ئۈچ يىل بولۇپ قالدى . دەسلەپ يېزىمىزدا شۇنداق ئورۇندىن بىرى ئېچىلدى . بىزمۇ نىمە ئىشكىن دەپ ئۇ يەرگە كۈندە يىغىلدىغان بولدۇق . شۇندىن بۇيان بۇ نەرسە يېزىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا يېڭى بىر پاراڭ تېمىسى ئېلىپ كەلدى . - ئاڭلىدىڭلارمۇ ، - دىيىشەتتى چوڭلار . - زامان ئاخىرىسىنىڭ ئالامەتلىرى بولىۋاتىدۇ . ئاتا - بوۋىلىرىمىز زامان ئاخىرىسىدا شۇنداق بىر نەرسە پەيدا بولىدۇ ، يىراقتىكى نەرسىنى يېنىمىزدا تۇرۇپ كۆرگىلى بولىدۇ دىيىشەتتى . مانا تېلىۋۇزۇر دىگەن نەرسە چىقتى . ئەمدى قارىساق ماۋۇ كومپىيوتېر دىگەن بىر نىمە پەيدا بولۇپتۇ . ئامىرىكىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشكىلى بولىدىكەن . - شۇنداق ، شۇنداق ، - دەپ گەپ قېتىشاتتى بېرىپ كۆرۈپ كەلگەنلەر خۇددى ئاجايىپ بىر چوڭ ئىشقا گۇۋاھچى بولىۋاتقاندەك . - ئۇلار نىمە قىلىۋاتىدۇ ، نەگە باردى ؟ نىمە تاماق يىدى ؟ ھەممىسى چىقىپ تۇرىدىكەن . مانا بۇ ئىشلارنىڭ بولغىلىمۇ بىر، ئىككى يىل بولدى . تەرەققىيات كىشىلەرنى ھەيران قالدۇغىلى توردى. مۇشۇ ئىككى ، ئۈچ يىل ئىچىدە يېزىمىزدىمۇ ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەر بولدى . ئەمدى ھېلىقىدەك كالتە يوپكا كىيىپ ئېرىدىن تاياق يەيدىغانلارمۇ ئازلاپ كەتتى . قىزلارمۇ گىرىم دىگەننى ئايىماي قىلىشىدۇ . بوپتۇ قىلىۋالسۇن ، بىچارە يېزا ئاياللىرى جاھاننىڭ خۇۋلىقىنى كۆرمەي ئۈتۈپ كەتتى . ئۇلار ھازىر كۈندە كىلۇلاپ گىرىم قىلسىمۇ ، يەنىلا بۇ ئۆمرىدە شەھەرلىك ئاياللارغا يىتىشەلمەيدۇ - دە . چۈنكى بۇ تەرەققىيات ئۇلاردىن تولىمۇ كېچىكىپ كەلدى . تەرەققىيات نىمىنى كۆندۈرمەيدۇ ، نىمىنى سۆيۈندۈرمەيدۇ دەيسىلەر . تېخى ئالدىنقى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىلا مەھەللىمىزدىكى ئوغۇللار بىلەن بىر پارچە كىگىزنى ئوغلاق قىلىپ تارتىشىپ ، كەچكىچە ئىشەك ئۈستىدىن چۈشمەيدىغان يان قوشنىمىزنىڭ قىزى مايسىگۈل جىنىدا شەھەرگە بىر كىرىپ چىقىپ ئۆزگىرىپ كەتتى . ھازىر سۇغا چىقسىمۇ ئىگىز پاشنىلىق توپلاي بىلەن چىقىدۇ . تېخى مەھەللىدىكى يىگىتلەرنى سەھرالىق دەپ ياراتماي يۈرۈپتىمىش . نەچچە يەردىن كىرگەن ئەلچىلەرگە ئانىسى دىگەن ھازازۇل : «قىزىمنى ئۇنداق سەھرالىقلارغا بەرمەيمەن » دەپتىمىش . توۋا ، ئاتا - بوۋىسىدىن تارتىپ ياشاپ ئۆتكەن بۇ گۈزەل ،ساپ ھاۋالىق يېزىدىن تانغىنى نىمىسى زادى . شۇنىڭغا قارىغاندا بۇ تەرەققىيات دىگەننىڭمۇ يامان تەرىپى بار ئوخشىمامدۇ ؟ بۇرۇن ھەممە ھەيران قالغان ئاشۇ كومپىيوتېرمۇ ئادەتتىكى نەرسە بولۇپ قالدى . تېخى ئۆيلەرگىمۇ سالام بىرىپ كىرىپ كەلدى . بۇغۇ بىر خوشاللىق ھەي ... نىمىسىنى دەي ، مۇشۇ سەۋەپ بىلەن يۈز بەرگەن ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس ... - ئالىمىز دىدىم ئالىمىز ، - قولىنى بىلىگە تىرىۋالغان رەيھانگۈلنىڭ ئاغزى يەنە ئېچىلدى . - بىزنىڭ ئۇلاردىن نەرىمىز كام ؟ بىزمۇچۇ بۇ يېزىدا تۆتنىڭ كەينى بولساق ئوننىڭ ئالدى . - ھەي خوتۇن ، نىمانداق غەرەز ئۇقمايدىغانسەن ، - قاسىماخۇن ئايالىغا گەپ يىگۈزەلمەي جىلە بولماقتا ئىدى . - بىز دىگەن دېھقان خەق ، بىزگە نىمە قويدى ئۇ كومپىيوتېر دىگەننى . ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا تېخى كىچىك . ھازىر ئۇنىڭ ۋەزىپىسى مەكتەپتە ياخشى ئوقۇش ، كېيىنچە ئېلىپ بەرسەكمۇ بولار . - تولا ماڭا ئەقىل ئۆگەتمەڭ قاسىمبەگ ، ئىشلىتەمدۇق ياكى تىزىپ قويامدۇق ئۇ مىنىڭ ئىشىم . مىنىڭ ئۇ مايماقتىن نەرىم كەم ئىدى . قاراپ تۇرسام ئۆزىچە : - رەيھانگۈل ھازىر كومپيوتېر مودا بولۇپتۇ . شۇڭا بالىمىز خەنجەرگىمۇ ئېلىپ بەردۇق . قاسىماخۇننىڭمۇ قول ئىلىكىدە بولغاندىن كىيىن بىرنى ئېلىپ بەرسەڭلار بولمامدۇ ، - دەپ شۇنچە خەقنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى تۆكتى. . . مانا بۇ نەچچە كۈندىن بۇيان قاسىماخۇن ئائىلىسىدە بولىۋاتقان جېدەل . بۇ ئىشقا سەۋەپ بولغان نەرسە ئەنە شۇ كومپىيوتېر . ھەي ، بۇ يېزىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئانچە - مۇنچە ياخشىلانغاندىن بۇيان ، مانا مۇشۇنداق ئىشلار يۈز بەرگىلى تۇردى . قاسىماخۇن يېشىنىڭ چوڭلىقىغا قارىماي ، پۇل خەجلەپ ئىككىنچى قېتىم ئۆيلەنگەن بۇ ئايالىدىن ئۆلگۈدەك قورقاتتى . بولۇپمۇ ھەر قېتىم «ھۇ قېرى ، يارىماس ، ھېلى بىكار كوچىغا چىقىپ سەن يارىماسنىڭ شەرمەندىسىنى چۇۋىۋېتىمەن » دەپ قورقاق سالسا ، جېنى چىقىپ ، ئايالىنىڭ ئېغىزىدا نىمە دىسە شۇنى ئېلىپ بىرىپ باساتتى . ھازىر بۇ ئۆيدە مەيلى ئىشلەتسۇن ياكى ئىشلەتمىسۇن يېڭى چىققان ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك بار . بۇنىڭدا يەنىلا شۇ رەيھانگۈلنىڭ توھپىسى زور -ئەلۋەتتە . دەسلەپتە كىر يۇيۇش ماشىنىسى مودا بولىۋىدى ، ئۇلارمۇ دەرھال ئالدى . بىراق بىر ۋاقىتلارغىچە ئىشلىتەلمەي تۇردى . رەيھانگۈل ئۇنى ئەتىۋارلىق بۇيۇم سۈپىتىدە مىھمانخانا ئۆينىڭ تۆرىگە تىزىپ قويدى . قىززىق ، بىر قېتىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە چىققان بىر شەھەرلىك تۇققىنى بۇنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى . شۇنىڭدىن كىيىن بۇ بىچارە نەرسىنىڭ تۇرار جايى ئامبار بولدى . تېلىۋۇزۇرمۇ ئىككى قېتىم يېڭىلاندى . يېزىدا بىرىنچى بولۇپ ئاياللار موتسىكىلىتى مىنگەن ئايالمۇ دەل مۇشۇ رەيھانگۈل . مەھەللىدىكى گەپدانلار : «قاسىماخۇن ئايالىنى ھەرەمگە ھەجگە ئەۋەتكۈدەك » دەپ يۈرگۈدەك . ھەي ، يېزا دىگەن شۇ نىمە گەپلەر چىقمايدۇ . بۇ يەردە شەھەردىكىدەك چىقىپلا باراي دىسە ساياھەت ئورۇنلىرى يوق . شۇ بارى - يوقى مەھەللە دوقمۇشلىرىدىكى كىچىك دۇكانلار .مانا بۇ يەرلەر دەل شۇنداق دۇنياۋى تېمىلارنىڭ مەركىزى... بۇ قېتىملىق نەچچە كۈنلۈك جېدەلمۇ ئاخىرى رەيھانگۈلنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى . قاسىماخۇن يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بىر ئوقۇتقۇچى بالىنى بىللە ئېلىپ چۈشۈپ كومپىيوتېردىن بىرنى ئالدى . ئىش ئۇنىڭ بىلەنلا تۈگىسە مەيلى ئىدىغۇ . تورخانىلارغا كىرىپ ئۈگۈنۈپ قالغان بالىسىنىڭ جېدەل قىلىشى ، رەيھانگۈلنىڭ قولىنى قايتا بىلىگە ئېلىشى بىلەن ئۆيگە تورمۇ تارتىلدى . مانا ئىش شۇنىڭ بىلەن باشلاندى. .. 2
