- تىزىملاتقان
- 2012-12-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-11-18
- ھوقۇقى
- 70
- جۇغلانما
- 2437
- نادىر
- 5
- يازما
- 299
 
- تۆھپە
- 258
- مۇنبەر پۇلى
- 1598
- ئىشەنىچ
- 258
| ئەسكەرتىش: بۇ ئەسەرنى ئاپتورنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ

تال- دەرەخ، گۈل - گىياھ يوپۇرماقلىرى سېرىق ناۋات رەڭگىگە كىرگەن كۈز ئايلىرى، بىزنىڭ بۇ يەردە كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭىيىپ، كۈندۈزلىرى قۇياش بۇلۇتسىز ئاسماندىن ئالتۇن نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن يەر يۈزىگە سېپىپ، پاختىسىنىڭ ئاخىرقى تېرىمىنى تېرىپ يۈرگەن ئادەملەرنىڭ دۈمبىسىگە ئىسسىقىنى ئۇرۇپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئەتىسى – ئاخشىمى ھاۋا ئوبدانلا سۇۋۇپ ئەزىز تەننى قورۇيدۇ. بۈگۈنكى بۇ سەھەردە نامىزىمنى ئوقۇپ بولۇپ، بالىلارغا ناشتىلىق چاي تەييارلاپ قويۇپ، ئۇلار قوپقۇچە بولغان ئارىلىقتا ئۆيلەرنى يىغىشتۇردۇم. ئاندىن ھويلا – ئارامنىڭ يۈزىنى ئېچىپ، بەرىكەتلىك سەھەرنىڭ ھىممىتىنى كۈتۈۋېلىش ئۈمىدىدە، ئىشىك ئالدىغا سۈپۈرگە سالاي دەپ دەرۋازىنى شۇنداق ئېچىپ چۆچۈپ كەتتىم – دە، « ۋاي، بۇ كىم ئەمدى! » دەپ ۋارقىراپ تاشلىدىم ھەم ئۆز ئاۋازىمنىدىن ئۆزۈم ئەندىككەن ھالدا ئىتتىك ئەتراپىمغا قارىدىم. چۈنكى دەرۋازا ئالدىدا كىيىملىرى ئۆلۈك توپىغا مىلىنىپ قارىغۇسىز بولۇپ كەتكەن بىر ئەر بىر نېمىلەرنى دەپ جانسىز ئىڭرىغىنىچە، داق يەرگە يۈزىنى يېقىپ دۈم ياتاتتى. « ناتونۇش بىر ئەرنىڭ قاغا پوق يېمەستە كېلىپ مەندەك بىر تۇل خۇتۇننىڭ دەرۋازىسىدا يېتىپ قېلىشى ياخشىلىقتىن بىشارەت ئەمەسقۇ » دېگەن خىيال بىلەن، دەماللىققا نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم – دە، « ۋاي بولدىلا، ئۆزۈمگە ئىش تاپقىچە كۆرمەسكە سېلىپلا كىرىپ كېتەيچۇ » دەپ، ئارقامغا بۇرۇلۇپ دەرۋازىنى يېپىپ بولۇپ، « ئادىمىگەرچىلىك يۈزىسىدىن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ قويۇش بىزدىكى ئادەتقۇ » دېگەن ئوي بىلەن يەنە توختاپ قالدىم، ئۇخلاۋاتقان بالىلارنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇلارنى چاقىرماي، تام ياقىلاپ كىرىپ قوشنىمىز ھامۇتاخۇن ئاكىنى چاقىرىپ چىقتىم. ھامۇتاخۇن ئاكا بىلەن ئىككىمىز ھېلىقى ناتونۇش كىشنىڭ يېنىغا ئەمدىلا كېلىپ تۇرىشىمىزغا، بامدات نامىزىدىن يانغان جامائەتمۇ كېلىپ ئىشىكىمىز ئالدىدا توختىدى. جامائەت ئىچىدىن بىرەيلەن ھېلىقى كىشىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بۇ ۋەيرانە ئەپتىگە قاراپ: - نەدىن كېلىپ بۇ دەرۋازىنى ماكاندىغان زاھىد دەرۋىشتۇ بۇ؟