- تىزىملاتقان
- 2013-6-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-15
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 223
- نادىر
- 0
- يازما
- 9
 
- 真实姓名
- سەيدىمۇھەممەد مېھمان
- تۆھپە
- 15
- مۇنبەر پۇلى
- 197
- ئىشەنىچ
- 64
| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مېھمانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-15 00:24 7 Q7 u$ f$ ~1 ~! s % h6 |. y9 m2 U T2 F5 K9 o h + _9 U/ e4 o, f% J 7 |/ `- V1 ?! Zگۈللۈكتە قالغان چۈشسائادەت ساتتار ئايتۇغ 8 g9 @- K& A9 f# @& [; _/ T8 H5 Y* b, K, f8 ^2 D) Z3 d كۆزۈمنى قىيا ئاچقىنىمدا دېرىزىدىن چۈشكەن غۇۋا يورۇقلۇق يېڭى تاڭنىڭ ئاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرسىمۇ، بۇ يېڭى كۈنگە قىلچىلىك قىزغىنلىقىم يوق . ~" p/ z4 E! x6 J, D4 M Y ئىدى. چۈنكى بۇ كۈنلەردە نەدىمۇ يېڭىلىق، خۇشاللىق بولسۇن؟ يېڭى بىر تاڭنىڭ ئاتقىنى يەنە بىر ئازاپلىق كۈنۈمنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك ئەمەسمۇ؟ * Y4 t+ Q% t4 Nئورنۇمدىن ئېرىنچەكلىك بىلەن تۇرۇپ، ئادىتىم بويىچە ھويلىدىكى كىچىككىنە گۈللۈككە كىرىۋىدىم. تەشتەكتىكى يېڭىدىن ئېچىلغان بىر جۈپ " C/ a {& J* O6 @! M3 q$ pگۈلسامساققا كۆزۈم چۈشتى. كىچىككىنە سۆيۈنۈش ۋە ھوزۇر دەقىقە ئىچىدە قەلبىمنى ‹‹يالىتتىدە››يورۇتۇپ يەنە ئاچچىق ئۇھسىنىش بىلەن نەلەرگىدۇر يوقالدى.! K( x' \% }7 W$ m -ۋاي خوتۇن، تېز تۇرۇڭلار دەيمەن. ماۋۇ گۈلسامساق يەنە ئېچىلىپتۇ! ئوتتۇرىسى قىزىل، چۆرىسى ئاق، شۇنداق چىرايلىق ئېچىلىپتۇ،-دەپ توۋلىغان ئىدىڭ نەچچە يىل بۇرۇنقى مۇشۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە.كۆزلىرىمنى ئۇۋىلاپ يېنىڭغا كەلگىنىمدە سەن ئۇ گۈلنىڭ پۇراقسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ + r2 d- k( |. L* p0 \/ z تۇرۇپمۇ پۇراپ بېقىۋاتاتتىڭ.( o. M- I* X$ R' R4 S& ] -قارا بۇ دائىملا بىرجۈپ ئېچىلىدۇ-ھە؟! خۇددى بۇ ئۆيدىكى ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتىگە سىمۋول قىلىنغىنىنى بىلىدىغاندەكلا،-دېگەن ئىدىڭ يەنە مۈرەمدىن يىنىك قۇچاغلاپ تۇرۇپ. مەن گۈلگە قاراپ تەبەسسۇم بىلەن كۈلۈپ تۇراتتىم. بەخت ئىلكىدە ئەللەيلىنەتتىم. - ]* k2 R' \0 X! dگۈلگە ئامراقلىقىمنى يېڭىدىن تونۇشقان ۋاقىتلىرىمىزدىن باشلاپلا بىلەتتىڭ. خاتىرە كۈنلەردە ماڭا دەستە گۈللەرنى سوۋغا قىلىلاتتىڭ ۋە‹‹ئىككىمىزنىڭ 0 {+ z- K! h0 Rئۆيى بولغاندا ساڭا ھەرخىل چىرايلىق ئېچىلىدىغان تەشتەكلىك گۈللەرنى ئېلىپ بېرىمەن. ئۇ گۈللەرنى بىرلىكتە پەرۋىش قىلىمىز››دەيتتىڭ... ( J/ |1 q9 _" G) h1 |. \" T% m لېكىن توي قىلىپ نەچچە يىللارغۇچە كۈن نۇرىمۇ چۈشمەيدىغان، تەكچىسىگە بىرەر تەشتەك گۈلمۇ پاتمىغۇدەك كىچىك، كونا ئۆيلەردە ئولتۇردۇق. ئۇ 3 I! ?- q4 P: d$ A& p6 C/ r2 M چاغلاردا تۇرمۇشنىڭ ئاچچچىق-چۈچۈك تەمىنى يەتكۈچە تېتىغان بولساقمۇ دىلىمىز مىھىر سۈيىدە ھەردەقىق سۇغۇرىلىپ تۇرغاچ،بۇ ئاددى كۈلبىمىزدە بەخت قوينىدا ئەللەيلىنەتتۇق. 