دەسلەپكى كۈنلەردە قاسىماخۇنغىمۇ بۇ نەرسە يېقىپ قالدى . بالىسى ھە دىگەندە ئۇنىڭغا تۈرلۈك يېڭىلىقلارنى سۆزلەپ بىرەتتى . لىكىن بارا - بارا ئۇ كىملەر بىلەندۇ پاراڭلىشىپ كېتىدىغان بولدى . توۋا ، دەپ ھەيران بولاتتى قاسىماخۇن . راستىنلا ئاخىر زاماننىڭ ئالامەتلىرى . بۇ زاماننىڭ بالىلىرى نىمە دىگەن تەلەيلىك . ئۇ بالىسىغا قاراپ زوقلىنىدىغان بولدى ، لىكىن كىيىنچە ئەنسىرەپمۇ قالدى . چۈنكى ئوغلى ئەكبەر كېچىچە شۇ نەرسە ئالدىدا ئولتۇرۇۋالىدىغان بولىۋالدى . شۇ سەۋەپتىن كۆزلىرى قىزىرىپ ، كۈندۈزى مۈگدەپلا يۈرىدىغان بولدى . بالىسىنى بىر قانچە قېتىم بۇ ئىشتىن توسقان بولسىمۇ بىراق ئۈنۈمى بولمىدى . كۈندە ئۆيدە ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرغىلى بولمايدۇ - دە . - خوتۇن ، - دىدى بىر كۈنى ئۇ ئايالىغا . - بالىغا گەپ قىلىپ قوي ، ھازىر ئۇنىڭ ئوقۇيدىغان ۋاقتى . قاراپ باقسام ئۇ كۈندە مەكتەپكە كىچىكىپ بارىدىغان بۇلىۋالدى . مۇشۇنداق قىلىۋەرسە بىر كۈنى يامان يوللارغا كىرىپ قالمىسۇن . - مەن نىمە قىلىپ بەرسەم بولىدۇ ئەمدى ، - دېدى رەيھانگۈل . - ئوينىسۇن ، بىلىپ قىلىڭ ئۇ دىگەن بىزنىڭ يالغۇز بالىمىز . سىزمۇ ھە دىگەندە ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىۋالماي ، ئۇنى ئەركىنلىكىگە قويۇپ بىرىڭ. - ھەي، مەن يامان گەپ قىلىۋاتامدىمەن ، ئەكبەرمۇ مىنىڭ بالام ، مەن ئۇنى يامان بولسۇن دىدىممۇ !؟ نىمانداق غەزەر ئۇقمايدىغان ئايالسەن . - ھە ، مەن نىمە بوپتىمەن . ئەمدى شۇنچە يىل ئۆي تۇتۇپ مەن غەرەز ئۇقمايدىغان بولۇپ قالدىمما ؟ ئىسىت سەن قېرى ئوغرى بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن گۈلدەك ئۆمرۈم ... رەيھانگۈل بىردىنلا ھۈ تارتىپ يىغلاپ كەتتى . بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتكەن قاسىماخۇنمۇ ئايالىنى بەزلەشكە باشلىدى. - بولدى ، بولدى ، سىزنىڭ راست خوتۇن ، مەن خاتا قىلدىم ، نىمە قىلساڭلار مەيلى . غەلبە قىلغان رەيھانگۈل شۇ كۈندىن بۇيان ئەكبەرنى تېخىمۇ ئۆز مەيلىگە قويىۋەتتى. ئەكبەرمۇ بارا - بارا مەكتەپكە كىچىكىپ بارىدىغان ياكى بارمايدىغانلا بولىۋالدى . بىر يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئۇ مەكتەپتىن بىراقلا چىكىندى . ئەكبەر ئەمدى چوڭ بۇلۇپ قالغاچقا ، باشتىكىدەك ئۆيدە ئولتۇرماس بولدى . بۇ ئىشتىن ئەنسىرەپ قالغان قاسىماخۇن بىر كۈنى ئايالىغا يەنە مەسلىھەت سالدى . - قارا خوتۇن ، ئەكبەر شۇنچە قىلساقمۇ مەكتەپتىن چىقىۋالدى . بۇغۇ مەيلى دەپ تۇرساق ، مانا ئەمدى كېچىلەپ ئۆيگە كىرمەس بولدى . بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ قالدىم . - ئۆينىسۇن ، ياشلىقىدا ئوينىماي نىمە ئىش قىلسا بولاتتى . ياكى سىزگە ئوخشاش كارغا كەلمەس بولۇپ ياستۇقنى قۇچاقلاپ ياتسا بولامتى . - ۋۇي ، ھە دىسىلا تولا يېغىرىمنى تاتىلىمىغىنا . مەن نىمە قىلدىم زادى . سىلەرنى خوشال بولسۇن دەپ قىلمىغىنىم قالمىدىغۇ بۇ ئۆيدە . - ئەمدى ئۇنىمۇ قىلمىسىڭىز بولماس باشقا ئىشقا يارىمىغاندىكى ... - خەپ سىنى ، بولدى بۇ گەپلەرنى دىيىشمەيلى . ئاۋۇ بالاڭغا دە ، بۇنداق بىكار يۈرمىسۇن . ئۇنى شەھەردىكى بىرەر مەكتەپكە ئەكىرىپ بېرەيلى ، شۇ يەردە ئوقۇسۇن بولمىسا . شۇ ئىش ئۆتۈپ بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن قاسىماخۇن ئەكبەر بىلەن مۇشۇ ئىش توغۇرىسىدا سۆزلەشتى . ئەكبەر «ئوقۇش» دىگەننى ئاڭلاپ ئۇنىمىغان بولسىمۇ ، بىراق «شەھەردە» دىگەن گەپنى ئاڭلاپ قوشۇلۇپمۇ قالدى . شۇنىڭ بىلەن ئاز كۈن ئۆتكەندىن كىيىن دادىسى ئۇنى شەھەردىكى بىر مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى . قاسىماخۇنمۇ ئېغىر بىر يۈكتىن قوتۇلغاندەك بولدى. 