- تىزىملاتقان
- 2012-12-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-14
- ھوقۇقى
- 70
- جۇغلانما
- 2673
- نادىر
- 1
- يازما
- 559
 
- تۆھپە
- 870
- مۇنبەر پۇلى
- 1492
- ئىشەنىچ
- 870
| ئۇستازىمنىڭ ئۆيىدە، دىدارلاشتىم قول تۇتۇپ. ئەگىشەي دەپ ئۇستازغا، مەنمۇ شۇنداق يول تۇتۇپ.
ئۇستازىمدۇر ئۇ مېنىڭ، «مۇھەممەدجان راشىدىن». كۆزۈم قىيماي ئايرىلدىم، قولنى تۇتۇپ قېشىدىن.
سەپىرىمدىن قايتىپ كەپ، قەلەم ئالدىم قولۇمغا. قالدى مېنىڭ ئۇستازىم، ئاق يول تىلەپ يۇلۇمغا.
ئەسلەپ ئۆتتۈم ئۇستازنىڭ، تەلىم بەرگەن سۆزلىرنى. ماڭا بېقىپ قارىغان، نۇرلۇق قارا كۆزلىرنى.
تەلىم بەردى ئۇستازىم، ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك. ھەر بىر ئېغىز سۆزلىرى، ماڭا ئېسىل ھېكمەتلىك.
ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن، ئۇستازىمغا مېھرىمدىن. دۇئا ئالسام ئۇستازدىن، نۇر ياغىدۇ چېھرىمدىن.
سەپىرىمدە ئوڭۇشلۇق، دىدارلاشتىم دوست بىلەن. شۇنچە يىللار ئارزۇ قىپ، قۇچاق ئاچتۇق تەن بىلەن.
قازاقلاردىن ئۆزگىچە، كىيىملىرنى كىيىشكەن. قىتىقلارنى قاچىدا، سورۇپ ئېلىپ يىيىشكەن.
ئانا سىڭىل ئۇكۇلار. نارات تېغى باغرىدا، ئات چاپتۇرۇپ ئۆز ئارا، ئات مىنپتۇ ساغرىدا.
ئۇستاز ۋە دوسلارغا ئاتاپ پىچان 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى |
|