2 [8 I! u8 @# K4 X; pچوڭلارنىڭ ئانچە رازىلىقىسىز قىلغان تويىمىز، تۇتقان ئۆيىمىز بولغاچقا ھەرقانچە جاپا چەكسەكمۇ، قىينالساقمۇ ئىچىمىزدە بىلەتتۇق. بىر-بىرىمىزگە ھەردەم ئىلھام،مەدەت، تەسەللى بېرىپ تۇراتتۇق. دېيىشمەيدىغان گېپىمىز يوق ئىدى. ئىككىمىز خۇددى بىر ئادەمدەكلا بىر-بىرىمىزدىن يوشۇرۇن سىرلىرىمىزمۇ بولۇپ باقمىغان ئىدى. $ }$ ]; h+ X" m; L-مۇشۇنداقلا ئىشلىسەم نەچچە يىلغا قالمايلا ساڭا چوڭ ھەم ئازادە ئۆيدىن بىرنى سېلىپ بېرىمەن،-دەيتتىڭ ئىشىكتىن شۇنچە ھېرىپ كىرىپ كەلگىنىڭگە قارىماي، مەن دەملەپ سوۋۇتۇپ قويغان چاينى قېنىپ بىر ئىچىۋالغاندىن كېيىن،-ئۆينىڭ بىر تېمىنى چوقۇم ئەينەكتىن قىلىپ بېرىمەن ياكى تۆت تېمى ئەينەكلىك كىچىك ئۆيدىن بىرنى سېلىپ بېرىمەن، ئۇ چاغدا سەن ياخشى كۆرىدىغان گۈللەرنىڭ ھەممىنى سېتىۋالىمىز، بىكار بولساقلا ئاشۇ گۈللىكىمىزدىن ھوزۇر ئالغاچ ساپ ھاۋاغا قېنىپ ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىمىز... . V R0 y3 G- q% D: m* q$ Mبۇنداق گەپلىرىڭنى ئاڭلىغىنىمدا شۇنچە سۆيۈنەتتىم. خۇددى سەن ھازىرلا شۇلارنى ماڭا تەق قىلىپ بەرگەندەك ئىپتىخارلىق ھىسلىرىغا چۆمۈلەتتىم.+ C& g/ h8 |# h! ^5 t$ u% X كۈندۈزى شۇنچە چارچىغىنىڭغا قارىماي،كۆيۈنۈش، ئەسكەرتمىلىرىمگە قۇلاق سالماي مەن بىلەن يېرىم كېچىلەرگۈچە مۇڭدىشاتتىڭ. شۇ چاغلاردا نېمىلەرنى دېيىشەر بولغىيتۇق-ھە؟! شۇنچە ئاددى تۇرمۇشىمىزدىمۇ سۆزلىسەك-سۆزلىسەك تۈگىمىگۈدەك بايانلار بار ئىكەندۇق.! l' q' L; J( K سەن مىنى دەپلا يىراق يېزىغا بۆلۈنگەن خىزمىتىڭنى تاشلاپ مۇشۇ ناھىيەدە قالدىڭ. پەقەت مىنى دەپلا شۇنچە جاپالىق، ئېغىر، كۈنلۈك ئىشلارنى قىلدىڭ. مىنىڭ خىزمىتىم مۇقىم، ئۇنچە جاپالىق بولمىسىمۇ ھەرھالدا كەپسىز بالىلار بىلەن بىر كۈن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ خېلىلاچارچايتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر ! E5 ], J2 y% P' J9 o ئىككىلىمىزنىڭ ئاتا-ئانىسى يىراق شەھەردە بولغاچ، تۇرمۇشىمىزدا يۇلۇققان ھەممە ئىشنى ئۆزىمىز بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كىلەتتى. لېكىن ساڭا ھەم ماڭا كۈنلەر قىلچە 7 n( A2 M% `; i6 k2 x' I جاپالىق تۇيۇلۇپ باقمىغان ئىدى. ھەر كۈنى ھاياتقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ئورنىمىزدىن تۇرۇپ يېڭى بىر كۈنگە خۇشاللىق، ئۈمىد، ئىشەنچلەر 3 C2 V- v- m1 {( _( }2 \/ n" rبىلەن يۈزلىنەتتۇق. بىر-بىرىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىشلىرىغۇچە كۆڭۈل بۆلىشەتتۇق. ھەرئىككىلىمىز ئىشتىن چۈشكىچىلىك بىر-بىرىمىزنى كۆرگىمىز كىلىپ خۇددى نەچچە يىل كۆرۈشمىگەندەك تەقەززالىق بىلەن كۈننى كەچ قىلاتتۇق. كۆرۈشكەن ھامان بۇ بىر كۈننى قانداق ' k' E3 H- \8 `1 m* y5 i5 I$ n ئۆتكۈزگىنىمىز ھەققىدە بەس-بەستە سۆزلىشىپ كىتەتتۇق. باشتا قۇرۇلۇشلاردا ئىشلەمچى بولۇپ ئىشلىدىڭ. سەن تارتىۋاتقان جاپالىرىڭنى ماڭا بىلىندۈرمەسلىككە شۇنچە تىرىشساڭمۇ 2 Y6 @& n0 q& u$ Z2 Q مەن سېنىڭ مىنى دەپ شۇنچە جاپا، خورلۇقلارغا چىداۋاتقىنىڭدىن ئۆرتىنەتتىم. ئاخشاملىرى پۇتلىرىڭنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ، مۈرىلىرىڭنى تۇتۇپ 1 F4 H) `. u0 s, L+ |& w o' Eقوياتتىم. ‹‹دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ راھەت ئىش بارمىدۇ-ھە؟!››دەيتتىڭ بارچە ھاردۇقۇڭ چىققاندەك ھوزۇر بىلەن.