3 ئۇزۇن ياز كۈنلىرى ئۆتۈپ مانا قىش باشلانغىلىمۇ خىلى بولدى. يازىچە ئىشتىن بوشىيالماي ،ئۆز -ئارا مۇڭداشقۇدەكمۇ ۋاقتى يوق كىشىلەر مانا ئەمدى ئاشۇ مەھەللە دوقمۇشلىرىدىكى ھېلىقى كېچىك دۇكانلارنى ئاۋات قىلماقتا ئىدى. بىر تۇرۇپلا قارىساڭ مۇشۇ سەھرالىقلارنى ئىشى يوق خەقمىكىن دەپ قالىسەن . شەھەرنىڭ بۇلۇڭ -پۇچقاقلىرىغىچە كىشىلەر ئالدىراش يۈرگەن مۇشۇ ۋاقىتلاردا بۇلار ئۇنداق ئىشلاردىن مۇستەسنا. بۈگۈنمۇ بۇ مەھەللىدىكىلەر مەھەللە دوقمۇشىدىكى ئايۇپ خېمىرنىڭ دۇكىنىغا يېغىلىشتى.لەقەمنى خىزىر قويىدۇ دېيىشدۇ كونىلار .دۇكان خۇجايىنىغا قويۇلغان بۇ لەقەم شەرتكە توشۇپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. دېمىسىمۇ ئۇ ئەتىدىن -كەچكىچە دۇكاننى ئېچىپ قويۇپ، ياز كۈنى بولسا دۇكان ئالدىدىكى لەمپە ئاستىدىكى كارىۋاتتا ياتاتتى. قىش كۈنى بولسا شۇ كارىۋاتنى چۈۋۇپ، دۇكان ئىچىگە قۇراشتۇرۋالاتتى. دىمەك ،بۇ كارىۋات نەچچە يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭغا ھەمرا .مەھەللە قىزىقچىلىرى :«ئايۇپ خېمىر ئۆلسە ،گۆرىگە شۇ كارىۋاتنى قويۇپ بىرىمىز »دەپ يۈرگۈدەك . دۇكانغا بىر دەمدىلا مەھەللىنىڭ بىكار -تەلەپلىرى يېغىلدى. ئۇلار ئۇزۇن بىر تالدىن مۇخۇركا ياساشقاندىن كىيىن ئۇ يەردىن ،بۇ يەردىن پاراڭغا چۈشتى. -ھوي، ئاڭلىدىڭلارمۇ ؟ -دېدى ھېزىم قۇلاق ،- يېقىندا ئامرىكىنىڭ باشلىقى بىزنىڭ يۇرتقا كەلگۈدەك . -نەدىكى گەپنى قىلمىغىنا ،مۇشۇنداق گەپلەرنى سەنلا ئاڭلامسەن ، ئۇنىڭغا بۇ يەردە نېمە بار ئەمدى. -گەپ قاتتى تۇرسۇن قانجۇق. -نېمە بولاتتى ،ھېزىمنىڭ قېشىچە تازلىماي تۇرۇپ قالغان ئۆگزىسىنىڭ قارىنى تازلاپ بەرگىلى كىلەر ھەقىچان . -دېدى تۇراپ غىت -غىت . دۇكاندا كۈلگە كۆتۈرۈلدى. ئۇلار ئەنە شۇنداق ئۇ بىرنىمە دەپ بۇ بىر نېمە دەپ ،بىر -بىرىسىنىڭ ئەيىۋىنى كولاپ يۈرۈپ بىر نەچچە سائەتنى ئۆتكۈزدى. بىر چاغدا دۇكانغا رەيھانگۈل كىرىپ كەلدى. -ھوي قاراڭلار ،مەھەللىنىڭ گۈلى رەيھانى كىرىپ قاپتىغۇ بۇ يەرگە ،-ئېغىزى ئىتتىك تۇراپ غىت -غىت رەيھانگۈلنىڭ كىرىشىگىلا ئۈلگۈرتۈپ توۋلاپ سالدى. رەيھانگۈل ئۇلارغا بىر ئالايدى-دە ، بىر كىلۇ ناۋات ئالدى .قانداق كىرگەن بولسا شۇنداق چىقىپ كەتتى. كەينىدىنلا گەپ باشلاندى. -قاسىماخۇنغا ناۋات چاي دەملەپ بىرىپ ئىشقا سالاي دەپتىدە بۇ جادۇ. -كىم بىلىدۇ ئۇ ناۋات چاينى كىمگە دەملەپ بىرىدۇ. -مەن ئۇنىڭغا ئاخشاملىققا بارىمەن ،ناۋات ئەكىلىپ قوي دېگەن . -ئەگەر سەن بارساڭ ناۋات ئەمەس ،كالا تېزىكى بەرسە بولىدۇ. -رەيھانگۈل بەرگەن كالا تېزىكىنى ناۋات ئورنىدا يەۋىرىدۇ بۇ تاز. كۈلكە چاقچاق ئەۋجىگە چىقتى .كارىۋاتتا سوزۇلۇپ ياتقان ئايۇپ خېمىر ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئۆتە ھوزۇر يوق .ئەگەر بۇ كىشىلەر بولمىغان بولسا ئۇ بۇ قىشنى قانداقمۇ چىقىرىلالايدۇ. شۇڭا ئۇلار قانچە ۋاراڭ -چۇرۇڭ قىلسىمۇ ،دۇكان ئىچىنى پاسكىنا قىلىۋەتسىمۇ ئۇ ئانچە كايىپ كەتمەيدۇ. -ھەي ئاڭلىدىڭلارمۇ ،-تۇيۇقسىز گەپ تېمىسىنى يۆتكىدى تۇرسۇ ن قانجۇق . -نېمىنى !؟ -مۇشۇ قاسىماخۇننىڭ ئوغلى ئەكبەرنىڭ ئىشلىرىنى . بۇ بالا ئوقۇشقا چىدىماي چىقىۋالغان ئەمەسمۇ؟ كۈزدە قاسىماخۇن ئايالىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن شەھەرگە ئەكىرىپ قويۇپتىكەن. ئۇ بالا ھازىر كۈندە ھېلىقىدەك جايلاردا يۈرگۈدەك دەيدىغۇ؟ -قانداق يەرلەردە دەيسەن ؟ يا سەن قانجۇق بولغاندىن كىيىن شۇنداق جايلاردا ئۇچرىشىپ قالدىڭلارمۇ؟ ۋەيت ... -بولدى سۆزۈمنى بۆلمىگىنە .مەن ھەرقانچە بولساممۇ ئۇنداق يەرگە بارمايمەن. بىزنىڭ ماۋۇ خوتۇننىڭ ھېلىقى شەھەرلىك تۇققۇنىنى بىلىسىلەرغۇ .شۇنىڭ بالىسىمۇ ئاشۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن .شۇ بالا دادىسىغا شۇنداق دەپ بىرىپتۇ. -ما ئىشنى كۆرۈڭ .مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام دېگەن شۇدە ... -دېمىسىمۇ قاسىماخۇن بىچارە بالىسىنىڭ كۆزىگە قاراپ يامان ئۈگەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاۋۇ جادۇ ھە دېسىلا بالىسىنىڭنىنى راست قىلىپ شۇنداق قىلىپ قويدى. ئۇلار بىر ھازاغىچە مۇشۇ توغۇرسىدا پاراڭ سېلىشىپ چۈش بولغاندىن كىيىن ئۆيلىرىگە قايتىشتى. 4 ئەكبەرنىڭ شەھەرگە كەلگىلىمۇ مانا ھەش -پەش دېگۈچە يىرىم يىل بولدى. بۇ يىرىم يىل ئۇنىڭ ھاياتىدا زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى. ئۇ كىرگەن مەكتەپ چارۋىچىلىق مەكتىۋى بولۇپ كەسپىي مول دوختۇرى ئىدى. «كالا تېزىكىگە گۈل قىسقاندەك »بۇ كەسىپ بۇنداق ئائىلىدە ئەركىن ئۈگەنگەن بالىغا خوش ياقىدۇ دەمسىلەر . ساۋاقداشلىرىغا قارىغاندا ئۇ يېزىدىن كىرگەن ھەممىنى بىلىشى كىرەك بولغان بالا. بىراق بىزنىڭ ئەكبەر نىڭ ھالى شەھەردىكى ئەنە شۇ پارنىك ئىچىدە ئۆسكەن «گۈللەر»دىنمۇ ناچار ئىدى.دەسلەپ كىرگەن مەزگىللەردە ئۇ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ زاڭلىق قىلىپ : -ئەكبەر ،نان نەدىن كېلىدۇ . دېگەن سۇئالىغا ئويلانماستىنلا : -ناۋايخانىدىن .دەپ جاۋاپ بىرىپ ئۆزىگە مەڭگۈ ئۆچمەس «ناۋاي»دېگەن خېزىر قويغان لەقەمنى قويىۋالدى. بۇ غۇ يامان ئەمەس لەقەم .ناۋاي بولسا نېمە بولۇپتۇ. « ئوغرى »،« قانجۇق »،«ئېشەك»،« تاز »،«ماز »دېگەندەك غەلىتە لەقەملىرى بارلارمۇ ھېچنىمە بولماي ياشاپ كېتىۋاتىدىغۇ بۇ دۇنيادا .ئۇ دەسلەپ تىرىكتى.بولۇپمۇ قىز ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا بۇ گەپنى ئاڭلاشتىن نومۇس قىلدى. قىرىشقاندەك نېمىدىن قاچسا شۇ ئۇچراپتۇ دېگەندەك بىر قىتىم ياتاقدىشى سىنىپتىلا : -ئەكبەر ناۋايخانىدىن نان ئەكىرىش نۆۋىتى ساڭا كەلدى،-دەپ سالدى. بۇ گەپ ياغنىڭ ئۈستىگە ماي چاچقاندەك بالىلارغا بولۇپ بەردى. -ناۋايخانىغا چىقىپ ، ئۆزەم ياقىمەن دەپ تۇرىۋالما يەنە . -بۇ نان ياقسا ،دۇمبىسىگە شار باغلاپ تونۇرغا باش تىقسا بولىدۇ .بولمىسا چۈشۈپ كېتىدۇ. -ئەگەر سەللا شامال چىقسا ناننى تۇتقان پېتى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ كەتسە ئەكبەر ناۋاينى ئىزدەپ يۈرىمىزكەندە. -بىزنىڭ ئەكبەرمۇ بوش ئەمەس .