ئۈرۈمچىدە ئاتىلار بايرىمى تەبرىكلەندى
ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى ، فوتوسى : ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى تەشكىللىگەن ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى ۋە خەلقئارا ئاتىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش خەير-ساخاۋەت پائالىيىتى 16-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازىرى زالىدا ئۆتكۈزۈلدى . پائالىيەتكە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساخاۋەتچى ئاتىلار ، جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئەدىب ، يازغۇچى ، تەتقىقاتچىلار ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئەترەتلىرىنىڭ ئەزالىرى ، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بولۇپ 300 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى .
پائالىيەتتە ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنجان ئابدۇراخمان ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىغا بېغىشلانغان تەبرىك سۆزى قىلدى . باش مەسلىھەتچى تۇرسۇن ھەسەن پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلىپ، ھەر ساھە ھەر كەسىپتە ھالال تەرى ئارقىلىق ئائىلە ۋە جەمئىيەت ئالدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىۋاتقان ئاتىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ، ھەمدە ئاتىلار بايرىمىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ۋە ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ، ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ 10 يىللىق خىزمەتلىرىدىن قىسقىچە خۇلاسە چىقاردى . ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ 10 يىللىقىغا بېغىشلانغان گۈلدەستە ۋە سوۋغاتلار ساخاۋەتچى ئاتىلارغا تەغدىم قىلىنغاندا مەيدان ئىچىدە گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى . پائالىيەت جەريانىدا ئاتىلار بايرىمىغا بېغىشلانغان تەبرىك سۆزلىرى ، شېئىر ، ناخشىلار ئوقۇلدى ، ساخاۋەتچى ئاتىلارنىڭ 10 يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى-سىرتىدا قىلغان خەير-ئېھسان ئىشلىرىغا مەدھىيەلەر ئوقۇلۇپ ، كۆپچىلىك ساخاۋەتچى ئاتىلارنىڭ روھىدىن ئۆگىنىشكە چاقىرىلدى . پائالىيەت ئاخىرىدا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ ، 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق نەق پۇل يىغىلدى ، ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى مۇختار بۇغرا بۇ پۇللارنى ياردەمگە ئەڭ مۇھتاج كىشىلەرنىڭ قولىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى . ئۈرۈمچى خەيرى ساخاۋەت باش جەمئىيىتى تارمىقىدىكى ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېتىپى 2003–يىلى جەمئىيەتتىكى ئوقۇشسىز قالغان ، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ داۋالىتىشقا ئىقتىسادى يار بەرمەيۋاتقان ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرگە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان بولۇپ ، بىر ئادەمدىن تەشكىل تاپقان جەمئىيەت نۇرغۇن ئىسسىق–سوغۇقنى باشتىن كەچۈرۈپ، ھازىرقىدەك كورلا ، تۇرپان ، كۇچا قاتارلىق ئورۇنلاردا تارمىقى ، 200 دىن ئارتۇق ئەزاسى بار چوڭ بىر كوللېكتىپقا ئايلاندى . بۇ 10 يىل مابەينىدە ئۇلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ، مائارىپنى قوللاش روھى كىشىلەر قەلبىدە مېھرى –مۇھەببەت ئۇرۇقى چىچىپ، خەلقنىڭ ئېتراپ قىلىشى ، قوللاپ–قۇۋەتلىشىگە ئېرىشتى . ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپى ئۆزىنى ، ئائىلىسىنى ، يۇرتىنى سۆيۈشنى كۆڭلىگە پۈككەن ، ئادىمىيلىك پەزىلىتىنى نامايان قىلىپ ، ھالالدىن پۇل تاپقان سودىگەر ، كارخانىچىلىرىمىز ئارىسىدىن ئۆزىگە كۈچ توپلاپ ، 300 دىن ئارتۇق ئائىلسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش ئارزۇسىنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشىغا ، 700 دىن ئارتۇق بىمارنىڭ داۋالىنىشقا ياردەم بەردى ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ، سىچۈەن ، ۋىنچۈەن ، كەلپىن قاتارلىق يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن جايلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بېرىپ ، ھازىرغىچە 6 مىليون نەق پۇل ، 1 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى ماددىي بۇيۇم بىلەن ياردەم بېرىپ ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەخلاقىنى نامايان قىلىپلا قالماستىن يەنە ئىناق جەمئىيەت قوشۇشقا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشتى . -ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىدا كۈچى بارلار كۈچ ، پۇلى بارلار پۇل ، ئەقلى بارلار ئەقىل چىقىرىش ئارقىلىق بۈگۈنكىدەك كۈنگە ئېرىشتۇق ، بىزنىڭ ئاساسلىق ياردەم ئوبېيكتىمىز مائارىپ ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قوشۇنىمىزنىڭ تېخىمۇ زورىيىپ، جەمئىيىتىمىزدىكى ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرنىڭ ھالىغا دەرمان بولۇپ ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ياردەم قىلىشنى پىلان قىلىۋاتىمىز،-دېدى ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىۋىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنجان ئابدۇراخمان . بۇ پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن «بىلىپ» ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئەترىتى، «مىراس» كىيىمچىلىكى، «ئابىدە» شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەردى. ئىگىلىنىشىچە ، ئاتىلار بايرىمى 1910–يىلى ئامېرىكىدا بارلىققان كەلگەن بولۇپ ، ۋاشنگىتوندىكى بىر ئاتا ئايالى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ، ئالتە بالىسىنى ئۆزى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ . 1909-يىلى بۇ ئالتە قېرىنداش ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەۋېتىپ ، ئۆزىنى كىچىكىدىن ھەم ئاتا ، ھەم ئانا بولۇپ باققان سۆيۈملۈك دادىسىنىڭ ئاتىلار بايرىمىنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلىپ ، ھۆكۈمەتكە خەت يېزىپ ، ئاتىلار بايرىمى تەسىس قىلىش تەكلىپىنى بېرىدۇ . يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ ، شۇ جايدا ھەر يىلى 6–ئاينىڭ 3–يەكشەنبە كۈنىنى ئاتىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتىدۇ . 1972–يىلىغا كەلگەندە ، زۇڭتۇڭ نېكسون رەسمىي ھالدا پارلامېنتنىڭ ئاتىلار بايرىمى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارارىغا قول قويىدۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ بايرام دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قانۇنىي شەكىلدە ھەقىقىي تۈردە تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە.
|