- دەپ ئۇنى ئۆرۈشىگە، ئۇنى سوڭداپ كەلگەن يەنە بىرەيلەن: - ۋاي بۇ بىزنىڭ قابىلاخۇن ئاكىمىزكەن قاراڭلار، قاچانلاردا پەيدا بولۇپ قالدى بۇ ئادەم؟- دەپ تاشلىدى جامائەتكە قاراپ. « قابىلاخۇن » دېگەن بۇ ئىسىمنى ئاڭلاپ، ئاتقان تاڭ ماڭا قايتا غۇۋالىشىپ كەتكەندەك بىلىندى. جامائەتنى ئارىلاپ ئۆتۈپ، يېقىنراق بېرىپ ئۇنىڭ خۇنۈك چىرايىغا ئوبدان بىر سەپسالدىم. بۇرۇت - ساقاللىرى ئۆسكەن، كۆزلىرىنى چاپاق باسقان، گەز باغلىغان لەۋلىرى يېرىلغان ھالدا دەرۋازام ئالدىدا ھالسىزغىنە سوزۇلۇپ ياتقان بۇ ئاجىز ئادەم، بىر چاغلاردا مەن قايتىپ كېلىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتكەن، ئەمما مېنى ھەم ئوغۇللىرىنى يولىغا قارىتىپ قايتىپ كەلمىگەن ئادەم شۇ ئىدى. بۈگۈنكى كۆز يېشى بىلەن يۇيۇلغان يۈزىنى دەرۋازامنىڭ تۇپرىقى لايلىغان بۇ ئادەم ئۈچۈن ئىلگىرى تالاي - تالاي كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەن، غېمىنى يەپ، ئوتىدا يېنىپ، سۈيىدە ئاققان ئىدىم. ھەي تەقدىر، سالماق-سەۋر بىلەن لەيلەپ ئۇچۇپ كېتىپ، ھاماقەتلىك دېنىغا ئۇچۇراپ قالغان بۇ لاچىننىڭ ئارىدىن يىگىرمە يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، بۇ دەرۋازا ئالدىدا خۇددى ئاسماندىن چۈشكەن تاشتەك تاسادىپى پەيدا بولۇپ قېلىشىغا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇغۇ. ئۇنى قايتىپ كېلەر دەپ ئويلىمىغانىكەنمەن. مېھىر دېگەن ئاجايىپ نېمە. ئۇنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ئېقىۋاتقان كۆز - ياشلىرىمنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپمۇ كەتمىدىم، باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن كارىممۇ بولمىدى، پۇت - قوللىرىم بوشىشىپ، كۆزلىرىم ياشقا چىلاندى. كۆزلىرىمنى ياغلىقىمنىڭ ئۇچى بىلەن سۈرتكەچ، جامائەتكە قارىدىم. ئۇزۇن يىللىق قوشنام ھامۇتاخۇن ئاكا ماڭا قاراپ سىلىق – سىپايىلىك بىلەن سۆز ئېلىپ: - ئوغۇللارنىڭ دادىسى قابىلاخۇن بۇ دەرۋازىنى ئىزدەپ قايتىپ كەپتۇ رازىخان، قانداق قىلىمىز ئەمدى؟-دېدى. - تېز ئۆيگە ئەكىرىپ، ئىسسىق چاي بېرەيلى، ئاۋال بەدىنى بىر ئىللىسۇن، ئاندىن... – دەپ ماڭا ئىتتىك قارىدى بايا ئۇنى ئۆرگەن كىشى. - كۈتۈپ تۇرغاندا كېلىدىغان قەدىمى يوق، سەبرەم قۇرۇپ قورايغا ئايلانغان چېغىمدا كەلگەن بۇ ئادەمنى قايسى ئۆيگە ئېلىپ كىرىمەن ئەمدى؟ ھەممىلىرىگە ئايانغۇ، مەن بۇ ئادەمنىڭ نىكاھىدا ئەمەستە ھازىر، يەنە كېلىپ ئوغۇللىرى ئۆزلىرىنى 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت تاشلاپ كەتكەن بۇ ئادەمنى تونۇمايدۇ ئەمەسمۇ، شۇڭا ...- دېدىم مەنمۇ ئىتتىكلا نائىلاجلىقىمنى ئىپادىلەپ. شۇ ئارىدا ئىمامئاخۇنۇمنىڭ: - رازىخان دۇرۇس ئېيتىدۇ. توغرىسى قابىلاخۇننى ئاۋال بىزنىڭ ئۆيگە ئېلىپ كىرەيلى، ئاندىن ئۇكىسى ئىمىناخۇننى چاقىرايلى - دېگەن ئاۋازى قۇلىقىمغا كىردى. قابىلاخۇننىڭ ھالىغا ئىچىم ئاغرىپ تۇرسىمۇ، بۇ گەپكە قوشۇلىدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم. شۇ گەپلەر بولۇنىۋاتقاننىڭ ئۈستىگىلا ئىمىناخۇن ھەسىرەپ-ھۆمۈدەپ يېتىپ كېلىپ: - نېمە بولدۇڭ ئەزىزىم ئاكا؟ قاچاندىن بېرى بۇنداق سەرگەردان ھالغا چۈشۈپ قالدىڭ قېرىندىشىم؟ قېنى سېنىڭ قاڭتۇرغان ئاتتەك گەۋدەڭنى ئارقاڭغا تاشلاپ يۈرىدىغان پوزۇر ھالىڭ؟! - دېگىنىچە ئاكىسىغا ئۆزىنى ئېتىپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. ئاندىن ئەتراپىدا تۇرغانلارغا قاراپ، - ئاكامنى بىزنىڭ ئۆيگە ئاپىرايلى، ياردەملەشكەن بولساڭلار،- دەپلا، ئاكىسىنى يۆلەپ تۇرغۇزماقچى بولدى. بىراق قابىلاخۇن ۋايجانلاپ، ئىنجىقلاپ كەتتى. ئىككى ئوشۇقىنىڭ تۆۋىنى لەڭپۇڭدەك لىڭشىپ يەر دەسسىيەلمىدى. جامائەت ئۇنىڭ يېنىغا باشقىدىن ئولاشتى. مەلۇم بولدىكى، ئۇنىڭ خېمىردەك كۆپچىگەن ئىككى پۇتى ئوشۇقىدىن چېقىۋېتىلگەن بولۇپ، داكا بىلەن ئوراپ قويۇلغان ئىدى. بېلىمۇ خېلى ئېغىر ئازار يىگەندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ بۇ ئازابلىق ھالىنى كۆرگەن قوشنىلار ئارا غۇلغۇلا، ئېغىزنى قۇلاققا يېقىپ شىۋىرلاشلار باشلاندى. ئىككى ئەركىشى « ھە ھۇ » دېيىشىپ ئۇنى ئىمىناخۇننىڭ دۈمبىسىگە ھاپاش ئەتكۈزۈپ، ئىككى يوتىسىدىن يۆلىگىنىچە ئىنىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ ماڭدى. قوشنىلارمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئىز بېسىپ بىردىن ئىككىدىن كېتىشىپ قېلىشتى. مەن دەرۋازا ئالدىدا قابىلاخۇننىڭ ئېچىنىشلىق بۇ ھالىغا قارىغىنىمچە، گويا يىگانە ياپراقتەك دىر-دىر تىترەپ، تۇرغان يېرىمدە چوڭقۇر « ئۇف » تارتىپ تۇرۇپلا قالدىم. ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن ئەسلىمىلەر مېنى بارا – بارا ئۆز قوينىغا تارتىشقا باشلىدى... (داۋامى دىققىتىڭىزدە بولسۇن) |
|