- تىزىملاتقان
- 2012-12-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-14
- ھوقۇقى
- 70
- جۇغلانما
- 2673
- نادىر
- 1
- يازما
- 559
 
- تۆھپە
- 870
- مۇنبەر پۇلى
- 1492
- ئىشەنىچ
- 870
| ئارشاڭ ! بىز تۇلا ھاللاردا ئۆزىمىزنىڭ تەن ساغلاملىقىمىزغا ياخشى كۆڭۈل بۆلۈپ كېتەلمەيمىز، ۋە سەل قارايمىز، ۋاقىت ئۆتۈپ ئېغىرلاشقاندا يا دۇختۇرغا ئاپىرىمىز يا بولمىسا باشقىچە سەۋەب قىلىپ باقايلى دەپ ئۇرۇنۇپ باقىمىز . مەن بۇ يەردە كونىلارنىڭ مۇنداق بىر ھېكىمەتلىك سۆزىنى تەكىتلەپ ئۆتكۈم كەپ قالدى، «سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ» شۇڭا بۇ تور بەتتىكى بارلىق دوستلارغا ئۇلۇقلىرىمىزنىڭ ئايىغى تەككەن بىر مۆجىزە ئارشاڭنى تونۇشتۇرغۇم كەلدى . بۇ بولسىمۇ بىزنىڭ پىچان ناھىيەمىزنىڭ لەمجىن بازىرىدىن شىمالغا قاراپ 50 كېلومىتىر كېلىدىغان ئورۇندىكى يەر يۈزىدىن 30-40 مېتىر ئېگىزلىكتە تاغ يامزىلىغا جايلاشقان سۈيى تاغدىن تېشىپ چىقىپ 12 ئاچچىماققا بۆلىنىپ 12 تۈرلۈك كېسەلگە؛ شىپايى سۈيى ئارقىلىق كېسەل داۋالايدىغان بىر مۆجىزە ئارشاڭ بار بۇلۇپ، بۇ ئارشاڭنى مۆجىزە دېيىشتىكى ئاساسى سەۋەب سىز بۇ ئارشاڭغا قىش پەسلىدە چۈشسىڭىزمۇ سۈيى 50-60 پىرسەنىتلىك ئىسسىق سۇ ! بۇ نېمە دېگەن ئىسسىق سۇ دەپ تۇرۇپ چۈشىسىز بۇ گۈڭگۈرت ئارشاڭ دەپ ئاتىلىدۇ، قالغانلىرى بەك ئىسسىقمۇ ئەمەس لىكىن سۇغاقمۇ ئەمەس نورمال، سىز سىرتىدا توڭلاپ تۇرۇپ بۇ ئارشاڭ سۈيىگە چۈشسىڭىز شۇنداق خۇشياقىدۇ، سىز بۇ ئارشاڭغا چۈشۈپ بۇلۇپ 3-4 يۈز مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ يامزىلىدا ھەقىقى ئۇلۇقلىرىمىزنىڭ ئايىقى تەككەن بىر گەمە تىلەك-تىلەش ئۈيى بار، ئۇنىڭ ئۈستى قىسمىدا ئۇلۇقلىرىمىزنىڭ ئىچىۋاتقان ئۇمۇچى تۈكۈلگەن سىرىلىپ چۈشكەن ئۇماش يۇققى ئاپپاق تاغ يامزىلىدا ئىقىندىسى قەپ قالغان سىز بۇنى قىرىپ بىرەر نەرسىگە قاچىلاپ ئۈيىڭىزگە ئەپ كەلگەندىن كىيىن ھەر قانداق ساقايماس جاراھەتكە سۇغا ئازراق چىلاپ سۈرسىڭىز شۇ جاراھەتنى ساقايتىۋىتىدۇ دىيىلگەن، مۆجىزە دىيىشتىكى يەنە مىسال ھىلىقى سىز قىرىپ چىقارغان ئۇماچ يۇقۇندىسى ئەمىلىيەتتە تاش قىرىندىسى لىكىن سىز سۇغا چىلىسىڭىزلا خۇددى ئۇننى خەمىردىن سۇيۇق قىلغانغا ئوخشاش بۇپ قالىدۇ ئاندىن سۈرىسىز، شۇڭا مۆجىزە دىيىلگەن، سىز قاچانلا كەلمەڭ بۇ ئارشاڭدا 70-80 ئادەم ئايىقى ئۈزۈلمەي كىلىپ كېتىپ تۇرىدۇ، ئاقسۇ،قەشقەر،غۇلجا،قومۇل،ھەر يەردىن كېلىپ تۇرىدۇ، مەن بۇ قىتىم بېرىپ زىيارەت قىلىشىمدا مۇنداق بىر سۆزنى ئاڭلاپ قالدىم بۇ ئارشاڭغا 10 نەچچە خەنزۇ يولداش بېرىپ بۇ جايدىكى مۆجىزەلەرنى كۆرۈپ سۇغا چۈشمەپتۇ لېكىن ھەر بىرسى 300 يۈئەندىن قالدۇرۇپ كىتىپتۇ. مانا بۇ تۆۋەندىكى سۈرەتلەردىن ھۇزۇرلىنىڭ ھەمدە تېز كېلىپ ئۆز كۆزىڭىز بىلەن بىر كۆرسىڭىز ئاندىن ئىشىنىسىز، ،،،،،،،
بۇ شۇ ئارشاڭدىكى قۇنالغۇ ئۆيلەر ....
«ئاسېر» خەۋىرى 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى |
|