‹‹جاپانىڭ تېگى راھەت››دېگەندەك سەن نەچچە يىلغا بارمايلا قۇرۇلۇش ياللانما ئىشچىلىقىدىن قۇرۇلۇش ھۆددىگىرىگە ئايلاندىڭ. ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن بىر ئوغۇل، بىر قىزغا ئاتا-ئانا بولۇش شەرىپىگىمۇ نائىل بولدۇق. ئىشلىرىڭ بارغانسىرى يۈرۈشۈپ كەتتى. كېيىن ، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇستىن نەچچىنى سېتىۋېلىپ يولغا سېلىۋالدۇق. ئاپتوموبىل رىمىنوت دۇكىنىنىمۇ ئېچىۋالدىڭ.بۇرۇنقى ئۆيىمىزنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن شۇنچە كۆركەم،كۆرگەنلەرنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك ھەشەمەتلىك ئۆيمۇ سېلىۋالدۇق. ئۆي پۈتۈپ، كۆچۈپ كىرگەندىكى خۇشاللىقىمىز ھېلىمۇ ئېسىڭدىدۇر بەلكىم؟ بىز ئۆز ئەجرىمىز بەدىلىگە كەلگەن بۇ نەتىجىدىن راستىنلا چىن يۈرىكىمىزدىن ئىپتىخارلانغان، نەچچە كۈنلەرگۈچە ئۆينىڭ تاملىرىنى سىلاپ، تىزىلغان جاھازىلىرىمىزنى تەكرار يۆتكەپ كەتكەن ئىدۇق. سالغان ئۆيىمىزنىڭ ھويلىسىغا ئۈچ تېمىنى ئەينەكتىن قىلىپ، قىش-ياز گۈل باققىلى بولىدىغان پارنىك سېلىپ بەردىڭ .مەن ئۇنى ماڭا تەئەللۇق جەننەتتەك ھېس قىلاتتىم. ھەرخىل گۈللەرنىڭ خۇشپۇرىقى دىماققا ئۇرۇلۇپ ' [7 j* A8 A- Y7 {) B% u, |3 jتۇرغان بۇ باغچامنىڭ ئوتتۇرىسىغا مەخسۇس سېنىڭ ئارام ئېلىشىڭ ئۈچۈن كىچىككىنە سۇپىمۇ ياساتتىم ۋە ئۇنىڭغا چىرايلىق گېلەم، يۇمشاق كۆرپە، : J5 y9 d& _$ v5 h/ x2 T+ K+ yراھەت تەكىيەلەرنى تىزىپ قويدۇم. ئىشتىن كەلگەن ۋاقىتلىرىڭدا ئاساسەن دېگۈدەك ئاشۇ گۈللىكىمىزدە ئارام ئالاتتىڭ. مەن يېنىڭدا ئولتۇرۇپ گۈللەرنىڭ ئىسمى، قايسى گۈلنىڭ قاچان ئېچىلىپ، قاچان توزىغانلىقى ..ھەققىدە سۆزلەپ بېرەتتىم. قىزىم گۈللەرگە سۇ سەپسە، ئوغلىمىز بەللىرىڭگە يۇمران پۇتلىرى بىلەن دەسسەپ سېنى تېخىمۇ راھەتلەندۈرەتتى. بىرەر يىلغا بارمايلا يەنە ناھىيە مەركىزىدىن بىنا ئۆيمۇ سېتىۋالدۇق. لېكىن مىنىڭ بۇ ئۆيىمىزدىن قەتئىيلا كەتكۈم يوق ئىدى. ئاخىرى سەن ۋە بالىلارنىڭ تەكرار ئوتتۇرىغا قويغان تەلىپىگە كۆندۈم. بۇ ئۆيگىمۇ كۆچىۋالدۇق. سېتىۋالغان ئۆيىمىزنىڭ بالكونى + H3 n9 N. g6 M" }" rكەڭرى ھەم كۈنگەي تەرەپكە قارايتتى، ئەتىۋارلىق گۈللىرىمنىمۇ بىر ئوبدانلا جايلاشتۇرىۋالدىم. ناھىيە مەركىزىگە سېلىنغان، ناھىيە بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن بايلار ۋە ئەمەلدارلارلا ئۆي سېتىۋالالايدىغان بۇ بىنا بۇ يەردىن ئۆتكەن ھەربىر كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرەتتى. ئۆيگە كەلگەن ئۇرۇغ-تۇققان، دوستلىرىمىزمۇ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ئۆيىمىزنىڭ ھەشەمەتلىكىنى ھەۋەس بىلەن ماختاپ كىتىشەتتى.لېكىن،كونىلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا بۇ ئۆينىڭ بىزگە راستىنلا 0 s5 O7 E1 C: x7 A9 a. ^2 f) k‹‹ئايىقى ياراشمىدى››.سەن بارغانسىرى شۇنچە ئالدىراش بولۇپ كىتىۋاتاتتىڭ. مەن يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش سېنىڭ ئالدىراشچىلىقلاردىن چارچاپ 4 o. _) O0 k W$ \- o8 c" }# v$ S قېلىشىڭدىن ئەنسىرەپ، ھالىڭدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشقا تىرىشاتتىم. سېنى ھېرىپ-چارچاپ ئۆيگە قايتقاندا ئەڭ ئىللىق ماكانغا قايتقىنىنى ھىس قىلسۇن دەپ پايپېتەك بولۇپ قىلمىغىنىم قالمايتتى.