تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1412|ئىنكاس: 5

ياتاق ئۆينى بېزەش ۋە ئىشلىتىشنىڭ توققۇز ئۆلچىمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

9

دوست

278

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
58
مۇنبەر پۇلى
212
ئىشەنىچ
58
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-18 17:37:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تامنى كۆك رەڭدە سىرلاش كېرەك: ئەنگىلىيەدە 2000 ئائىلىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشچە، رەڭنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن روشەن بولىدىكەن. بىنەپشە رەڭ، كۈل رەڭ، قىزىل رەڭ، ئالتۇن رەڭ ۋە قۇڭۇر رەڭدە سىرلانغان ئۆيدىكى كىشىىلەرنىڭ ھەر كۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتى يەتتە سائەتتىن قىسقا بولىدىكەن؛ كۈمۈش رەڭ، يېشىل رەڭ ۋە سېرىق رەڭدە سىرلانغان ئۆيدە يەتتە يېرىم سائەتتىن يۇقىرى بولىدىكەن؛ كۆك رەڭدە سىرلانغان ئۆي 7 سائەت 52 مىنۇت بىلەن ئەڭ يۇقىرى ئۇرۇندا تۇرغان، شۇڭا ئۇخلاشقا ئەڭ پايدىلىق رەڭ دەپ ئاتالغان.

  كارىۋات بەك قاتتىق بولماسلىقى كېرەك: ماتىراس(كارۋات سېلىنجىسى)نى ياخشى تاللاش كېرەك، بەك قاتتىق ياكى بەك يۇمشاق بولسىمۇ بولمايدۇ. ياستۇقنىڭ ئېگىزلىكىنى ئادەتتە ياستۇققا باشنى قويغاندىن كىيىن كارىۋاتتىن بىر مۇشت ئېگىزلىكتە بولىدىغان ھالەتتە كونتىرول قىلىش كېرەك. يوتقانغا چۈمكىنىۋالغاندا نەپەس ئېلىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا يېنىك، نېپىزنى تاللاش كېرەك، ئەڭ ياخشىسى ئىسسىق ساقلايدىغان مامۇق يوتقان بولۇشى كېرەك.

    كارىۋات بېشىغا ئۈستەل چىرىقى قويۇپ قويۇش كېرەك: ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۇرۇقلۇق دەرىجىسى تۆۋەنرەك بولغان ئۈستەل چىرىقى ئىشلىتىش كېرەك، ياتاق ئۆينىڭ يۇرۇقلۇقىنى غۇۋا ھالەتتە قىلغاندا ئۇيقۇغا پايدىسى بولىدۇ. ياتاق ئۆيگە سېرىق رەڭ قاتارلىق ئىسسىق رەڭلىك نۇر چىقىرىدىغان لامپۇچكا ئېسىش كېرەك، تامغا ئامال بار ئەينەكتىن ئىشلەنگەن بىزەك بۇيۇملىرىنى ئاسماسلىق كېرەك.

   ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئاز قويۇش كېرەك: ياتاق ئۆيگە ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئاز قۇيۇش ياكى قويماسلىق كېرەك، بولۇپمۇ تېلىۋىزور، كومپيوتېر قاتارلىق ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى قۇيۇپ بېرىدىغان ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر ئۇيقۇغا ۋە ئەر- ئاياللىق تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەم ئۇلار چاڭ- توزاڭنى كۆپ سۈمۈرۋالىدىغان بولغاچقا دائىم تازىلاپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

   ئىككى قات دېرىزە پەردىسى ئېسىش كېرەك: ئىككى قات دېرىزە پەردىسى تىنىچ، قاراڭغۇ بولغان ئۇخلاش مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ. بولۇپمۇ دېرىزىسى جەنۇپ تەرەپكە قارىغان ئۆيلەردە قۇياش نۇرىنىڭ چۈشىشى يېتەرلىك بولغاچقا، كېچە- كۈندۈزلۈك پەردىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك، بۇ خىل پەردىنىڭ ئىككى قەۋىتى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ماتىريالدىن ياسالغان، بىرىنىڭ نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى، يەنە بىرىنىڭ نۇر تۇسۇشچانلىقى ياخشى بولۇپ ئېھتىياجغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

    ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك: سىرتنىڭ ھاۋاسىغا قاراپ ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ئۆي ئىچىدىكى بۇلغانغان ھاۋانى ئازلىتىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. ئۇنىڭدىن باشقا، ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچنى ئىشلىتىشمۇ ياتاق ئۆي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

    چوڭ تەشتەكلىك گۈللەرنى قويماسلىق كېرەك: فوتوسىنتېز رولى ئارقىلىق ئۆسۈملۈكلەر كۈندۈزى كاربون Ⅳئوكسىدنى سۈمۈرىدۇ، لېكىن كېچىسى بولسا ئادەم بىلەن ئوكسىگېن تالىشىدۇ، ھەمدە كاربون Ⅳئوكسىد قاتارلىق بۇلغانما گازلارنى قويۇپ بېرىدۇ. شۇڭا ياتاق ئۆيگە چوڭ تەشتەكلىك گۈللەرنى قويماسلىق كېرەك، قويغاندىمۇ ئاخشىمى ئېلىپ چىقىۋېتىش ئارقىلىق ئوكسىگىن يېتىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەڭ ياخشىسى سىكىنداپسۇس، قىزەنگۈل قاتارلىق كىچىكرەك بولغان گۈللەرنى تاللاش ھەمدە ئۈچ تەشتەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.

    قەرەللىك ھالدا تازىلاپ تۇرۇش كېرەك: ھەر كۈنى ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن يوتقاننى قېقىش، كىرلىكنى رەتلەش، كارىۋات ئىشكابىنى سۈرتۈش كېرەك؛ ھەپتىدە بىر قېتىم چىراغدىكى چاڭ- توزانلارنى سۈرتۈش، كىرلىكنى ئالماشتۇرۇش، ئۆي سايمانلىرىنى ۋە پولنى سۈرتۈش كېرەك. ھەر پەسىلدە بىر قېتىم دېرىزىنى سۈرتۈش، ماتىراس(كارۋات سېلىنجىسى)نى ئۆرۈپ بىرىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  نەرسىلەرنى جۈپى بىلەن تىزىش كېرەك: ياتاق ئۆيدىكى كارىۋات ئىشكابى، ئۈستەل چىرىقى ۋە ئاسما رەسىم قاتارلىقلارنى ئەڭ ياخشىسى جۈپ ھالەتتە تىزىش كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندا ياتاق ئۆيگە تېخىمۇ ئىللىق تۈس قوشىدۇ ھەمدە ئۇيقۇنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئۆي ئىچى رەتسىز بولسا ئاسانلا ئادەمنى زىرېكتۇرىدۇ. ھەممەيلەن پارچە- پۇرات ئۇششاق نەرسىلەرنى ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان سىۋەت ياكى قاپقا سېلىپ ئېغىزىنى مەھكەم ئېتىپ قويۇش كېرەك. كارىۋات قويغان جايمۇ ئىنتايىن مۇھىم، ئەڭ ياخشىسى كارىۋاتنىڭ بىر تەرىپىنى تامغا يۆلەپ قويۇش كېرەك.

120

تېما

16

دوست

5192

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئا.كامال
تۆھپە
1673
مۇنبەر پۇلى
2574
ئىشەنىچ
1673
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 09:54:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەپىقەمگە بىر ئوقۇپ بىرەي جۇما!!!!!

52

تېما

1

دوست

2263

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
277
مۇنبەر پۇلى
1847
ئىشەنىچ
277
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 15:59:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلاپ قويغۇدەك گەپلەركەن.

71

تېما

0

دوست

1112

جۇغلانما

سەھىپە باشقۇرغۇچىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تۆھپە
477
مۇنبەر پۇلى
429
ئىشەنىچ
477
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 18:59:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالساق بولغۇدەك

4

تېما

9

دوست

278

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
58
مۇنبەر پۇلى
212
ئىشەنىچ
58
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 00:52:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yalkun085 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-19 09:54
رەپىقەمگە بىر ئوقۇپ بىرەي جۇما!!!!!

چوقۇم شۇنداق قىلىڭ

4

تېما

9

دوست

278

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
58
مۇنبەر پۇلى
212
ئىشەنىچ
58
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 00:53:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جانان يوللىغان ۋاقتى  2013-6-19 15:59
ئاڭلاپ قويغۇدەك گەپلەركەن.

ئادەتتە بۇ جەريانلارغا بەك سەل قارايمىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-29 21:49, Processed in 0.127157 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش