مۇنبەرداشلار ، سالام سىلەرگە ! بۇ مۇنبەر بىزگە نۇرغۇن بىلىم ھەم خۇشاللىق ، شۇنداقلا دوستلۇق ئاتا قىلدى . مۇنبەرداشلارنىڭ يازمىلىرىمىزغا بەرگەن سەمىمى تەكلىپ پىكىرلىرى ۋە باھالىرى قەلبىمىزنى باھار ئاپتىپىدەك ئىللىتتى ، باشقىلارنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسىگە ، ئېتىراپ قىلىشىغا ، مەدەت بېرىشىگە ئېرىشىش مېنىڭچە ، بىباھا خۇشاللىقتۇر . مۇنبەردە مۇشائىرە يېزىشمىغىلى ئۇزۇن بوپتۇ ، شۇڭا مۇشائىرە باشلايلى دېسەم ، مۇنبەرداشلار ئەيىپكە بۇيرارمۇ دېگەن خىيالدا بەكلا خىجالەتچىلىكتە باشلىدىم ، ئەمىسە مۇنبەرداشلار قىزغىنلىق بىلەن قەدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر ! مۇشائىرە قائىيدىسى : ئەڭ ئاخىرقى كوبلىتنىڭ بىرىنچى مىسراسىدىن باشلاپ داۋاملاشتۇرىلىشى ، بۇغۇم سانى ، رېتىم قاتارلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك .
يۈرىكىمدىن ئۆرلىدى تۈتۈن ، غۇۋالاشتى زەڭگەر ئاسمىنىم . قاتتى مۇز بوپ ئوتتەك ۋۇجۇدۇم ، يىراقلارغا كەتتى ئارمىنىم . * * *
ئاي كۈمۈشرەڭ نۇر تۆككەن ئاخشام ، پىغان بىلەن تۆكۈلدى ناخشام . مۇھەببەتسىز تېنىڭگە جېنىم ، قاتتى جىسمىم باغرىمنى ياقسام .
* * * باغلىرىڭدا سۆيگۈدىن ئېچىلدۇرسام قىزىل گۈل ، خازان قىلىپ سەن ئۇنى يىراقلارغا كەتتىڭمۇ ؟! سېنىڭ ئۈچۈن خۇشاللىق بولسا ئەگەر ئازابىم ، دەرتكە سېلىپ سەن مېنى مۇرادىڭغا يەتتىڭمۇ ؟!
* * * شادلىق بەرگىن دېسەم مەن ، ماڭا ئازاپ بەردىڭمۇ ؟! يوللىرىمغا گۈل تەرمەي ، تىكەنلەرنى تەردىڭمۇ ؟!
كېيىنكى ئىككى كوبلېتنى سوئال - جاۋاپ شەكلىدە داۋاملاشتۇرساق قانداق ؟
|