كەچلىك تاماقنى سېنىڭسىز يېمەسلىك 0 }5 E7 r2 h2 r1 w) ^, z! m! F& @ gئائىلىمىزنىڭ ئۆزگەرمەس مىزانى ئىدى. بالىلارقورسىقى ئاچقىنىنى ئېيتىپ غەلۋە قىلىشىپ ھەرقانچە ئالدىرىسىمۇ ئۇلارنى گۆللەپ تۇرۇپ، سەن قايتقاندا " t0 |! C: s7 ^! c ئاندىن تاماق يەيدىغىنىمىزنىڭ ئۆزگەرمەس قائىدە ئىكەنلىكىگە كۆندۈرىۋەتكەن ئىدىم. ئەپسۇس، سەن بارغانسىرى ئۆيگە كەچ كېلىدىغان، ھەتتا بەزى 6 y& K t+ ^. _0 D- Uكۈنلىرى ھەرخىل باھانە-سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ سىرتتا قونۇپ قالىدىغان بولدۇڭ. مەن تاكى مۇشۇ كەملەرگۈچە سەندىن، سېنىڭ ئەخلاقىڭدىن گۇمانلىنىپ باقمىغان ئىدىم. سېنى + |; } S2 w3 G* M% G+ ~ تىجارىتى كېڭەيگەنسىرى سودا ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. خېرىدارلىرى بىلەن كىشىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن ئۆزى خالا-خالىماستىن ھاراق ئىچىدىغان، بەزى سورۇنلارنى رەت قىلالمايدىغان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، دەپلا ئويلىغان ئىدىم. بارغانسىرى ئۆيگە قايسىلا ۋاقىتتا قايتىپ 0 l& M% Y1 h5 b' e7 r* T6 t كەلسەڭ ئوخشاشلا قاپىقىڭ ئېچىلمايدىغان، ئۇششاق ئىشلارنى باھانە قىلىپ مىنى سىلكىيدىغان، گەپ قىلساملا قۇلىقىڭغا خۇشياقمايدىغان بولۇپ قالدى. بىلەمسەن، سېنى خاپا قىلىپ قويۇشتىن، كۆڭلۈمنىڭ ئازار يەپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ھەتتا ساڭا گەپ قىلىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان، سېنىڭدىن ئۆزۈمنى ! u* |6 [) I, c% n; F: @( G# Cقاچۇرىدىغان بولۇپ قالدىم. بالىلارمۇ ئىلگىرىدىكىدەك ساڭا خالىغانچە ئەركىلىيەلمەس بولۇپ قالدى. بۇرۇن بويۇنلىرىڭغا، بەللىرىڭگە مىنىپ ئوينايدىغان0 Q( m1 x# ]5 F( n بالىلار نەچچە قېتىملىق قاتتىق تەنبىھ بېرىشىڭدىن كېيىن سەندىن ئەيمىنىدىغان،ئامال بار ساڭا كۆرۈنمەسلىككە تىرىشىپ، سەن ئىشىكتىن كىرگەن ھامان ئۆز ئۆيلىرىگە كىرىپ كىتىدىغان بولۇپ قېلىشتى. ساڭا بولغان ھۆرمىتىم قورقۇشقا، ساڭا بولغان مۇھەببىتىم بۇرۇختۇمچىلىقتا تۇنجۇقۇشقا باشلىغان + Z& S8 p6 b `: o5 Uبولسىمۇ سېنى چىن يۈرىكىمدىن سۆيگىنىم، ئىككى پەرزەنتىمىزنىڭ دادىسى بولغىنىڭ ئۈچۈن سېنى ئامال بار توغرا چۈشىنىشكە تىرىشاتتىم. h* b2 G7 Y1 x! h- G. ^; _3 [* K% x سوغۇقلىشىۋاتقان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ سەۋەبىنى ئۆزۈمدىن ئىزدەيتىم. سېنى ئەسلى ھالىتىڭگە قايتۇرۇش، خۇشال قىلىش، بارا-بارا يىراقلىشىپ كىتىۋاتقان ئارىلىقىمىزنى يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن بار كۈچۈم بىلەن تىرىشاتتىم. ئەلۋەتتە سەنمۇ بەزىدە چېكىدىن ئاشقان كۆيۈنۈشلىرىمگە، 5 j4 k* t# K( L+ S/ C. i# Sتىرىشچانلىقىمغا ئىچ ئاغرىتقاندەك ماڭا مۇڭلىنىپ قاراپ ئولتۇرۇپ كىتەتتىڭ. سېنىڭ ئاشۇ قاراشلىرىڭدىن بىرەر ئامالسىزلىقنىڭ سايىسىنى كۆرگەندەك $ j' h O9 o) y1 ^3 X0 Zبولاتتىمدە ساڭا ئىچىم ئاغرىپمۇ قالاتتى.8 K$ v" x* `& Z& M6 G ‹‹ئۈرۈمچىگە سودا ئىشى بىلەن بارىدىغان بولۇپ قالدىم››دەپ قويۇپلا ھەپتە-ھەپتىلەپ يوقاپ كېتىدىغان، بارغان يېرىڭدىن بىرەر قېتىم تېلېفۇنمۇ ئۇرۇپ قويمايدىغان بولۇپ قالدىڭ. مەن تېلىفۇن قىلساممۇ ئالدىراشچىلىقىڭنى باھانە قىلىپ، قوپاللىق بىلەن قويۇۋىتەتتىڭ. تۇرۇپكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ كۆڭلۈمنىڭ قانچىلىق يېرىم بولىدىغانلىقىنى، قانچىلىك كۆز-يېشى قىلىدىغىنىمنى ئويلاپ قويغان بولارمىدىڭ؟ ‹‹چوڭ سودا ئىشلىرى بىلەن ھەپىلىشىدىغانلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق ئالدىراش بولىدۇ، ئۇنىڭغىمۇ 0 L" P. i' l. l) `3 v8 Y7 ~) wئاسان ئەمەس››دەپ يەنىلا ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىپ يۈرگەن بولساممۇ، سېنىڭ سىرتلاردا ناشايان ئىشلارنى قىلىپ يۈرىۋاتقانلىقىڭ ئۇيەر-بۇيەردىن قۇلىقىمغا كىرىپ قېلىۋاتقىنىنى ئاز دەپ، سېنىڭ كۈنسايىن چېكىدىن ئېشىۋاتقان قىلىقلىرىڭغا، مىنى ئىنسان ئورنىدا كۆرمەي، ئاجىز تېنىمگە قول ! l1 y8 ], |! ~# _& e سېلىشلىرىڭغا، قىلچىمۇ كۆزگە ئىلماي،باشقا خوتۇن-قىزلار بىلەن ئۇچۇق-ئاشكارە، كۆز ئالدىمدىلا تېلېفۇنلىشىپ، يۈرىكىمگە خەنجەر كەبى سانجىلىدىغان تېتىقسىز چاقچاقلارنى قىلىشىپ خورلاشلىرىڭغا چىدىغۇچىلىكىم قالمىغان & C' |6 x% b9 `1 r كۈنلەرنىڭ بىرىدە قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ساڭا ئاجرىشىش تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. 2 c- c8 n2 e% L( I+ D- y-نېمە؟!- دەپ ماڭا چەكچىيىپ قاراپلا تۇرۇپ قالدىڭ ۋە بىر ھازادىن كېيىن ئۆزۈڭنى تۇتۇۋېلىپ كىروسلوغا چۆكۈپ ئولتۇرغاندىن كېيىن مەن ئويلىمىغان يەردىن ( D$ l/ t& L* O& \/ vبارلىق ئىشلىرىڭنى ئىقرار قىلىشقا باشلىدىڭ.سەن مىنى ھەممە ئىشىڭدىن خەۋەردار بولۇپتۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىڭ. لېكىن، سەن ئىقرار قىلغان ئاشۇ 6 p9 V. T' b0 L$ p; Y5 r6 f پەسكەش قىلمىشىڭدىن راستىنلا خەۋەرسىز ئىدىم. w* b4 A" B4 Z: C, Jسەن سۆزنى مىنى يەنىلا ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭ، چىن يۈرۈكۈڭدىن سۆيىدىغانلىقىڭ ھەققىدىكى قەسەملەر بىلەن باشلىدىڭ. لېكىن، ئۈرۈمچىگە , T" N# N$ S2 r0 Oتىجارەت ئىشى بىلەن بارغىنىڭدا مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، مەستلىكىڭدە ئۇنىڭ ئىپپىتىگە تېگىپ ) p/ s! Z, s$ d0 j9 J قويغىنىڭنى، كېيىن پۇشايمان قىلغان، ئۇ قىزغا ماددى تۆلەم بېرىپ ئىشنى تۈگەتمەكچى بولغان بولساڭمۇ ئۇ قىزنىڭ سېنى كۆپ قاقتى-سوقتى قىلغىنىنى ئازدەپ ‹‹مىنى نىكاھىڭغا ئالمىساڭ ئۈستىڭدىن ئەرز قىلىمەن، مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى سوتقا ۋە ئايالىڭغا كۆرسىتىمەن››دەپ ساڭا 1 U" X B% Q& g+ M% v6 q تەھدىت سېلىپ ئارامىڭنى قويمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئاخىرىدا قانچىلىك پۇشايمان قىلىۋاتقانلىقىڭنى، مىنىڭ سېنى كەچۈرۈشۈمنى ئۆتۈنۈپ نالە قىلىپ 8 u- k& U/ A1 w% D* }6 P! Q يىغلىدىڭ. مەن بۇ سۆزلەرنىڭ سەندىن باشقا بىرەرسىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان بولسام ھەرگىزمۇ ئىشەنمىگەن ۋە‹‹ئېرىمغا تۆھمەت قىلدىڭ››دەپ 1 p, R* z) ~0 A! r+ V2 l2 }: r% p) zئۇرۇشقانمۇ بولاتتىم. لېكىن سەن كۆز ئالدىمدا ئولتۇرۇپ، ئۆز ئاغزىڭ بىلەن بۇ ئىشلارنى سۆزلەۋاتاتتىڭ. سەن بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ بولۇپ كۆز-ياشلىرىڭنى سۈرتكەندىن كېيىن خۇددى ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئادا قىلغان جەڭچىدەك ئېغىر بىر ئۇھسىنىۋېتىپ ئاخىرقى قارارىڭنى ئېلان قىلدىڭ. % }, l3 K0 ?4 d& ]2 ?