مۇشۇ باھانىدە پۈتۈن شەھەرنى ئايلىنىپ نان سېتىپ پۇل تاپىدۇ-بۇ. .. بۇ گەپلەرگە چېدىمىغان ئەكبەر سىنىپتىن چىقىپ كەتتى. ئائىلىدە تولىمۇ ئەركە ئۈگەنگەن بۇ بالىغا نىسبەتەن بۇ ئىشلار بىر ھاقارەتتەك تۇيۇلدى. شۇنداق كۈنلەردە ئۇ ئوقۇماسلىقنىمۇ قارار قىلىپ قالدى. بىراق شۇ يېزىغا چېقىپ كېتىشنى ئويلىسىلا بېشى قاتاتتى. نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ يەرشەھەر . دەم ئېلىش كۈنلىرى ساۋاقداشلىرى بىلەن خالىغان يەرگە بارالايدۇ.نېمىنى قىلىمەن دېسە كۆزىگە كىرىۋالىدىغان دادىسى يوق . مۇشۇ يېقىندىن بۇيان ئۇ ياتاقتىكى شەھەرلىك بىر ياتاقدىشىنىڭ زورلىشى بىلەن تورخانىغا كىرىپ ئىككى قىتىم قونۇپ قالدى. زىرىكىپ كېتىپ ئاغىنىسى تۇتقان تاماكىنى چېكىپ سالدى. مانا شۇنىڭدىن بۇيان ئۇنىڭغا ئۈگۈنۈپ قالدى. دەسلەپ چەكمەسلىكنى نىيەت قىلغان بولسىمۇ بىراق يەنىلا ئۆزىدىن ھالقىيالمىدى. نېمە بولۇپمۇ ،تاماكا چېكىدىغان يالغۇز ئەكبەرلىمۇ .مەكتەپتىكى ئوغۇللارنىڭ كۆپچىلىكى تاماكا چېكىدۇ. تېخى ھاراقمۇ ئېچىدۇ. بىر شەمبە كۈنى ياتاقتىكى بىر نەچچە بالا بازار ئارىلاشقا چېقىشتى. مەكتەپ شەھەرنىڭ سەل چېتىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ئۇلار پەقەت مانا مۇشۇنداق دەم ئېلىش كۈنلىرىلا شەھەر ئىچىگە كىرەتتى. ئۇلار دەسلەپ كوچا ئاپتۇبۇسى بىلەن شەھەر ئىچىگە كەلدى. بىللە كىرگەن بالىلارنىڭ ئىككىسى كىتاپخانىغا كىرمەكچى بولدى. ئەكبەرنىڭ بۇنداق يەر بىلەن تازا خوشى يوق بولغاچقا يەنە بىر ئاغىنىسى بىلەن بازار ئايلانماقچى بولدى. ئۇلارئايلانغاچ شەھەرلىك ياتاقدىشىغا تېلىفۇن قىلدى. شەھەرلىك ياتاقدىشىمۇ ھايال بولمايلا يېتىپ كەلدى. -ئەمدى نېمە قىلىمىز بالاڭزىلار ، -دېدى مەكتەپتە مەن شەھەرلىك دەپ باشقىلاردىن ئۆزىنى ئۈستىن تۇتۇپ يۈرىدىغان لىكىن ئەكبەر بىلەن تولىمۇ يېقىن ئۆتىدىغان ساۋاقدىىشى ئەسقەر . -سەن مۇشۇ يەرلىك بولغاندىن كىيىن ئەلۋەتتە سەن باشلايسەندە ،-دېيىشتى ئۇلار. -ئۇنداقتا مەيلى ، ماۋۇ خەلق مەيدانىنىڭ يېنىدىكى كىنوخانىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىنى بەك قالتىس بىزەپتۇ دەيدۇ. شۇ يەرگە كىرىپ چىقامدۇق. -ئۇ يەردە نېمە قىلىمىز ،-سورىدى ئەكبەر ،-سەنمۇ باشلا دېسە ئاياللارنىڭ گىرىمخانىسىغا باشلىمىغىن يەنە . -كىرگەندە بىلىپ قالىسەن يۈرۈڭلار . ئۈچ ئاغىنە بىر تالدىن تاماكىنى تۇتاشتۇرغان پېتى خەلق مەيدانى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى. شەھەرنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بۇ مەيداندىن قىش -ياز كىشىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى. بۇيەر ئەسلى بىر كىچىك باغچا بولۇپ بۇرۇن بۇ يەرگە كېرىش ئۈچۈن پۇل تۆلىنەتتى .لىكىن كىشىلەر ئېشىك باقارغا بىرىدىغان ئىككى مودىن قېچىپ باغچىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى رىشاتكىلەردىن ئاتلاپ چۈشەتتى. ئۇ چاغلاردىكى رىشاتكىلار قانداق دەيسىلەر .شۇ ئىسمىلا رىشاتكا .خۇددىي ماۋۇ ھەسەنكامنىڭ گىپىدەك «تۇرسۇن توڭ ئىشىك ئالدىغا يوغان دەرۋازىدىن بىرنى قويۇپتۇ .بىراق ئۆيىنىڭ چۆرىسىدە ھارۋا قاتنايدۇ »دەپ زاڭلىق قىلىپ يۈرگەندەكلا بىر ئىش .