$ Nسەن مىنىڭ سەندىن ۋاقىتلىق ئاجرىشىپ تۇرۇشۇمنى، ئۇ قىزنى يالغاندىن ئەمرىڭگە ئېلىپ نەچچە ئايدىن كېيىنلا ئاجرىشىپ يېنىمغا قايتىپ& G9 l, @. w! U7 N# h$ D- T. Y كىلىدىغانلىقىڭنى، ھازىر بۇنىڭدىن باشقا ئامالنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتىڭ. مەن نېمە دېيەلەيتىم؟ سەن كۆزۈمگە شۇنچە ئاجىز، شۇنچە ئىپلاس كۆرۈندۈڭكى-ساڭا بىرەر ئېغىز گەپ قىلىشقىمۇ رايىم بارمىدى. مىنىڭ ئالدىمدا 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە تىكلىگەن ئوبرازىڭ خۇنۈكلىشىپ، كىچىكلەپ بىر تال چىكىتتەك بولۇپلا غايىپ بولدى. . P- }3 E& l7 A/ G% j C7 I+ Z3 P e$ cبىز ئاجراشتۇق. سەندىن ھېچنىمىمۇ تالاشمىدىم. دېمىسىمۇ سېنى ئەسلىتىدىغان ھەممە نەرسىنى ساڭا تاشلاپ قويۇپ يىراق-يىراقلارغا كەتكۈم بار ئىدى. لېكىن، تۇرمۇش يەنىلا بىزنى ھەممىگە كۆندۈرىدىكەن. مەن بالىلىرىمنى ئېلىپ بۇرۇنقى ئۆيىمىزگە كۆچۈپ كەتتىم. مەن ئەڭ 5 t! e: h+ c4 x& `' T Jياخشى كۆرىدىغان 60 تەشتەككە يېقىن گۈللىرىمنى ئېلىپ كەتكىم كەلدىيۇ ئۇلارنىڭ ھەر بىر بەرگى-يوپۇرمىقىدا قالغان ئىككىمىزنىڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرىنى تېزرەك ئۇنتۇپ كىتىش ئۈچۈن ئۇلاردىن ۋاز كەچتىم.3 s( F8 i; `; J" c+ I ئايال كىشى ئۈچۈن ياشلىقىغا قەدەم قويا-قويماستىلا تۇتۇپ، 20 يىلغا يېقىن ئەجىر قىلغان ئۆيىدىن، ئۆزى سۆيگەن، ئۆزىنىمۇ سۆيگەن ئېرىدىن تۇيۇقسىزلا ئايرىلىپ قېلىشتىنمۇ ئازاپلىق ئىش بولمىسا كېرەك.بولۇپمۇ ; c. T& B$ N! I2 u7 o& e; K. O باشقا بىرسىنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىگەللىۋالغانلىقىدەك،تارتىۋالغانلىقىدەك رەزىل ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىش نېمە دېگەن ئېغىر ; ~ k' T6 o3 }. a9 Y ئازاپ-ھە؟! ئەمەلىيەتتە باشقا بىرسىنىڭ سېنى تارتىۋېلىشىدا سېنىڭ ‹‹تۆھپەڭ››نىڭمۇ جىقلىقى تېخىمۇ ئاچچىق ئەمەلىيەت ئىدى. سەن ئۆزۈڭ خالاپ ئۆزۈڭنى / s4 k7 H# x6 rمەئىشەت باغرىغا ئاتتىڭ، ئۆزۈڭ بىلىپ تۇرۇپ مىنى شۇنچە بىچارە، ئاجىز،ئىلاجىسىز ھالدا نىكاھ نىڭ بۇسۇغىسىدىن قوغلاپ چىقاردىڭ.. تومۇرىدا سېنىڭ قېنىڭ كۈۋەجەپ ئېقىۋاتقان نارەسىدىلەرنى يىتىملىك كوچىسىغا قوشۇۋەتتىڭ! ئۇيقۇسىز كېچىلەر،ئاچچىق ئازاپ، كىشىلەرنىڭ ماڭا مەسخىرە ياكى ئىچ % r" y, L+ c, G. E& X) C* U$ y2 N ئاغرىتىشقا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشلىرى...شۇ كۈنلەردە ماڭا ھەممىدىن ئېغىر كەلگىنى سېنىڭ مىنى شۇنچە ئازاپلىغىنىڭ، تاشلىۋەتكىنىڭ ئاز كەلگەندەك، توقۇغان ھېكايىلىرىڭنىڭمۇ يالغانلىقى بولدى., s) }& x$ f$ Z( q سېنىڭ توي قىلماقچى بولىۋاتقىنىڭنى ئىشخانىدىكىلەرنىڭ كۇسۇرلاشلىرىدىن ئاڭلاپ قالدىم. ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ سېنىڭ مىنىڭ ئورنۇمغا ئالماستۇرماقچى , h `, I- G$ w" |8 @1 E* aبولغىنىڭنىڭ قانداقتۇر بىر ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىز بولماستىن، ئۆز ئىسمىنىمۇ يازالمايدىغان بىر ساۋاتسىز، ئىككى توي قىلىپئاجراشقان، ئەرلەردەك # p5 l Z" c. {6 M" X) zتەتۈر ئۇستىخان ئايال ئىكەنلىكىنىباشقىلاردىن ئاڭلىغان ۋە بالىلارنى ئۇ ئايال بىلەن بىللە باغچىغا ئاپارغىنىڭدا چۈشكەن سۆرىتىڭلارنى كۆرگەن ئىدىم. , M! k4 \' P+ K3 l* Kسېنىڭ زادى نېمە ئۈچۈن مەندىن ۋاز كېچىپ تۇرۇپ ئاشۇ ئايالنى تاللىغىنىڭ كاللامدىن پەقەتلا ئۆتمەيتى. ئۇ ئايالدا نە چىراي، نە ئاياللىق نازاكەت،...& D- e- P1 ^( G! P) D3 ?5 F ھېچنىمىنى بايقىيالمىدىم. بۇ ماڭا تېخىمۇ ھار كەلدى. مەن زادى نېمىنى خاتا قىلدىم؟ دېگەن سوئال كېچە-كۈندۈز نېرىپلىرىمنى ھالسىرىتاتتى. ئۇ ئايالدا شۇنچە يىل ياخشى كۆرۈپ، مىڭتەستە ئالغان گۈلدەك ئايالىڭنى، شۇنچە ئوماق جۇپ پەرزەنتىڭنى ( l9 P9 @7 u6 v4 @( C, m& sتاشلىۋېتىپ تۇرۇپ يۈزلەنگۈدەك نېمە سېھىر باردۇر-ھە؟ % w, |+ D3 T! A% X; g2 Tئارىدا نەچچە قېتىم ماڭا تېلىفۇن قىلدىڭ، ئالمىدىم. بالىلىرىمنىڭ ئۇيقۇدىكى مەسۇم چىرايىغا قاراپ خىياللارغا ئەسرا بولۇپ ئولتۇرغان يېرىم كېچىلەرنىڭ بىرىدە ناتۇنۇش نومۇردىن كەلگەن تېلىفۇننى كېسەلچان ئاپامدىن ئەنسىرەپ ئىختىيارسىزلا ئالدىم. تېلېفۇن قىلغان سەن ئىكەنسەن. ئازراق ئىچىۋالغاندەك قىلاتتىڭ، مەن تىروپكىنى قويۇۋىتەي دېگۈچە سەن يىغلاپ تۇرۇپ تېلېفۇننى قويۇۋەتمەسلىكىمنى ئۆتۈندۈڭ. مەن ئۈنسىز ھالەتتە سېنىڭ يەنە بىر قېتىملىق توقۇلما ھېكايەڭنى ئاڭلاۋاتاتتىم. ئېيتىشىڭچە ئۇ ئايال بىلەن ئەسلى ھېچ مۇناسىۋىتىڭ بولماپتىكەن، ئۇ ناشايان يوللاردىكى ئايالمىش، قېرىغانسىرى ) L; v/ _; ]) W. Y! _سودىسى ئاقماي، سېنىڭ ناھىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن بايلاردىن ئىكەنلىكىڭنى بىلگەندىن كېيىن سەندىن نەپكە ئېرىشمەكچى بولۇپ، كەينىڭگە ئادەم سېلىپ يۈرۈپ سېنىڭ بىرمۇنچە ئاجىزلىقلىرىڭنى بايقىۋاپتۇ.قۇرۇلۇش كۆتىرە ئېلىش ئىشلىرىدا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارغا ‹‹ئارقا ئىشىك›› قىلغانلىرىڭنى،باج تارماقلىرىدىن ھىساۋاتنى يوشۇرۇپ،كەم تاپشۇرغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسپاتىنى قولغا چۈشۈرىۋاپتۇ ۋە بۇ ئىشلارنى دەستەك سېلىپ ساڭا تەھدىت سېلىپ ماددى مەنپەئەتكە ئېرىشكىنىگە شۈكرى قىلماستىن سېنى بارا-بارا ئۆزىگە مەھكەم باغلاپ، ئايرىلالماس ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ ۋە ئەڭ ئاخىرىدا سېنىڭ ئۆزىنى ئەمرىگە ئېلىشىڭنى بولمىسا ھەممە ئىشنى ( e( p) S- r8 b6 I2 oئاشكارىلىۋېتىپ، سەن بەرگەن پۇللار ئارقىلىق چەتئەلگە چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ساڭا پەقەتلا چېكىنىش يولى قويماپتۇ. سەن ئۇنى قىلچە ياخشى* S9 H3 D! U5 V3 p كۆرمەسمىشسەن، ئۇنىڭ ھېچنەرى ماڭا يەتمەيمىش، مىنى ۋە بالىلارنى قاتتىق سېغىنىپتىمىشسەن، بۇ ئازاپ ۋە بېسىملار تۈپەيلى يۈرىكىڭ پات-پاتلا سانجىق تۈرۈپ قالغاندەك قاتتىق ئاغرىيدىغان بولۇپ قاپتىمىش. ئۆزۈڭدىن ئەنسىرەپ قاپسەن. شۇڭا مەيلى نېمىلا كۆر، يېنىمىزغا قايتىپ كەلمەكچى بوپسەن. پەقەت مەن سېنى يەنە مۇشۇ بوسۇغىدىن ئاتلاشقا رۇخسەت قىلساملا ھازىرلا قايتىپ كەلگۈدەكمىشسەن.ھېكايىلىرىڭنى ئاڭلاپ بولغاندىن ( I; k& v$ P4 R) Sكېيىن‹‹بۇ بوسۇغا ساڭا مەڭگۈ ئىتىۋىتىلگەن،بىزنى كەچۈرىدۇ دەپ خام خىيال قىلما!سېنى مەڭگۈ كۆزۈم كۆرمىسۇن!››دەپ تېلىفۇننى قويىۋەتتىم. قايتا-قايتا ئۇردۇڭ، ئالمىدىم. ; d/ O; ]1 ] b3 N+ b* xسەندىن نەپرەتلەندىم! ھېلىھەم نەپرەتلىنىمەن! كېيىن توي قىلغانلىقىڭنى ئاڭلىدىم. مەنمۇ بۇ رەھىمسىز رېئاللىققا باش ئىگىپ سەنسىز تۇرمۇشقا كۆندۈم. ( ]+ `, N. |, O8 p" X, Hنېمىلا دېگەن بىلەن مىنىڭ ئىككى پەرزەنتىم ماڭا كۆپ تەسەللى ۋە ياشاش ئىرادىسى،ئۈمىد-ئىشەنچلەرنى ئاتا قىلاتتى. تويۇڭدىن كېيىنمۇ نەچچە قېتىم تېلىفۇن قىلىپ‹‹مىنى قۇتقۇزىۋالغىن! بالىلارنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ مىنى قۇتقۇزىۋالغىن، بۇ جادۇگەر ئاخىر مىنى يەپ كىتىدۇ››دەپ ئىلتىجا قىلدىڭ. ئاۋازىڭدىن مەستلىكىڭنى ياكى بىرەر يېرىڭنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغاندەك بولدۇم، لېكىن، تېلىفۇننى بىر ئېغىز گەپ قىلمايلا قويۇۋەتتىم.0 @* p; _( z/ ]( s ھازىرقى ھىسسىياتىمنى ئۆزۈممۇ ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. سەندىن نەپرەتلىنىشنى ياكى تەقدىرىڭگە ئېچىنىشنى بىلمەيمەن. سېنى ئەسلا كەچۈرىۋەتكۈممۇ . I* z- a& ~1 g. @, Y% {يوق. نەچچە دوستۇم مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ مەندىن‹‹ئابلىزنىڭ بۇنداقلا كېتىپ قېلىشىنى بىلگەن بولساڭ ئۇنى كەچۈرەرمىدىڭ؟ ھازىرمۇ ئۇنىڭدىن 0 Z* I1 L; p! b+ c3 \" N نەپرەتلىنەمسەن؟››دەپ سورىغىنىدا مەن ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن، كەسكىنلىك بېلەن بىرىنجى سۇئالغا‹‹ياق!›› ئىككىنجى سوئالغا‹‹ھەئە›› دەپ جاۋاپ بەردىم. 1 ?: o @/ {% M, {: y% i: Oسېنى كەچۈرۈشكە باھانە تاپالمىدىم. ھەممە ئادەم ئۆلگەن كىشىنىڭ ياخشى تەرىپىنى قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىدۇ، لېكىن مەن سەندىن نەپرەتلىنىمەن. * p, b8 d2 @7 I0 D2 k# x. L7 Iبولۇپمۇ تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى بىلەن ئاشۇ رەزىل ئايالنىڭ قۇچىقىدا قان ياندۇرۇپ جان تەقسىم قىلغىنىڭنى ئويلىساملا سېنىڭدىن تېخىمۇ بەك 3 F4 \1 A* b! Sنەپرەتلىنىمەن. ئىلگىرى سېنىڭ ھامان پۇشايمان قىلىپ قايتىپ كېلىدىغانلىقىڭغا ئىشەنسەممۇ مەن سېنى قايتا قوبۇل قىلىشنى مەڭگۈ رەت قىلىشنى ' B# D! |& A3 z% ~1 p% `: qكۆڭلۈمگە پۈكۈپ بولغان بولساممۇ، ھەرھالدا بالىلىرىمنىڭ دادىسى مۇشۇ جاھاننىڭ بىر يېرىدە بار دېگەن ئۇقۇم بىلەن ياشاۋاتقان ئىدىم. مانا ئەمدىلىكتە سەن مىنى تېخىمۇ نەپرەتلەندۈرۈپ بۇ كىچىككىنە تەسەللىرىمنىمۇ تارتىۋالدىڭ. سېنىڭ پۇشايمانلىق ھالىتىڭنى كۆرەلمىگىنىم ئۈچۈن نىمىشقىدۇر 9 l0 U/ K# N" X+ C& n: A) v* m ئەپسۇسلىنىپمۇ قالىمەن. مەيلى نېمىلا بولسۇن سېنىڭ باقىغا كەتكىنىڭنىڭمۇ سېنىڭ ئېغىزىڭدىن ئەتراپقا تارقىغان توقۇلما ھېكايە بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن./ t& Z- v1 t! G$ S
& z) o; z, q4 e# F+ [بۇ ئەسەرنى كۈيچى ئاۋازلىق كۇلۇبى ئاۋازلىق ئىشلىگەن،ئىشلىتىش ھوقۇقى سائادەت ساتتار ئايتۇغ ۋە كۈيچى كۇلۇبىغا تەۋە،ئاپتۇر ۋە كۈيچى كۇلۇبىنىڭ رۇخسىتىسىز تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرلىدۇ.
|
|