دېمىسىمۇ مۇشۇ ئىش پۈتۈن يېزا بويىچە بىر مەيدان كۈلكە پەيدا قىلغان ئىدى. تورسۇن توڭنىڭ ئايالى مەننىساخان بىر قىتىم بىر چايغا بىرىپ ،ئۇلارنىڭ ئېسىل نەقىشلەنگەن دەرۋازىسىنى كۆرۈپ ، تۇرسۇننىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ يۇرۈپ بۇ دەرۋازىنى قويدۇردى. ئۇ چاغدا تۇرسۇن توڭ تېخى ئۆينى يېڭىلا سالغان بولۇپ قورا ئەتراپنى تولۇق ئېتىشكىمۇ ئۆلگۈمىگەن ئىدى. دىمەك ،بۇنداق ئۆيگە كەلگەن ئادەم دەرۋازا ئېتىق بولسا ئەلۋەتتە دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى تېخى ئېتىلمىگەن ئورۇندىن كىرىدۇ-دە. تۇرسۇ ن توڭ بىر قىتىم بىر ھارۋا كۆمۈر چۈشۈرمەكچى بولدى. بىراق كۆمۈرچىنى باشلاپ كەلگەندە دەرۋازا ئېتىق . مەننىساخان قەيەرگىدۇر كەتكەن .كۆمۈرنى دەرۋازا يېنىغاچۈشۈرسە ئاۋارىچىلىق بولۇشىدىن ئەنسىرەپ ياندىكى يەردىن بىراقلا ئەكىرىپ كەتمەكچى بولدى. دەرۋازىنىڭ يان تېمىنىڭ يېرىمى يوق بولۇپ ،تورسۇن قالغان يىرىمىنىمۇ ئۆرىۋەتتى .شۇنىڭ بىلەن ھارۋىكەشنى ھېلىقى ئورۇندىن ھارۋىنى ھەيدەپ ھويلىغا كېرىشنى بۇيرىدى. بۇنى شۇ مەھەللىدىكى بىر قانچەيلەن كۆرۈپ قىلىپ باشتا تىلغا ئالغان ھېلىقى چىرايلىق سۆزنى قۇراشتۇرۇپ چىقتى. مانا شۇنىڭغا ئوخشاش بۇ باغچىنىڭمۇ ھالى شۇنداق ئىدى. قولى ئۇزۇن ، دەرۋازىۋەنگە ئېچى ئاغرىغانلار ،قىز دوستىنى يېتىلەپ كەلگەنلەر ئومۇمەن ياشتا چوڭلار ئېشىكتىن كىرەتتى. بالىلار ياكى مەستلەر نىڭ بولسا باغچا ئەتراپىدا مەخسۇس قاتنايدىغان يوللىرى بارئىدى. كىيىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ يەردە ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى. دەسلەپ بۇ يەرنى مەيدان ھالىتىگە كەلتۈردى. پارچە -پارچە چىملىق ،گۈللۈكلەرنى بەرپا قىلدى. مۇشۇ ئىشلارغا قاراپ ھازىرقى كىشىلەرنى نورمال ئەمەسمىكىن دەپ قالىمىز بەزىدە .شۇنچە باراقسان ئۆسكەن مەجنۇنتال ،قارىياغاچ ،سۇۋادان قاتارلىق دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلاپ ،ھازىر مەيداننىڭ ئۇ يەر بۇيىرىگە سايىسى ئۆزىنىڭ تۈۋىنىنىمۇ ياپالمايدىغان ،نەدىندۇر كىرگۈزگەن بىر نەچچە ئون تۈپ كۆچەتنى تېكىپ قويدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي بۇ يەر كۈندە ئادەم ئەڭ كۆپ كىلىدىغان يەر .بىر قىسىم تىجارەتچىلەر مەيداننىڭ ئەتراپىغا تۈرلۈك دۇكانلارنى ئېچىۋالغان .مەيدان ئىچىگە بالىلار ئوينايدىغان تۈرلۈك ئويۇنچۇقلارنىمۇ ئورناتقان ئىدى. بالىلار كىرمەكچى بولغان كىنوخانا دەل مۇشۇ مەيداننىڭ غەرپ تەرىپىدىكى شەھەر تېخى يېڭى بىنا بولغان مەزگىللەردە سېلىنغان روس ئۇسلۇبىدىكى ئىككى قەۋەتلىك كىنوخانا بولۇپ ،بۇ يەرئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى ،ئەينى يىللاردىكى شەھەرنىڭ كۆزى بولۇش ئالاھىدىكى بىلەن ھازىرمۇ جەلپ قىلىش كۈچىدىن قالمىغان ئىدى. يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە كىنوخانىنىڭ ئاستى -ئۈستى ،ئېچى -سىرتتى قايتا رىمۇنىت قىلىندى. خۇددىي سەت قىز گىرىم قىلىۋالسا ئانىسىمۇ تونۇمىغاندەك شۇ بىر -ئىككى قېتىملىق ئوڭشاش بىلەن بۇ يەرنىڭ قىياپىتىدىمۇ زو ر ئۆزگىرىش بولدى. بىراق يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان بۇيەر مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارنىڭ سەل دىققىتىنى تارتىپمۇ قالدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ يەردە ھەرخىل ئىشلار يۈزبەرگۈدەك ... ئۈچ دوست يولنى توغرىىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ ، ئۇدۇل كىنوخانا تەرەپكە ماڭماي مەيدان ئىچىنى ئايلانغاچ ماڭماقچى بولدى. -ۋاي ياڭگاڭزا سەن چىقسا بولمايدۇ. -پۇل تولىگەندىن كىيىن مەنمۇ بالام بىلەن چىقىمەن . -ھەي ساراڭمۇسەن بۇ دېگەن كېچىك بالىلارنىڭ ئوينايدىغان يىرى تۇرسا . -نېمە بولۇپتۇ شۇنچە يوغان نەرسە مېنى كۆتۈرەلمەسما . -ۋاي ياڭگاڭزا بولمايدۇ ،بولمايدۇ... مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان غايەت زور ،يەل بىرىلگەن كىچىك بالىلار چېقىپ سەكرەپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقنىڭ ئالدىدا بىر ئەر ئايالى بىلەن يوقارقىدەك ۋارقىرىشىۋاتاتتى. تازىمۇ سەمرىگەن ،كاسسىغا خۇددى ناسۇس بىلەن يەل بەرگەندەك كۆرۈنىدىغان بۇ ئايال ھەدەپ ،بالامنى يالغۇز قويمايمەن بىللە چىقىمەن دەپ جىدەل قىلاتتى. خۇجايىنمۇ گەپ يېگۈزەلمىدى. بىر چاغدا قانداق بولدى ئۇ ئايال غىپلا قىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ كەتتى. چىقىپلا بالىسى بىلەن قوغلاشماق ئوينىدى. ئۇ قاياققا ماڭسا بۇ غايەت زور مەخلۇق شۇتەرەپكە بېسىلاتتى. بالىلار ۋاراڭ -چۇرۇڭ قىلىشاتتى. ئايالمۇ ھەممىنى ئۈنتۇپ ھە دەپ ئۆزىنى ئۇياق بۇياققا ئاتاتتى. خۇددىي ئۆمرىدە بۇنداق يۇمشاق نەرسىنى كۆرۈپ باقمىغاندەك ... بىر چاغدا ئۇ ئۆزىنى بىر چەتكە ئېتىۋىدى بۇ مەخلۇقنىڭ بىر چېتىگە چىقىپ قالدى. ئۇنىڭغىچە بۇ مەخلۇق دەل شۇ ئايال بار تەرەپكە قاراپ پەسلەشكە باشلىدى. ئۈستىدىكى بالىلارمۇ خۇددىي ئېگىز ئورۇندىن تۆۋەنگە سىرىلغاندەك ئايال بار تەرەپكە سىرىلىپ چۈشتى .ھەممە بىسىم بىرتەرەپكە چۈشۈشى بىلەنلا بۇ غايەت زور مەخلۇق ئاستا -ئاستا قىڭغىيىشقا باشلىدى. قىيا -چىيا كۆتۈرۈلدى. كىشىلەر بىردەمدىلا بۇ يەرگە يېغىلدى.دەسلەپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمىگەنلەر كىيىن ئەھۋالنى بىلىپ كۈلۈپ كېتىشنى . ئۈستىدە بالىسى بار ئاتا -ئانىلار ھەدەپ ھېلىقى ئايالنى تىللىماقتا ئىدى. -ھوي قانداق ئايالسىز .نومۇس قىلماي بالىلار ئويۇنچۇقىغا چىقىۋالغىنىڭىز نېمىسى . -مۇشۇ يوغان كاسسىلىرى بىلەن سىزنىڭ ئاستىڭىزغا چۈشۈپ قالغان پولات بولسىمۇ مىجىلىپ كەتكەن بولاتتى. -قاتتىق يەردە يېتىپ زېرىكىپ كەتكەن نېمە ئوخشايدۇ بۇ . -ئاۋۇ ئېرىنىڭ ھالىغا ۋاي بۇنىڭ . قاراڭلار ئېرى بىچارىنىڭ بولۇپ قالغىنىنى . -ۋاي ھېلىمۇ تىرىك يۈرگىنىگە شۈكرى دەڭا. -ۋاي خېنىم مەن نېمە شۈكرى دېگۈدەكمەن . يا ئۇ مېنىڭ بولمىسا ... بىردەملا بۇ ئىككى ئايال جىدەللىشىپ كەتتى. نومۇسقا چىدىمىغان ھېلىقى ئەر مۇشۇ پۈرسەتتىن پايدىلىنىپ ئايالىنى ئالدىغا سالدى ،دە بۇ يەردىن ئاستا كەتتى. بالىلار بۇ مەنزىرىگە قاراپ تازا كۈلۈشتى .ئۇلار شۇ كۈلگىنىچە كىنوخانا ئالدىغىمۇ كېلىپ قالدى. -ھاي قاراڭلار ، بىرىنچى قەۋىتىدە كىنو قويۇلىدىكەن .كىنو كۆرۈپ چىقامدۇق ، - سورىدى ئەكبەر ئاغىنىلىرىدىن. -بولدى ،بولدى ئۇ يەرگىمۇ كىرىمىز ،ھازىر بىز ئالدى بىلەن ئۈستىگە چىقىپ باقايلى .ئۇلار ئۈستىگە چىقىپ كىتىۋاتقاندا يېشى ئوتتۇزلاردىن ھالقىغان ئىككى ئايال ئۇلارغا پەلەمدە ئۇچراشتى ھەمدە بۇ ئۈچ بالىغا ئاچكۆزلۈك بىلەن قارىۋەتكەندىن كىيىن تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتتى. ئەكبەرنىڭ ۋۇجۇدىنى تۇيۇقسىز تىترەك باسقاندەك بولدى. شۇنىڭدىمۇ ئاغىنىلىرىگە ئەگىشىپ ئۈستىگە چىقىپ كەتتى.
|